مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1174|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەر-«غورۇرنامە» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 04:56:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەممەتجان ئەيسا


پايتەخت بېيجىڭدا ئۇزۇن يىل مۇخبىرلىق، نەشرىياتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كۆپ خىل قاتلاملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ،نەزمىي شەكىل بىلەن نەسرى شەكىلنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىققان تەرجىمىھال خارەكتىرلىك يىرىك ئەسىرى «غورۇرنامە» 2011-يىلى 6- ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق مۇساپىلىك شانلىق تارىخىدا ئىجاد ئەتكەن، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، خىمىيە، ھېساب ۋە جۇغراپىيە، دېھقانچىلىق، دورىگەرلىك تېخنىكىسى، تېبابەتچىلىك، ئوزۇقشۇناسلىق، قۇرۇلۇش ۋە بىناكارلىق، دېڭىزچىلىق ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇل رەڭدار مەدەنىيەت خەزىنىسىگە تۆھپە قوشقان 632 تارىخى شەخسنىڭ تارىخى تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛ 2250 كوبلىت، 10220 مىسرا ئارقىلىق��ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش، ماتېرىيال جۇغلاش، مۇناسىۋەتلىك يازما تارىخى ماتېرىياللارنى بىر بىرلەپ تەتقىق قىلىپ سېلىشتۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىغان زور ئىلمىي ئەمگەك. بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى بىر بۆسۈش. ئۇ نەزمىي ھەم نەسرى شەكىل بىرلەشتۈرۈلگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىك يىرىك ئەسەر بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.
يېتۈك ئالىملىرىمىزدىن مەرھۇم ئىبراھىم مۇتىئى ھەم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىلەر ئەسەرگە كىرىش سۆز يېزىپ، بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. مەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ساھەسىدىكى بىر ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن «غورۇرنامە» ناملىق بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن تەسىراتىم ھەم قاراشلىرىمنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرغا قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم:
(1) كىتابنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى: كىتابنىڭ مەزمونى مول ھەم چوڭقۇر بۇلۇپ، نەسرىي شەكىل بىلەن نەزمىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا ئوينىغان تارىخى رولى، ۋەتەننىىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى، مول، رەڭدار جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان تۆھپىسى ھەمدە ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى قايىل قىلارلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. كىتابتا يەنە ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى، شائىرلىرى، جامائەت ئەربابلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. سۈي، تاڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى، سەركەردىلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئاپتۇر قەدىمدىن ھازىرغىچە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز- ئارا ئارلىشىش، بىرلىكتە ھايات كەچۈرۈش ۋە ئالغا ئىلگىرلەش داۋامىدا شۇ مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ تۆھپىلىرىنى قەلەمگە ئىلىپ، ئۇلارنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ كۆپ مەنبەلىك دائىرىسى ئىچىگە قويۇپ تونۇشتۇرغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاپ تۆھپە يارىتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرى، ماتېماتىكلىرى، ئەدىبلىرى نەسىرى شەكىل بىلەن نەزمىي شەكىل بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلىنمىغان ھالدا تەتقىق قىلىنغان. ھەر بىر تارىخى شەخىسگە ئاز بولغاندا بىر كوبلىت، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە كوبلىت نەزمىي شېئىر يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەركەزلىك تونۇشتۇرغان. بەدىئىي قىممىتى، تارىخى قىممىتى، ئىستىمال قىممىتى يۇقىرى بولغان بۇ ئىلمى ئەمگەكنى 10 يىل ئىزدىنىپ، سۈپەتلىك روياپقا چىقارغان.
ئەركىن ئابدۇقادىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرلۇق كىشىلىرى بولغان ئەنە تارىخى شەخسلەرنى تۇتقا قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا ئوينىغان رولى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مول رەڭدار خەزىنىسىنى بىيىتقانلىقىنى، ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىم، شائىر، جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى زىچ چۆرىدەپ يېزىپ چىققان. سۈي، تاڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىلىرىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلارنى بەرگەن.
(2) ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاق مۇساپىلىك مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا ئىلىمى، يۇقىرى باھا بېرىلگەن .
مەلۇمكى،«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسى سىرتقا قارىتا ئىشىك تاقىۋالماسلىق، دېھقانچىلىق، قول- ھۈنەرچىلىك ۋە رايون ئاتلاپ ئىلىپ بىرىلدىغان خەلقئارا سودىغا قاتنىشىش، مېھماندوستلۇق ھەم سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ئىلىم پەن شەكىللىرىنى بىردەك ھۆرمەت قىلىش، قوبۇل قىلىپ يىڭلىق يارىتىش، شەرق - غەرب سودا ۋە مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئۇنىڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن ئىدى›› ( شىنجاڭ داشۆ ئىلمى ژۇرنىلى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن « يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەڭگۈشتىرىنى قايتا تېپىۋېلىش» 1989- يىلى 2- سان). مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگەئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى بولۇپمۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق بولغان تارىخى شەخسلەرنى قانداق قىلىپ قەلەمگە ئېلىش، ئورنىنى قانداق بېكىتىش، ئۇلارنىڭ تارىخى تۆھپىلىرىگە قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ، ئەركىن ئابدۇقادىر تارىخقا، بۈگۈنگە، ئەتىگە مەسئۇل بولغان ھالدا ئىلىمىز ئىچى ھەم سىرتىدا ساقلانغان مول مەدەنىيى مىراسلىرىمىزنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ھەر قايسى جايلاردىكى تارىخى تېپىلما، تارىخى ئىزلارنى بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇش، ئىلىمىز ھەم چەتئەل ئالىملىرىنىڭ ئىزدىنىشىدىن پۈتۈپ چىققان ئىلمى ئەمگەكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
(3)ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار تارىختا يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان، ئۇلاردا بىر مۇنچە ئۇلۇغ ئالىملار، باھادىرلار، دۆلەت ئەركانلىرى بارلىققا كەلگەن، دەپ ئېتىراپ قىلىدىكەنمىز، ئۇلارنى چوقۇم خەلقىمىزگە ياخشى تۇنۇشتۇرىشىمىز كېرەك. ئەركىن ئابدۇقادىر «غورۇرنامە» ناملىق بۇ يىرىك ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخنى شۇ مەدەنىيەت تارىخنىڭ غورۇرلۇق كىشىلىرىنى بەدىئىي يوسۇندا بايان قىلىپ بەرگەن.«غورۇرنامە» دا «ئالىپ ئەر تۇڭا (ئافراسياپ)»ئەڭ ئالدىغا ئىلىنغان بۇلوپ، نەسرى شەكىل ئارقىلىق ئۇ ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىپ، نەزمىيە شەكىلدە مەدىھلىگەن. ئاپتور بۇ بۇ نەزمىدە «ئافراسياپ» دىكى باتۇرلۇق، مەرىتلىك، ئادىللىق ھەم ئالىجاناب خىسلەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بىز يەنە«تۇمارىس» قاتارلىق نەزمىلەردىنمۇ بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈپ ئالالايمىز. «غورۇرنامە»دا مەھمۇت كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ھەققىدىكى نەزمىلەر ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شانۇ- شۆھرىتىنى دۇنياغا تونۇتقان بۇ ئىككى ئۇلۇغ ئالىم ھەققىدىكى پەخىرلىنىشىمىزنىڭ تۇلىمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئاجايىپ بىباھا تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. بۇ نۇقتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسىنىڭ 2008- يىلىنى«مەھمۇت كاشغەرىي يىلى» قىلىپ بىكىتكەنلىكى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەھمۇت كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا خەلقئارالىق يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈلگەنلىگى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.


يۇرتىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئىلىم سۆيگەن ئوغلانى،
تىلىمىزنى تونۇشتۇرغان ئەرەب - ئەجەم ئېلىگە.
ۋەتەن خەلق سۆيگۈسىنى ئىلىم بىلەن ئىسپاتلاپ،
تەتقىقاتنىڭ كەمىرىنى چىڭ باغلىغان بېلىگە.


        بۇ مىسرالاردا ئاپتور بۈيۈك ئالىمىمىزنىڭ ۋەتەن، خەلق سۆيگۈسىنى ئىلىم بىلەن ئىسپاتلاپ، ئۆز ۋەتىنىگە، ئۆز خەلقىگە «تۈركى دىللار دىۋانى»دەك ئالەمشۇمۇل شاھانە ئەسىرلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئاپتور يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىغا پۈتكەن تۆت كوبلىت نەزمىدە ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان «قۇتادغۇبىلىك» نى ھەم ئۇنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە تۇتقان مۇقەددەس ئورنىنى ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆز- ئىبارىلەر بىلەن بەدىئىي ئۇسۇلدا سۈرەتلەپ بېرىپ، ھەم يۈكسەك يۇقىرى باھا بېرىپ ئاخىردا مۇنداق يەكۈن چىقارغان:


سۇڭ دەۋرىدە تۈزلەڭدىكى جۇشى تۈزگەن «تۆت كىتاب»،
«مادارا» ھەم «ئىلىم» «مىڭزى» «مۇھاكىمە ۋە بايان»،
«قۇتادغۇ» دىن يۈز يىل كىيىن چىققان شۇلار روياپقا،

شۇڭا يۈسۈپ تۆھپىسىگە ئاز كېلىدۇ مىڭ داستان.


     ئەمدى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى ئەلشىر نەۋايىغا كەلسەك، ئاپتور نەۋايىغا بېغىشلىغان نەزمىدە ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، نەۋايىنىڭ ئىلىم مەرىپەت ۋە ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيۈش روھىدىن ئىپتىخارلانغان بولسا، نەسىرى قىسمىدا «ئەلشىر نەۋايى (1441-1501) تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر باخشىلىرىنىڭ ئەۋلادىدۇر» دەپ ئوتتۇرغا قويغان. بۇ تارىخنىڭ ئەسلىيىتىگە ھەم ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان تارىخىي مەنبە ئىسپاتلارغا ئۇيغۇن بولۇپ،��ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مىللىي كىملىكىنى بېكىتىش-دەۋرنىڭ تەقەززاسى، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدى، ئىلىم- پەننىڭ ئادىللىقىنىڭ تەلىپىدۇر، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەسىلىسىدۇر.
شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلۇدىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدا سۇي، تاڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋىردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى شەخسىلەر ھەققىدىكى تەتقىقات تېخىچە بىر بوشلۇق ھالىتىدە تۇرماقتا، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرغا چىققان كىلاسسىك ئەدەبىيات پېشۋالىرى ھەم ئالىملىرىغا كۆپرەك ئېتىبار بېرىلىپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرىدىكى تارىخىي شەخسلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا ياكى سەل قارالماقتا. «غورۇرنامە» دا بۇ بوشلۇق تولدۇرۇلغان ھەم ئۇلارغا مۇناسىپ ئورۇن بېرىلگەن.

(4) «غورۇرنامە» گە ۋەتەننى ئۇلۇغلاش، ۋەتەننىڭ قەدىرگە يىتىش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن.


كىتاپنىڭ ئالدىنقى بىتىدە مۇنداق ئوتلۇق مىسرالار كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ:
نۇر چاقنىغان ئىزلىرىڭدىن مۇز ئېرىگەن ئەجدادىم،
بېلىق كاۋاپ گۈلخانىڭدىن جان يايرىغان ئەجدادىم،
يايلاق تاللاپ ئورخۇن ئارا شەھەر قۇرغان ئەجدادىم،
نەچچە يۈز يىل جۇڭخۇانى دەپ ئۆتكەن ھەم خان ئەجدادىم.


        بىز بۇ مىسرالاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرۇچ تۇيغۇسى، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تۆھپىكارلىق روھى بىلەن ۋەتەن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز.
«غورۇرنامە» دا ئەركىن ئابدۇقادىر تىلغا ئالغان « جۇڭخۇا» قەدىمدىن بۈگۈنگىچە جۇڭگودىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىپ بىرلىكتە قوغدىغان، گۈللەندۈرگەن چوڭ ئائىلىسىدۇر.« غورورنامە» دىكى ئەجداتلىرىمىز ئۆز نۆۋىتىدە دۆلەتنىڭ بىرلىكى، تىنچ ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان چولپانلىرىمىز بولۇپ، ئۇلاردىكى ئەنە ئاشۇ ئالىيجاناب روھ دەل ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. ئەركىن ئابدۇقادىر تىلغا ئالغان قاراباش، قوشۇغان، قوشقارتىكىن ۋە باشقا سەركەردىلەر دەل ئاشۇلارنىڭ جۈملىسىدۇر. بىز ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ «قاراباش» ھەققىدە پۈتكەن نەزمىسىگە نەزەر تاشلىساق، قاراباشنىڭ قومۇلدىكى تاش كۆرۈكتىن ئاتلىنىپ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئىچكىرى جايلارغا لەشكەر باشلاپ كىرگەنلىگىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يۈەنتەيزۇغا سادىق بولۇپ تۆھپە ياراتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز، ئۇ بۇ نەزمىنى مۇنداق ئاياغلاشتۇرغان:


قارا باخشى جەسىتىمۇ ئاران يەتكەن چاڭدىغا،
ئاتا مىراس ئەمىلىمۇ ئۈزۈلگەنكەن شۇ مەھەل.
ئەل ۋەتەننىڭ بىرلىكچۈن بولدى قۇربان ھەممىسى،
شۇڭا جەنلاۋ تارىخنى يازغان ئەينەن دەلمۇ- دەل.


      شۇنىسى ئايانكى، بۇ مىسرالار بىزگە ئۇلارنى چوڭقۇر ئەسلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە چەكسىز مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئېيىتقۇزىدۇ، مەنىۋى كۈچ سۈپىتىدە ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە ئىلھام بىرىدۇ. «غورۇرنامە» دا يەنە تەرجىمە- شەرھىچىلىكتە ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئومۇملىغىدا كۆرۈكلۈك رول ئوينىغان، دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان تىلچى- تەرجىمانلىرىمىزغا ئاتاپ نەزمە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخدا تۇتقان ئورنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
قىسقىسى، «غورۇرنامە» ناملىق بۇ ئەسەر-بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەر بولۇپ، بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، غورۇرى يەنىمۇ ئاشقۇسى.


مەنبە: جۇڭگۇ تور تىلىۋېزىيىسى تورى


http://uyghur.cntv.cn/20111111/113219.shtml بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim-pen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-28 05:02 AM  


ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:30:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بۇ كىتاپنىڭ  داڭقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان   بىر ئۇقۇش ئارزۇيۇم باتتى   ئازىراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە قىلدىڭىز .رەھمەت سىزگە!

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:51:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ،ئەسلىدە بۇ كىتاپ«سوتسىىيالىستىك رومانتىزىم»لىق ئىجادىيەت ئۇسسۇلىدا يىزىلىپتۇدە!چۈشەنچە بارگىنىڭىزگە رەھمەت!

ئىزدەنگۈچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61248
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3737
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 11:36:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست گەپنى قىلسام بۇ كىتابى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن . بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
خۇدايىم بۇيرىسا تەتىلدە بىر ئوقۇمىسام .

جاھان تارىخىدا مەشھۇر ، ئاتالغان نامىمىز  ئۇيغۇر،
قېلىشمايمىز بۇ شۇملاردىن ئەمەسمىز ياكى ئاقساقمۇ ؟
UQARBURA بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 01:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 02:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپتا بىز بىلىدىغان ھەم بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر داڭدارلىرىمىزنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى شېئىرى تىل بىلەن ناھاتيىتى جايىدا سۈپەتلىنىپتۇ  .ئالدىنقى يىلى بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم ،بوش ۋاقتىم چىقسىلا ئوقۇپ قويىمەن .بۇ كىتاپقا ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر سىڭگەن  .ئاپتۇر بەزى شەخىسلەرنىڭ تەرجىمەھالىنى ئەينەن بايان قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىلمىي تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپتۇ .ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەن گەپ ھەقىقەتەن راس ئىكەن . ئاپتۇرغا كۆپ رەھمەت .

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 02:12:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  كىتابنى ئەمدى كۆرۈشۈم ئىكەن،  كىتابخانىغا بېرىپ ئىزدەپ باقاي.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 05:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابنىڭ نەقەدەر ئېسىل يېزىلغانلىقى كىتابنىڭ ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇ. چۇقۇم ئۇقۇشىمىزغا ئەرزىگۈدەك ئىسىل كىتاب.

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 05:44:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن قادىر ئەپەندىگە سالامەتلىك ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن . غۇرۇرنامە مېنى غۇرۇرلاندۇردى، كىملىكىمنى تېخىمۇ بىلدۈردى ، بىز بەك ئۇزۇن ۋاقىتتا مۇشۇنداق كاتتا ، بىز ئۈچۈن قىممىتى تەڭداشسىز بىر كىتاپقا ئۇچرىشىپ تۇرۇپتىمىز. خەلقىگە قانداق ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشنى بىلىش يازغۇچىلىق قىلىشتىنمۇ ، بىر ئۆمۈر ھەقىقى نەپ بەرمەيدىغان تەتقىقاتچىلىقتىنمۇ مۇھىم . ھارماڭ ئوغلانىمىز، ھارماڭ . سىز بەك ئەھمىيەتلىك ، قىممىتىڭىز بىلەن ياشاۋاتىسىز . سىزنى قۇچاقلاپ قويالمىغان بولساممۇ كىتابىڭىزنى، ئەجىر - مېھنىتىڭىزنى ھەر كۈنى قۇچاقلاپ تۇرۇۋاتىمەن. سىزدىن يەنە مۇشۇنداق بىباھا ئەمگەكلەرنى كۈتىۋاتقان خەلقىڭىز يەنە تەشنالىقتا.    سىزگە خەلق قەلبىدىكى ئۆڭمەس، چىرىمەس توننى كىيگۈزۈپ بولدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 05:49:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزانلىق ئەڭ ئېسىل سوۋغا غۇرۇرنامە دىگەن كىتاپنى مۇقەددەس دەستۇرلىرىمىزنى ئوقىغاچ ئوقۇپ قويۇشمۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى بولسا ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش