مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1810|ئىنكاس: 28

ئىملاجان ۋە ئىنكاسگۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116824
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12831 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 05:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىملاجان بىلەن ئىنكاس گۈل

ئاپتورى: نىمجان

  ( ساتىرا )



بىركۈنى ئېنتىرنتنىڭ دۇنياسىدا ،
قايسىبىر    مۇنازىرە  سەيناسىدا .
شىكايەت قىلغان ئىمىش ئىككى دەرتمەن ،
توردىكى كەچۈرمىشلەر توغرىسىدا .
مىچىلداپ ھال ئېيتىپتۇ  ئىنكاس ئاۋال :
بولدىغۇ شۇكۈنلەردە  نەرقىم پاخال .
تەر تۆكۈپ يازسا بىرسى ئىسىل تېما ،
سايرىشىپ شاتۇتىلار  قىلدى ئۇۋال .



مۇنبەرگە ئېزىپ - تېزىپ كىرەمدىكىن ،
يارايسىز، ياخشى ...، دەپلا يۈرەمدىكىن .
ئەجرىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىپ ،
تەپەككۇر قىلىپ باقسا  ئۆلەمدىكىن  ؟
ئىنكاس دەپ يازار تېخى قوچاقلارنى ،
ئوينىتىپ توقماق ، بېگىز ، پىچاقلارنى .
بىھۇدە ئازار بېرىپ باشقىلارغا ،
تېرىيدۇ زىدىيەتلىك چاتاقلارنى .



يازمىسا بولمامدىكىن يازالمىسا ،
يېزىشنى ئۈگۈنۈشتىن يالتايمىسا .
ئىنكاسنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىڭ دېسە ،
غوتۇلداپ ، ئادەمگە سەت ئالايمىسا .
ئىككى-ئۈچ ئىسىم قويۇپ بىر جېنىغا ،
قىستۇرۇپ گۇپپاڭچىنى ھەم يېنىغا .
ھېلى ئوڭ ، ھېلى تەتۈر گەپ ئوينىتىپ ،
قىلمىسا  تەخسىكەشلىك يېقىنىغا .

مېغىزلىق ، ئەھمىيەتلىك بولسا ئىنكاس،
دوستانە ئىناقلىققا تولسا ئىنكاس .
زارلىنىپ يۈرمەس ئىدىم مەنمۇ بۇنچە ،
مۇنبەرگە قىزىل گۈلدەك قونسا ئىنكاس !




ئىنكاس گۈل جىم بولۇپتۇ  ئولۇغ تىنىپ ،
ساپ ھاۋادىن نەپەس ئاپتۇ قېنىپ - قېنىپ.
تەسەللى بېرىپ شۇئان ھاياجاندا ،
ئىملاجان گەپ باشلاپتۇ غەزەپلىنىپ :



نىزامدۇر ئىملا دېگەن تىل - يېزىققا ،

تىل - يېزىق شەرت ئەمەسمۇ ھاياتلىققا .
بەزىلەر مېنى قەستەن بوزەك ئېتىپ ،
قالدىمغۇ شۇ كۈنلەردە خاپىلىققا .
بىرسى مېنى ئويناشقاندەك يېزىۋاتقان ،
بىرسى يەنە يېزىپ تۇرۇپ ئېزىۋاتقان .
چېكىت، پەش... بەلگىلىرىم بولۇپ سەرسان ،
ئۆزىنى غېرىپ- يېتىم سېزىۋاتقان ...



ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت يازالمىسا ،
يازسىمۇ ، سۆز- جۈملىلەر  باغلانمىسا .
ماڭىمۇ ، ئۆزىگىمۇ ھۆرمەت قىلسا ،
نە بولۇر يۈرەك - باغرىم داغلانمىسا .
ئىملانى چوڭ بىلىدۇ ئۆزگە مىللەت ،
ئىملاسىز خەت يېزىشتۇر بىزدە ئىللەت .
تاپقاندەك ئىنسان ئەخلاق بىلەن زىننەت ،
يېزىقمۇ تاپار ئىملا بىلەن قىممەت .




بەزىلەر بۇ ھېكمەتنى بىلمەمدىكىن ،
بىلسىمۇ مېنى كۆزگە ئىلمامدىكىن ؟
ئېنتىرنېت  دۇنياسىدا  يېزىقىمىز،
سازايى بولسا خىجىل بولمامدىكىن ؟
دېگۈم بار شۇڭا  دوستۇم دىققەت قىلىڭ ،
مەن ئەمەس ، ئۆزىڭىزگە ھۆرمەت قىلىڭ .
دېسىڭىز : قوغداي ئۇيغۇر يېزىقىمنى  ،
كەمىنە ئىنكاسجاننى ئۈلپەت قىلىڭ !!!

_ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _ _
    ئەھمىيىتى ۋە رولى بارلىق ئۇيغۇر ۋە مۇنبەر، ئونىۋېرسال تور بەتلەرگە بولىدۇ دەپ قاراپ، ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىزلا كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئاپتور نارازى بولسا ئۇچۇر قايتۇرغاي، دەرھال ئۆچۈرىلىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ ئىككى خىل مەسىلىنى بۇنداق يېقىشلىق ھەم تېتىملىق شەكىلدە بىزگە تەمىن ئەتكىنى ئۈچۈن كۆپ تەشەككۇر! ئىملاجان ۋە ئىنكاسگۈللەر يەنە يىغلاپ قالمىسۇن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 06:20 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ruhsana + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
XERHAN + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
nim-japa + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
كارۋان + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
aptap104 + 33

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 549   باھا خاتىرىسى


بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10496
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 06:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا ئەھمىيەتلىككەن ، مىنىڭمۇ قونچاق يوللاپ قويغان ۋاقىتلىرىم ئازدۇر كۆپتۇر بولغان ، ئەجەپ خىجىل بولدۇم بۇ تىمىنى كۆرۈپ (ئەلۋەتتە قەستەنلىك بىلەن يوللىمايمەن ئۇ قونچاقلارنىمۇ) ، بۇندىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن .
ھەر بىرىمىز كۆرۈشكە ، كۆرۈپلا بولدى قىلماي رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك تىمىكەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 07:01 PM  


ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 06:21:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە  ماۋۇ  نەقىلاخۇننىمۇ يازىدىغان  گەپتى ،    كەلسە كەلمىسە   رەددىيە  بەردىم دەپ  نەقىل دىگەننى   توپ باھادا ساتقاندەكلا   قىلىۋىرىدۇ  .

نەقىل دىگەننىمۇ ئىلمى   ، كۆڭۈللۈك ،  قۇلاققا  خوشياققۇدەك   قىلسا  ،   ئاندىن چىرايلىق  ئولتۇرۇپ مۇنازىرە  قىلغىلى بۇلىدۇ

نەقىلسىنى  ئۇقۇپ بولغۇچە  قىرىققا  چىقىپ كەتكۈدەك  نەقىل قىلدىغانلار بار ،   ئۇنداق زىددىيەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان  نەقىلنى قىلغان دىن  ،  ئايىلىنىپ  ئۈتۈپ كەتكەنمۇ مىڭ ياخشى .




ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6746
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 06:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن نەق چۈشكەن ساتىرا ئىكەن... ئەمما بەزى تېمىلارغا تەپەككۈرر قىلىپ يازسا ئىش چاتاق ئىكەن ئەمەسما...


يارايسىز، ياخشى ...، دەپلا يۈرەمدىكىن .
ئەجرىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىپ ،
تەپەككۇر قىلىپ باقسا  ئۆلەمدىكىن  ؟

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 06:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىلىمىم سەل تۆۋەنرەك شۇڭا بىلىمىمغا چۇشلۇقراق يازىمەن ئىنكاسنى.ئەمدى ھەممىلا ئادەم ئالىم، يازغۇچى، شائېر بولمىغاندىن كىيىن ئىنكاسچىلار ئوتتۇرسىدىمۇ پەرىق بولىدىكەن.
ئەمما ئىملاغا ئامالنىڭ بېرىچە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.قورچاق ئىپادە ئەۋەتىشنى نۇمۇس دەپ بىلىمەن.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 06:51:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تىمىنى بىر مۇنبەردە كۈرۈپ ياختۇرۇپ قالغان ئىدىم . رەھمەت يەنە كۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلغىنىڭىزغا.

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11543
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8642 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 07:06:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزگىچە بىر ساتىرا كەنغۇ بۇ ......   ئاپتورنىڭ قولىغا دەت بەرمىسۇن  ،  بەك ياخشى يېزىپتۇ ،
ئىملاجان بىلەن ئىنكاس گۈلنىڭ سۆزلىرى بىزگە بەك تەسىر قىلدى.
تەربىيىۋى قىممىتى بار تېممىكەن. ھەممە ئېنتېرنىتچى بىر قېتىم ئوقۇپ چىققۇدەك.
بولۇپمۇ ،مۇشۇ  مىسرانىم مۇنبىرگە بەك ماس كىلدىكەن،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 07:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك تورداشلار .
   ھەممىمىز دىققەت قىلىپ ئۇقۇپ كاللىمىزغ ئورنىتۋالغىدەك ياخشى يېزىلغان ساتىرا ئىكەن.
بۇلۇپمۇ مەن ئىملاغا راس سەل دىققەت قىلال مايۋاتمەن بۇنىڭغا  ئەمدى دىققەت قىلىمەن،

قارىسام نەچچە كۈننىڭ ياقى  مىسرانىمنى ئاۋات قىلۋەتكەن تېيمىلاردا تورداشلار  بىر بىر بىرىمىزگە زەھەردەك گەپلەرنى قىلىشۋالدۇق ،ئۇتۇپ كەتكەن ئىش ئۇتۇپ كەتتى تەگىسەڭ تېرىق تەگىمىسەڭ ئېرىق دەپتىكەن كونىلار ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلارغا ئاداۋەت ساقلىماي،ھەممىمىز بىر بىرىمىز بىلەن ئىناق ئۇتسەك دىگەن ئۈمۈتتە ،مەندىن ئۇتكەن يەرلىرى بولسا تورداشلاردىن كەچرۇم سورايمەن .  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aㄒamaη + 10 كەچۈرمەيمەن .... ھى ھى ھ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئاتا ياتقان جايى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 436
يازما سانى: 2431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15757
تۆھپە نۇمۇرى: 1831
توردا: 8497 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 07:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ؟بۇ تېمىنى  كورۇپ ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم  بەك سويۇندىم .يارايسىز بەك ئەمىلىيەتچانلىغى  كۈچلۇك يازما بوپتۇ . تورغا چىقماي خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

سېنى سېغىندىم ئامال يوق مەندىن رازى بول !جېنىم ئاتا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7424
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 07:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بىر - بىرىدىن ياخشى يىزىلىپتۇ .بۇ شىئىرنىڭ  ئاپتورى كىمكەن

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش