|
|
|
|
ئالىم خالىقنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:
توغرا، مەن كاۋاپچى ئالىم،مېنىڭ تولۇق ئىسمىم ئالىم خالىق،1971 –يىلى شىنجاڭدا توغۇلغان، شىنجاڭنىڭ شىخەنزە شەھرىدە ئۈچ يىل ئەسكەرلىكتە تۇرغان، قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن يەرلىكتىكى تەمىنات سودا كوپراتىپىدا ئىشلىدىم.بىزنىڭ ئۇ يەر ئىنتايىن نامرات،مەن يۇرتۇمدىكى تەمىنات سودا كوپراتىپىدا ئىشلىگەن ۋاقتىمدا نۇرغۇن كىشلەر گۈرۈچ ،سوپۇن،تۇز ئالغىلى كېلەتتى،ئۇلار پۇلنى بىراقلا تۆلىيەلمىگەچكە ،مالنى نېسىگە بېرىشكە ماقۇل بولدۇم،لىكىن قەرزنى ھېچكىم قايتۇرمىدى، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تەمىنات سودا كوپراتىپىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرىز بولۇپ قاپتىمەن، مەن قەرىزنى تۆلىيەلمىگەچكە خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ،ئۆز ئالدىمغا تىركچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. 1997-يىلى مەن ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە كېلىپ،جۇڭلۇ ئەتراپىدا كاۋاپچىلىق قىلدىم،شىئەندە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كاۋاپچى بار ئىدى،مەن يېڭى كەلگەن بولغاچقا ،ئۇلار مېنى قوغلىۋەتمەكچى بولدى،ئۇلار بىر توپ بولۇپ،كاۋاپدانلىرىمنى ئۆرۈپ ،مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قوغلىدى،ئۇلار قوللىرىغا كالتەك –قىڭراق ئېلىۋالغان بولۇپ، قىڭراقنىڭ چۇلتىسى بىلەن ئۇردى،قول ياندۇرسام ،قىڭراق بىلەن چانىماقچى بولدى،مەن قول ياندۇرماي ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچتىم.
ئۇچاغدا مەن دائىم " بىز ھەممىز مىڭ بىر جاپادا ئىش تىپىپ قىلغىلى كەلگەن مۇساپىرلار ،نېمىشقا بىر بىرىمىزگە مۇنچىلا قىلىپ كېتىمىز "دېگەنلەرنى ئويلايتتىم.
مەن چىقىش يولى تاپالماي ئامالسىز گۇيجۇنىڭ بى جې شەھىرىگە كەلدىم.
ئۇ چاغ 2000-يىلى بولۇپ،بىجېنىڭ كۇچىلىرى قالايمىقان،شەھەر قىياپىتىنىڭ پىلانلىنىشىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى،غەلىتە ئۇيەردە كاۋاپ ساتىدىغان كاۋاپچىدىن بىرىمۇ يوق ئىدى.
مەن«بۇ يەردە خاتىرجەم تىجارەت قىلسام بولىدىكەن ،بى جې ئەمدى مېنىڭ ماكانلىشىشىمغا باپ كېلىدىكەن» دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
كاۋاپچىلىق تىجارىتىم ئىزچىل ياخشى بولدى.ئەمما تولىمۇ جاپالىق ئىدى،مەن بىر كۈندە ئۆزۈم يالغۇز 10 سائەت ئۆرە تۇرىمەن،ياردەملىشىدىغان ئادەم يوق، قورسىقىم ئېچىپ كەتسە ھورنان يەپ،ئۇسساپ كەتسەم مېنىرال سۇ ئىچتەتتىم.
ھەر كۈنى 10 سائەت ئۆرە تۇرىدىغان بولغاچقا يارىلانغان پۇتۇم ئىنتايىن ئاغرىپ كېتەتتى. پۇتۇمنى بىر توپ لۈكچەكلەر يارىلاندۇرغان ئىدى. ئۇلار مېنى بالىلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلشىغا ياردەملىشىشكە ،يەنە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ئالداشقا قىستىدى، مەن قۇشۇلمىدىم. ئۇلار پۇتۇمنى توك شامالدۇرغۇچنىڭ قانىتىغا باغلاپ قويۇپ، مەندىن ئۆزلىرىگە ئەگىشىدىغان ياكى ئەگەشمەيدىغانلىقىنى سورىدى،مەن ئۇنىمىدىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شامالدۇرغۇچنىڭ ۋېكلىيۇچاتېلىنى بېسىۋەتتى، شامالدۇرغۇچ بىلەن مەنمۇ تەڭ چۆرگىلەپ،ئىچكى ئەزالىرىم،كۆز،تىلىم خوددى ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كىتىپ، سېزىممىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم.
ھوشۇمغا كەلگەندە قارىسام كارىۋاتتا يېتىپتىمەن،بۇ بىر پۇتۇمغا خۇددى يىڭنە كىرىپ كەتكەندەك ئاغرىۋاتاتتى.
2003-يىلغىچە پۈتۈن بى جېدا كاۋاپچىلىق قىلىدىغان مەنلا بار ئىدىم،تىجارىتىم بارغانسىرى ياخشى بولدى.
بىر كۈنى مەن «تىجارىتىم ياخشى بولغاندىكىن تۇققانلىرىمنىمۇ بىجىغا ئەكلىپ، كاۋاپچىلىقنى بىللە قىلسام بولمامدۇ» دېگەننى ئويلىدىم.
ئۇ چاغدا مەن توي قىلمىغان ئىدىم،ياردەملىشىدىغانغىمۇ ئادەم ياللىمىدىم، ئاكام بىلەن ئىنىللىرىم ئاياللىرىنى ئېلىپ بى بېجىغا كەلدى،بەزىلىرى ياردەملىشدىغانغا ئادەم ياللىدى.
مەن ئۇلارنى بى جېغا ئېلىپ كەلسەم ،ئۇلار مېنى بى جېدىن قوغلىۋەتمەكچى بولدى. مەن ھاجەتخانىغا كەتكەندە ئۇلار سۇ بىلەن كاۋاپداننىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قۇيۇپتۇ،مەن ئۆيگە بېرىپ كەلسەم، ئۇلار كاۋاپداننىڭ ئىچىدىكى ياغاچ كۆمۈرلەرنى ئوغۇرلىۋاپتۇ.
بىر كۈنى ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۇلار مەن ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ بىساتلىرىنى قۇرۇقداپ قۇيۇپتۇ.ئۇلار قۇلۇپنى چىقىپ ئۆيگە كىرىپ،كاۋاپ قويىدىغان توڭلىتىش ئىشكابى ،كىيىم-كىچەك ،يوتقان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىپتۇ.بۇ ئىشلار پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى.كىچىك ۋاقتىمىزدا بىز ئاكا –ئىنە،ئاچا –سىڭل 7 لەيننىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ ياخىشى ئىدى.بەك ئىناق ئىدۇق،بۇنىڭغا ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟
مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيۈمگىمۇ كىرمىدىم.كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى.
مەن كاۋاپچىلىق قىلىدىغان ئورنۇمنى قىرىنداشلىرىمغا بىر پۇڭمۇ پۇل ئالماي بەردىم.بى جېدا تىرىكلچىلىك قىلىش ئۈچۈن بىردىن بىر چىقىش يولى يەرلىكتىكى كىشلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىدى،پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا تۇققانلىرىم ماڭا قول سالالمايتى.مەن دائىم «مېنىڭ ئەڭ يېقىن قىرىنداشلىرىم مېنى بوزەك قىلىشنى،مېنى ئالداشنى ئويلاۋاتىدۇ،بىزنىڭ ئائىلىگە زادى نېمە بولغاندۇ؟» دېگەننى ئويلايتىم.
بىر كۈنى ئاخىرى بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم. ماڭا ئۆي ئىجارىگە بەرگەن كىشى بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇرۇشۇپ قالدى. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭ بىر تەلەڭگىسىنى ئىككىنچى قەۋەتنىڭ بالكۇنىدىن يەرگە تاشلىۋەتتى،تاراڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا تەلەڭگە سېمۇنت يەرگە چۈشتى. بۇنداق ئىشلار پەقەت مېنىڭ ئائىلەمدىلا يوق ئىكەن.بۇ بىر تەربىيە مەسلىسى،بىر كالىدا بىر تال پىت بولسا، بۇ پىت كالىنى چىشلەپ ئۆلتۈرەلمىگەن تەقدىردىمۇ، لىكىن كالىغا كېچە –كۈندۈز ئارامچىلىق بەرمەيدۇ. تەربىيە كۆرمىگەن ئادەم ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈلمىگەننىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى قويمايدۇ.بۇ دەل كېيىنچە مېنىڭ ئالىم ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندىنى تەسىس قىلىشىمنىڭ سەۋەبى.
مەن شادىمان ئالىم
مەن بى جېدا ياردەم قىلغان تۇنجى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىي جۇ يۇڭ ئىدى،ئۇ 11 يېشىدا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىكەن ، مەن ئۇنى تۇنجى كۆرگەن چاغدا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئىششىپ كەتكەن ئىكەن،ئۇ كارۋاتتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان بولۇپ،يېنىدا 100 نومۇر قۇيۇلغان بىر ئىمتىھان قەغىزى تۇراتتى. جۇ يۇڭنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، جۇيۇڭنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشتىن ئاساسەن ۋاز كەچكەن ئىكەن.
مەن جۇ يۇڭنىڭ ئانسىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، لىكىن ئۇ مېنىڭ گىپىمگە ئىشەنمىدى.
كېيىن ئۇ ماڭا «ئەينى چاغدا مېنىڭمۇ كۈنۈمنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ،تامىقىمغا بىر تال ھورنان بىلەن بىر بوتولكا سۇ ئىچىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ‹ئۇنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا بالامغا قانداق ياردەم قىلالايدۇ› دەپ ئۇيلىغانلىقىنى ئېيىتتى.
مەن بى جېدىكى گىزىتخانىغا تېلېفۇن قىلىپ،ئۇلارغا جۇ يۇڭنىڭ ئەھۋالىنى دىدىم،ئۇلار ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا خەۋەر يېزىشقا باشلىدى. نۇرغۇن كىشلەر جۇ يۇڭغا پۇل ئىئانە قىلدى. جۇ يۇڭ ئۈچ ئايدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقتى.
مەن بارغانسىرى ئۆزۈمنى خۇشال ھېس قىلدىغان بولدۇم، بەزىدە كاۋاپداننىڭ ئالدىدا كاۋاپ سېتىۋىتىپ،كۆڭلۈم بىردىنلا شاتلىققا تولۇپ،كاۋاپداننىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئوينىغىم كېلىپ كېتىدۇ.
جۇ يۇڭنىڭ ئىشىدىن كېيىن مەن،ئەگەر بۇ ئۆمۈرۈمدە توي قىلالمىسام،تاپقان پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەربىيە ئېلىشقا ئېھتىياجلىق كىشلەرگە ئىئانە قىلىۋىتىمەن دېگەننى ئويلىدىم.
بىر كۈنى كاۋاپداننىڭ ئالدىغا بىر ئايال كەلدى،مەن ئادەتتە تىجارەت قىلىۋاتقاندا ئىسقىرتىپ خېرىدار چاقىرىشقا ،ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ئامراق.ھېلقى ئايالنىڭ دېيىشىچە ،ئۇ ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلەيدىكەن،ئۇلار مەخسۇس ئاجىز توپقا ياردەم بېرىدىكەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم ئۇنىڭدىن ماڭا ياردەم قىلالايىدىغان قىلالمايدىغانلىقىنى سۇرىدىم،ئۇ مېنى چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ،ئۇ ماڭا-؛سىزنىڭ كاۋاپچىلىق تىجارىتىڭىز ياخشى ئىكەن،سىز ئاجىز توپ ھېساپلانمايسىز دىدى.
مەن ئۇنىڭغا- ؛سىز ماڭا بى جېدا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان بالىلارنىڭ بار يوقلىنى سۈرۈشتۈرۈپ بەرسىڭىزلا بولدى،مەن ئۇلارغا ئازراق پۇل ئىنائە قىلماقچى دىدىم.
كېيىن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھېلقى كادىرى ماڭا راستىنلا بىر قىزنى تېپىپ بەردى،ئۇنىڭ ئىسمىي جاۋ مېي بولۇپ،بى جى ئىنىستېتۇتى سەنئەت فاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈدىغانغا ئاز قالغاندا ئانىسى تۈگەپ كېتىپ ،ئائىلىسى بىراقلا نامراتلىشىپ كېتىپتۇ.
مەن ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرغا200 يۈەن بېرىپ،جاۋ مېيغا بېرىپ قۇيۇشنى تاپلىدىم،كېيىن جاۋ مېي ئوقۇشىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن دافاڭ ناھيەسىدىكى بىر يېزا –بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بوپتۇ،
باشقىلارغا يادەم بېرىش كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
2006-يىلى 10-ئايدا مەن ھاياتىمىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قارارنى چىقاردىم،يەنى مەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدىم.
ئەينى چاغدا مەن 5000 يۈەننى ئېلىپ بى جې ئىنىستېتۇتىنىڭ رەھبەرلىرىنى تېپىپ،ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن يەنە 5000 يۈەن قۇشۇپ ،ئالىم ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلىشىنى قارار قىلدىم.بۇنداق بولغاندا بۇ ئىنىستۇتتىكى 20 ئىستودىنىتنىڭ ھەر بىرى يىلدا 500 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيتتى.
كېيىن نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتلىرى بى جې ئىنىستېتۇتى تەسىس قىلغان ئالىم ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى توغرىسىدا خەۋەر بەردى،ئۇلار ھەر بىر مو پۇلدا كاۋاپنىڭ پۇرۇقى بار دېيشتى.بۇ گەپ ھەقىقەتەن راسىت ئىدى.
مەن بەختلىك ئالىم
بۇ چاغدا مەن ئايالىم پاتىگۈلگە ئۇچراشتىم،مەن ئازراق ساۋاپلىق ئىش قىلىۋىدىم تەڭرى ماڭا كۆينىپ،ياش چىرايلىق ،ئاق كۆڭۈل بىر قىز ئاتا قىلدى.
ئىلگىرى مەن نۇرغۇن قىزلار بىلەن كۆرۈشكەن،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوخشاش ئىدى، ئۇلارنىڭ تۇنجى سۇئالى "ئۆيىڭىز بارمۇ"دېگەندىن ئىبارەت بولدى،ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ يوقلىنى بىلىپ،مەندىن دەرھال يىراقلاشتى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇلاردىن ئۆزۈمنى تارىتتىم.بۇنداق ئاچ كۆز قىزلار بىلەن توي قىلغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق.
بولتۇر 2-ئايدا مەن پاتىگۈل بىلەن ئۇچراشتىم.بىز ئۈرۈمچىدە بىر قىتىم كۆرۈشكەن،ئۇ مەندىن 12 ياش كىچىك،ئۇنىڭ تىرىسى ئاپپاق ، چىرايلىق ،ئەخلاقلىق قىز.مەن پەخىرلىنىغان يەنە بىر ئىش ئۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان.
بىز تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەندە پاتىگۈل مەن بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلدى.
ئۇ،-ئالىم ،سىز ساۋاپلىق ئىشنى كۆپ قىلسىڭىز،ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىزلا مەن سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشقا رازى دىدى.
مەن ئادەتتە تاماكىنى بەك كۆپ چىكىمەن. پاتىگۈل مېنىڭ تاماكا چېكىشىمنى ياقتۇرمايدۇ.ئۇ ماڭا بىر نەچچە قىتىم تاماكا تاشلاشنى دېدى. كېينچە ئۇ ئالىيىپ قۇيۇپلا گەپ قىلمايدىغان بولدى. ھەر كۈنى كەچلىك تاماقنى بىز بىرلىكتە ئېتىمىز. ئۇ كۆكتاتلارنى يويىدۇ،مەن قۇرۇما قۇرۇيمەن. پاتىگۈل مەن ئىجارە ئالغان ئۆيدە بىللە تۇرۇشقا قۇشۇلدى. ياتاق ئۆيدىكى پولغا بىر قەۋەت سۇلياۋ (پىلاستىك ماتىريال)ياتقۇزۇلغان بولۇپ، كۆمۈر گازى باكى ئىشلىتىمىز. تاماق ئۈستىلىمىز كارىۋاتنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئەگەر مېھمان كېلىپ قالسا ، كۆپچىلىك كارۋاتنىڭ ئۈستىدە چۆرىدەپ، قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى.
مەن ئايالىمىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن. بىز شىنجاڭلىقلار سىلەر شەھەرلىكلەرنىڭ كاتەكتەك بىنا ئۆيلىرىڭلارغا كۆنەلمەيمىز، بۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ قىممەتلىكى تېخى. مەن ئۆينى ئۆزۈم سالىمەن، ھويلا چىقىرىمەن، ھويلىغا چوغلۇق،ئۈزۈم ،كۆكتات تېرىيمەن.
پىلانىمدا 10 يىل ئىچىدە 4 مو يەر سېتىۋىلىپ،ئۇ يەرگە چوڭ ھويلىسى بار،دوسىتلىرىم كەلسىمۇ پاتقۇدەك ئۆي سالىمەن.پىلانىمنى يەنە چوڭراق قىلغاندا ،كەلگۈسىدە بى جېغا بىر مەكتەپ سېلىشنى ئويلاۋاتىمەن.
بۇ پىلان ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن .لىكىن ئالىم ئاشۇ پىلانلىرىغا تاينىپ،ھازىرقى ھالەتكە يەتتى.
ئادەم يەيدىغان يولۋاسنى كىچىكىدىن تارتىپ تەربىيلىسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ دوستىڭىزغا ئايلىنىدۇ.غايىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
كاۋاپ سېتىشقا تاينىپ،نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن ساخاۋاتچى ئالىم 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى «2011-يىلى جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخىس» بولۇپ سايلاندى.
مەنبە:نۇر خەۋەر تورى
|
|
|
|
|
|