خەلقىم قەلبىدىكى ئۆچمەس چولپان- ئايشەم كېرىمنى ئەسلەيمەن
1991-يىلى 6-ئىيۇل كۈنى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. مەن بۇ كۈنى ئاتاقلىق كىنو-تىياتىر چولپىنى، مەمىلكەتلىك 1-دەرجىلىك ئارتىسكا، ئاتاقلىق ئاكتىيۇر مۇقام ۋە ناخشا چولپىنى مەرھۇم ئايشەم كېرىم ھەدەم بىلەن تۇنجى قىتىم كۆرۈشكەن خاسىيەتلىك كۈن ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئۈرۈمچىگە مەرھۇم ھەدەم قەمبەرخان ئىسمايىلنىڭ يىل نەزىرسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدىم. مەن ھەدەم-قەمبەرخاننىڭ سەنئەت ھاياتى توغرىسىدا بىرەر يىپ ئۇچىغا ئىگە بولۇش مەخسىدىدە ئايشەم ھەدەمنى ئىزدىدىم. مەن ئۇنى بۇرۇن كۆرمىگەن بولساممۇ، ئەمما شىنجاڭدا ئىشلەنگەن تۇنجى ھىكايەفىلىم «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» فىلىمىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈپلا فىلىمدىكى ئايال باش قەھرىمان ئايىمخاننىڭ رولىنى ئالغان ئارتىستنىڭ ئايشەم كېرىم ھەدەم ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلگەن ئىدىم. شۇڭا زور ئۈمۈت بىلەن ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئائىلسىگە باردىم. شۇ چاغدا ئۇلار ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىۋىنىڭ ئائىللىكلەر قورۇسىدا ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. مەن ئۇنى ئىزدەپ ئائىلسىگە بارغىنىمدا باشقىلاردىن ئۇنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2-دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن شۇ ھامان بۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇنىڭ 2-دوختۇرخانىنىڭ ئارقا بىنادىكى 8-قەۋەت 2-ئۆيدە بالنىستا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ، بۇ ياتاققا چىقىپ،ئايشەم ھەدەم بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ شۇ چاغدا پۇتى ئاغرىپ قالغانلىقتىن داۋالىنىش ئۈچۈن بۇ ياتاقتا ياتقان ئىكەن. بۇ ياتاقتا يەنە ئاتاقلىق كىنو-تېلۋىزىيە رىژىسۇرى-مۇختىبەر مەخسۇتنىڭ ئانىسىمۇ مۇشۇ ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن، ئايشەم ھەدەمگە قەمبەرخان ھەدەمنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ھەدەمنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتىم.ئايشەم ھەدەم بۇ رەسىمنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمەكتە ئىشلىگەن خوشاللىق كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگىدە ئىشلىگەن چاغدىكى دوستلۇق ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى. مەن شۇ چاغدا ئىككى سائەت ئەتراپىدا سىردىشىش ئارقىلىق قەمبەرخان ھەدەمنىڭ سەنئەت ھاياتى توغرىسىدا بىر قەدەر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ھەمدە ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇ خوشاللىق بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئەسلىدە كورلىنىڭ توۋۇرچى يىزىسى ئەللىككەتمەن كەنتىدە دىھقان ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزگىچە مۇزىكا جەھەتتىكى ماھارىتى ئۇنىڭ كىيىن ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ، يېتىلىشىگە ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۇ 1952-يىلى ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمكىگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلغان. ئۇ 1950-يىللاردىن تارتىپ 1980-يىللارغىچە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، سەھنىلەردە «غۇنچەم» دراممىسىدا غۇنچەمنىڭ،كىيىنكى مەزگىللەردە شۇ ناملىق دراممىدا زومىگەر پومىشچىك ئۆمەر شاڭيۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنى-شەرۋان ئاغچىنىڭ رولىنى، «غېرىپ-سەنەم» ئوپىراسىدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سەنەمنىڭ، كىيىنكى مەزگىللەردە غېرىپنىڭ ئانىسى-مىھرىبانۇنىڭ رولىنى، «يالقۇنتاغ غەزىپى» دراممىسىدا باش قەھرىمان قوزغۇلاڭچىلار رەھبىرى- ئەمەتنىڭ سۆيگىنى-ئايىمگۈلنىڭ رولىنى،«قىزىل چىراق» ئوپىراسىدا لى موماينىڭ رولىنى ۋە بىر قانچە دراممىلاردا كۆپلىگەن پىرسۇناژلارنىڭ رولىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئورۇنلىغان. 1959-يىلى شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى قۇرۇلۇپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تارىخىدا تۇنجى بولۇپ، شاڭخەي خەييەن كىنو سىتودىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، «بوستانلىقتىكى تەنتەنە»ناملىق ھىكايە فىلىمنى ئىشلىگەندە ئۇ بۇ فىلىمدە ئەترەت باشلىقى- ئايىمخاننىڭ رولىنى ئالاھىدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن مەدىھلىشىگە ئېرىشتى. بۇ فىلىم تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلىقى،بەدىلىلىگىنىڭ يۇقىرلىقى ۋەقەلىرىنىڭ چىنلىقى، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكى بىلەن ئەينى يىللاردا پۈتۈن مەمىلكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى، پۈتكۈل زىمىننى زىل-زىلگە سالغان بولۇپ، ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەي، ياد ئېتىپ كەلمەكتە. مەن ئايشەم ھەدەمدىن ئۇ بۇ فىلىمدە رول ئېلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ۋە بۇ فىلىمنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ بۇ چاغدىكى تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەسلەپ:« بۇ تارىخمدا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان گۈزەل چاغلىرىم ئىدى، مەن بۇ فىلىمنى 1962-يىلى بىر قىتىملا كۆرگەن ئىدىم، كىيىن قايتا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.»دەپ جاۋاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا كىنو-تىلۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ سىنئالغۇ لىنتىللىرىنى ساقلاۋاتقانلىقمنى ئېيىتقىنىمدا ئۇ ماڭا «بوستانلىقتىكى تەنتەنە» كىنو فىلىمنىڭ لىنتىسىنى تېپىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى. مەن بۇ فىلىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، مەن چوقۇم تېپىپ سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن، دەپ ۋەدە بەردىم. ئۇ يەنە 1961-يىلى شىنجاڭدا ئىشلەنگەن «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» فىلىمىدە فىلىم ئىچىدىكى «تاھىر-زوھرا»ئوپىراسىدا كىنىزەك رولىنى، 1965-يىلى ئىشلەنگەن «قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»ناملىق ھىكايە فىلىمدە كوپىراتسىيە مۇدىرى-قاسىمنىڭ ئايالى- نىساخان رولىنى ئاندىن باشقا «نەسىردىن ئەپەندى» ،«قىزىل چىراق»، «رەھنانىڭ تويى»،«ئۈچ ياش»، «تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»قاتارلىق كىنو-تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىپ، خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى. ئايشەم كىرىم 1980-يىلى خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن مۇقام تەتقىقات گورۇپپىسىغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە مۇقام ئېيتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ مۇقام تەتقىقاتى ئۈچۈن، تىللاردا يادلىنىپ ئۆتكىدەك تۆھپە قوشۇپ قالماي، يەنە مۇقام ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەش ۋە يېتىشتۈرۈش جەھەتتىمۇ يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرىپ قىلدى. مەن شۇ قىتىم دوختۇرخاىنىدىن ئايشەم ھەدەم بىلەن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كىيىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ يەنە دوختۇرخانىغا كۆرۈشكىنى كىردىم ھەمدە ئۇ مېنىڭ قەشقەرگە كەتمەكچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ، «ئۇكام، سىز ئاچىڭىز قەمبەرخانىمنى كۆرەلمەپسىز، مېنى ئاچىڭىز ئورنىدا كۆرۈڭ، مەن ئاچىڭىز بىلەن ئۆمەكتە 10يىلدەك بىرگە ئىشلىگەن ئىدىم. بۇندىن كىيىن داۋاملىق كۆرشۈپ تۇرايلى.» دىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇش ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتۇق ھەم ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. مەن كىيىن بۇ فىلىمنى ھەر قايسى كىنو شىركەتلەرگە بېرىپ كۆپ ئىزدىدىم. ئاخىرى 2000-يىلى 7-ئايدا بۇ فىلىمنى تېپىپ خۇددى گۆھەرگە ئېرىشكەندەك خۇشال بولۇپ ساقلىدىم ھەمدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇردۇم. ئەپسۇسكى ئايشەم ھەدەم 1998-يىلى 9-ئايدا بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىپتۇ. مەن ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇم. ئۇ ھايات ۋاختىدا بۇ فىلىمنىڭ لىنتىسىنى تېپىپ بېرىشكە يارىدەم قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن ئازاپلىنىپ كىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان نۇرلۇق سىيماسى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىنولاردىكى شانلىق ئوبرازى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى، قەشقەر 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئايشەم كېرىمگە: ئەي گۈزەل پەرىزات سەنئەت چولپىنى، ئەسلەيمىز ھەرقاچان سىزنى يۈرەكتىن. ئۆچمەيدۇ ئوبرازىڭ خەلقىم دىلىدا، كۈيلەيمىز ئەجرىڭنى ئوتلۇق تىلەكتىن. سەن رولچى رول ئالدىڭ تەبىي رەۋىشتە، ئايىمخان، نىساخان،ئامىنە بولۇپ. زور ئىلھام دىللارغا ھەر بىر سىياقىڭ، قۇت ئاتتىڭ خەلقىمگە شان-زەپەر قۇچۇپ. رول ئالدىڭ بىر تالاي شاھ فىلىملەردە، «بوستانلىقتا تەنتەنە» ئۇنىڭ مىسالى. گاھ مۇدىر، گاھ پۇخرا بولۇپ ئىكراندا، نۇرلاندى دىللاردا شاتلىق ۋىسالى. ئىكراندا ئايىمخان مۇدىر ئوبرازىڭ، قالدۇردى ھەيرانە ئەل-جامائەتنى. ئىلغارلىق، قالاقلىق ئايرىلدى تولۇق، سەن باتۇر قوغدۇدۇڭ چىن- ئادالەتنى. ياراتتىڭ بىز ئۈچۈن شانلىق بىر ئۆلگە، ۋاپادار بولۇشتا ۋەتەن-خەلقىڭگە. سەن باسقان يول بىلەن باسىمىز ئالغا، قايتۇرماق بۇرچىمىز ۋەتەن-خەلقىڭگە. ئايىمخان، نىساخان، ئامىنە نامىڭ، ئۆچمەيدۇ تائەبەت خەلقىم دىلىدا. خاتىرجەم يات مەڭگۈ بىز ساڭا ۋارىس. ئاقلايمىز ئەجرىڭنى يېڭىپ بەيگىدە.
قەشقەر، يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى تېلفۇن:-13779894333 2012-يىلى 25-ئىيۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 02:41 PM
|