|
|
|
|
شەھەرلەردە بىز كۇندە كوچا ئاپتوۋۇزلىرىغا چىقىپ تۇرۇمىز ھەم ئاشۇ توختاۋسىز كىتىۋاتقان ئاپتوۋۇزلاردا ئاجايىپ غارايىپ ئىشلارنى ئۇچۇرۇتۇپ تۇرۇمىز ... شۇنداق ئۆزلىرىنى مەدەنىيەلىك دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلىمىشلىرىنى كۆرگەندە نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز ...شۇڭا سىزمۇ كوچا ئاپتۇۋۇزىغا چىققاندا ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىمىشتىن ساقلىنىڭ ياشانغان قىرى ئاجىزلارغا بالا كۆتۇرۇۋالغانلارغا تەشەبۇسكالىق بىلەن ئورنىڭىزنى ئۆتۇنۇپ بىرىڭ ،بولمىسا سىزمۇ مۇشۇنداق شەخسىيەتچى كىشىلەردەك باشقىلارنىڭ كۆزگە بەك سەت كۆرنۇپ كىتىسىز .
مەن باشقا يۇرۇتنى ۋە باشقىلارنى تۇزۇك بىلمەيمەن مۇشۇ قەشقەر كوچىلىرىدا يىزىدىن شەھەرگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم كىشىلەر بار بالىرى بىلەن ئاپتوۋۇزغا چىقسا 3 بالىسى بولسا ھەر بىر بالىرىنى بىردىن ئورۇندۇققا چىقىرىپ ئاپتوۋۇزدىكى باشقا ياشانغان كىشىلەر بىلەن قەتئى كارى يوق پەرۋاسىز ئولتۇردىغان ھىسياتسىز كىشىلەرنى كۆپ ئۇچۇرتۇپ تۇرۇمەن ...... ئىشچى خىزمەتچىلەر ،ئوقۇغۇچىلار ،زىيالىلار ھەر ھالدا ياخشى.... لىكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە باشقىلارغا كۇيۇنۇش ياردەم بىرىشتىن ئەسەرمۇ قالمايۋاتىدۇ....
بىر قىتىم 75تىن ئاشقان دادامنى دوختۇرخانىدىن تەكشۇرتۇپ بولۇپ دوختۇرخانىدىن يىنىپ چىقتۇق ،ئىش ۋاختى بولغاچقا دادامنى تاكسىغا سىلىپ قوياي دىسەم قەتئى ئۇنىماي تۇرۇۋالدى چۇنكى دادامدا ياشانغانلار كارتىسى بارتى... مەنمۇ ئىلاجىسىز دادامنىڭ رائىغا بىقىپ ئاپتۇزغا سىلىپ قويدۇم ،بۇ ئاپتۇۋۇز نىڭ ئاخرىقى بىكىتى قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىلىرىگە باردىغان بىكەتكە باراتتى ،شۇنداق بولغاچقا بۇ ئاپتۇۋۇزدا سىرىتىقى ناھىلەردىن كەلگەنلەر بىراز كۆپ ئىدى ، قاراپ تۇرسام ئاپتۇۋۇزدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى 4-5 ئادەملا ئۆرە تۇراتتى ئاپاق ساقال دادام ئاشۇ ھىسياتسىز مۇز چىراي كىشىلىرىمىز ئارسىدا مەزمۇت قەتدىنى كۆتۇرۇپ ئۆرە تۇرغان پىتى كۆز ئالدىمدىن بارا-بارا يىراقلاشتى....
مەنبە بەيدۇ تورى ۋە تەڭىرتاغ تورى http://www.barmu.cn/index.php?m=blog&a=browse
|
|
|
|
|
|