ئاللاھ پارتىيىسى ئەرەب باھارىغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟ ئاپتورى: پائۇل سالىم (تەرجىمىدە: نەپرەت2009)
ئۈچ يىل ئىلگىرى، رايونلۇق خەلق رايى تەكشۈرۈشىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن رەھبەرلەر لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى (Hezbollah) نىڭ رەھبىرى سەئىد ھەسەن نەسرۇللاھ، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئاساد ھەمدە ئىران پرېزىدېنتى مەخمۇد ئەھمەدى نىجادلار ئىدى. ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن زوقلانغان ئىدى: لىۋان ۋە گازادا ئىسرائىلىيەگە مەردانىلىق بىلەن روبىرو تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ يەرلىكتىكى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇردى. ئەرەب باھارىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك ئامما جامائەت پىكىرىنى خەلق ھوقۇقىنى ياخشىلاش ھەمدە دېپلوماتىيە سىياسىتىدىكى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا يۆتكىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بەشار ئاساد خەلقنىڭ قارغىشىغا قالدى، ئەخمەد نىجاد ھۆكۈمىتى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان نامايىشچىلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇردى دەپ ئەيىبلەندى، ئاللاھ پارتىيىسى بىلەن ئىران بەشار ئاسادنى داۋاملىق قوللىغانلىقتىن ئەيىبلەندى، چۈنكى بەشار ئاساد ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتاتتى. شۇڭا، ئەرەب ھەمدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، ئاللاھ پارتىيىسى ئىلگىرىكىدەك كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمەس بولۇپ قالدى، ئەمما ئاللاھ پارتىيىسى يەنىلا قوللاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان قوراللىق كۈچ. سىياسىيدا، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ماكياۋېللى ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، باشقىلارنى ئەيمەندۈرۈش باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشتىن تېخىمۇ مۇھىمدۇر. دەرۋەقە، ئاللاھ پارتىيىسى ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرشىكەن ئىدى. ئەمما ئاللاھ پارتىيىسى شان-شەرەپلىرىنى يوقاتقان بولۇپ، ئەمدى ئېزىلگەن ۋە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئاللاھ پارتىيىسى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پەقەت بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى، ئاللاھ پارتىيىسى ھەتتا قوشنىسى سۇرىيە ئاممىسىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ھاياتىنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلىپ، ئىران ۋە ئىراننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇردى. ئەمما ھازىرغا قەدەر، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قاتتىق كۈچلىرى ئەرەب باھارى ياكى سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئاللاھ پارتىيىسى لىۋاندىكى ئورۇنلاشتۇرىشى، جەڭگىۋارلىق كۈچى ۋە مىڭدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى يەنىلا ئەسلى ئورنىدا قىمىر قىلماي تۇرماقتا. باشلىنىشىدىلا ھۆكۈمرانلار بىلەن ئىتتىپا تۈزگەن ئامېرىكا ھەمدە غەربكە قارشى ئاۋام توپىلاڭلىرى ئاللاھ پارتىيىسىنى ئەندىشىگە سالغان ئىدى. ھەتتا لىۋىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكى مۇئەممەر قازافى 1978-يىلى لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ داھىيسى ئىمام مۇسا سادىرنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەن دەپ قارالدى. 2009-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئاللاھ پارتىيىسى بىلەب مۇبارەكنىڭ مىسىر ھۆكۈمىتى سوغاق ئۇرۇشقا پېتىپ قالدى، ئەينى چاغدا ئىسرائىلىيەنىڭ گازا غا ئارىلىشىش مەسىلىسىدە، ھەسەن نەسرۇللاھ مۇبارەك ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئىسيانلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر خەلققە مايىل ھۆكۈمەت ۋە ئادىل جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار ئىراننىڭمۇ قارشىلاشقۇچى ئوق مەركەز دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەنلىكىگە قىزىقمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مىسىردا گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىتتىپاقدىشى خاماس تەشكىلاتى ئاللاھ پارتىيىسىدىن ھەمدە سۇرىيە ۋە ئىراندىكى قوللىغۇچىلىرىدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى، مىسىر ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونىدا يېڭى مۇناسىۋەت بەرپا قىلدى. ئەمما، سۇرىيەدە بەشار ئاسادقا قارشى ئىسيان بولۇۋاتقاندا، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ئىلگىرىكى ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆزگىرىپ قاتتىق كۆزىتىشكە باشلىدى. ئەگەر بەشار ئاساد ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانسا، ئاللاھ پارتىيىسى ئېھتىمال ئىراندىن ھەربىي ياردەمگە ئېرىشىش يولىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. لىۋان دېڭىز پورتى ۋە بېيرۇت ئايرودرومىغا تايىنىش بۇ زىياننى تولۇقلىيالمايدۇ، چۈنكى بۇ يوللارنى ئاسانلا قامال قىلغىلى بولىدۇ. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ يەنىلا ئالدىن مۇش ئاتقان يېڭىدۇ ۋە ئۆچ ئېلىش قاتارلىق كۈچلىرى بار. ئەمما ھەرىگە ئوخشاش پەقەت بىر قېتىم چېقىپلا قويالايدۇ. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنى تولۇقلاش ئىقتىدارى يوق، كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا بىر ئاجىز كۈچتۇر. لىۋاننىڭ ئىچكى قىسىمىدا، ئاللاھ پارتىيىسى قۇدرەتلىك كۈچ، ئەمما ھەيۋىسىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. 2008-يىلى 5-ئايدا، ئاللاھ پارتىيىسى پايتەخت بېيرۇتتى ئىشغال قىلىپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىدارە قىلىش ئورنىنى نامايەن قىلدى. 2011-يىلى 1-ئايدا، ئاللاھ پارتىيىسى ئاساد ھاررى ھۆكۈمىتىگە كىردى ھەمدە مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئەمما بايىلا ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ھەپتە ئىچىدە، سۈننىي مەزھىپىدىن بولغان شىمالىي قىسىمدىكى بىر قىسىم رايونلار ئاللاھ پارتىيىسىغا ۋە ئاللاھ پارتىيىسى ئىدارە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈردى، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى ئاشكارا قوللىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، لىۋان سۈننىي مەزھىپى گۇرۇھى لىۋاننىڭ شىمالىدا قوراللىق قورشاۋ زېمىن بەرپا قىلىپ، شىئە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بېيرۇت، لىۋاننىڭ جەنۇبى ھەمدە بېكا رايونىدا قورشاۋ زېمىنلىرى بىلەن قارشىلاشماقچى. ئاللاھ پارتىيىسىمۇ لىۋانلىق 12 نەپەر شىئەنى ئۆكتىچىلەر داملىق تۇتقۇن قىلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇۋېلىشى سەۋەبلىك تەۋرىنىپ قالدى، تۇتقۇن قىلىغان كىشىلەر ھەسەن نەسرۇھلاھقا مايىل ئىدى. 2013-يىلى باھاردا، ئاللاھ پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىغا دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ خىرىستىئان ئىتتىپاقدىشى مىشىل ئائون (Michel Aoun) نىڭ ئەركىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرلىشى ئوڭۇشلۇق بولمىسا ياكى ئۇدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان درۇز رەھبەر ۋالىد جۇمبلات ئۆزىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى سۇرىيەگە قارشى تۇرىدىغان ئىتتىپاققا (بۇ ئىتتىپاقنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ بولدى) قايتۇرۇپ كەتسە، ئاللاھ پارتىيىسى پارلامېنتتىكى كۆپ قىسىم ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىقتىدارى يوقايدۇ. ئېھتىمال بۇ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ پارتىيىسى لىۋاننىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدا مەملىكەتلىك سۆزلىشىشكە ئىلھاملاندۇرىشى ھەمدە قايتىدىن كىرىشى مۇمكىن. ئىستراتىگىيە جەھەتتە، ئاللاھ پارتىيىسى ئەگەر بەشار ئاساد ھاكىمىيىتى غۇلاپ چۈشسە، تېز ھەم ئۈنۈملۈك ئۆز ئۆزىنى تولۇقلاش ئىقتىدارىدىن يوقىتىپ قويىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، ئىسرائىلىيە يەنە ئۇرۇش قوزغاپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى ئاياغلاشتۇرمىسا، بۇ ئەندىشە ئېھتىمال يوقىماسلىقى مۇمكىن. ئاللاھ پارتىيىسى ئەرەب باھارىغا ماسلىشالىغان تەغدىردىمۇ، يەنىلا ئىسرائىلىيە قەھرىتانىنىڭ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. مەنبە: ئاپتورى پائۇل سالىم بېيرۇتتىكى كارنىگ ئوتتۇرا شەرق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەمدە ئەرەب دۇنياسىدىكى سىياسىي تەرەققىيات ۋە دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىلىرى ھەققىدە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە نەشىر قىلدۇرغان. (پائۇل سالىمنىڭ بلوگىدىن نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 09:12 AM
|