ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ
(ئۇچقۇنى)
باقسائوتتەك قىزارسا يۈزى،
قارالمىسا ئۇياتتىن كۆزى.
پەدىشەپنى ساقلىسا ئۆزى،
ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.
باش كۆزىگە رومالنى ئارتسا،
پۇت-قولىنى يۆگىسە ياپسا.
يات جىنىستىن ئۆزىنى تارتسا،
ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.
نامەھرەم دەپ قول تۇتقۇزمىسا،
نايناقشىپ ھەم قاش ئويناتمىسا.
ئىپپىتىنى جان دەپ قوغدىسا،
ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.
ئاي جامالى پەرداز كۆرمىسە،
ئاخشاملىرى سىرتتا يۈرمىسە.
تىل ئاڭلىسا يىغلاپ،كۈلمىسە،
ئاڭلا سېڭلىم ھايا دىگەن شۇ.
ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 12:41 PM