مەنمۇ بىر دوختۇر ھەم شۇنداقلا تىۋىپ. ئۈزۈمنىڭ تۇرمۇش قارىشى بىلەن ياشاپ مۇشۇ كەمگە كەپتىمەن. دوختۇر بۇلۇش سالاھىتىگە ئىگە بولمىغان بىرقىسىم كىشىللىرمىزنىڭ ئاق خالاتنىڭ يۈزىنى تۈكىۋاتقىنىنى ‹باردۇ بەلكىم› دىسەممۇ كۆز ئالدىمدا بارلىقنى بىلمەيدىكەنمەن. بۈگۈن بىلدىم. بۇ ھىكايە مۇنداق باشلاندى.
ئاخشام كەچ سائەت 10:00 لا بىلەن ئۆيگە كىرگىنىمدە ئانام بۇشاپ قاپتۇ. تۇمۇر تۇتۇپ ئۆز ئالدىمغا ‹يۈرەك مۇسكۇلغا قان يىتىشمەسلىك› ‹ ئاشقازان ئاجىزلىق › دەپ دىئاگۇنۇز قۇيۇپ دورا تەييارلاپ بەردىم. خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن دەم ئالدىم. ئەتىگەن يەنە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇپ، بېشى ئاغرىپ يېتىۋاپتۇ. ئەزەلدىن دورا يىيىش بىلەن خۇشى يوق بولغاچقا دورىغا زولۇمىدىم ۋە يىزلىق شىپاخانىغا ئېلىپ چىقتىم.( ئۆيگە يىقىن ئىدى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىشى ئاسان بۇلىدۇ دەپ شۇ يەرگە ئېلىپ چىققان). ئىلىپ كىرگەندىن كىيىن ئامبىلاتۇريىدە ئولتۇرغان ئايال دوختۇر ئوبلاسلىق خەلىق دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ كىرىشىمىزنى بۇيرىدى. مىنىڭ بىلىشىمچە كۆڭۈل ئېلىشىۋاتقان كىشىنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرمەيدۇ دەپ بىلەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايالغا يال ئۇرغان قىياپەتتە ‹ ھەدە ئاۋال بالنىسقا قۇبۇل قىلىپ ھۆنى پەسەيتكەچ تۇرسىڭىز، ھۆ پەسەيگەندە ئەپچىقىپ تەكشۈرتسەم....›. گىپىمنىڭ ئايىغى تۈگمەتۇرۇپ ئۇ ئايالنىڭ ئاغزى ئېچىلىشقا باشلىدى. ‹قانداق دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرمەي تۇرۇپ بالنىسقا قۇبۇل قىلىدىكەن؟ شۇنداق دوختۇرنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالات ...› . ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئانامىنى ئاستا يىتىلەپ ئۈزۈمگە 5 قولدەك تۇنۇش بولغان ئۈزۈم ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپ 10 مىنۇت ئىچىدە ئىچكى بۈلۈمگە ئۇرۇللاشتۇردۇم ۋە ئانامنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقىچە يېنىدا تۇرغاندىن كىيىن يۆتكەش ئىسپاتى ئېلىش ئۈچۈن يېزلىق شىپاخانىغا كىردىم. ھېلقى سۈيۈملۈك ئاچىمىز ئولتۇرغان ئىكەن ئالدىغا كىلىپ دوختۇرخانىمىزدىن قىلدۇرۋالغان بالنىسقا قۇبۇل قىلىنغانلىق ھۆججىتىنى بەردىم. ئۇ ئايال مىنى نىمە كۈرۈپ قالدى بىلمىدىم توڭلۇق بىلەن ‹ تەكشۈتۈپ كىرسىڭىز مۇشۇ يەردە داۋالايتۇق، ئۈزەڭلا يۇقۇرغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن نەخپۇلغا داۋالىتىڭلا›. شۇنچە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ زورىغا كۈلۈپ تۇرۇپ ‹ ھەدە ئەتتىگەن ئۈزىڭىز تەكشۈرمەي تۇرۇپ نەدە بالنىسقا ئالسا شۇ يەرگە ئېلىپ چىقىڭ دىدىڭىز، ئەمىلىيەتتە سىز دىگەن تەكشۈرۈش تىببى ئىلىمدا قۇشۇمچە تەكشۈرۈش دىيلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى دوختۇر گۇمان قىلغان كىسەلگە قارتتا دىئاگۇنىۇزنى مۇقۇمداشقا ئىشلىتىلدىغان ....› يەنە گىپىمنىڭ بىلىگە تىپىۋەتتى. ‹قانداق دوختۇركەن ئۇ سايماندا تەكشۈرمەي تۇرۇپ بالنىسقا قۇبۇل قىلىدىغان›؟. بۇ قېتىم ئاچچىقىمنى باسالمىدىم ۋە ئالدىن يېنىمغا سېلىۋالغان ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋانامىسى، دوختۇرلۇق سالايەت گۇۋانامىسى، ئۈنۋان گۇۋانامىسىنى ئالدىغا دوق قىلىپ قۇيۇپ ‹مانا مۇشۇ دوختۇر گىپىڭىز بولسا قىلىڭە مانا مەن..› شۇ جەرياندا ئۈنۈم چىڭ چىكەتكەنمۇ قانداق كىسەلخانىلارنى كۈزۈتۈپ ماڭغان يىزا شىپاخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى كىرىپ كەلدى ۋە بولغان ئەھۋالنى بىر قۇر ئىگەللىگەندىن كىيىن دوختۇرخانا يۆتكۈلۈش سىپاتىنى چىقىرىپ بەرگەندىن كىيىن سەمىمى كەچۈرۈم سۇرىدى.
گەرچە بۇ ئۇلارغا نىسپەتەن ئادەتتىكى بىر ئىش بولغىنى بىلەن مىنى بەك ئويغا سالدى. مەن ئۇيلىغان سۇئاللار تۈۋەندىكىچە:
1- ئۇنىڭ قىلغىنى بىر خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان ھۈكىمەت خىزمەتچىسىنىڭ ئىشىمۇ؟ ئۇ خەلىققە ۋاقىراپ ئاسان ئىشىنى تەسلەشتۈرۈپ خىزمەت قىلامدۇ؟
2- كىشىلەر نەزىرىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتە شۇممۇ؟ پەرىشتە بىر جان قىينىلىۋاتسا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ يېندىكىلەرگە كۆڭۈل ئازارى بىرەمدۇ؟
3- دۆلەت خەلىق ئاممىسىنى ئويلاپ ھەمكارلىشىپ داۋالاش سىياسىتنى يولغا قويدى. لىكىن نامۇۋاپىق تەكشۈرۈش، نامۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا خەلىقنىڭ داۋالنىش يۈكى ئېشىپ كەتمەمدۇ؟
4- ئۇلار مائاش بىرۋاتقان ھۈكىمەتكە، پەرىشتە دەپ مەدىلىگەن خەلىققە، پۈتۈن ئۈمۈدىنى شۇلارغا باغلىغان بىمارلارغا قانداق يۈز كىلەلەيدىغاندۇ؟
مەنبە:
http://bbs.alsihat.com