|
|
|
|
دۇنيادىكى بەش چوڭ ئوردا
1. بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ ئوردىسى
قەدىمدە بىنەپشەرەڭ ئوردا دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ مىڭ سۇلالىسى،چىڭ سۇلالىلىسى دەۋىرىدە پادىشاھ ئوردىسى ئىدى.
ئۇ مىڭ سۇلالىسنىڭ يۇڭلى يىللىرىدا ياسالغان. ئۇنىڭ9000 دىن ئارتۇق ئوردا خانىسى بار.كۆلىمى 720 مىڭ كىۋادىرات مېتىر بولۇپ ،دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوردا توپلىرىنىڭ بىرى . ئۇنىڭدا ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق سەنئەتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىۋە ئۇسلۇبى نامايەن قىلىنغان .
ھازىر ئۇ گۇگۇڭ موزىيى دەپ ئاتالدى.
2. كېرمىل سارىيى
موسكۋا شەھرىنىڭ مەركىزىدە ، ئۇ ئىلگىرى موسكۋا بەگلىكى ۋە 18-ئەسىردىن ئىلگىركى روس ئىمپىريىسىنىڭ پادىشاھ ئوردىسى ئىدى. ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارتىيە -ھۆكىمەت رەھبەرلىك ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ قالدى .
3.ۋېرسال ئوردىسى
فىرانسىيە فېئودال ئىمپراتورلىرىنىڭ ئوردىسى بولۇپ ،16-ئەسىردە ياسالغان. ئۇ ،ئوردا ئالدىدىكى گۈللۈك ، ئوردا سارىيى ۋە نۇرسىمان سوزۇلغان يوللاردىن تەركىب تاپقان .
1-دۇنيا ئۇرشى ئاياقلاشقاندا ،بۇ جايدا< ۋېرسال تىنچلىق ئەھدىنامىسى> ئىمزالانغان.
4.بېكىنھام ئوردىسى
ئۇنى تۆرە بېكىنھام 18-ئەسىردە سالدۇرۇپ ،شۇ نام بىلەن ئاتىغان . كېيىن ئۇنى 21 مىڭ فۇنىسترلىڭغا ئەنگىليە پادىشاھى گېئورگى 2 گە سېتىپ بەرگەن .
ئوردىنىڭ ئىمارەتلىرى ھەشەمەتلىك بولۇپ، تاشقى بىزەكلىرى چىرايلىق، ھازىر ئەنگىليەنىڭ ئايال پادىشاھى مۇشۇ جايدا تۇرىدۇ.
5. ئاق ساراي
ئۇ تاملىرى ئاق رەڭدىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىنا بولۇپ ،1972-يىلى سېلىنغان . 1800-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلىرى بۇ جاينى ئوردا قىلغان . شۇڭا كىشلەر ئۇنى <ئاق ساراي > دەپ ئاتىشىدۇ .ھەم بۇ سۆزنى ئامېرىكا ھۆكىمىتىگە سىموۋول قىلىدۇ.
مەنبە : خاتىرەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-28 12:08 PM
|
|
|
|
|
|