مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6249|ئىنكاس: 66

ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10567
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2275 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 06:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش


نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز




ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئادەمنى چۆچىتىدىغان ھەم ئازاپلايدىغان قىلمىش .بىز ھاياتلىقتا ئەتىرراپىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇساتتىن ئۆزىنىڭ ھايتىنى ئۆز قولى ياكى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۋاتقانلىقىنى ،يەنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . بىز بىر كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاندا ،ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى تاشقى ۋەقەلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق چۈشەندۈرىمىز ھەم چۈشىنىمىز .بۇ ئارقىلىق بىز مەلۇم سەۋەپ _ نەتىجە ھەققىدىكى ھۆكۈمگە ئىگە بولىمىز. بىراق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا روي بېرىدۇ . ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىنىڭ ئۆزىنى نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى بىلىشتە بىز ھامان يۈزەكى چۈشەنچە بىلەن چەكلىنىپ قالىمىز .مۇنداقچە ئېيتقاندا بىز ئۇنى بىلەلمەيمىز. چۈنكى ئۇ روھىي ھادىسە . كۆپۈنچىمىزشەئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ۋە تاشقى ھەركىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا ئادەتلەنگەشكە ،ھامان شۇ شەئىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشۈنىشتىن يىراقتا قىلىمىز . ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ئىچكى دۇنياسىدا يۈز بەرگەن ئويلار ۋە قارارلار بىزگە ئەمەس شۇ كىشىگىلا مەنسۇپ بولغان يىپىق ھالەتتىكى سىر . بىزنىڭ كۆرگىنىمىز پەقەت قان ، ئارغامچا ، ،پىچاق ، جەسەت ، دورا ...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تاشقى ھادىسە ۋە شەيىلەردىن ئىبارەت.



ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشلا ئەمەس ، ھەرقانداق ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك سۆز ياكى ھەركەت بىزنى بىئارام قىلىدۇ. ئۇنداقتا بىز بۇ خىل بىئارام بولۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ھەققىدە پىكىر ئېلىپ بارمىساق تازا ئاقىلانىلىق بولميدۇ . چۈنكى بىز ئاڭلايلى ياكى ئاڭلىمايلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئەتىراپىمىزدا يۈز بېرىۋىرىدۇ . ئۇنىڭغا بىز ئامالسىز . بىرقىسملار ئۆزنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ۋەھىمە بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ مەسىلەن، شوپېنىخائۇر :‹‹ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ۋەھىمە ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسدىن ئېشىپ كەتسە ،ئۇ دەرھال ئۆزىنىڭ ھايتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ .››(1)دەيدۇ .

بىراق بىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى تەپسىلى كۈزەتكەن ۋاقتىمىزدا ياكى ئۆزىمىز ئارقىلىق قىسمەن تەجىربە قىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ۋەھىمە بىلەن ئەمەس بەلكى ئازاپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . بۇ يەردىكى ئازاپ ، تەن ۋە روھنىڭ ئازابىنى كۆرستىدۇ . ھەرقانداق شەكىلدىكى تەننىڭ ئازابى بىزنىڭ ئەقىلىمىزنى كادىن چىقىرىدۇ _دە ، روھىيمىز ئازاپلىنىشقا باشلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن بۇ ئازپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەننى ھالەك قىلىشقا ئۇرىنىمىز .شۇنداقلا تەننىڭ ئۆلىمى ئارقىلىق روھنىڭ ئازابىنى ئاستىلىتىش ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىش مەقسىتىمىزگە يىتىمىز . روھىي ئازاپ تەننىڭ ئازابىنى پەيدا قىلىدۇ ، تەننىڭ ئازابىمۇ روھنىڭ ئازابىنى پەيدا قىلىدۇ . ئىنسانلار بۇ خىل ھادىسىنى ئاللا بۇرۇن بىلىپ يەتكەشكە تەن ۋە روھنى ئازاپلايدۇغان ۋاستە ھەم ئۇسۇللارنى داۋاملىق ئىجات قىلىپ كەلمەكتە.بۇ ھەققىدىكى مىساللار سان _ سانقىسىز .

روھىي ئازاپ ئىچىدە ئەڭ ئەڭ خەتەرلىك ئازاپ ئۆزىنىڭ ئارمانلىرىغا يېتەلمەسلىك ھەم تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قېلىش . بۇخىل ئازاپ شەكىللەنسە ئادەم پۈتۈنلەي ھاياتىدىن قول يۇيۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ . بىز مەلۇم قورقۇنۇشلۇق چۈشنى كۆرگەندە ياكى قورقۇنۇشلۇق ۋەقەگە دۇچار بولغاندا ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرۋالمايمىز . بەلكى چىدغۇسىز ئازاپ چەككەندە ، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرىۋالىمىز

. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئازاپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ، ئۇنداقتا قايسى خىل ئازاپ تۈپەيلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى بىرقەدەر ئاكتىپلىققا ( ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ناچار قىلىمىش بولسىمۇ ) ئىگە؟بىزنىڭ بۇنداق سۇئال قويىشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەپ شۇكى ، كۆپۈنچە ھاللاردا بىر كىشىنىڭ ئازابى بىلەن يەنە بىر كىشىنىڭ ئازابى ئوخشىمايدۇ . بۇخىل ئوخشىماسلىق ئىنسانلار ئارسىدىكى ئازاپنىڭ كۆپ خىللىققا ئىگە بولىشىنى شەكىللەندۈرگەن . ئىنسانلار ئارسىدا شۇنداق تۇردىكى ئادەملەر باركى ، ئۇلار باشقىلار تارتقان ئازاپنى ئۆزەمنىڭ ئازابى دەپ قاريدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئازابىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كۆرەشكە ئاتلىنىدۇ . ئەگەر ئۇ كىشلەرنىڭ ئازابىنى يەلكىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا قۇربى يەتمىگەندە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قىلچە يول تاپالمىغاندا ،بۇ روھىي ۋە جىسمانى ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ . بۇخىل كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئالدىنقى نىشان قىلغان بولىدۇ .بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى بىرجەھەتتىن ئادالەت ۋە ئىنسانغا بولغان سۆيگۈنى ، يەنە بىر جەھەتتىن ئادالەتنى يوقاتقۇچى قارا كۈچلەرگە بولغان غەزەپ _ نەپرەت ۋە ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئۆلىمى ئارقىلىق ئۆچ ئېلىشنى ئالدىنقى مەقسەت قىلغان بولىدۇ .بىز يۇقاردىكىدەك ئىلغارلىققا ئىگە بولغان قۇربان بېرىش روھيىنى كىلاسسىك ئەسرلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ‹‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى››(2)دا ئىپادىلەنگەن ۋەقەلىكتىن ئېنىق كۆرۈپ يېتىمىز . بۇ ئەسەردىكى ياش تېكىننىڭ (3)يارلانغان ھەم ئاچلىق تۈپەيلى ھالىدىن كېتىپ چەكسىز ئازاپقا قالغان يولۋاس بالىسىنى كۆرگەندە ، ئۆزىنىڭ بېغىشىنى قۇمۇش بىلەن كېسىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى قورقۇش ياكى روھىي نورمالسىزلىقتىن بولماستىن ، بەلكى يولۋاس بالىسىغا ئۆز جىسمىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق يولۋاس بالىسىنىڭ ئازابىنى يوق قىلىش ئىدى .بۇخىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ ئارقىسىدا پۈتكۈل ھاياتلىقنى مېنىڭ ھاياتىم دەپ قارايدىغان ھەم پۈتكۈل ئازاپنى مېنىڭ ئازابىم دەپ قارايدىغان بۈيۈك ئىنسانى ئەخلاق بار ئىدى.

يەنە بىرخىل كىشىلەر بار ،ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ، ئىتقاتى ،قىممەت قارىشى باشقىلار تەرپىدىن دەپسەندە قىلىنسا ياكى ئۆزى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا روھىي جەھەتتىن خورلۇق ۋە ۋجدانى ئازاپقا قېلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ ،بۇخىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشمۇ پاسىپلىققا ئىگە ئەمەس .چۈنكى بۇخىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ ئارقىسىغا ئۆز ۋجدانى ۋە قىممەت قارشى ھەم ئەجداتلىرى قالدۇرغان ئەنئەنىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت يوشۇرىنغان .يۇقاردا بايان قىلىنغان ئاڭلىق ۋە سەگەك ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشلار مەلۇم ماددى پايدا ـ مەنپەتلەردىن مەھرۇم قالغاندا ياكى مەلۇم خان _ بەگلەرنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان پاسىپ ھالەتتىكى ئۆلۈمگە ئوخشىمايدۇ .پاسىپ ھالەتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا قارىغۇ ھېسيات ، شەخسىيەتچىلىك ، ئەقىلسىزلىك ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولىدۇ .ئۇلارنىڭ روھىيدا مەۋجۇت بولغىنى ئالى مەقسەت ئەمەس ،بەلكى شەخسى غەرەز كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇلارچە ئازاپتىن ئىبارەت .ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى تولىمۇ كۈلكىلىك .ئۇنىڭ كۈلكىلىك يېرى دەل بايلىق ۋە شەخسى غەرەزگە يىتەلمىگەندە شۇنداقلا مەلۇم خان ياكى ئەمەلدارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشلەمىگەندە ياكى ئۇلارنى خۇشال قىلالمىغاندا ئەخماقلارچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش .بىز پاسىپ ھالدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى قەدىمقى دەۋرلەردىكى‹‹ قوشۇپ دەپنە قىلىش››(4)ئادەتلىرىدە كۆپ ئۇچۇرتىمىز مەسىلەن ، قەدىمقى مىسىر پادىشاھلىرى بىلەن قوشۇپ تىرك دەپنە قىلنغان قۇللار پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن .يەنە تىرك دەپنە قىلىشقا قوشۇلغان.بۇلارنىڭ بۇنداق قىلىش پادىشاھلارغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ھەم ئاخىرەتتىمۇ داۋاملىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن ئىدى .

پاسىپ ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى بىز تارىخ شەخىس ئاشنا شىرنىڭ ھايتىدىنمۇ ئېنىق بىلىپ ئالالايمىز مەسىلەن،‹‹ ئېل خاقاننىڭ ئىنىسى 636ـ يىل تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولغان ئاسىنا شىر مەركىزى ئاسىيادا تۈمەن كىشىنىڭ قېنىنى تۆككەن ،بەش شەھەرنى چۆلگە ئايلاندۈرۋەتكەن .تاڭ تەيزۇڭ ئۆلگەندە ‹‹ ساداقەتمەن ››ئاشىنا شىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ،ئۇنىڭ قەبىرسدە مۇھاپىزەچى ئەرۋا بولدى ››(قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا ) (534ـبەت) . ئاشنا شىرنىڭ بۇ ھەركىتى تارىخىمىزدىكى پاسىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر

يۇقاردا مىسال ئالغان تارىخى شەخىس ئاشنا شىر خاننىڭ ھۆكۈمىنى جېنىدىنمۇ قەدىرلىك بىلىدىغان كىشى .ئۇنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق قىلماي ئۆزى خالاپ باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى ،پەقەت خاننى خوش قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمىنى بىجا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت .بىز ئاشىنا شىر بىلەن شىراقنى (7) سېلىشتۇرغىنىمىزدا شىراق باتۇرلىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرسە ، ئاشىنا شىر ئەخماقلىقى بىلەن بىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرىدۇ .بۇ خىل پاسىپ ھالەتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش قىلمىشى تارىخمىزدا ئۆتكەن ئاشىنا شىرنىڭ ھەركىتىدە كۆرۈلگەن بولسىمۇ ،ئەمما بىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىمىزدا ياكى كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە بۇخىل سەلبىلىككە ئىگە بولغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى ھادىسسسى چېلىقمايدۇ

بىز جۇڭگۇنىڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەسىرى بولغان ‹‹ سۇ بويىدا ›› (8)رومانىنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ،بۇ روماندىكى بىر قىسىم ئاساسلىق شەخىسلەرنىڭ ئۆزىنى پاسىپلىق بىلەن ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى بايقايمىز .روماندىكى ئاساسلىق شەخسلەردىن سۇڭ جاڭ ، موللاتاپقاق ھۇيۇڭ ... قاتارلىقلار ئاۋال ئەينى دەۋىردىكى خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېسيان كۆتۈرۈپ ،باتۇرلارغا باشچىلىق قىلىپ تەڭرى(بارۋەرلىك ، ئەركىنلىكى ) يولىنى تۇتقان بولسىمۇ ،لېكىن ئاخىردا زالىم ،پارخور خانلارغا تەسلىم بولۇپ ھەم ئۇلارغا خىزمەت كۆرسۈتۈش ئۈچۈن قوزغۇلاڭچىلارنى باستۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت خانلارنىڭ ئالدىدا گۇنايىنى يۇيۇپ ئاتالمىش ھەقىقەتكە قايتىش ئىدى .يەنى خاننى رازى قىلىش ئۈچۇن ئىدى .ئۇلار روماننىڭ ئاخىرقى قىسملىردا توساتتىن بىر بىرلەپ ئۆخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا ھالەك بولىدۇ . سوڭجاڭنىڭ ئۆز قېرىندىش لۈكۈيگە زەھەر بېرىشى شۇنداقلا سوڭجاڭنىڭ ئالدىدا زەھەر تۇرسىمۇ ئۇنى ئىچىۋىتىشى ھەم موللامنىڭ ئېسىلىپ ئۆلۈۋىلىشى قاترلىق بىرقاتار ئەخمىقانە قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا ، ئۇلارنىڭ توپىلاڭغا قاتنىشىپ خانغا يۈز كېلەلمىگىدەك ئىشنى سادىر قىلىپ روھىي جەھەتتىن قاتتىق پۇشايمان ۋە خىجىلچىلىققا قالغانلىقى ئۈچۈن .بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

قەدىمقى جۇڭگۇ جەمىئىيىتىدە كىشىلەر: پادىشاھلىقنى ئىلاھ تەرپىدىن بېرلگەن مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق دەپ چۈشىنەتتى .شۇڭا بۇ ھۆكمرانلىققا قارشى چىققىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇنا ۋە يامانلىق ئىدى .بىز بۇخىل قارشنى جۇڭگۇ مەدەنىيىتنىڭ ‹‹يىلتىزى ›› ،‹‹روھىي ››دەپ قارلىپ كېلىۋاتقان شەخىس كوڭزى (9)ئىدىيەسىدىنمۇ كۆرۋالالايمىز. ئۇنىڭ سۆزىچە بولغاندا :‹‹ پۇقارا پادشاھقا ،بالا ئاتىغا ئىتئائەت قىلىش جاھانىڭ ئۆزگەرمەس يولى .››ئىدى .شۇڭلاشقا يۇقارقىدەك چۈشەنچىلەر بىلەن قۇراللانغان ۋە بۇخىل مەدەنىيەت مۇھىيىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان سوڭجاڭ ،موللاتاپقاق ھۇيۇڭ ...قاترلىقلارنىڭ ئۆزى خالاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس .چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە پادىشاھلارنىڭ ھۆكۈمى مۇتلەق توغرا ئىدى .روماندا سوڭجاڭ يېڭىن ھەمىرايى لۈكۈيگە ئۆز قولى بىلەن زەھەر بېرىدۇ .بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتمۇ يەنىلا پادىشاھنىڭ شەرپى ئۇچۇن ،يەنى ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن لۈكۈينىڭ ئەرلىك مىجازىنىڭ پادىشاھقا باش ئاغىرقى تېپىپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى .يۇقارقى روماندىكى شەخسلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۋىلىشى مەلۇم ھەقىقەت ياكى خەلقنىڭ مەنپەتىنى ئاساس قىلمىغان، ئەكسىچە خاننىڭ ئارزۇسىنى ئاساس قىلغان .شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۋىلىشى تولىمۇ سوغ ۋە مەنىسىز تويىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى سەۋەپلىكى بىز تىراگىدېيەلىك ھېسياتقا چۆمۈلمەيمىز بەلكى كۈلكىمىز قىستايدۇ ...

يۇقاردا بىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنىڭ سەۋەبى بىلەن ئىلغار ۋە پاسپلىققا ئىگە بولغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ھەققىدە توختالدۇق . ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشكە بولغان قاراشلىرى توغرىسىدا قىسقىچە تەھىل ئېلىپ بارىمىز .

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى يامان ئىش دەپ بىلىدۇ .ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئېڭىنىڭ ئاساسى بولغان ئىسلام دىنىدىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئېغىر گۈنا ۋە كەچۈرگىسىز قىلمىش دەپ قاريادۇ .بولۇپمۇ مۇقەددەس كىتاپىمىز بولغان ‹‹قۇرئانى كەرەم ››ۋە ‹‹ھەدىس›› لەردىكى ئۆلۈمگە ئايىت بايانلاردىن بىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ياخشى ئىش ياكى ئەپۇ قىلىشقا بولىدىغان ئىش ۋە ھەركەت دەپ قارايدىغان بىرەر ئېغىز سۆزنى تاپالمايمىز .ئەكسىچە ئۇنىڭ كەچۈرگىسىز گۇنا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاگاھلاندۇرىشنى بايقايمىز .مەسىلەن ، ھەدىسلەردە :‹‹ ئەبۇ ھۇرەىرە رەزىيە ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇندق دىگەن : كىمكى ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلىۋالسا ئۇ دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ قالىدۇ . كىمكى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالسا ، ئۇ ئىچىپ ئۆلگەن زەھىرنى قولىدا تۇتۇپ دوزاخقتا ئۇنى سۈمۈرۈپ تۇرغان ھالدا مەڭگۈ قالىدۇ ،كىمكى ئۆزىنى تىخ بىلەن ئۆلتۈرۋالسا ،تىغنى قولىدا تۇتۇپ دوزختا ئۇنى قورسىقىغا سانجىغان ھالدا مەڭگۈ قالىدۇ .››(10) بايان قىلنغان .دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارشى ئىسلام دىنىنى ئاساس قىلغان .شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلشنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ .بىز تارىخمىزنى ۋاراقلىساق ئىسلام مەدەنىيىتى مۇھيىتىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھەرقانداق قىينچىلىق ۋە ئازاپ ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش يولىنى تالىمىغانلىقىنى ئۇچۇرتىمىز .ھەتتا بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى ھاياتلىق پائالىيەتلىرگە ئالاقىدار خاتىرلەرگە قارىساقمۇ ،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى قوللايدىغان بىرەر قارشاشنى تاپالمايمىز .‹‹ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى ›› دىگەن كىتاپتا :‹‹ قەدىمقى قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە بولغىنىدەك ،قەدىمقى تۈرۈك قەبىلىلىرى ئىككى خىل ئۆلۈم بار دەپ قارايتى .ئۇ بولسىمۇ ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈش ۋە جەڭلەردە دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئۆلۈش .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر كىشىنىڭ كېسەل بولۇپ ياكى قېرلىق سەۋەبى بىلەن ئۆلۈشى نومۇسلۇق ئۆلۈم ئىدى . جەڭلەردە دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئۆلۈش ئەڭ شەرەپلىك ئىش ئىدى .››(11)دەپ خاتىرلەنگەن .بىز بۇ باياندىن قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېرىپ ياكى كېسەل تارتىپ ئۆلۈشنى نومۇس ، جەڭلەردە ئۆلۈشنى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .شۇنداقلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ جەڭلەردە باتۇرلۇق بىلەن ئىنسانغا خاس ئۆلۈمنى قوللايدىغانلىقىنى ،ھېچ ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرالماي قېرىپ ئۆلۈشنى ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى قولىماي ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يىتىمىز .بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكى ، ئويغۇرلار مەيلى قەدىمقى دەۋرلەردە بولسۇن ياكى يېقىنقى دەۋرلەردە بولسۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ھەرگىز قوللىمىغان .پەقەت قەھىرماندەك تۇغۇلۇپ قەھىرماندەك ئۆلۈشنى تەشەببۇس قىلغان .

بىز دۇنياۋى ھادىسلەرنىڭ بىر بولغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ،ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە ياكى روھىي كېسەللىككە ئارتىپ قويماي ،ئۇنى جەمىئىيەتنىڭ شەخسكە كەلتۈرگەن بېسىمىدىن ئىزلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك .ئادەم جەمىئىيەتسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ ، .ئەمما جەمئىيەت مەلۇم شەخسنىڭ ئىرادىسنى پۈتۈنلەي چەكلىسە ئۇ ئازاپلىنىپ ئۆلۈۋىلىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ .ئۆلۈۋىلىش قانۇندا جىنايەت ھېساپلانمىسىمۇ ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەركىن ھوقوقى بولسىمۇ ،بىراق جەمىئىيەت بۇنىغا كۆڭۈل بولىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . بۇنى ئازايتىشنىڭ بىردىن بىر ئامالى كىشلەرگە ھەرخىل مۇھىتتىن كېلىۋاتقان بېسىملارنى ۋە ئازاپلارنى يوق قىلىش ياكى ئۇنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرۈپ كىشلەرگە ئېغىر ئازاپ ھېس قىلمايدىغان ئازادە ماددى ۋە مەنىۋى مۇھىت يارتىپ بېرش زۆرۈر ...

بىز ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشىنى قولىمىساقمۇ ،بىراق ئۇ ئۈزلۈكسىز يۈز بەرمەكتە .ئۇلارنىڭ گاھىللىرى ئاكتۇپلىققا ئىگە گاھىللىرى پاسىپلىققا ئىگە .مېنىڭچە ئاكتۇپلىق يەنىلا بىزنىڭ روھىيمىزنى لەرزىگە سالىدۇ ھەم خاتىرىمىزدە مەڭگۈلىك ساقلىنىپ بىزنى قەيسەرلىك بىلەن ئازاپنى يېڭىشقا ئۇندەيدۇ .



(1) ‹‹شوپېنخائۇرنىڭ پاراسىتى ›› ،211ـبەت

(2) ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى

(3) ‹‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايسى››دىكى كىچىك شاھسادە .

(4) قەدىمقى دەۋىرلەردىكى ئۆلگۈچى بىلەن ئادەملەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى بىللە قوشۇپ دەپنى قىلىدىغان ئادەت

(5) ئۇيغۇر خەلقنىڭ ‹‹ باتۇر شىراق ›› رۋايىتىدىكى باش قەھىرمان.

(6) جۇڭگۇنىڭ مەشھۇر كىلاسسىك ئەسىر

(7) كۇڭزى قەدىمقى دەۋىردە ئۆتكەن جۇڭگۇنىڭ مائارىپچىسى ،

(8) ‹‹قۇرئانى كەرەم ۋە ھەدسلەردىن تاللانما ›› (مۇھەممەت سالىھ ) ، 123ـبەت

(9) ‹‹ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى ››( توختى ھاجى تىلا تەرجىمى قىلغان ) ، 124ـبەت





مەنبە : بوزقىر مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   !UYGHURJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 06:32 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aㄒamaη + 100 رەھمەت ، ئېسىل تېمىكە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4524
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2843 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىمنىڭ مۇشۇ دۇنيادا خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقوقى بار. ئۆزىنى ئۆلتۇرۋېلىپ ئەزىز جاننى خار قىلىپ خۇدا بەرگەن بۇ ھوقوقنى دەپسەندە قىلىش بۇ بەك كەچۇرگۇسىز گۇناھ.

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6726
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:36:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللانىڭ ئىرادىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4758
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4919 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:39:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەرقانداق بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچى ،،، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان شۇ جان تالىشىۋاتقان دەقىقىنىڭ ئۆزىدە قاتتىق پۇشايمەن قىلامدىكىن دەپ ئويلايمەن ...

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ يېقىندىلا بىزنىڭ تۇققانلاردىن بىرسى،د د ۋ ئىچىپ رەھمەتلىك بوپ كەتتى...
توي قىلمىغان ياشلا بالىتى، ئازراق دەرت ئەلەمگە چىدىماي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى...
ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى قاتتىق ئازاپ ئىچىدە،زار -زار يىغلاشلار بىلەن ئۇزتۇپ قويدى...(ئۇلۇغ ئاللا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي...)
زەھەر ئىچىشتىن بۇرۇن،ۋىدالىشىپ ئۇرۇق تۇققانلاردىن رازىلىق سوراپ تېلفن ئۇرغان،بىرە قاتار ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،زەھەر ئىچكەن،يەنە ئۇزاق ئۆتمەيلا،زەھەر ئىچكىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ،زەھەرنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ بەكلا قىينىلىۋاتقانلىقىنى دەپ بىرسىدىن قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان، ئەپسۇس دوختۇرخانىغا بېرىپ بولغۇچە نەپەستىن قالغان.....
(ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن، بايان قىلدىم)
شۇڭا سىلەرگە دەيدىغىنىم ھەرگىز بۇنداق يىنىكلىك قىلماڭلار!
ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ! ياراتقان اللا،بەندىلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن سىنايدۇ،سەبرە قىلسىڭىز چۇقۇم مۇكاپاتىنى كۆرىسىز!

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3610
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1551 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن   ئىلگىرى    ياخشى  كۆرگەن   سۆيگۈنىمدىن  ئايرىلىپ  قېلىپ  ئۆزۈمنى  دارغا  
ئېسىپ   ئۆلۈۋېلىشنى  ئويلىغان  . شۇ  ۋاقىتتىكى  ھىسياتىم  ئەقلىم  ئۈستىدىن  غالىپ
كەلگەن  بولۇپ   ئۆلۈپلا  قوتۇلۇشنى  ئويلىغان  .  ئەمما  ،  ئۆينى  شۇنچە  ئىزلەپ  
دارغا   ئاسقۇدەك   ئارغامچا  تاپالمىغان  ئىدىم  .   
توۋا  ،  ئەگەر   شۇ  ۋاقىتتىكى     ھىسياتىم  بۇيىنچە  ئېيىتسام  ، شۇ  چاغدا ئارغامچا
تېپىلغان  بولسا   سىلەر  بىلەن  مۇنبەردە   جىدەللىشىپ  ئولتۇرالمايتتىم...

ئەمدى  ئويلىسام   ھەقىقەتەن  ئەخمەق  ئىكەنمەن  ...  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aㄒamaη + 10 ھا ھا ھا ... چاخچاقمۇ يە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىش  ، مەن  توغۇلۇش  بىلەنلا  خۇدانىڭ
ماڭا   يۈكلىگەن   مەسئۇلىيىتىدۇر .

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:57:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روھىي ئازاپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەننى ھالاك قىلىش مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ئازاپتىن قۇتۇلۇش ھېسابلانسىمۇ ئەمما بىزنىڭ ئەھكاملىرىمىزغا ماس كەلمىگەن قىلمىش ئاللاھ بەرگەن ياشاش ھوقۇقىدىن ۋاز كىچىش ئىنسانغا نىسبەتەن جىنايەت تەڭرىگە قىلىنغان خىيانەت!
ياشاش كېرەك ھىدايەت نۇرلىرىنى كۆڭۈل ئۆيىگە چىراغ قىلىپ،ياشاش كېرەك ياخشى بولغان روھىي ھالەت ۋە توغرا بولغان پسخىك ھالەتنى ھەمراھ قىلىپ.~~~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:02:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 11:54 PM
مەن   ئىلگىرى    ياخشى  كۆرگەن   سۆيگۈنىمدىن  ئايرىلىپ  قې ...

سى نىم بولسا دۆتەرەك ئىكەنسىز  ھايات قالغىنڭىزغا ئامىن

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1341 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:11:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarhamak يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 11:39 PM
مەن ھەرقانداق بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇچى ،،، ئۆزىنى ئۆل ...

دىگىنىڭىز توغرا ئۇلۇغ ئاللا ساقلىسۇن

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1341 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:12:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sargarda يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 11:54 PM
مەن   ئىلگىرى    ياخشى  كۆرگەن   سۆيگۈنىمدىن  ئايرىلىپ  قې ...

ۋاي توۋا ئۈلۈۋىلىشنى ئويلاشمۇ ئىمانسىزلىقنىڭ ئىشى ھەنىمە بولسا ئىمانىڭىز ساقلاپ قاپتۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش