ئەركىن ئابدۇللا 7-ئىيۇل بېيجىڭدا كېچىلىك ئۆتكۈزمەكچى
خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ناخشىچىسى ئەركىن ئابدۇللا 2012-
يىلى7-ئىيۇل بېيجىڭ باۋلى تىياتىرخانىسى (北京保利剧院) ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى تۇنجى قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزمەكچى. ئۇ بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىدە ئۆزىنىڭ مىللىي مۇزىكا ئاساسىدا ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى ئەكس ئەتكەن، گىتار بىلەن ئورۇنلايدىغان ئېسىل كۈيلىرىنى كەڭ سەنئەت خۇمارلارغا تەقدىم ئېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مۇزىكىلىرىدا مىللىي مۇزىكىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولغاندىن سىرت دۇنيا مۇزىكىلىرىنىڭمۇ ئالاھىدىلىكلىرى روشەن گەۋدىلەنگەن.
ئۇ تۆت يىلدىن كېيىن، بېيجىڭدا كېچىلىك ئۆتكۈزۈشنى توغرا تاپتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ
شىنجاڭغا كەلگەندە مۇخبىر ئۇنىڭدىن «ئۈرۈمچىدە قاچان كېچىلىك ئۆتكۈزىسىز؟» دەپ سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :« سال سېغىنغاندىراق ئاندىن ئۆتكۈزەرمەن» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىمقى كېچىلىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قېتىمقى كېچىلىكىنىڭ باش تېمىسى «شەھەر كېچىسى» بولۇپ، كېچىلىكتە پۈتۈنلەي يېڭى بولغان 20 ناخشا كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.
بېلەت سېتىۋالماقچى بولغانلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن كىرىپ ئالدىن بېلەت زاكاس قىلسا بولىدىكەن:
http://chinapiao.com/ticket_10171.html
تورداشلار تۆۋەندىكى تور بېكەتلەر ئارقىلىق ئەركىن ئابدۇللاغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ: ئەركىن ئابدۇللا تور بېكىتى:
http://www.arkenmusic.com/
ئەركىن ئابدۇللا شىنلاڭ بىلوگى:
http://blog.sina.com.cn/arken
ئەركىن ئابدۇللا شىنلاڭ مىكرو بىلوگى :
http://www.weibo.com/arken