|
|
|
|
ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى
ۋە لېكىن ئۇنتۇيالماي چەكمىگىن ئازاپ
ئېسىمدىن چىقىرىپ خوش بولغۇم كەلمەس
رازىمەن سېغىنىپ چېكىشكە ئازاپ
سەن ئۈچۈن بىر ئۆمۈر سەرسانلىقىم خوپ
ئۆزگىدىن سۆيۈنگەن ۋىجدانىم خاراپ
ھەقىقى مۇھەببەت ئۆلمەستۇر ئەبەت كۆنىسەن تەقدىرىڭ پۈتكەن قىسمەتكە
ئېسىڭدىن چىققىنى بىر دەملىك ھەۋەس ھەمراھىڭ بولىدۇ ناتونۇش بىرسى
ئەقىدەڭ خورلانسا بىخ ئۇرار نەپرەت سەن ئۇنىڭ، ئۇ سېنىڭ ،كۆڭلۇڭ بۆلەكنىڭ
ئۇنتۇلماس ئۇ يەنە چىقماستا نەپەس ئۆتىسەن ئۆزەڭ نەق،مۇھەببەت نېسى
ئائىلەم قوزام دەپ يۈرىسەن ئۆمۈر
كۈلىسەن زورىقىپ يىغلار يۈرىكىڭ
تۇللۇق ھەم يىتىملىك جۇتىدىن چۆچۈپ
ئۈزۈلەر ھەتتاكى خىيال ئىستىكىڭ
"كۆچ مىنىڭ ئېسىمدىن ئارام بەر ماڭا شۇنداق دەپ ئۆزۈڭگە قىلىسەن خىتاپ
ساداقەت،بەختىم بار،يېتىلگەن ئەقلىم تەسەللى تاپمايسەن كۆڭلۈڭگە بىراق
باقماسمەن مەيلىمگە بولما ئاۋارە ئاھ!ئاجىز،ياسالما،خاراپ نىقاپلار
سەن ماڭا ناتونۇش قالمىدى سېھرىڭ" ئېپ كېتەر قىرغاقتىن يەنىمۇ يىراق
نە شادلىق نە بەخت ئۆزۈڭنى ئالداپ
بولدى قوي قىينالما ئەسلەپ ئۆتىۋەر
خىيالى سۆيگۈ ئۇ ، ئەمەس خىيانەت
پەقەتلا چاڭقىغان دىلىڭ سۆيۈنەر
ئەسكەرتىش:بىر ئىككى كۈننىڭ ياقى مۇنبەردە مۇھەببەت توغرۇلۇق تېمىدىن بىر نەچچىنى
كۆرۈپ مىنىڭمۇ ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرىكى مۇھەببەتلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى ئۆزىچە
مۇھەببەت ئۇ ئۆلمەس تېما،مۇھەببەتنى كۈيلەش مىنىڭچە ئۇ گۇنا ئەمەس....................
ھەممەيلەننىڭ ئۇنتۇلماس مۇھەببەت تارىخلىرىمىز بولغان ئەلۋەتتە.............
بۇ شېئىر تارىم ژورنىلىنىڭ 99-يىللىق 11-سانىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ .
سىلەردىن ئۆتۈنەي مېنى ئەيىپلەپ تىللاپ كەتمەڭلار...
تېما يوللاشتىن بەك قورقاتتىم ئەسلى،ئەجەپ ئولتۇرۇپ كەتتىم مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى
باسايمۇ باسمايمۇ دەپ،بولدىلا يوللاۋېرەي ، تىللىسا گۇناھىمنى يۈدەر....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatuti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 09:40 PM
|
|
|
|
|
|