مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1905|ئىنكاس: 26

ئايرىلغاندىن كىينكى يېزىلغان مۇھەببەت خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75569
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3338
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 12:43:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالام دوسىتلار ، ياخشىمۇسىلەر ؟... سىلەرگە ئەمىليەتتە يۈز بەرگەن يەنە بىر مۇھەببەت ھېكايسىنى مۇناسىۋەتلىك شۇ كىشلەرنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ئاندىن سىلەرنىڭ كۈرۈپ بېقىشىڭلارغا سۇندۇم ، پايدىلىق جايلىرى بولسا بىرگە بەھىرلەنسەك دەپ ئويلايمەن .

كۆڭۈلدىكى سۆزلەر

     ياخشىمۇسىز ؟ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئۇ جايدا  ياخشى تۇرىۋاتامسىز ؟  ئاتا – ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزمۇ ياخشى تۇرىۋاتقاندۇ ؟ خىزمەت ئىشلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق كىتىپ بارامدۇ ؟...

بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ناھايتى ياخشى ، مەنمۇ ھەم ناھايتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن .

بەزىدە  تۇرمۇشتا بۇلۇپ ئۆتكەن بىر قىسىم ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر قىسىما بۇلۇپ قالىدىكەن ، ئويلىغانسىرى بۇ دۇنيانىڭ مۇرەككەپلىكى ، تۇرمۇشنىڭ ھەرخىل مۈشكۈل يوللىرىنى  ، ياخشى – ياماننى  ئاستا – ئاستا چۈشىنىپ يىتىدىكەن ، بەزىدە ئادەم ئۈزىنىڭ كەم ئەقىللىقىدىن ئاغىرىنسا ۋە بەزىدە باشقلاردىن  ئاغرىنىپ ئۈتىدىكەنمىز ،   بۇلۇپمۇ مەندەك كۆڭلى گۈزەل ئارزۇغا تولغان ھەمدە  بۇ گۈزەل ئارزۇلىرىنى قانداق قىينچىلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر كۆڭلىدىكى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قەتىئىي بەل باغلىغان ، بىراق مىڭبىر جاپادا تاللىغان بۇ ھەمراھىنىڭ تۇيۇقسىز تۇرمۇشتىكى يۇلۇققان كىچككىنە سىناقتىن ئۆتەلمەي بۇ ئارۇزلاردىن تېخىمۇ يىراقلاپ كىتىپ بارغانلىغىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ھەمراھىغا قاراپ ئەپسۇسلىنۋاتقان مەندەك بىر يىگىتكە نسىبەتەن بۇ تۇرمۇشنى چۈشنىش تېخمۇ ئېنىق بولدى .

ئىلگىرى سىز ۋە سىزنىڭ ئۈيدىكىلەر ماڭا چۇڭقۇر ئىشەنىچ ۋە ئۈمىد بىلەن قاراپ ، ياراتقان ئىگەمنىڭ مۇشۇنداق بىر << ياخشى بالا >>نى سىلىگە ئۇچراشتۇرغىنىغا چىن كۆڭلىڭلاردىن خوشال بولغان بولساڭلار  ، ھازىر بەلكىم ماڭا  ئىچ – ئىچڭلاردىن ئۆچ بۇلۇپ كەتكەنسىلەر ...

لىكن مەن كىم بىلەنلا تۇنۇشماي ئۇ ئادەم ماڭا ئۆچ بۇلۇپ قالمىسىكەن – دەيمەن ، چۈنكى ئۈزىنى باشقىلارغا يامان كۆرسىتىپ قۇيۇش شۇ ئادەمنىڭ ئۈزىنىڭ ئاجىزلىقى ھەم شۇنداقلا بىز ئادەم ، بىز ئادەملەر ئارىسىدا ياشايمىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئۇچرىغان ئادەم كىم بۇلىشدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئادەم بىلەن ياخشى ئۈتشىمىز كېرەك ،چۈنكى بۇ بىر ئىنسانلار ئارىسدىكى مۇناسىۋەت، ھەم شۇنداقلا سىزگە ئۇچرىغان ھەر بىر ئادەم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا قانداق ئەھۋالدا بۇلىشىدىن  قەتئىينەزەر ھەرگىز سەل قارىماڭ ، چۈنكى سىزگە بەرگەن ئەقىلنى خۇدايىم ئۇئادەمگىمۇ كەم قىلماي بەرگەن .

مەن بۇنداق دىسەم ماڭا قارىتىپ دەۋاتىدۇ – دەپلا ئويلاپ قالماڭ ، بۇ گەپلەرنى مەن ئۈزۈمگىمۇ دەۋاتىمەن ، چۈنكى مەنمۇ سىز بىلەن تۇنۇشۇشنىڭ ئالدىدا بەزى ئىشلارغا سەل قارىغانلىغىم سەۋەبىدىن خېلى كۆپ ئازاپلارنى تارتقان ھەم بىر قىسمى ھازىرغىچە تېخى تۈگىگىنى يوق . ھازىر سىز ۋە مەن يۇلۇققان بۇ ئازاپلارنى نىمەن ئۈچۈن تارتىۋالغانلىغىمىزنى  سىزنىڭ بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ...

مەيلى بىلگىڭىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن مەن سىزگە دەپ بىرەي ، لىكىن سەۋەبىنىلا ئېيتاي .

سەۋەبى : ئالدىراڭغۇلۇق  ، سەۋرچان بولماسلىق ،  قانائەت قىلماسلىق ، باشقىلارغا سەل قاراش .

ئارىمىزدىكى بىر قسىىم كۆڭۈلىسز ئىشلار تۇسۇۋالغلى بۇلمىغۇدەك دەرىجىدە يۈز بىرىپ كەتتى ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق يۈز بىرىىپ كىتىشنى مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان . ئىللىق باھارنىڭمۇ قەھرىتان سۇغۇقى بولغاندەك ، ھەرقانداق شېرىن مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشنىڭمۇ بىر كۈنلەردە ئۇچرايدىغان قاتتىق سىنىقى ۋە جاپا- مۇشەققىتى بۇلىدۇ ، شۇندىلا ئادەم تۇرمۇشىنى ھەققىي  چۈشنىپ يىتىدۇ  ۋە تېخمۇ ئىرادىلىك ۋە سەۋرچان بۇلىدۇ .  تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بۇلىدۇ .

   مەن بۇيەردە سىز گە ئۈزۈمنىڭ ئازابلىق ھېسىياتىمنى بىلدۈرمەكچى ئەمەسمەن . چۈنكى سىز ۋە ئاتا – ئانىڭىزنىڭ  ھازىر تارتىۋاتقان ئازابلىرى بىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بۇلۇپ كەتتى ، بۇنىڭىدىن مەن ناھايتى خىجىل  ، بۇ يەردە مەن پەقەت سىز ۋە سىلەردىن  كەچۈرۈڭلا دىيەلەيمەن .

بىراق بۇخېتىمدە ئاساسلىقى ئىككىمىز تۇنۇشقاندىن بىرى  ئارىمىزدا بۇلۇپ ئۆتكەن بىر قىسىم ئىشلارغا نىسبەتەن ئويلىغانلىرىمىنى دەپ ئۆتمەكچى ، چۈنكى بىز ئىلگىرى بۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان بۇلساق  ، مەيلى  بىز  ھازىر توي قىلغان بۇلايلى ياكى توي قىلمىغان بۇلايلى ، ئارىمىزدا بۇنداق كۆڭۈلىسز ئىشلار يۈز بەرمىگەن بۇلاتتى ، ئەڭ مۇھىمى ئاتا – ئانىمىزنىڭ كۆڭلى ئازار يىمىگەن بۇلاتتى . چۈنكى بىز كىين نىمە ئىشلار يۈز بىرىدىغانلىغىنى ئالدىن بىلەلمىسەكمۇ ئەمما بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا بېسىپ ئۈتىدىغان يۇلى (خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى ) ئۇ ئادەمنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پۇزىتىسىيەسىگە باغلىق ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىلىمىز بۇندىن كىين قانداق يولدا مېڭىشىمىزدىن قەتئىينەزەر  بۇ نۇقتىلارغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك . چۈنكى بۇ بىز ئۈزىمىز ۋە ئاتا – ئانىمىز ئۈچۈن .

ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كېلەيلى .

مەن  ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئىشسىزلىق ۋە يتىمچىلىك ۋە يالغۇزچلىقنىڭ دەردىدە مانا 26 ياشقا كىرىپ قاپتىمەن ، شۇڭا يالغۇز ئاپامنى خوش قىلاي، تۇرمۇشمىنى تەرتىپكە سالاي ، ئارمانلىرىغا تەڭ يىتەي دەپ ئۇنىڭ ۋە بۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ يۈرۈپ ، ئاخىرى خۇدايىم نىسىپ قىلىپ قىلىپ سىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ،  مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن بىرى ئادەمنىڭ تۇرمۇشتا ياشىغاندا ئۈزىنىڭ ئەقىلىگە ، جاسارىتىگە ، ئىرادىسىگە تايندىغانلىغنى  ۋە ھەر دائىم خۇداغا  تەۋەككۈل قىلىپ ، ئۇنىڭدىن تۇرمۇشىمىزغا  خاتىرجەملىك تىلەپ ۋە ياد ئىتىپ ياشايدىغانلىغىمىزنى  ھىس قىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئاز بولسمۇ بىرۋاق ناماز ئۇقۇپ ، ئۈزۈمنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ بەختىنى تىلدىم ، ئۈزۈمنىڭ ياخشى بىر ھەمراھقا ئىرىشىپ ئارزۇلىرىمغا تەڭ يېتىشمىزنى ئۈمىدقىلدىم . خۇدايىم سىزنى ئۇچراشتۇردى . مىنىڭ نىمە ئۈچۈن سىزنى بەڭ چىڭ تۇتقانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ مەن سىزگە دەپ بىرەي

سىز بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن سىزدىكى بىر خىل قىزلارغا خاس لاتاپەت ۋە زىرەكلىكنى تۇنۇپ يىتىش بىلەن بىرگە ھەم  سىزدىكى بىرخىل ئالدىراقسانلىق ۋە  ھاكاۋۇرلىقنىمۇ تۇنۇپ يەتتىم .

ئەلۋەتتە مەندىمۇ خېلى كۆپ نۇقسانلار بار ، بولمىسا مەنمۇ بۇنداق كۈنگە قالمىغان بۇلاتتىم .

ھەم شۇنداقلا سىزمۇ قانائەتچان بولغان بولسىڭىز ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلمىغان بولسڭىز بۇ كۈنگە قالىمىغان بولاتتڭىز ،خەتنىڭ  بۇ يەرلەرنى ئۇقۇپ يەنە ئاچچىقلىنىپ بۇ خەتنى يىرتىپ سالماڭ .

پۇتاقسىز دەرەخ بولماس ، نۇقسانسىز ئادەم ، ئەمدى ئۇچرىغانلا كىشىگە نۇقسان قۇيىۋەرسەك بىز قانچلىك ئادەم ؟ بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتمەكچى؟ شۇڭا يەنىلاخۇدايم كۆڭلۈمگە سالغاننى چىڭ تۇتاي دەپ ئويلدىم ، ھەم بىر قىسىم مىجەزىڭىزگە قاراپ ،  ئېزىپ كېتشڭىزدىن بەك ئەندىشە قىلدىم . چۈنكى بىر ئادەم  بىرىسىنى ياخشى كۆرسە ئۇنىڭ جاپاسىغا چىدىماي ئامال يۇق ئىكەن .

شۇڭا سىزنى خاتىرجەم تۇيىمىز بولغىچە ئېزىپ كىتىپ قالمسىۇن دەپ كۈچىمىنىڭ بارىچە ئۇنى – بۇنى قىلىپ كۆڭلىڭىزنى ئېلىشقا ، ئىشلىرىمىزدا قانداق قېينچلىققا ئۇچرايلى ئۈزىڭىزگە ئىشنىشكە ، ئىرادىلىك بۇلۇشقا ئۈندىدىم ،ھىكمەتلەر،گۈل  ۋە بىرقسىم لاھىيلىگەن نەرسىلەر دەل شۇنىڭ دەلىلى .

يەنە بىرسى سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئېتقادى ، چۈنكى مەن بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنى كۆرگەن ، ئۇلار پەرزەنتىلىرىگە پەقەت ئۈلگە بۇلالمايدۇ . ئاتا – ئانا پەرزەنتىلىرىگە چۇقۇم ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بۇلۇشى  بۇلۇپمۇ ئۈزىنىڭ ئىېتقادىنى پەرزەنتىلىرىگە چۇقۇم سىڭدۈرۈشى لازىم .

بۇ خەتلىرىمىنى ئۇقۇغان چېغىڭىزدا سەۋرچان بۇلۇڭ ، ھەم ئانچە – مۇنچە ئويلىنىپ قۇيۇڭ .

گەپنى مۇنداقلا دەي ، نىمە ئۈچۈن بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەردى ؟ شۇنىڭغىلا جاۋاپ بىرەي .

توغرا ، بىز تۇنۇشۇپ كىينچە  مەن تۇنجى قېتىم سىلەرنىڭ ئۆيگە بېرىپ كەلگەندىن كىين ئاتا – ئانىمىزنىڭ ماقۇللىغى بىلەن بىزنىڭ كۆڭلىمزمۇ خېلى خاتىرجەم بۇلۇپ قالغان ئىدى .

بىراق شۇ بىر مۇقىم خىزمەت توي ئىشمىزغا مەلۇم توسالغۇ ئىدى ، لىكىن  شۇچاغدا ھىچكىم ئۇنداق دەپ قارىمىغان ئىدى . بۇ جەھەتتە سىز ۋە ئاتا – ئانىڭىزنىڭ پىكىرىمۇ خېلى  ئېنىق ئىدى .

دەل مۇشۇ قاراش  بولغانلغى تۈپەيلىدىن مەن سىزگە ۋە ئاتا – ئانڭىزغا  چۇڭقۇر ئىشەنگەن ئىدىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەردىن خېلىلا خاتىرجەم بولغان ئىدىم . يەنى كۆڭلۈمدە ھەرئىككىلىمىزنىڭ ھازىرچە يۇقىرى مائاشلىق خىزمىتى بولمسىمۇ ئەمما تىرىشچانلىقىمزغا تايانساقلا تۇرمۇشىتىكى يۇلۇققان تۈرلۈك  قېينچىلىقلارنى  ھەل قىلىپ كەتكىلى ۋە ياخشى خىزمەتكىمۇ چۇقۇم ئىرىشكىلى  بۇلىدۇ – دەپ قارىغان ئىدىم ،ھەم  سىزمۇ شۇنداق دەپ قارىغان ئىدىڭىز .

بىراق ئىشلىرىمىز  ئاخىرىغا بېرىپ  نىمە بولدى ؟ بىلمىدىم ،  سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بېشىدا توغرا دەپ قارالغان ئىشلار خاتاغا قاراپ يۈزلەندى . مەن بۇنى "تۆت قۇلاق " ئوتتورىغا چىققاندىن باشلاپ ھىس قىلغان ئىدىم ،يەنى سىزنىڭ ئاخىرقى قېتىم  كونا جايغىچە ئۇزىتىپ قۇيۇشقا رەت قىلغنىڭىز ، تۆت قۇلاققا سەل قارىغىنڭىز ، ئۇچۇردا سىزنى يغىشتۇرۇپ قۇيىمەن ، بىز تېخى مۇشۇنداقلا ياشاپتىمىز ، يەنە ئاتا – ئانام سىز بوش تېرىشسىڭىز ئۇنداق ئاسان بەرمەيدۇ ....دىگەنلىرىڭىز .

ئەمما سىزگە بۇ گەپلەرنى يۈز تۇرانە دىيشكە كۈڭلۈم ئۇنىمدى ، چۈنكى بىرسى ئۇۋاقتتىا سىزنىڭ يەنە بىر قېىتم ئەيبلىشڭىزگە ئۇچراپ قېلىشتىن قۇرقتۇم ، يەنە بىرىسى بۇگەپلەرگەقارىتا  مەن سىزگە بىرنەرسە دىسەم ئۇ چاغدا سىزنىڭ مەندىن بەل قۇيۋېتىدىغانلىڭىزىنى ھىس قىلدىم .

شۇڭا نەچچە ۋاقتتىن بىرى تارتقان جاپايىمغا بولسىمۇ سەۋر قىلىشنى ، چىداشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم ،

ھەم سىزمۇ ئاخىرىغا بېرىپ توغرا دىگەن قاراشلىرىڭىز ئۆزگىرىشكە باشلىغاندا كۆڭلىڭىزدىكى بەزى ئۇيلىغانلىرىڭىزنى ماڭا ئۇچۇق – ئاشكارا دېيشىگە جۈرئەت قىلالمدىڭىز ، چۈنكى سىزمۇ ماڭا ئىلىگىرى بىر قسىم گەپلەرنى قىلغان ، شۇڭا بۇنداق دىسىڭىز سىز ئېنىقلا ماڭا يۈز كېلەلمەيتىڭىز. شۇ ۋاقىتتا ئويلىسام ھەر ئىككلىمىز چوڭ  بىر سىناققا دۇچ كەلگەن ئىكەنمىز . ئۇچرىغان بۇ سىناقلارغا لايىق ئارىمىزدا 6 بىلەن 9 نىڭ پەيدا بۇلۇپ قېىلىشنى ئۇيلىسام ھازىر  كۈلگۈم كىلىدۇ . چۈنكى بىز ئۇچرىغان بۇ سىناقلارغا لايىق يۇلنى تاللاشنى بىلىپتىمىز ، ئەمما تاللىغان بۇ يۇلدا چىڭ تۇرۇشنى بىلمەپتىمىز ، يەنى  سىز 9 نىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالماپىسىز .

توغرا ، مەن سىزنى چىن كۆڭلىمدىن ياخشى كۆرگەچكە سىزنىڭ ئارزۇلىرىڭىزغا ھۆرمەت قىلدىم ، چۈنكى ئاتا – ئانىڭىزمۇ سىزنى تۇسىيالمىغان تۇرسا مەن سىزگە يەنە نىمىمۇ دىيەلەيتىم .

شۇڭا گېپىمدە تۇرۇپ ،  ئاقسۇدا بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم ، لىكىن ئاپامنىڭ قۇشۇلماسلقىدىن ئەنسىرەپ دەماللىقا بۇ گەپلەرنى ئاپامغا ئېيتالمدىم ، شۇنداق بولسىمۇ ئىرادەم ناھايتى چىڭ ئىدى . ئەمما سىزنىڭ تۇيۇقسىز دىگەن بىر ئېغىز سۈزىڭىز مىنىڭ بۇ ئىرادەمنى بوشاشتۇرۇپ قويدى  ، يەنى << ئاپىڭىز سىزنىڭ ئاقسۇغا بېرىشڭىزغا قۇشۇلمىسا ، سىزدىن ئايرىلىپ كىتشكە رازى >> دىگەنلىرىڭىز ، ھەم نىمىشقا ئالدىراپ بۇنداق دەيسىز دىسەم << كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلۈم ئاشكارە >> دىگەنلىرىڭىز  ماڭا خېلىلا قاتتىق تەسىر قىلدى ، بۇ گەپلەر سىزنىڭ ماڭا بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتكىنىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ ؟ ياكى مىنى بەك ياخشى كۈردىغانلىغىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ ؟ سىز بۇگەپلەرنى دىسەم مىنى قانداق ئويلاپ قالار دىگەننى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇگەپلىرىڭىز  بىلەن ئىلگىرىكى گەپلەر ئوتتورىسىدا خېلى بەك پەرق بار . لىكىن سىز بەك ئەخمەق ، ئالدىراڭغۇ ئىكەنسىز ، ھەرقانچە بۇنداق ئۇيلىسڭىزمۇ ، بۇ گەپنى ۋاقتىنچە دىمەي تۇرۇپ تۇرسڭىز بۇلاتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيلىدىم ، سىزدە بۇ << كېسەل >> خېلى بۇرۇنلا باشلنىپتكەن ، لىكىن مەن بۇنچىۋالا يامان ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن .  مۇشۇ گەپ چىققاندىن باشلاپ سىز باشقىچىلا ئۆزگىرىپ كەتتڭىز  ، شۇنىڭدىن كىين بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزمۇ بارا-بارا يىرىكلىشىپ كەتتى ، ئىسڭىزدە بارمۇ ؟ ..ھېلىقى قارياغقان سىڭلىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈندە بىز يەنە كونا جايدائۇچراشتۇق ،                                                         مەن  شۇكۈنى كۈرۈشكەندە سىز بىلەن چىرايلىق ئايرىلىپ كىتىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم .

شۇكۈنى سىزنىڭ ھەممە نەرسلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ قايتۇرۇپ بەرگىلى ھېلىقى قارا سومكامغا سېلىۋالدىم ، ھەم شۇنداقلا ئۈمىداۋار بۇلۇپ سىزگە سۇۋغاتلىقمۇ ئېلىۋالدىم ، بىز ھېلىقى چايخانىدا ئولتۇردۇق ، شۇۋاقىتتا مەن سىزگە گەپ باشلاپ ئىشلىرىمزنى مۇنداق قىلايلى – دەپ ئېغىز ئېچىشىمغا سىز مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ باقمامسىز ؟ دەپ ئاچچىقلاندىڭىز ، ماقۇل دەپ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلىدىم ، گەپلىرىڭىز شۇنداق ياخشى بولدى، مەنمۇ خوشال بولدۇم، سۇۋغاتلارنى سىزگە سۇندۇم ، بۇۋاقتتا سىزنىڭ ھېلىقى دىگەن گەپلىرىڭىزمۇ مىنىڭ ئېسىمدىن كۆتىرىلىپ كەتتى ، شۇكۈنى ھەرئىككىلىمىز ناھايتى خوشال بولدۇق . ھازىرمۇ شۇۋاقتىلار ، شۇ سۆزلەر ئېنىق ئىسىىمدە تۇرۇپتۇ  .

ئاخىرى سىز ئۇ جايغا باردىڭىز ، بېرىپ ئۈچ كۈن بولغاندا تېلفۇندا يېغلاپ كەتتڭىز ، مەن شۇۋاقىتتا سىزگە ئېيىتتىم ، << سىز ئۈچ ئاي بولسىمۇ چىداڭ ، ئۈچ ئايغىچە بارالىسام بارالىدىم ، بارالمىسام سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن >> دىدىم ،ئەلۋەتتە ، مەن شۇنداق قىلماقچى ئىدىم ، مەن ئۇجايغا بارىمەن – دەپ تىرىشىپ باقاتتىم ، ئۈچ ئاي ئىچىدە بارالماي قالسام  ، ئۇچاغدا ئەلۋەتتە سىزنى قايتىپ كىلىڭ دىگىلى بولمايدۇ ، مەن ئۇۋاقىتتا  ئۇ جايغا بىرشىتىن يەنى سىزدىن ۋاز  كېچەتتىم  ،ئاتا – ئانا قۇشۇلمىسا بالىغا نىمە ئامال بار دەيسىز ،  شۇ ۋاقىتتا سىز ماڭا ئۈچ ئاي ئەمەس مەن بارىدىغان  ئىش بولسا ئۇنڭىدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت بەرداشلىق بېرىدىغانلىڭىزنى ئېيتىقان ، مەن خۇشال بولغان ئىدىم ، يەنىلا سىزدىن خاتىرجەم بۇلالمدىم،ئەمما سىز ئۇ جايغا بېرىپ ئون كۈن بولماي ئاپىڭىزنىڭمۇ پۇزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى مېنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرۈدى ، گەپنىڭ قىسىقىسى بۇ گەپلەرنى ئەسلى مەن دىسىەم توغرا بۇلاتتى . بۇ ۋاقىتتا سىلەرمۇ ئاخىرىدا ھىچقانداق تەڭلىكچىكىتە قالمايتىڭلار . چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا  دادىڭىز ، ئاپڭىىز ماڭا نىمىلەرنى دىمىگەن ؟......

بۇنداق دېسەم سىز ھەيران قالماڭ ، سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز تۆت بالىنى  بېقىپ چوڭ قىلغان ، ئەڭ كىچىكى سىز ، مەيلى مېنىڭ ياكى سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز بولسۇن ئۇلار بىزنىڭ ئۈلگىمىز ، ئۇلار ھەرۋاقىت بىزگە توغرا تەربىيە بىرىشى ، توغرا يولغا يىتەكلىشى ۋەسۆز-ھەرىكەتتە بىزگە ئۈلگە بۇلىشى لازىم . ئەلۋەتتە ، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بىزنىڭ توي ئىشىمىزغا رازىلىق بىرىپ بولغانلىغنى بىلىسىز ، يەنى شۇنچىلىك دەرىجىدە بىزگە ئىشەنگەن ئىدى، مەن بۇ يەردە ئاتا – ئانىڭىزنىڭ رازىلقىنى تۇتۇۋالماقچى ئەمەسمەن ، ئەلۋەتتە ، ئىشلار دىگەن بەزىدە ئۈزگىرىپ تۇرىدىكەن ، شۇنداق بولسىمۇ ئاتا – ئانىڭىز ئىلگىرى دىيلگەن گەپ- سۆزلەرگەلايىق بىزگىمۇ مۇۋاپىقىدا جاۋاب بىرىشى كېرەك ئىدى، ياكى سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارىدا بىز بۇنداق دىيشكە ئەرزىمەيدىغان كىشلەرمىزمۇ ؟ .....

يەنى ئاتا – ئانىڭىز  پۇزىىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن  ئىشلارغا مۇۋاپىقىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسا ، بىزدىمۇ ئارتۇقچە گەپ – سۈز يۇق ئىدى، مەنمۇ ئارتۇقچە سىلەرنىڭ ئۈيگە بېرىپ يۈرمەيتىم . چۈنكى بىر قىسىم ئىشلارنى خۇدايىم نىسىپ قىلمىسا ھىچقانداق بەندىسىگە ئامال يوق .  

ئەمدى مەن نىمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئۈيگە بارغانلغىمنى دەپ بەرسەم ئىش مۇنداق  :

ئىشلارنىڭ بېشى ياخشى باشلىنىپ ، ئاخىرى ھەرقانچە شۇنداق بۇلۇشقا نسىپ بولمىسمۇ ، ئەمما بەزى ئىشلارغا بەك پەرۋاسىز قارىدىڭلار   ، بۇنىڭدىن مەن ۋە ئاپامنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى .

ئۈزۈمنى شۇۋاقىتتا ئىنتايىن بېچارە ، ئەخمەق بولغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىدىم .

ھەم سىزگىمۇ مائاشى ئاز بولسىمۇ ئەمما مۇقىم خىزمەت تۇرۇقلۇق سىز ئۇنىڭغا شۈكىرى قىلمىدىڭىز.

يەنى بىرىسى سىزنىڭ بۇ قېىتم توي ئىشىدا گېپىڭىزدە تۇرماسلىقىڭىز تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس .

مەن ئويلاپ باقسام XX نىمۇ مۇشۇنداق ئالداپ قۇيۇپتىكەنسىز ، بېچارە يىتىمغا ئىچىم ئاغىرىۋاتىدۇ ، سىزمۇ بەك دۆتكەنسىز ، سىزمۇ ئۇ يىگىتكە ياتلىق بۇلۇشى خالىمغاندىكىن بالدۇرلا ئۇنىڭ تەلپىنى رەت قىلىپ ، ئۇنىڭ ھىچنىمىسىگە يېقىن كەلمىسڭىزلا بۇلاتتى ، مەن ئۇ ئىشلارنى بىلمىسەممۇ ، بەزى ئىشلارنى ھىس قىلالىغۇچلىكىم بار ، يەنى سىز شۇ ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم خاتالاشقان .

بولمىسا ئۇ يېتىم خېلى ئۇزاققىچە سىزگە ئاچچىقىداپ يۈرمەيدۇ ، ئەلۋەتتە ، بۇ بىر قىسىم ئىشلارنى سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز ئەلۋەتتە بىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سىز قايتا خاتالاشماسلقىڭىز كېرەك ئىدى .

سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزمۇ قايتا خاتالاشماسلىقى كېرەك ئىدى . بىراق ئىشلار  ئۇنداق بولمىدى .

ئىشقىلىپ سىزنىڭ ئۇ جايغا  خىزمەتنى دەپ كىېتىشڭىزنى ئىلگىرى ئارىمىزدا  بولۇنغان گەپ – سۆز ۋە ئىش - ھەرىگەتلەرگە نىسبەتەن مەن ئانچە توغرا كۆرمىدىم ، گەپ قىلسام سىز  ئاڭلىمىدىڭىز ،  شۇڭا  مەن ياخشى كۈڭلۈم بىلەن سىىلەرنىڭ ئۈيگە بارغان ئىدىم ، چۈنكى بىزنى يەنىلا ئاتا – ئانا باشقۇرىدۇ ، ھەم سىزمۇ ئاتا – ئانىڭىز  بىرىمەن دىگەن ئادەمگە ياتلىق بۇلىسىز  ئەمەسمۇ ؟...

بىراق شۇنچە ئۈمىدۋار بۇلۇپ ، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ  بارسام ، ھەممىڭلارنىڭ گەپ سۈزى ئوخشاش ئىگەن ، لىكىن سىزگە دىسەم شۇۋاقىتتا سىلنىڭ ئۆيگە كىرىش  خېلىلا تەس كەلگەن ئىدى . ئەپسۇس ،  كىرگىنىمگە چۇشلۇق بىر پىيالە چايمۇ يوق .ئۈزۈمنى ناتۇنۇش ئادەمدەكلا ھىس قىلىدىم .

سىزيەنە ئۆز پىكىرىڭىزدە چىڭ تۇرىۋالدىڭىز ، لىكىن بۇ قىلىشڭىز ئۆزىڭىزچىمۇ  ئانچە توغرا بولمىغان

ئاخرىىغا بىرىپ ئىشلار  يەنە كەينى – كەينىدىن ئۇلاپلا يۈز بىرىپ كەتتى .

ئاچىڭىز داستىخاننى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەندىن كىين بىز كەچ تەرەپتە ئايرىلىپ كەتكەن بولدۇق . لىكىن كۆڭلۈم راستىنلا بەك يېرىم بولدى، سىزگە سوۋغا قىلغان جىق نەرسىلەرنى بۇزۇپ يوق قىلىۋەتتىم  . باشقىلار تالاشىسىمۇ ئۇلارغا بەرمىدىم ، لىكىن گۈلنى ئاپام تېرىىيمەن دەپ ئېلىپ قالدى ، راسىت ، كالۋا ، سىزدىن سوراپ باقاي  ، مەن سىزگە ئاتاپ تۇنجى سېتۋالغان كۆڭلەكنى نىمە قىلدىڭىز ؟ نمىشىغا ئۇكۆڭلەكنى ئىككى پارچە قىلىپ پارچىسىنى قايتۇرۇپ بىرىسىز ؟

قارىغاندا ئىشلارنىڭ ئاخىرى  سىزگىمۇ خېلىلا ئېغىركەلگەن ئوخشايدۇ ؟- ھە !....

  سىز بىرۋاقىتا ماڭا << منىڭ خوشال ۋاقىتم قاچانلىققىمۇ كېلەر ؟>> دەپ سۇئال قويغان ئىدىڭىز. ئەمدى مەن سىزگە جاۋاب بىرەي ، سىز پەقەت ياخشى نىيەت بىلەن ئىش قىلىسڭىز ، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز  ، سەۋرچان بولىسىڭىز ، ئاندىن سىزنىڭ خوشال ۋاقىتڭىز توختىماي كىلىدۇ .

ھازىر مەندە پەقەت ھېلىقى ئىككى پارچە رەسملا قالدى ، شۇۋاقتتا بۇرەسملەرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

ئەينى چاغدا بۇ رەسىملەرگە خېلى قاملاشتۇرۇپ ئىسىم قۇيۇپتىكەنسىز ، مەن كىينچە ھېس قىلدىم .

شۇ كۈنى بىز ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن تاكى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمى بولغىچە يەنىلا ئىزچىل سىزنى ئويلاپ كەلدىم ، سىزنىمۇ پۈتۈنلەي خاتا قىلدى – دىگىلى بولمايدۇ ، خىزمەتمۇ مۇھىم ، ئەمما ئۈزىنى دەپ باشقىلارنىڭ كۆڭلنگە ئازار بەرمەسلىك لازىم-دە،سىزنى خىزمەتنىڭ قىزىقچىلىقىدا ئالدىراپ كىتىپ قىلىپ ھازىر بەلكىم كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىۋاتىدىغاندۇ – دەپمۇ ئۇيلىدىم .

بولسا گەپلىرىمىز بىر يەردە چىقىپ قالسا يارشىپ قالساق دەپ 3.14 كۈنىدە سىزگە ئۇچۇر يوللىدىم ، ئەمما كۈڭىلىدىكى گەپنى بەك ئۇچۇق  دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن ، بىراق ئويلمىغان يەردىن يەنە ياخشى بولمىدى ، ئۇچۇردا بولسىمۇ خېلى جىق گەپلەر بۇلۇندى ، سىزنى خېلىلا ئەيىپلەپ كەتتىم ، لىكىن سىز بۇنىڭغا ئۇنداق بەك ئاچچىقلىنىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ ، چۈنكى دەل سىزدىكى بۇ ئىرادىسىزلىك ۋە ۋاپاسىزلىق  ئاقىۋەتتە ئاتا – ئانىمىزنىڭ كۆڭلىنى خېلى يېرىم قىلدى ، سىزمۇ ۋە مەنمۇ دەردىنى خېلى يەتكىچە تارتتۇق . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزنى ئەيىبلىدىم ، چۈنكى بىر ئىرادىسى بار ئادەم تەستە ئىرىشكەن مۇھەببىتىنى ،ئائىلىسىنىڭ  يۈز - ئابرۇيىنى ، ئۈزىنىڭ ساپ ۋىجدانىنى ھەرگىزمۇ بىر ئاددى خىزمەتكە  تىگىشمەيدۇ ، بۇنى ھەم  باشقىلارمۇ توغرا چۈشەنمەيدۇ .

سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ ، ئىككىمىزنىڭ ئىشەنچىسىمۇ ئۇنداق ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس ، ئاتا – ئانىمىزنىڭ قوللىشىغىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىرىشكەنمۇ ئەمەس ، ھەم مۇۋاپىقىدا خىزمەتمۇ بار تۇرسا . ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئارزۇسىمۇ سىزنى ئۈزىگە يېقىن يەرگە ياتلىق قىلىش ئەمەسمۇ ؟...

يەنە سىز ئەينى ۋاقىتتا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا مەن ئۈچۈن قانچىلىك ياش تۆكمىگەن ، بۇلارنى نىمىشقا ئويلاپ قويمايسىز ، شۇۋاقىتتا سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىز  بىزنى قانداق ئويلىغان ؟...

بەلكىم سىز ئاخرىدامىنى مۇقىم خىزمىتى يوق ، تۇرمۇشتا جاپا تارتىپ قالىمەن– دەپ ئويلىغانسىز .

لىكىن بىرگەپ : جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق ، بۇلارنى چۈشەنمىسڭىز مەندىن باشقا مۇقىم خىزمىتى بارلارنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ ، ئۇكەمگىچە مەنمۇ يالغۇز ئاپامغا ياخشى قاراپ خۇدايىم نىسىپ قىلغان بىرسى بىلەن تۇيىمىنى قىلىپ ، يەنە  ياخشى خىزمەتكىمۇ  ئېرىشىپمۇ قالارمەن .

گەپنىڭ قىسىقى سىزدىكى  ھاكاۋۇرلۇق ، ئىرادىسىزلىك  ، ئاتا – ئانا ۋە مۇھەببەتكە بولغان ۋاپاسىزلىقىڭىز نەتىجىىىدە سىز مۇشۇنداق كۈنگە قالدىڭىز ، ئاتا – ئانىڭىزنى يەرگە قاراتتىڭىز .

كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى بار ئادەم ھەرگىز ئالدىراپ ئىرىشكەن ياخشى نەرسىلەرنى قولدىن بەرمەيدۇ . قانائەتچان كىلىدۇ ، چۈنكى بىر قىسم نەرسىلەرنى قايتا ئەكىلىۋالغىلى بولمايدۇ .

ئىسىڭىزدە بارمۇ ؟ "7.15" نى خاتىرىلەپ تۆت تال ئەتىرگۈلدىن بىر ئىسل ئەسەرنى ياساپ چىقتىڭىز ، مانا بۇ سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزنىڭ گۈزەللىكى ۋە سىزنىڭ ئىرادىڭىز  ھېسابلىندۇ .

سىز شۇۋاقىتتا بۇئەسەرنى ياسىغان ۋاقىتڭىزدا كۆڭلىڭىزگە بەلكىم خېلى كۆپ ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈككەن بولغىيتڭىز ؟... ھازىر قەلبىڭىزدە ئاشۇ ئارزۇ – ئارمانلاردىن نەچچىسى بار ؟ ئەلۋەتتە ئەينى چاغدا بۇ ئەسەرنى مۇنداقلا كۈڭۈل خۇشى ياساپ قويمىغان بولغىيتىڭىز ؟.... ئەگەر بۇ ئەسەرنى ۋەيران قىلىۋەتسىڭىز ، كۆڭلىڭىز بىرخىل بىئارام بولمامدۇ  ؟سىزگە يەنە پۇرسەت بارمۇ ؟ سىز بۇنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان ئارمانلاردىن شۇنداقلا ۋاز كەچمەكچىمۇ ؟ بۇلارنى ياخشى ئويلىنشىڭىز كېرەك.

بۇ دۇنيادا مال – دۇنيادىن باشقا يەنە قەدىرلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار ، لىكىن ھازىر  سىز بىلىپ – بىلمەي بىر قىسىم مۇھىم نەرسىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىسىز ، مۇشۇنداق كېتۋەرسىڭىز  ئەڭ ئاخىرى  سىز بۇ ھاياتىڭىزنى ئېچىنشىلىق ئەسلەش بىلەن ئۈتكۈزىسىز ، خالاس .

توغرا مەنمۇ مۇھەببەتىمىزگە ، كەلگۈسىمىزگە ئاتاپ بىر قىسىم نەرسىلەرنى لاھيلىگەن ، سىزمۇ بۇلارنى كۈرۈپ خېلى ھاياجانلانغان ۋە خوشال بولغان ئىدىڭىز  . بىراق ھازىرچۇ ؟ ....

ياكى سىز تۇرمۇشتا قىز – ئوغۇللار ئارا مۇھەببەتتە بۇنچىۋالا قىلىپ كىتىشىنىڭ رىئالىي تۇرمۇشتا ئۇنچىىۋالا ئەھمىيتى يوق دەپ قارامسىز ؟ لىكىن مىنىڭچە بۇ نەرسىلەر شۇ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ قانچلىك گۈزەل ۋە مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ . شۇڭلاشقا  مەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ نەرسىلەرنى جان تىكىپ قوغدايمەن ، چۈنكى بۇنەرسىلەرنىڭ ئىچىگە ئادەمگە لازىملىق ھەممە نەرسە ( مۇھەببەت،نىشان، ئىقتسىاد ...) ھەممىسى  يۇشۇرۇنغان ، بىز ئۈزىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تاينىپ ئۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىشىمز كېرەك . چۈنكى ياراتقان ئىگەم ھەر بىر ئىنسانقا ئۇنچىلىك پۇرسەتنى بەرگەن .  شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق لاھىيلىگەن نەرسىلەر سىز ۋە مىنىڭ تۇرمۇشتا يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشانمىز يەنى بىزنىڭ جاسارىتىمىز ھېسابلىندۇ .

شۇڭا ئازراق سىناقلاردىن ئۆتەلمەي بۇ تەستە تۇرغۇزغان نىشاندىن ئادىشىپ قالساق قەتىئىي بولمايدۇ . چۈنكى بۇ نىشانلارنى تۇرغۇزۇش مەن ۋە سىز ئۈچۈن ئۇنداق ئاسانغا توختىمىغان .

ئەمما سىزمىنىڭ بۇ ئىرادەمنى بىر نازۇكلۇق ۋە ئالغا باسالمايغان تەرەپ دەپ چۈشنىپ قالدىڭىز .

چوڭ ئاچىڭىز بولسا مىنىڭ بۇ ئويلىرىمىنى   << توخۇ پۇقى >> لىق دەپ چۈشنىپ قالدى .

سىزنىڭچە بولسا بۇ  نەرسىلەرنى شۇنداقلا يوق قىلىپ تاشلىۋەتسەك بەك خوش  بۇلامتىڭىز ؟...

ئەمەلىيەتتە بۇ نەرسىلەرنىڭ ۋەيران بۇلىشنى كىم ھەققىي كەلتۈرۈپ چىقارسا شۇئادەمنىڭ روھى دۇنياسىمۇ ئاللىقاچان تۈگەشكەن  بۇلىدۇ ، ئۇچاغدا بۇ ئادەمدە يەنە قانداق ئۈمۈد قالىدۇ ؟...

بۇ خەتنىڭ كەينىدە بىزنىڭ مۇھەببتىمىزنى خاتىرىلەپ لاھىيلىگەن ھېلىقى << گۈزەل ئەسلىمىلەر>> دىگەن رەسىم بار ، بۇنىڭدا ئىككىلىمىزنىڭ ئەجرى تەڭ بار ، بولمىسا بۇرەسىم ئۇنداق چىرايلىق ۋە  ئوبرازلىق چىقمىغان بۇلاتتى ، باشقىلار تۇرمۇشتا بۇنچىلىك بەختىنى تاپالماي ئاۋارە ،ئەمما بىز بولساق قەدىرىگە يەتمەي يۈرىۋاتىمىز،ئىشەنمسڭىز رەسىمگە ياخشى قاراپ بېقىڭ .

مەن لاھىيلىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككمىزگە ئاتاپ لاھىيلەنگەن ، سىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق ، ئەگەر ئىككىمزنىڭ توي قىلىشى ھەققىەتەن نىسىپ بولمىسا ، نىسىپ بولمىغان ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ نەرسىلەرنى يۇقىتىش كېرەك ، چۈنكى باشقىلارنى بۇنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ قايتىدىن باشلىشىمز كېرەك .

يەنە بۇنەرسىلەرنى ساقلاۋىرىش بىر ئەخمەقنىڭ ئىشى ، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى قىلالىغان ئىكەنمىز ، يەنە يېڭىدىن چۇقۇم قىلالايمىز ، ئەمما بىر ئىرادىلىك ئادەم مەيلى قانداق قېينچىلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر ئۆز ئەمگىكىنى ئۆزى ۋەيران قىلمايدۇ ، پەقەت باشقىلار بۇنى بىلىپ قەدىرىنى قىلالىسىلا .

مىنىڭ گەپلىرىم بەك جىق بۇلۇپ كەتتى ، بەزىدە بىر ئېغىز گەپنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇنچە   گەپ قىلىشقا توغرا كىلىدىگەن ، گەپنى يېغنچاقلىسام سىزمۇ ئاتا – ئانىڭىزغا ئىشىنسىز ، مەنمۇ ھەم شۇ ، بۇلۇپمۇ پەرزەنتىلەرنىڭ توي ئىشىدا ئاتا – ئانا بىزدىن كۆپنى بىلىدۇ ، مەن دىمەكچى ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ھەم سىزنىڭ مىنى تاللشىڭلار ھەرگىزمۇ خاتا ئەمەس ئىدى ، چۈنكى ئۇلار بۇ ئىشقا كەلگەندە ئاسانلىقچە  خاتالاشمايدۇ ، چۈنكى بۇ دىگەن  ئۈمۈرلۈك ئىش تۇرسا ،دەسلەپتىلا ئاپىڭىز بۇنى بايقىغان ، شۇڭا سىزگىمۇ مىنى چىڭ تۇتۇشنى ئېىيتقان بولغىيدى ،شۇنداق بولغاچقا سىزنىڭ ماڭا قانچلىك دەرىجىدەئىشەنگەنلىكىڭىز ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىغىڭىزنى بىللە چۈشكەن سۈرەتلەردىن بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ . بەلكىم ھازىر سىزدىمۇ ئۇسۈرەتلەر باردۇ ، سىزمۇ ياخشى قاراپ بېقىڭ .                             

بىراق سىز ئاخىرىغا بېرىپ ئىېزىپ كەتتڭىز ، بىلسىڭىز ئەگەر بۇ بىزگە نىسبەتەن بىر چوڭ  سىناق .

چۈنكى بۇدۇنيا مۇشۇنداق تۈرلۈك سىناقلارغا تولغان ، سىز ئۆتەلىسڭىز خوشاللىق سىزگە مەنسۈپ ، ئۆتەلمىسڭىز قايغۇ يەنىلا سىز گە ھەمراھ ، سىز يەنە بۇنداق قايغۇ ئىچىدە ياشىسىڭىز بولمايدۇ .

بەلكىم سىز دىيشىڭىز مۈمكىن ، ئەمدى پۇرسەت قالمدى ، ھەممىسى تۈگىدى – دەپ  .

لىكىن مەن  سىزگە دىسەم بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى رىسقىمىز تۆگەپ ، ئۇدۇنياغا كەتكەندىلا ئاندىن بۇدۇنيادىكى ھىچقانداق ئىشلارغا پۇرسەت قالمايدۇ ، ئەمما  بىز تېخى ھايات ياشاۋاتىمىز .

سىز ئۇنداق ئاسانلا ئۆز ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز بولمايدۇ ، ئۆز تەقدىرىڭىزگە كۈڭۈل بۈلۈڭ .

ھەم سىز ئويلاپ بېقىىڭ ، ھەممىز خام سۈت ئەمگەن بەندە ، ئاتا – ئانىنىڭمۇ خاتالىشىدىغان ۋاقىتى بۇلىدۇ ، ئۇلار بۇقېتىم سىزنى چىڭ تۇتۇشى ھەم شۇنداقلا  بىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇشى كېرەك ئىدى .

ئاتا – ئانىڭىز سىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەپ كىلىۋاتىدۇ ، بىراق سىز ئۇلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئۇلار ھازىر سىزدىن نىمىنى كۈتىۋاتدىغاندۇ ؟ . مىنىڭىچە ئۇلار ھازىر ھەرۋاقىت سىزدىن تېخمۇ بەك ئەنسىرەيدىغان بۇلۇپ قالدى، چۈنكى بۇنىڭىغا ئۆزىڭىز سەۋەبچى .

سىزنىڭ يۈزىڭىزنى ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا مەن تۆكمىدىم ، سىز شەخسىيەتچىلىك قىلدىڭىز ، چۈنكى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ گپىنى ئاڭلىغان بولسڭىز،ئىشلارغا سەل قارىمىغان بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى.

سىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەندىنلا كۆرسىڭىز ياكى ئۈزىڭىزدىنلا كۈرسىڭىز ۋە ياكى باشقىلاردىن كۆرسىڭىزلا بولمايدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئاۋۋال ئۈزىڭىزدىن كۈرۈڭ ، ئاندىن باشقىلاردىن كۆرۈڭ  .

ھەم شۇنداقلا سىز ئويلاپ باقتڭىزمۇ ؟ سىز يەنە ئاقسۇدا خىزمەت دەپ تۇرىۋەرسىڭىز سىزگە يەنە نىمە پايدىسى بار؟ ئەگەر كاللىسى ساق ئۇغۇل بالا بولسا سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىڭىزنى سۈرۈشتە قىلماي قالمايدۇ ، چوڭ ئىش بولمىغان تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزگە خېلىلا تەسىر يىتىدۇ ، بۇنى سىز خالامىسسز ؟ يەنە نىمە ئىشلار يۈز بىرىدۇ ؟ كىينچە ئاتا- ئانىڭىزدىن ئەندىشە قىلمامسىز ؟...

بەلىكىم سىزمۇ ھازىر مەلۇم دەرىجىدە پۇشايمان ھىس قىلىۋاتىدىغانسىز ، منىڭىچە شۇنداق .

سىزنىڭ مەن بىلەن تۇنۇشقاندىن كىينكى ئارزۇيڭىز نىمە ئىدى ؟ يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار سىز كۈتكەن ئاخىرقى نەتىجىمۇ ؟ سىز يەنە كىملەردىن قانداق ئارزۇلارنى كۆتمەكچى ؟....

سىز چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ياشىسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ ، چۇقۇم ئۈزىڭىزگە ئىشىنشىڭىز كېرەك . باشقىلارنى قارىغۇلارچە دورىماسلىقىڭىز كېرەك ، باشقىلارمۇ شۇنداق ياخشى كۈننى كۆرگىچە قانچىلىك بەدەل تۆلىمىگەن ، سىز ئۇنى بىلمەيسىز  ، چۈنكى ئۇلار جاپاسىنى سىزگە ھەرگىز كۆرسەتمەيدۇ .

شۇڭا تۇرمۇشتا سىزنى ئىرادىلىك بولسىكەن ، ئۇزىگە ئىشەنسكەن دەپ ھېلىقى كىچىك تېلفۇن دەپتىرىنى تۇرمۇش ھىكمەتلەرنى توپلايدىغان دەپتەر قىلىۋالغان  ، بۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىتاپ ۋە خاتىرىلەرنى  قالدۇردۇق ،بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت سىزنى ئۈمىدۋار،قەيسەر قىلىش ئىدى . سىز بەزىدە بىر قىسم ئىشلاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز  بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ ئۈزىڭىزنى يۇقىتىپلا قۇيدىكەنسىز ، يەنى تۇنجى قېتىم مەكتەپتكى خىزمەتتن بۇشتىلغان ۋاقىتتا دەل شۇنداق .  ئەتە ئۈگۈن تېخى ئاتا – ئانىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز ، بۇ چاغدا قانداق قىلىسىز  ؟  بۇنداق قىلماڭ .

ھەم يەنە بىر ئىش ئىسىڭىزدە بارمۇ ؟ 永远不离 دەپ ئىسىم قويۇپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ھېلىقى ئىككى پارچە رەسىمنىڭ كەينىگە مۇنداق ئىككى جۈملە سۆزنى ئىككىمىز ئوخشاش يازغان ئىدۇق .

<< قەئىي ئىرادە ۋە سەۋرچانلىققا تولغان ئۈمىدۋار كەيپىىياتلا مول نەتىجە ئاتا قىلالايدۇ >>

مەن بۇنىڭ مەنىسىنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ بىرەي ، ئۈتۈپ كەتكەن كۈنلەر قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ئۈتۈپ كەتتى  ، بۈگۈن شۇنچىلىك ئىللىق ، ئەتە بولسا يەنىلا شۇنچلىك سىرلىق ، بىز چۇقۇم بۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ ، ئەتنى خوشال – خۇراملىق بىلەن كۆتىۋېلىشىمىز لازىم ، يەنى تۇرمۇشتا قانداق قىينچىلىققا ئۇچرايلى ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار بۇلۇشىمىز ، قەتىئي بوشاشماسلقىمىز لازىم ، ئەمما بۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ كۈڭلىنى ئاياشنىمۇ بىلىشمىز لازىم . مەن سىزگە بەرگەن << تاللاش ۋە كىشلىك ھايات >> دىگەن قىسقا ھېكاينى ئۇقۇغان بولغىيتىڭىز ، دەل بۇنىڭىدا ئادەمنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پۇزىتىسىينىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن . بۇ يەردە بۇ توغرىلىق يەنە جىق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، بۇ توغرىلىق مەن سىزگە بىر كىتاپ ئەۋەتتىم ، پوزىتسىيە ھەممنى بەلگىلەيدۇ. بۇنى بۇ كىتاپتىن كۈرۈپ چۈشنىۋېلىڭ ، ھەراسىت ناھىيىدىن بىزنى بەش كۈنلۈك ئاقسۇ ، خوتەن ، قەشقەر تەرەپلەرگە خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ ساھايەتكە ئۇرۇنلاشتۇرغان ، بۇ كىتاپنى خوتەندىكى بىر كىتابخاندىن سېتىۋالدىم ، سىزگە  سوۋغا قىلاي . چۈنكى ھازىر سىز بۇنىڭغا تولىمۇ  ئېھتىياجلىق .

سىزنىڭ جەمئىيەتتىن ئالغان بىرقىسم چۈشەنچلىرىڭىزئۆزىڭىزنىڭ تىرىشىش نىشانىغا ماس كەلمەپتۇ ، سىز زاماننىڭ ئادىمى بولماي ، ھەقىقەتنىڭ ئادىمى بۇلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى بۇ ئۆزىڭىز ئۈچۈن .

كىين يەنە بىزگە قانداق ئىشلار نىسىپ بولسۇن ياكى بولمسىۇن ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ ،يەنى شۇ  مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ كەتسەكمۇ ئەمما شۇ مۇھەببەتنىڭ  نىمە ئۈچۈن ۋەيران بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ، ئەگەر بۇنىڭىغا سەل قارىساق شۇنداق مۇھەببەتتىن يەنە نەچچىنى ۋەيران قېلىۋېتىشىمىز مۈمكىن ، بىراق بىزنىڭ بۇ ھاياتىمىز چەكلىك ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتىمىزنى قەدىرلىشىمىز  ، بۇ ھاياتىمىزنى ئۈمىداۋرلىق ئىچىدە ئاتا – ئانا ۋە باشقىلارنى ۋە شۇنداقلا ئۈزىمىزنى خوشاللىقا ئىرىشتۈرىشىمىز كېرەككى  ھەرگىزمۇ ئازاب ۋە قايغۇغا تولغان ھەسىرەت ئىچىدە ئۈتمىسۇن ، چۈنكى بۇ يۈرەك بۇنداق ئىشلارغا قايتا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ .

سىزنى بەك ئەيىبلەپ كەتتىم ، ئەمما ئاچچىقىڭىز كەلمىسۇن ، كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان ، چوڭ ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈككەن  بىر ئىرادىلىك ئادەم ئالدى بىلەن  ياخشى پەزىلەتكە ئىگە بۇلىشى ھەم شۇ ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋەرەنمەسلىكى لازىم . بۇنى توغرا چۈشىنىڭ .

ئاخرىدا سىز مىنى << ئاغزىڭىزدىلا گەپ بار >> دىدىڭىز ، لىكىن مەن بۇنداق قارىمايمەن ، چۈنكى مەن ئۈزۈمنى ئالداپ نىمە قىلاي ، ئۈزۈمنى ئالدىسام نىشانىم  تېخمۇ يېراقلاپ كەتمەمدۇ ؟ بۇسىزنىڭ شۇۋاقىتتكى بىر باھانىڭىز ، بولمىسا سىزمۇ مىنى ياخشى كۈرۈپ بەزى گەپلەرنى دىمەستىڭىز.

لىكىن مەن سىزگە نىملا دەي دىگەن شۇ گەپنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىشقا تىرىشىپ كەلدىم .

يەنە بىرسى مەن سىز بىلەن تۇنۇشۇپ مۇشۇ كەمكىچە گەپ – سۆزدە ۋە ھەرىكەتتە  سىزنى ئالدىمىدىم ، بەلكى سىز مىنى ئالداپ قويدىڭىز ، لىكىن نەتجىدە زىينى يەنىلا ئۆزىڭىزگە  بولدى .

گەپنىڭ قىسىقىسى مەيلى بىزگە يەنە پۇرسەت بولسۇن ياكى بولمسىۇن بۇندىن كىين تۇرمۇشتا ئىرادە بىلەن ياشاڭ ، باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەشنى بىلىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ھەرقانداق بىر نەتجىىسنى چۇقۇم قەدىرلەڭ ، باشقىلارنىڭ جاپاسنىمۇ چۈشنىڭ ، چۈنكى ھايات بىرلا  قېتىم كىلىدۇ .

بولسا يەنە خۇدايىم نىسىپ قىلىپ قالسا ئىككىمىزنىڭ توي قىلىپ قېلىشنى چىن كۆڭلىمىدىن ئۈمىد قىلىمەن ،چۈنكى ئىككىلىمز  ئۆز-ئارا خېلى چۈشنىپ قالدۇق ، ئۆز – ئارا چۈشىنشىمۇ ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن، ھەم سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئازار يىگەن كۆڭلىگە دەرمان بولسام دەيمەن ، چۈنكى ماڭا ئوخشاش يەنە بىرەيلەننىڭ سەۋەبىدىن كۆڭلى قايتا ئازار يەپ قېلىشىنى خالىمايمەن . سىزمۇ شۇنداق ئويلايدىغانسىز  ، بىراق بۇئىشلارغا  يەنە نىسىپ بۇلمىسمۇ ئامال يوق .

ئەمما پۇرسەت يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ  قۇلىدا ، گەپ بىزنىڭ شۇ  پۇرسەتنى قانداق  تۇتالىشىمىزدا .

   مەن كەلگۈسى خۇتۇنۇم ئۈچۈن ئۆيلىرىمىنى خېلى تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم ، ئۇنى بەختىلىك قىلىشىقا بىلىمنى مەھكەم باغلىدىم ، قىسىقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە ئىقتسىادىي ئەھۋالىمىنى ۋە ئۇقۇش سەۋىيەمنى  يۇقىرى كۆتىرىپ ، كىينكى نىشانىمغا يىتش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىمەن .

ئەلۋەتتە بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمايدۇ ، سىزمۇبۇنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتىڭىز .

ھەم شۇنداقلا خۇدايىم بۇيرىسا مەيلى قانداق قىيېنچىلىققا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر خۇدايىم نىسىپ قىلغان شۇ خۇتۇنغا كۈيۈنۈپ ،ياخشى خەۋەرئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئايرىلماس ھەمراھلاردىن بولسامكەن دەيمەن ، چۈنكى مۇنداق بىرگەپ بار ئىكەن ، بىر ئەرنىڭ كۈچى بىر ئايالغا قانچىلىك دەرىجىدە سادىق بۇلۇپ بىللە  ئۈتەلىشىدە ، بىر ئايالنىڭ كۈچى بىر ئەر بىلەن تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق جاپاسىدىمۇ  سەۋرتاقەتلىك بۇلۇپ ئۈتەلىشى  ئۇئايالنىڭ ھەققىي كۈچنى بەلگىلەيدىگەن .

شۇڭلاشقا  جاپادىمۇ  بىللە بۇلالىغان خۇتۇن ، ئەلۋەتتە ياخشى كۈنلەرنىمۇ تەڭ كۈرۈشى كېرەك .

گىپىم  بەك جىق بۇلۇپ كەتتى ، بۇخەتلەرنى ئۇقۇغاندا ئاندىن مىنىمۇ ئاستا چۈشنىپ قالارىسز  .

مۈمكىن بولسا بۇ خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تۇلۇق ئۇقۇپ بولغان ۋاقىتىڭىزدا ، خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ھەققىدە ماڭا ئۇچۇر يوللاپ قۇيۇڭ ، چۈنكى بۇخەتلەرنى يېزىشقىمۇ خېلى ئەجىر قىلدىم .

ئاخىرىدا تۇرمۇشىڭىزغا تېنچ – ئامانلىق ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

1331997XXXX

2011- يىل 22- ماي


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 05:06 AM  


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16375
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7130 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 01:15:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇھەببەت نۇرغۇن ئادەمنى نا ئۈمىتتە قويدۇڭ ، نۇرغۇن ئادەمنى ھەسرەتتە قويدۇق ،
يەنە نۇرغۇننىڭ ئۆمرىنى خازان قىلدىڭ .....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
ئەقىلسىز دۈشمەننى دۈشمەن تۇتقان پىشاناڭدىن كۆر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 01:19:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-27 01:15 AM
ھەي مۇھەببەت نۇرغۇن ئادەمنى نا ئۈمىتتە قويدۇڭ ، نۇرغۇن ...

توغرا  دىدىڭىز مەنمۇ ئۆلۈمنىڭ ئالدىغا  نەچچە باغان




http://pahrim.uyblog.cn/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79951
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 03:56:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەنمۇ ، ساختا مۇھەببەتنىڭ ۋاقىتسىز قۇربانى بۇلۇپ ،ھازىرغىچە يات شەلەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرىيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygu7654321 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-27 03:57 AM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 06:46:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79529
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 08:19:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ئادەەمنى بەزىدە گۇزەل ھىسلارغا باشلاپ بارسا ، بەزىدە ئازاپ دېڭىزىغا غەرىق قىلىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81646
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3026
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-6-16
ئاخىرقى: 2012-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 09:07:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭ ئازابىم كۆپمىكىن دىسەم ماقېرىندېشىمنڭمۇ نۇرغۇن ئىكەن ئەمەسمۇ!!مىنڭ ھس قلشىمچە قىزلارنڭ ئۇغۇللارغا بولغان ھەققى مۇھەببىتى توي قىلغاندىن باشلاپ باشلىندىغان ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13577
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1070 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 09:09:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتنىڭ قىممىتى ئاشۇق-مەشۇقلار ئوتتۇرسىدىكى پەردە ، ھايا يىرتىلمىغانغا قەدەر ئەڭ يۈكسەك ۋە بۈيۈك بولىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

كۆك ئەتتىرگۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 09:13:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى ئايرىلىپ كېتىپتۇدە.....

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3692
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20451
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 783 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-27 09:24:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي تەخسىر نىمدا جىق،يامان ئۇزاق ۋاقتىم كەتتى ئۇقۇپ بولغىچە يېزىپ بولغىچە قانچىلىك ۋاقتىڭىز كەتكەندۇ ھە.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ساپلا دەرىتمەنلەر كىرۋاپتۇ بۇ تېمىغا،مەنمۇ بۇرۇن مۇھەببەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان،ئويلاپ باقسام  شۇ قېتىم ئۇنىڭ مەندىن يۈز ئۆرىشى ھازىرقى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنى قۇرۇشۇمغا تۈرىتكىلىك رول ئويناپتىكەن.بەزىدە مەندىن يۈز ئۆرۈپ ياخشى قىلىپتىكەنسەن دەپمۇ ئويلايمەن.اللا ھەممىمىزنىڭ يولىنى راۋان ئوچۇق قىلسۇن ،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز ئۇنىڭغا مەڭگۈ سادىق ۋاپادار بولۇڭ.بىر ياستۇققا باش قۇيۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ،سەمىڭىزگە شۇنى سالاي دۇنيا، ئائىلە، تۇرمۇش، ھەممىسى سىزنى قەدىرلەيدىغان سىزنى ياخشى كۆرىدىغان جۈپتىڭىز بىلەن تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كىتىدىكەن.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش