[بىر پۇلدار تىلىدىن...]
داداڭ بار خەجلىسەڭ، پۇلى تۈگىمەس،
باشقىنى ئويلىما، ئوينىغىن بالام.
ئاناڭ بار، چېھرىدىن كۈلكىسى ئۆچمەس،
باشقىنى ئويلىما، ئوينىغىن بالام.
ئۆيۈمنىڭ گۈلىسەن، كۆزۈم گۆھىرى،
سەن بولغاچ چاقنايدۇ ھاياتىم نۇرى،
سەن ئۇچۇن جان پىدا،بىلەمسەن بۇنى؟
باشقىنى ئويلىما، ئوينىغىن بالام.
سەن خۇشال بولساڭلا بولدى جان قوزام،
كۈتكىنىڭ تەيياردۇر ھاياتلا بولسام،
ئەندىشەڭ نە ھاجەت، يېنىڭدا تۇرسام؟
باشقىنى ئويلىما، ئوينىغىن بالام.
خەقلەردەك ئىش ئىزدەپ بولما ئاۋارە،
(بۇنىڭغا مەن ئۆزۈم قىلىمەن چارە-
خىزمەتنىڭ جاجىسى ئازغىنە پارە)
باشقىنى ئويلىما، ئوينىغىن بالام.
ماشىنا، ئۆي دېگەن ئادەتتىكى ئىش،
مەن تۇرسام ئارتۇقچە، ساڭا غەم يېيىش،
ئويلايمەن كۆرمىسەڭ ھەتتا سوغۇق_قىش،
باشقىنى ئويلىما، ئوينىغىن بالام.
ئاتاڭ بار بايلىقىڭ- ئوينىغىن بالام،
ئاناڭ بار يايلىقىڭ- يايلىغىن بالام.
ــ نىجات ھايات(باتۇر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 04:50 AM