|
|
|
|
مۇراجەتنامە
مىرئادىل مۇتەللىپ ، بىر ياش سەككىز ئايلىق ئوغۇل بالا ، ئىنتايىن زېرەك بالا ئىدى . بالا تۇغۇلۇپ 10 ئايلىق بولغاندا ، بالىنىڭ سالامەتلىكىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن . ئۈرۈمچى 1- خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ تەكشۈرگەندە ، بالىغا مېڭە سۇيۇقلىقى ئايلىندىغان تومۇردا توسۇلۇش بار ئىكەن – دەپ دىئاگىنوز قويغان . ھەم جىددىي ئوپىراتسىيە قىلىپ ، سول قۇلاق تۈۋىدىن تومۇر ئورنىغا سۇلياۋدىن بولغان تۇربا قويۇش كېرەكلىگىنى ھەم بۇ تۇربىنى بالا سەككىز ياشقا كىرگەندە يەنە بىر قېتىم ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان . لېكىن ئارلىقتىن بىر يىل ئۆتمەي بالىدا يەنە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن . بالىنى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى يەنە شۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ تەكشۈرتكەندە ، تۇربا سېلىنغان يەردە يېرىڭداش بۇلۇپ ھەم بۇ يېرىڭنىڭ مېڭىگە تارىغانلىقىدىن ئىبارەت دىئاگىنوزنى قويۇپ ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئوپىراتسىيە قىلىپ سۇلياۋ تۇربىنى ئېلۋەتكەن . ھەم بالىنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز مۇقۇملاشقاندا يەنە بىر چوڭ ئوپىراتسىيە قىلىپ مېڭىدىكى يېرىڭنى تازلايدىغانلىقىنى ھەم سۇلياۋ تۇربىنى بۇرۇنقى سول تەرەپتىن ئۇلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ، ئەمدى ئوڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئۇلايدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئوپىراتسىيە ھەققىي ئۈچۈن60000 ( ئاتمىش مىڭ يۈەن ) كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان . بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىش ئورنى يوق ، دادىسى كېسەل ، ئائىلە ئەھۋالى قىيىنچىلىق بولغاچقا ، كەڭ تورداش قېرىنداشلارغا بۇ مۇراجەتنامىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇق . كەڭ تورداش قېرىنداشلارنىڭ ئۆز-ئارا ، دوستلارنىڭ – دوستلارغا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ، كەڭ ساخاۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ئاز – ئازدىن بولسىمۇ سۇنغان ساخاۋەت قوللېرى ئارقىلىق ، بىر ئەقىللىق ، زېرەك سەبىي بالا يەنە بىر قېتىم ھاياتلىققا ئېرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس – دىگەن چەكسىز ئارزۇ – ئۈمۈتتىمىز . كەڭ ساخاۋەتچى دوستلارنىڭ ئىشلېرىغا چەكسىز بەركەت ، تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز . ئاللا سىزلەرگە چەكسىز ئەجىرلەر ۋە بەركەتلەر ئاتا قىلسۇن !!! رەخمەت سىزلەرگە !!! دوختۇرخانا ئادىرېسى : ئۈرۈمچى 1- خەلىق بالىلار دوختۇرخانىسى ( بېيمىندا ) ، 10-قەۋەت 1- كارۋات يېزا قەرىز كوپىراتىپ (农村信用社)بانكا كارتىسى : بانكا كارتا ئىسمى :阿不里孜 كارتا نۇمۇرى:1883 6146 0880 6210 ئالاقە تېلفۇن نۇمۇرى : 18709944204 13319941265
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 10:35 PM
|
|
|
|
|
|