|
|
|
|
رۇسسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مەمۇرى رايونلىرى
رۇسىسىيە فېدېراتسىيسى 83 تال ئوخشاش بولمىغان مەمۇرى رايوندىن تەركىب تاپقان.
21 تال بىر قەدەر چوڭ ئەركىنلىككە ئىگە بولغان جۇمھۇرىيەت(республики)،بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش رايونى.
46 تال ئوبلاست(области)
9 تال چېگرا رايون(края)
4 تال ئاپتونوم رايون(автономные округа)
1 تال ئاپتونوم ئوبلاست(автономная область)--يەھۇدى ئوبلاستى
2 تال فېدېراتسىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر(города федерального значения)--موسكۋا ۋە سانكت پېتېربۇرگ.
2000-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى پۇتىن رۇسسىيە فېدېراتسىيسىدە رايون پرىنسىپى بويىچە 7 تال فېدېراتسىيە رايونى قۇرۇش پەرمانىنى ئىمزالاپ تارقاتقان.(مەركىزى فېدېراتىسيە رايونى،غەربى-شىمال فېدېراتسىيە رايونى،جەنۇب فېدېراتسىيە رايونى،ۋولگا دەريا قىرغىقى فېدېراتسىيە رايونى،ئۇرال فېدېراتسىيە رايونى،سىبىرىيە فېدېراتسىيە رايونى،يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونى)
2010-يىل 1-ئانىڭ 19-كۈنى مېدۋېدېۋ جەنۇب فېدېراتسىيە رايونىدىن يېڭى بىر فېدېراتسىيە رايونى--شىمالىي كاۋكاز فېدېراتىسيە رايونىنى ئايرىپ چىقىش پەرمانىنى ئىمزالاپ تارقاتقان.شۇنىڭ بىلەن رۇسىسيە فېدېراتسىيسىدىكى فېدېراتسىيە رايونىنىڭ سانى 8گە يەتكەن.
مەنبە:ۋىكىپىدىيەدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىدە:بىلگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 05:11 PM
|
|
|
|
|
|