مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2551|ئىنكاس: 33

كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 01:39:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى


ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا، ياخشى ماقالىلەر ئۇچراپ قالسا، كۆچۈرۈۋېلىپ ساقلىۋېلىشنى ئويلايدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما بەزى تور بەتلىرى ئۆز تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى قوغداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈۋېلىشىنى چەكلەيدۇ.(مەسىلەن: جاھان مۇنبىرىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا شۇنداق چەكلىمە بار ئىدى، ھازىرقى نۇسخىسىدا بۇ خىل چەكلىمە يوق ئىكەن.) ئەگەر سىز بۇ خىل تور بەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە يارىغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ تۆۋەندە بۇ چەكلىمىنى بۇزۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1- ئۇسۇل:

كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى Win كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا شۇ). مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا بىزگە تونۇش بولغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن «كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەر ياكى Word دېگەندەك يېزىق تەھرىرلەش قوراللىرىغا چاپلىۋالساقلا بولىدۇ.

2-ئۇسۇل :

جاھاننامىنىڭ تۈرلۈك scripit پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى چەكلەش ئۇسۇلى نۇرغۇن تور بەتلىرى چەكلىمە قويۇپ قويغاندا پروگراممىغا تايىنىدۇ. بۇ پروگراممىلار scripit (脚本) پروگراممىلىرى بولۇپ، بۇ پروگراممىلار ئىجرا بولۇش ئۈچۈن ئابونتلارنىڭ جاھاننامىسىگە تايىنىدۇ. بىز دەل مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز. يەنى جاھاننامىنىڭ تىزىملىكىدىن « ھۆججەت- Intérnét تەڭشىكى » (工具-Internet选项) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بىخەتەرلىك»(安全) تاللانمىسىنى تاللاپ، ئۆزى بەلگىلەش دەرىجىسى (自定义级别) دېگەن تۈرنى «ئوتتۇرا» (中) دېگەن تۈرگە توغرىلاپ، ئاندىن scripit(脚本) دېگەن تۈر ئاستىدىن «ھەرىكەتچان scripit» (活动脚本) ۋە «jawa كىچىك پروگراممىلىرى»(jawa小程序脚本) دېگەن تۈرلەردىن « چەكلەش» دېگەن تۈرنى تاللاپ، بۇلارنى چەكلىۋېتىمىز. ئاندىن جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تەڭشەشنى ساقلاپ چېكىنىپ، قايتا بايامقى چەكلىمە بار تور بېتىگە كىرسەك، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىنى كۆچۈرۈپ ئالالايسىز. ئەمما سىز بەزى تور بەتلىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بايامقى چەكلىۋەتكەن ئىككى تۈرنى قايتىدىن قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

3- ئۇسۇل:

ئەسلى ھۆججەتتىن كۆچۈرۈش ئەگەر سىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ئانچە كۆپ بولمىسا، تور بەتنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى ئېچىپ، كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى چەكلىمە بار تور بېتىنى ئېچىپ، ئاندىن جاھاننامىنىڭ تىزىملىكىدىن « كۆرۈش- ئەسلى ھۆججەت» (查看-原文件) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەنگەن يېزىق تەھرىرلەش دېتالى(ئادەتتە خاتىرە دەپتەرنى ئاچىدۇ.) ئارقىلىق، شۇ تور بېتىنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان مەزمۇننى تاللاپ، كۆچۈرىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.

4- ئۇسۇل:

رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى Snagit بولسا داڭلىق رەسىم تۇتۇش دېتالى. ئۇ يالغۇز ئادەتتىكى رەسىملەرنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە كۆزنەك، تور بېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خەت-يىزىقلارنى تۇتالايدۇ.(ئەمما بۇ ئىقتىدارنى مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم) بىز بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، چەكلىمە بار تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرەلەيمىز. يەنى ئالدى بىلەن Snagit قوزغىتىپ، ئاساسى كۆزنەكتىن Capture دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، «خىزمەت ھالىتى» (mode) دېگەن تۈرگە «تېكىست»(text) دېگەننى تاللاپ، ئاندىن بۇ ئارقىلىق چەكلىمە بار تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى تاللىساق بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن «باشقا نامدا ساقلاش»(save as) بۇيرۇقىنى باسساقلا، بىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى دەرھاللا يىڭى بىر ھۆججەتكە چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ دېتالنى ئۆزۈم ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بۇ دېتال بەلكىم يۇنىكودنى يا قوللايدۇ يا قوللىمايدۇ. ئەگەر قوللىمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى مەزمۇنلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا سىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ئاز بولسا، بۇ دېتالنىڭ رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق رەسىمگە ئېلىپ تۇرۇپ كۆچۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.ياكى رەسىم تۇتىدىغان باشقا دىتال ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

5- ئۇسۇل:

Word دىن پايدىلىنىش بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان Word ئارقىلىقمۇ، چەكلىمە بار تور بەتلىرىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. سىز پەقەت ئالدى بىلەن شۇ چەكلىمە بار تور بېتىنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئاندىن Word نى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «ھۆججەت- ئېچىش» بۇيرۇقىنى بېرىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ھۆججەت ئىسمى دېگەن يەرگە بايامقى تور بەت ئادرېسىنى چاپلاپ، ئېچىش دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بۇ چەكلىمە بار تور بېتى Word دا ئىچىلىدۇ. ئەمدى سىز قايسى يەرنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز خالىغانچە كۆچۈرەلەيسىز.

مەنبە : ئۆزەمنىڭ ئۈگەنگەنلىرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 01:39 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yoltap + 10 ئەسقاتقىدەك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79529
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 10:29:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوپ رەھمەت سىزگە ، بىلمىگەنلەرنى بىلىۋالسىم ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41802
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3272
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 10:51:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچىۋالا ئاۋارە بولغىچە كۆچۈرمەيمەن مەن ...................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12643
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 11:56:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلەرنىڭ چاپىندا  تەرلەش ياخشى ئىش  ئەمەس  ،

TOM-AND-JERRY

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1295 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇمپىيۇتۇر بىلىملىرىڭىز يامان ئەمەسكەن ھە ؟  

كەمچىللىكى كۆپ ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ كۆپ بۇلدىكەن.

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20451
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 783 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىر سىناۋاتىمەن ئەگەر ئەپلەشمەيلا قالسا تۈگەشتىم دەپ ئويلاۋېرىڭ.شۇڭا تېما كۆچۈرۈشۈمنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولىشىنى تىلەڭ.چۈنكى مەن قاشتېشىغا يوللىغان بىر تېمامنى باشقا توربەتلەرگە يوللىيالمىغان سەۋەبى قاشتېشىدىن بىر نەرسە كۆچۈرگىلى بولمايدۇ.

سەل تۇرۇپ سىز بىلەن يا ھىساپلاشقىلى يا رەخمەت ئېيتقىلى كىلىمەن مەن سىزىپ قويغان سىزىقتىن چىقىپ كەتمەي ساقلاپ تۇرۇڭ بولمىسە ھە،،،بىلىسىزغۇ...،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كارۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 12:15 PM  


ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:16:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-6-27 12:14 PM
مەن ھازىر سىناۋاتىمەن ئەگەر ئەپلەشمەيلا قالسا تۈگەشتى ...

ساقلايمەن كارۋان ...5نىڭ بىرنى ئىشلىتەلمىسىڭىز  دۇنيادا سىزدىن ئۆتە دۆت ئادەم يوق
ھېچ بولمىسا كوپىيۇتېرىڭىزغا كۈندە نەچچە بېرۋاتقان ھېلقى ۋېروسنى ئۇنۇتماڭ ھە

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2196 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن مۇرەككەپ ئۇسۇل بۇ ، ئاددىراقى يوقمۇ

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-6-27 12:29 PM
نىمىدىگەن مۇرەككەپ ئۇسۇل بۇ ، ئاددىراقى يوقمۇ

5-ئۇسسۇل ئەڭ ئاددىكەن

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

♥ غۇرۇرلۇق بول ئۇيغۇر بولساڭ ♥

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 1885
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2196 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:45:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-6-27 12:40 PM
5-ئۇسسۇل ئەڭ ئاددىكەن

شۇنداما يا ، مەن بىر يادلىۋالاي ئەمىسە

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش