ئۇيقۇسىزلىق - خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق ۋە خىلىتسىز قۇرۇق سوغۇق كەيپىياتنىڭ مېڭىگە زىيادە تەسىر قىلىشى، خىلتىلار تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بەدەندە يۈز بەرگەن باشقا كېسەللىكلەرنىڭ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن مېڭە ۋە نېرۋىلارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، چوڭ مېڭە بوشلۇقىنىڭ دائىم قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى بىلەن، كلىنىكىدا ئۇيقۇنىڭ ۋاقتى 6 ~ 9 سائەتتىن ئاز بولۇش ياكى بىمار كېچىدە كۆپ ئويغىنىپ ناھايىتى بىئارام ئۇخلاش، ئۇيقۇدىن يېتەرلىك لەززەت ئالالماسلىق، ئېغىزى قۇرۇش، بۈرۇن تۆشۈكلىرى قۇرۇق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك .
1) يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرغۇچى غىزالارنى بېرىش لازىم. تەركىبىدە مىس، سىنك، تۆمۈر مول بولغان، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، خاسىڭ مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى، كۈنجۈت، ئارپا، ماش، نوقۇت، كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، سۈت ياسالمىلىرى، قوي مېڭىسى، چۈجە گۆشى، ياش پاقلان گۆشى، بېلىق قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم .
2) يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) ئارپا ئۇمىچى: كۆكنار پوستى ئون گرام، ئارپا 100 گرام، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا. كۆكنار پوستىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا چىلاپ، شىرىسىنى ئېلىپ، ئاندىن ئارپىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە كۆكنار پوستى شىرىسى ۋە ناۋاتنى سېلىپ پىشۇرۇپ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2) سۈتلۈك مېغىز چاي: ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، خاسىڭ مېغىزى 30 گرامدىن، قارا كۈنجۈت 20 گرام، كالا سۈتى ۋە پۇرچاق سۈتى 180 مىللىلىتىردىن. ئالدىنقى نۆت خىل خۇرۇچنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، يۇمشاق ئېزىپ، ئاندىن پۇرچاق سۈيى ۋە كالا سۈتى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قازانغا قۇيۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلاپ، كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ .
(3) مېغىز تالقىنى: ياڭاق مېغىزى 50 گرام، بادام مېغىزى 30 گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 30 گرام، ئاق شېكەر 50 گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىككى قوشۇقتىن قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
(4) شېرىن ئۇيقۇ ئىچىملىكى: يېڭى خاسىڭ يوپۇرمىقى 15 گرام، نوقۇت 30 گرام، ھەسەل 50 گرام. خۇرۇچلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، خاسىڭ يوپۇرمىقى بىلەن نوقۇتنى 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، پىشۇرۇپ، ئۈستىگە ھەسەلنى قوشۇپ يەنە بىر قېتىم قاينىتىپ تەييارلاپ، كۈندە ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن 50 مىللىلىتېردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
(5) چايلىقلار
① تەركىبى: ئۇسۇڭ ئۇرۇقى، كۆكنار ئۇرۇقى، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، خىيارشەنبەر مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 3 گرامدىن، بادام مېغىزى 7 دانە.
تەسىرى: مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىشتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: سوقماي دەملەپ، شىرىسى چىقىرىلىپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بېرىلىدۇ.
② تەركىبى: قارىمۇچ، ئاقمۇچ، پىلپىل، لاچىندانە، گۈلدارچىن، زەنجىۋىل، زەپەر خەمىكى، ئاپېلسىن پوستى، بەدىيان، رۇمبەدىيان، قاقىلە، قەلەمپۇر، گاۋزىبان 20 گرامدىن، بادام مېغىزى 250 گرام.
تەسىرى: سەۋدا ۋە بەلغەمنىڭ سوغۇقلۇقى سەۋەبلىك مېڭە تومۇرى تارىيىۋېلىشتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىقنى ياخشىلايدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: يىرىك سوقۇپ، ھەر قېتىم 5 – 10 – گرامدىن بىر چىنە قايناقسۇدا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
3) يېمەك - ئىچمەك پەرھىزى:
كالا گۆشى، باچكا گۆشى، غاز گۆشى، لازا ، سامساق، سۈرلەنگەن گۆش، گۆشگىردە، سامسا، پېتىر مانتا، تونۇر كاۋىپى قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە قۇرۇق سوغۇق، زىيادە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك، يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتن ساقلىنىش لازىم.
باشنى قاپاق يبغى ياكى گۈل يېغىدا ياغلاش لازىم. قاتتىق ئاۋاز، كۈچلۈك نۇردىن ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. ئاچچىق ۋە تۇزلۇق تاماقلار بېرىلمەيدۇ. ياتاردا ئېغىر تاماق يېيىشتىن، تارىخىي تېمىدىكى كىتابلارنى ئوقۇشتىن ئېھتىيات قىلىنىدۇ. ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلار ۋە ئادەملەر ھەققىدىكى گەپلەرنى بىلمەسكە سېلىش كېرەك.
ماقالە مەنبەسى:
http://www.eldawa.com