مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5688|ئىنكاس: 46

گۈلەن: جاھاندا ئۇيغۇرنىڭ ھىكايىسى بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15459
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 02:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. ئامېرىكىدا ئۆسكەن بالا ۋە ئۇيغۇر ئانا
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار"نىڭ داۋامى
ئۇلار مەن ئامېرىكىغا كېلىپ كۆرگەن تۇنجى ئۇيغۇلار ئېدى. ئانا قىرىق ياش چامىسىدا، قىز ئون تۆرت ياشلارغا كىرگەندەك قىلاتتى. ئانا بالا بىر بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بولۇپ ئاپتاپتەك ئىللىق چىرايىدا ئۇيغۇر گۈزەللىكى مۇجەسسەم ئېدى. بىز تۇرۇۋاتقان شەھەر بىلەن ئۇلارنىڭ قوشنا شىتاتتىكى شەھرى بەش ئالتە سائەتلىك يول ئېدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئانا بالا پات پات كېلىپ بىزنى يوقلاپ تۇراتتى. بولۇپمۇ ئانىنىڭ كېلىش قېتىم سانى كۆپ ئېدى. ھەر كەلگەندە گىتارىنى يۈدۈپ كېلىپ بىزنى ئۇيغۇرچە كۈينىڭ ئەۋجىدە ھاياجانغا چۈمدۈرەتتى. گاھ  سېغىنىشنىڭ يالقۇنىدا كۆيدۈرەتتى، گاھ ھىجراننىڭ دولقۇنىدا ئاقتۇراتتى. سەبىرە ئۆزى تۇرۇۋاتقان شىتاتتا يالغۇز ئۇيغۇر  ئېدى، بىز تۇرۇۋاتقان شىتاتتا ئۈچ ئۇيغۇر بار ئېدۇق. بىر كۈنى قىزى "ئاپا سەن ئۇيغۇر ئاكا-ھەدىلەر بار لاۋرېنسنى (بىز تۇرۇۋاتقان شەھەر) ياخشى كۆرەمسەن ياكى بىزنىڭ ئۆيىمىز بار شەھەرنىمۇ" دەپ سوراپتۇ. ئانىسى ھىچ ئىككىلەنمەي "لاۋرېنسنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇيغۇرلار بار شەھەردىلا ئۆزەمنى ئامېرىكىغا مىھماندەك ئەمەس ئۆز ۋەتىنىمدە- ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
2010-يىللىق يېڭى يىلنى كانزاس شەھرىگە بېرىپ ئۆتكۈزدۇق. شۇ كۈنى كانزاس شەھرىدە دۇككانلار ھەرخىل چىراقلار بىلەن بېزەلگەنىكەن. كوچىدا ئادەملەرمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئېدى. بىز بىرلىكتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن كوچا ئايلىنىپ مۇزىكا چېلىنىۋاتقان بىر دوقىغا كېلىپ قالدۇق، قارىساق بىر ئەر ئىككى ئايال ناخشا ئېيتىپ تىلەمچلىك قىلىۋېتىپتۇ. تىلەمچىلەرنىڭ قولىدىكى گىتارنى كۆرۈپ سەبىرەنىڭ يۈرىكىگە ئوت چۈشتى. تىلەمچىلەرگە ئون دوللار بېرىپ گىتارىنى ئون مىنۇت چېلىۋالىدىغانغا كېلىشتى. نائۇستا تىلەمچىلەرنىڭ قولىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە نائىل بولالماي قالغان گىتار سەبىرەنىڭ قولىغا چىقىپ شۇنداق سايراپ كەتتىكى كېتىۋاتقان يولۇچىلار قەدەملىرىنى توختىتىپ ئەتراپىمىزغا ئولاشتى. توختىماي ئالقىش ياڭرىتىۋاتقان كىشىلەردىن تەسىرلىنىپ سەبىرەنىڭ ناخشىسىغا ھەممەيلەن جۆر بولۇق. سەبىرە ئۇلاپ بىر قانچە شوخ ئۇيغۇرچە كۈيگە توۋلىغاندىن كېيىن گىتارنى قويۇپ قويۇپ ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتتى. سەبىرە خۇددى مۇخبىرلاردەك ئەتراپىغا توپلاشقانلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى، ئوقۇغىنىنىڭ ئۇيغۇر ناخشىسى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى. بىر قانچەيلەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ بىر دەمدىلا ئارىمزدىكى مەشھۇر شەخسكە ئايلىنىپ قالدى. ئاڭلىسام كىشىلەر ئۇنى مەخسۇس گىتار كەسپىدە ئوقۇغان بولسا كېرەك دەپ چۈشىنىپ قاپتۇ.
سەبىرەنىڭ قىزى مەخسۇس پىيانىنو ئۆگەنگەنىكەن. ئاپىسىنىڭ تىلەمچىلەرگە چېلىۋېلىش ھەققى بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇشلىرى ۋە بىزنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشىمىز بىلەن ئېنگىلىزچە ناخشىدىن بىرنى ئېلىكتۇرۇنلۇق رويالدا چالدى، تىلەمچىلەر چاتما دومباق بىلەن تەڭكەشتە بولۇپ بەردى، ئەمما ئاپىسىدەك خېرىدارلىق بولالمىدى. مەن سەبىرەنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى قىزىغا رىغبەت بەرگەنلىك دەپ چۈشەندىم. ئۇنىڭ تىلەمچىنىڭ قولىدىكى سازنى پۇلغا ئارىيەت ئېلىپ ئويۇن كۆرسىتىشنى مەن ۋەتەندە تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن. مەنچە تىلەمچىنىڭ قولىدىكى راۋاپنى ئون تۆرت ياشلىق قىزىغا ھەق تۆلەپ چالغۇزىدىغان ئاتا-ئانا ۋەتەندە يوقىنىڭ ئورنىدا. مەنچە سەبىرە بۇ يەردە قىزىغا تىلەمچىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن باراۋەر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ساز چېلىپ بولسىمۇ بىر ئىش قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ نومۇسلۇق ئىش ئەمەسلىكىنى، ئىقتىدارلا بولسا ھەر قانداق سەھنىدە جارى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۆز ھەرىكىتى بىلەن قىزىغا ئۆگەتتى.
بىر مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى سەبىرە ئۆزى يالغۇز يېنىمىزغا كەلدى. قىزىنى سورۇساق دوستلىرى بىلەن ساياھەتكە كېتىپتۇ. سەبىرەنىڭ نارازىلىقى گەپلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى. "ئامېركىلىقلاردەكلا بولۇپ قالدى. قارىسام بىر ئېغىز خوش دەپلا سومكىلىرىنى ئېسىپ ئۆيدىن چىقىۋاتىدۇ. مەن يوق، ئانام ئۆيدە يالغۇز نېمە ئىش قىلار، زېرىكمەسمۇ. مەن قىزبالا تۇرۇپ تالادا مۇشۇنداق چېپىشىپ يۈرسەم بولامدۇ، دەپ ئويلايدىغان گەپمۇ يوق، ئامېرىكىدا چوڭ بولغان بالىلار نېمانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ، خەپ ۋەتەنگە ئاپىرىپ تازا بىر ئۇيغۇر قىلىپ كەلمىسەم..."  دەپ سۆزلەپلا كەتتى. سەبىرەگە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەمما ئىچىمدە "ئامېرىكىدا چوڭ بولغان بالا ئامېركىلىقتەك بولماي كىمدەك بولسا بولاتتى. ھېلىمۇ سىزنىڭ سەن دېگەن ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلاردا قىز بالا دېگەن ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلىدۇ، دېيىشلىرىڭىزگە سىزنى ھۆرمەتلەپ تاقەت قىلىپ كەلدى" دەپ ئويلۇدۇم. سەبىرەنىڭ قىزى تولىمۇ يېقىشلىق، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل چوڭ بولۇۋاتاتتى. ئانا پەقەت قىزىدىكى مۇستەقىللىقنى، خاسلىقنى، مەنچىللىكنى قوبۇل قىلالمايۋاتاتتى.
سەبىرەنىڭ دەپ بېرىشىچە بىر كۈنى ئۆيگە مېھمان كەپتۇ. قىزى مېھمانلارنى رەسىم تارتىۋاتقان ئانىسىنىڭ قولىدىن ئاپاراتنى "ئاپا، سەن رەسىمنى مەندەك تارتالمايسەن، ماڭا بەر" دەپ ئېلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سەبىرە رەنجىپ قىزىنى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ مەنچە نورمال بىر ئىش. رەسىمنى كىم ياخشى تارتسا شۇ تارتسا بولىدۇ. ئەمما ئانىنىڭ نەزىرىدە قىزىنىڭ مېھمانلار بار يەردە "سەن ياخشى تارتالمايسەن" دېيىشى ئۆزىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولۇپ تۇيۇلغان گەپ. ئۇيغۇر ئانا ئامېرىكىدا چوڭ بولغان قىزىدىن ئۇيغۇردىكى "مېھمانلار بار يەردە توخۇنى تاخ، مۈشۈكنى پەش دېمەسلىك" دېگەن قائىدىگە ئەمەل قىلمىغانلىقتىن رەنجىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى چوڭلارنىڭ قىلغىنى خاتا بولسىمۇ ئادەم كۆپ يەردە يۈزىگە سالماسلىق دېگەن يوسۇنغا خىلاپلىق قىلغىنىغا غەزەپلەنگەن بولۇشى ئىھتىمال. قىزى ئاپىسى چوڭ بولغان ئۇيغۇر موھىتىدا چوڭ بولمىغاچقا ئاپىسىنىڭ ئاچچىقلىنىشلىرىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ، چۈشەندۈرسە چۈشىنىشى مۇمكىن، لېكىن يۈرىكىدە ھىس قىلالمايدۇ. يۈرىكىدىن ھىس قىلىپ، ئەقلىدە قايىل بولمىغانىكەن، شۇ بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى يوق گەپ. ئەقىل باشقا، يۈرەك باشقا، بىلىش باشقا، ھىس قىلىش باشقا.
مەن سەبىرەنىڭ قىزى بىلەن پاراڭلىشىشنى ياقتۇراتتىم. قىزىقىدىغىنىم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىدا ۋە چىرايىدا ئەكىس ئەتكەن ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقى ئېدى. سەبىرە ئۆيىگە تەكلىپ قىلغاندا ساباھەتنىڭ كۈتۈپخانىسىنى زىيارەت قىلدىم. كۈتۈپخانىدا ئاڧغانىستانلىق داڭلىق يازغۇچى خالىد ھۈسەينىنىڭ "لەگلەك ئۇچۇرغۇچى" ( بۇ كىتابنىڭ نۇرنىسا قۇربان ئېنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرىجىمە قىلغان نۇسقىسى نەشىر قىلىندى)، "مىڭ قۇياش" قاتارلىق كىتابلىرىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر بەزى ئېنگىلىزچە كىتابلارنى كۆردۈم. بىر كۈنى ئۇنىڭدىن نېمىشقا خالىد ھۈسەينىنىڭ كىتابلىرىنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى سورۇدۇم. ئۇ خالىد ھۈسەينىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇنىڭ "لەگلەك ئۇچۇرغۇچى " دېگەن كىتابى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ئوقۇشقا باشلىنىپتۇ. بۇ ڧىلىمنىڭ خېلى كۆپ كۆرۈنۈشلىرى قەشقەردە سۈرەتكە ئېلىنغان بولغاچقا ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ تۆرت ياشلىق خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغان قەشقەرنىڭ- ۋەتەننىڭ تەسۋىرى "لەگلەكچى بالا" دېگەن ڧىلىمدە ئەڭ كۆپ چىقىدىكەن. ئاڧغانىستان ھەققىدىكى تېلۋىزور خەۋەرلىرنى كۆرسىلا كىچىكىدە بارغان قەشقەر كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدىكەن. خالىد ئۆسەينىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇسا ئۇيغۇرلار توغرىلىق كىتاپ ئوقۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىدىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىنى، تارىخىنى  بەكمۇ  ئۆگىنىشنى خالايدىكەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنگىلىزچە يازغان بالىلارغا ماس كىتابلىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان مەدەنىيەتتىكى ئاڧغانىستانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن كىتابلارنى كۆپ ئوقۇيدىكەن.
بىر كۈنى ساباھەتنىڭ بىر رومان يېزىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. سەبىرە مېنى  ياغۇچى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىپ قىزىنىڭ رومانىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ساباھەتنىڭ رومانى "مىڭ بىر كېچە" دىكىگە ئوخشاش ھىكايىدىن ھىكايە چىقىدىغان شەكىلدە يېزىلىپتۇ. مېنى قايىل قىلغىنى ئۇنىڭ ھىكايە توقۇشقا ماھىرلىقى بولدى. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئوقۇتۇپ ئاڭلىدىم. ئاڭلىغانچە قىزىقىپ كەتتىم. ئادەتتە ئۇيغۇرچە رومان ئوقۇسام 80 پىرسەنت روماننىڭ بېشىنى ئوقۇپلا ئاخىرىنى بىلىپ قالىدىغانتىم، لېكىن ساباھەت يازغان روماننىڭ ھىچ داۋامىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. ئوقۇغان كىتابلىرى جىق بولغاچقىمۇ ساباھەتنىڭ گەپلىرى، تەھلىللىرى ئادەمنى قايىل قىلاتتى. ئون تۆرت ياشلىق ساباھەت دۇنياغا مەشھۇر ئەسەرلەرنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولغان ئېدى. ئامېرىكىدا ئەدەبىيات دەرسى پۈتۈنلەي كىتاب ئوقۇش، خاتىرە يېزىش ۋە بۇ ئاساستا مولاھىزە، مۇنازىرە قىلىش بىلەن داۋام قىلىدىكەن. ئەدەبىيات دەرسىدىن سىرت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەپتىلىك كىتاپ ئوقۇش تاپشۇرۇقى بولۇپ ئايرىم تەكشۈرۈلۈپ باھالىنىدىكەن. ئامېرىكا مائارىپىنىڭ كىتاپ ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرغانلىقى ساباھەتنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرۈتكە بولغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن. مەن 30 ياشتىن ئاشقاندا ئامېرىكىغا بېرىپ ئاران ئۆگەنگەن يېزىقچىلىق ئۇسللىرىنى 14 ياشلىق ساباھەت بەك پىششىق بىلىدىكەن. يېقىندا ۋەتەنگە قايتقان ئاپىسىدىن ئاڭلىسام ساباھەت شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا نوتۇق مۇسابىقىسىدە بىرىنجى بولۇپ شىتاتلىق مۇسابىقىگە تاللىنىپتۇ.
مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئوخشاش سەبىرەمۇ بالا ئۈچۈن، قىزى ئۈچۈن ياشايدۇ. قىزىنىڭ بىرەر پەندىن 90 دىن تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىشى ئۇنى بىر ئىككى كۈن ئازاپلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ. سەبىرەنىڭ تەلىيىگە ساباھەتنىڭ نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە يۇقۇرى. ساباھەتتىن ئامېرىكىلىق باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاپىسىدەك دىققەتتە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سوراپ باقتىم. ساباھەتنىڭ ئېيتىشىچە باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنچە كۆڭۈلشۈپ كەتمەيدىكەن. ساباھەت ئاپىسىنىڭ نومۇرغا نېمانچە كۈچەپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىكەن. ئەمما ئاپىسىنى رازى قىلىش، مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن باشقا ساۋاقداشلىرىدىنمۇ بەكرەك تىرىشىدىكەن. ساباھەتتىن سۆيۈنگىنىم ئۇ ئاپىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى، ئاپىسىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىنىڭ بىر ئۆزى ئۈچۈنلا بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدىكەن. ساباھەت ئاپىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر خەۋەرلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلۈشلىرىنى، ھەدىسە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ۋە ئېنگىلىزچە دىنغا، روھىيەتكە دائىر كىتابلارنى ئىزدەپ ئوقۇشلىرىنى توغرا چۈشىنىدىكەن. مەن ساباھەتنىڭ" ئاپام ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇغانچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر خەۋەرلەرنى كۆرگەنچە ئازاپلىنىپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىدۇ، شۇڭا ئاپامنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ئاخباراتلاردىن يىراقراق ياشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن" دېگەنلىرى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

2. ئامېرىكىغا مىھمان ئۇيغۇر ئانا
ئامېرىكىغا مىھمان ئۇيغۇر ئانا
"ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" نىڭ داۋامى
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمنىڭ ئىككىنجى يىلىدا بىر ئۇيغۇر ئانا مۇساپىرانە خىياللىرىمغا يېڭى مەزمۇن بولۇپ قوشۇلدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بۇ موماي ئامېرىكىغا تىل مەسلەھەتچىسى بولۇپ كەلگەنىدى. بىز غەرىبى شىمالدىكى بىر ئۇنۋېرىستىتا ئېچىلغان خەۋپتە قالغان تىللارنى مۇھاكىمە قىلىش، ئۆگىنىش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىللە قاتناشتۇق. بۇ قېتىمقى خەۋپتە قالغان، يىگىلەۋاتقان، ئارخىپلاشتۇرۇلىدىغان تىللار قاتارىغا ئۇيغۇر تىلىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئىككى ئۇيغۇر ھەم تەتقىقاتچى ھەم تىل مەسلەھەتچىسى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتۇق، ھېلىقى ئۇيغۇر ئانىمىز بولسا تىل مەسلەھەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. يىغىنغا كانادا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتىن يۈزدىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، تىل قوغۇدۇغۇچى ۋە تىل مەسلەھەتچىسى ئىشتىراك قىلدى. كىشىنى ئېچىندۇرۇدىغىنى 55  مىللەتنىڭ تىلى ئىچىدە كۆپىنچىسى خەۋپتە قالغان تىللار سانىلىدىغان جوڭگۇدىن يىغىنغا بىرمۇ تەتقىقاتچى كەلمىدى. دۇنيادا خەۋپتە قالغان تىللار ئەڭ كۆپ بولغان روسسىيەدىن كېلىپ ماقالە ئوقۇغان بىرمۇ كىشى يوق ئېدى. بۇ ئىش ماڭا كومۇنىزىمدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قېرى مۇستەملىكىچى رۇسسىيە ئەمدى روس مىللەتچىلىكىنى ئۇرغۇتۇپ باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئاسمىلاتسىيە يۈرگۈزىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
يىغىندا تىل ئارخىپلاشتۇرغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىزدەك ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرىدىن بەكرەك ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن تېخى يېقىندا كەلگەن ئانىمىزغا يېپىشتى. بەلكىم خەۋپتە قالغان تىلىمىز ئۇلارغا خۇشپىچىم، مېھرىبان، سۆيۈملۈك مومايدەك كۆرۈنگەن بولسا كېرەك.  مومىمىزنىڭ ھەر بىر ئاغىز سۆزى ۋە ھەرىكىتىنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىشتا خاتىرىگە ئېلىشلىرى كۆزۈمگە بىر تۇرۇپ پەخرلىك ئىشتەك كۆرۈنسە، بىر تۇرۇپ بىر شۇملۇقنىڭ بىشارىتىدەك كۆرۈنۈپ ئىچىمنى تاتىلىدى. چۈنكى مەن گۈلدەك تىلىمنى باشقىلارنىڭ خۇددى ئۆلۈم ئالدىدىكى كىشىنىڭ ۋەسىيىتىنى يېزىۋېلىۋاتقاندەك  جىددىچىلىكتە ئارخىپلاشتۇرۇشلىرىنى قوبۇل قىلالمايتتىم.
ئۇيغۇر ئانا بىلەن پاراڭلىشىپ مۇساپىرەتتىكى كۈنلىرىمدە غېرىپسىنمەيتتىم. يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلار تاماق ۋە ياتىقىمىزنى بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بولغاچقا دائىم ئۇچرۇشۇپ تۇراتتۇق. موماي يات بىر مەدەنىيەت موھىتىغا كېلىپ قالغاچقا ئۆزىنىڭ كۆنگەن ئۇيغۇرچە قىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى ئامېرىكىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ بىرىنى تاللىيالماي گاڭگىراپ قالاتتى. ئارىمىزدىكى تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قىز ئۇنىڭغا كۆپرەك يار يۆلەكتە بولاتتى. ماڭا ئەپسۇسلۇق تۇيۇلغىنى، ئۇ قىز ئانىمزنى ھەمىشە ئامېرىكىچە ئىش قىلىشقا ئۈندەپ تۇرۇۋالغاچقا پەرىشتىدەك قېرىغان موماي نېمە قىلسا ئۇ قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ، تەقلىد قىلىپ بەئەينى بىر كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالغانىدى. بىر كۈنى تاماق ۋاقتىدا دىققەت قىلسام ئانىمىز شىرەدە بىردە تەتقىقاتچى ئۇيغۇر قىزىنىڭ پىسانى پىچاقتا كېسىپ ئارىدا سانجىپ يىيىشلىرىگە، بىردە ئۆزى ئەپلەپ ئىشلىتەلمەيۋاتقان ئارا بىلەن پىچاققا قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ. موماينى خىجىللىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم ۋە پىسانى قولۇمغا ئېلىپ يىيىشكە باشلىدىم. موماي مېنىڭ پىسانى قولۇمدا يىگىنىمنى كۆرۈپ قورۇنۇپراق پىساغا قول ئۇزاتتى. تاماق ئارىلىقىدا مومايغا ۋەتەندە قانداق قىلغان  بولسا شۇنداق قىلىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ پىسانى قولىدا يەۋاتقان ئامېركىلىقلارنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم.
بىر كۈنى موماي تاماق يەۋېتىپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردە مەھەللىدىكى كۆكتاتچى بالىلارغا تاماق سۇنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كېلەلىشىنى، ساق سالامەت تۇرغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ئاشۇ ساۋاپلىق ئىشلىرى بەدىلىگە بەرگەن مۇكاپاتى دەپ چۈشەندۈردى.
-سىزگە ۋىزىنى خۇدايىم بەرمىدى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بەردى، دېدى ھېلىقى ئۇيغۇر ھەمرىيىمىز. نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. بۇ موماي ئۇيغۇر بىلەن قىز ئۇيغۇر ئىككەيلەن ئوخشاشلا ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئالى مەكتەپلەردە ئىشلىگەن مۇنەۋۋەرلەر ئېدى.  بۇ ئىككى دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدكى پەرق مېنى ئويلاندۇردى. مەنچە ياش ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى خانىمنىڭ ۋىزىنى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىسىنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىشى ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما ئۇنىڭ موماينىڭ ئىشەنچىنى ئىنكار قىلىش ھوقۇقى يوق ئېدى. ئۇيغۇر موماينىڭ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ۋىزىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى، ۋاھالەنكى ياش ئۇيغۇر خانىمنىڭ ياشانغان ئۇيغۇر موماينىڭ ئىتىقادىنى ئىنكار قىلىشى نامۇۋاپىق ئېدى. مەنچە بۇ يەردىكى مەسىلە 80-يىللاردا يېتىشكەن بىر زىيالىنىڭ 60-يىللاردا يېتىشكەن بىر زىيالىنىڭ ئىتىقادىنى ئىنكار قىلىش خاھىشىدۇر. ئەگەر بۇ خاھىش "زامانىۋىي مەدەنىيەت" دەپ تەرغىپ قىلىنىپ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتسە، بۇنداق خاھىشقا ئەگەشمىگەنلىك قالاق ڧىئۇداللىق ئىددىيە دەپ ئىنكار قىلىنسا ھەتتا كەمستىلسە زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىدىغانلىقى ئېنىق.
ئانىمىزنىڭ پېشىنى تۇتۇپ ئۇيغۇرچىنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلار ئەتراپىدىكى كۆزى كۆرگەنلا نەرسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى سورايتتى. ئۇلار گۈل گىياھ، داۋۇ- دەرەخ ئىچىدە ئانىمىز بىلەلمىگەننى بىزدىن سورىشتاتتى. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇنۋېرىستىت شەھرى گۈللەرگە پۈركەنگەن شەھەر بولۇپ نۇرغۇن  گۈللەرنىڭ ئىسمى تۈگۈل ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن. شۇڭا بىلمىگەنلىرىمنى "بىزدە بۇنداق ئۆسۈملۈك يوق" دەپ تۈگەتكەنىدىم. بىز كۈنى ئانىمىز 88 خىل گۈلنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى يېزىپ كەپتۇ. دېيىشىچە بۇلار مۇشۇ شەھەردىكى گۈللەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىكەن. مەن بىزدە يوق دېگەن نۇرغۇن گۈللەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بار ئىكەن. موماي بۇنى ۋەتەنگە تېلىڧون قىلىپ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى دوستلىرىدىن سوراپ ئېنىقلاپ چىقىپتۇ. سەۋەبى بۇلارنىڭ ئىسمىنى تەتقىقاتچىلار سورۇغاندا ۋاقتىدا دەپ بېرەلمىگەنلىكىدىن خىجىل بولۇپتۇ. بۇ ئۇيغۇر ئانا گۈلخۇمار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىدا بۇ گۈللەرنىڭ ئىسمىنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن. بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلىنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلار بولۇپ ئۇيغۇرچە ئۆگەنمەيتتى. ئانىمىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگەنمەستىن خاتىرلەيمىز دېيىشلىرىگە ھەيران ئېدى. موماي بىر كۈنى يارىدەمگە چاقىردى، قارىسام ھەممەيلەننىڭ پوچتا ئادرىسىنى سورىغىلى تۇرۇپتۇ، ۋەتەنگە  قايتقاندا ھەممەيلەنگە بىردىن ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئەۋەتىپ بەرگۈدەك.
ياتىقىمىز ئۇنۋېرىستىتقا يېقىن بىر تۆپىلىكتىكى داچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بىز كۆچۈپ كىرسەك تاماقخانىنىڭ شىرەسىدە بىر دەستە گۈل ۋە ھەرخىل مىۋە چىۋىلەر تىزىقلىق ئىكەندۇق. يېڭى كۆچۈپ كىرىپ تېخى لازىملىق بىر نەرسە ئالغىدەك بولمىغاچقا بۇ مول داستىخان بىزگە شۇنداق خوش ياقتى. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن بولۇپتۇق. ھەر كۈنى قارىسام تاماق شىرەسىدە بىر دەستە گۈل تىزىقلىق تۇرسا بۇ گۈلنى ئۆينىڭ ئېگىسى كۈندە كېلىپ تىزىپ قويغان ئوخشايدۇ، دەپ كۆڭلۈمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېسىللىكىگە ئاپىرىن ئوقۇپ كېتىپتىمەن. بىر كۈنى بامداتتىن كېيىن ۋەتەنگە تېلىڧون قىلىپ بولۇپ ئۇيقۇم كەلمىدى. داچىنىڭ سىرتىغا چىقسام موماي چىملىقتىكى ياۋا گۈللەردىن گۈل دەستە تىزغىلى تۇرۇپتۇ.
-ئاپپاي ئۇخلىماپتىلىغۇ؟
- نامازدىن كېيىن ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۆيدە ئۇيان بۇيان مېڭىپ يۈرسەم ياتاقتىكى تەتقىقاتچى قىز راھەتسىز بولىدىكەن. شۇڭا تېشىغا چىقىپ گۈل بېقىپ گۈل تىزىۋاتىمەن. ئەسلى تاماق شىرەسىدىكى گۈللەرنى مومىمىز تىزغانىكەن، ئەمەسمۇ!
ئىشىك ئالدىدىكى چىملىق ۋە چىملىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان چىغىر يول بويلىرىغا گۈللەر ئۆستۈرۈلگەنىدى. بۇ گۈللەرنىڭ دائىم ئوتاقلىق تۇرۇشلىرىغا قاراپ بىز كەلگەندىن كېيىن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن. ئەسلى ئۇيغۇر ئانىمىزنىڭ چىۋەر قولى گۈللۈكنى ۋايىغا يەتكۈزىۋەتكەنىكەن. موماي ماڭا بىزدىكى ھەشقىپىچەككە ئوخشايدىغان بىر گۈلگە بىر بىرلەپ يىپ باغلاپ چىرايلىق ياماشتۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆرسۈتۈپ قويدى. شۇئان مومام ئېسىمگە كەلدى. رەھمەتلىكمۇ گۈلخۇمار ئېدى. ئۆيلەر تۇربىلاشتۇرۇلمىغان ئۇ زامانلاردا مومام ئۇ گۈللەرنى يىراقتىكى كۆلدىن سۇ توشۇپ باقاتتى. كىچىككىنە بېغىغا كۆكتات تېرىيتتى. مېنى تاڭ قالدۇرىدىغىنى باغلىرىغا سۇ ئاچالايدىغان ئوغۇللىرى ئوتياش تېرىماي، يازىچە مومام تېرىغان كۆكتاتتىن پايدىلىنىشاتتى. مومام مەھەللىگە سۇ نۆۋىتى كەلگەندە مەھەللىدىكى ئۆزى ئاغىزىغا ئىمان سالغان بالىلارنى يارىدەمگە چاقىراتتى. ئۆيگە ئوۋىلىغان قارلىغاچنى كىرەلمەيدۇ، دەپ ئايۋاننىڭ بىر قانات دەرىزىسىنى دائىم ئوچۇق قوياتتى. مومام بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالغان چاغلاردا نەچچە قېتىم شۇ قارلىغاچقا دەرىزە ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئون نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغان مومامنىڭ يېزىدىكى ئۆيىگە بارغاندىكى نارازىلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
ئۇيغۇر ئانىمىز بىلەن تاماققا باراردا ۋە ياناردا موڭدۇشۇپ ماڭاتتۇق. بىر كۈنى "ئاپپاي سىز ھاياتىڭىزدىن مەمنۇنمۇ؟ قانداق ھەسرىتىڭىز، ئۆكۈنۈش ۋە نادامەتلىرىڭىز بار؟" دەپ سورۇدۇم. ئانىمىز ھاياتىدىن مەمنۇن ئىكەن. رەھمەتلىك يولدىشى بىلەن يەتتە يىل يۈرۈپ توي قىلغانىكەن. تويلۇق كىيىمى چوڭ كىچىك ماۋزىدوڭ ئىزنەكلىرى بىلەن "بېزەلگەن"  ماشرەڭ ئىشتان چاپان بولغانىكەن. موماينىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا ئۆزى سۆيگەن، كۆيۈپ پىشىپ تويلاشقان، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرىنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن 30 نەچچە نەچچە يىللىق ھەمرىيىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ھىجران ئازابىدىن باشقا دەردى يوقتەك تۇراتتى. موماينىڭ مەرھۇم يولدىشى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەن تۆرت بالىنى خاتىرىجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن باشقا چوڭ غېمى يوق ئىكەندۇق. ھازىر بۇ غەملەردىن ئادا بولۇپتۇ. ئۆلۈمدىن قورقىدىغان قورقمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا ھىچ ئىككىلەنمەي " نېمىشقا قورۇققىدەكمەن، رەھمەتلىك ماڭا ئامانەت قالدۇرغان تۆرت بالىنى ياراملىق قىلىپ قاتارغا قوشتۇم، ئەمدىكى ئارمىنىم ئۇ دۇنيادا ھەمرىيىم بىلەن بۇرۇنراق كۆرۈشۈش." موماينىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە ئامېرىكىلىق تىلشۇناسلارغا ئۆرۈپ بەردىم. ئارىدىن بىر ئايال تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى. ئۇ ئۆلۈمگە مۇنداق خاتىرىجەم يۈزلىنىشنى ئۆگىنەلمىگەنلىكىدىن ئۆكىنىدىكەن.
ئانىمىزنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ تۈركچە كىنولارنى توردىن تېپىپ قويۇپ بەرگەن ئېدىم. ئانىمىز كىنولارنى ياخشى چۈشىنەلمەي ئىچى پۇشۇپتۇ. توردىن سۈرۈشتۈرۈپ بۇ مەكتەپتە تۈرك ئوقۇغۇچىلار تەشكىللىگەن تۈركچە ھەقسىز كۇرۇس بارلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئانىمىز بۇنىڭدىن كىچىك بالىدەك خوش بولۇپ كەتتى. ھەپتىدە ئۈچ كۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن تۈركچە كۇرۇستا تۈركچە ئۆگەندى. بىر كۈنى بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ ھاۋا يەي دەپ چىقسام ھويلىدا مومام تۈركچە تېكىستلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇپ مەشىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مومىمىزنىڭ بىر يېرىم ئاي ئىچىدە ئۆگەنگەن تۈركچىسى تۈركلەر بىلەن ئىككى يىل قوشنا ئولتۇرغان ھېلىقى ئۇيغۇر تىلشۇناستىن قېلىشمىغۇدەك سەۋىيەگە يەتتى. مەنچە بىر ئادەمنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيىسى قانچە چولتا بولسا، ئۆز مەدەنىيىتىگە چۈشەنچىسى قانچە تىيىز بولسا تۈركچىنى شۇنچە تەرستە ئۆگىنىدۇ.
بىر كۈنى ئانىمىز ئۆزىنىڭ تۈرك ئوقۇتقۇچىلىرىنى مېھمانغا چاقىردى. ئارىمىزدا مەن ياكى ھېلىقى تەتقىقاتچى قىزنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان ئۇيغۇرچە گەپلىرىمىزنى تۈرك بالىلار تازا ياخشى ئاڭقىرالمىدى. ئانىمىزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بولسا تەرجىمىسىز چۈشىنىپ مۇڭدۇشۇپ ئولتۇردى. ئۇ كۈنى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان ئىش، مومىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى تۈرك ئوقۇغۇچىلاردىن يوشۇرۇپ شامنى قازا قىلىشى بولدى. شۈبھىسىزكى، موھىت سەۋەبلىك ئاڭغا سىڭىپ كەتكەن قورقۇنچ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ پىنسىيىگە چىققان ئۇيغۇر كادىر ئانىنى كونترول قىلىشقا ئۈلگۈرگەن ئېدى.
بىر يېرىم ئايلىق خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى. بىز ئۈچ ئۇيغۇر بىلەن خوشلاشقىلى كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر موماي بىلەن خوشلاشقىلى كىرگەندەك ئۇنىڭ بىلەن ئىمكان بار جىقراق بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. موماينىڭ ئىككى ھەپتىدە بىر تەتقىقاتچىلارنى چاقىرىپ ئەتكەن مېززىلىك ئۇيغۇر تاماقلىرى، قىزغىن، ئوچۇق، سەبىرچان مىجەزى ھەممەيلەننى ئۇنتۇلغۇسىز مېھىرگە چۈمدۈرگەن  ئېدى. مۇشۇ قېتىملىق خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش تۈرىگە ئۇيغۇرچە، ۋاپچان، كىرايانا قاتارلىق تۆرت تىل كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ئارخىپلاشتۇرۇغۇچىلار مۇشۇ تۆرت تىلنىڭ خالىغان بىرىنى تاللايتتى. دەسلەپتە ئۇيغۇر تىلىنى تاللىغانلار ئۈچ بولۇپ ئازراق كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. بارلىق ئارخىپلاشتۇرۇغۇچىلار قاتناشقان تۇنجى ھەپتىدىكى ئۇيغۇر مەشرىپىدە ئانىمىزنىڭ سەبرىچانلىقى، ئىللىق مۇئامىلىسى، ئىدىتلىق –پاكىزلىقى، ئۇنۋېرىسال بىلىمىنىڭ موللىقى، مېھرىۋانلىقى مېھمانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغاپ غۇلغۇلار قوزغىدى بولغاي ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلىگۈچىلەر ئەسلىدىكى ئۈچتىن يەتتىگە كۆپۈيۈپ خاتىرلىنىدىغان تىللار قاتارىدا تەتقىقاتچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان تىل بولۇپ قالدى. مېھمانلار ئانىمىز بىلەن بەس بەستە رەسىمگە چۈشۈپ سوۋغات تەقدىم قىلىپ يېرىم كۈندە ئاران تاراپ بولدى. ئۆيدە خوشلۇشۇپ بولغانلار ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يەنە قايتىپ كېلىپ ئانىمىزغا ئېسلىشاتتى. بۇ مېھرىۋان ئانىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانىكەن. مېھمانلارغا قايتا قايتا  ئۆزرە ئېيتىپ ھېلىقى ئۇيغۇر تىلشۇناس قىزنىڭ يول باشلىشى ۋە يارىدىمى بىلەن پورتلەنگە بارىدىغان پويىزغا يولغا سېلىپ قويدۇم.







ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

نەگە كېتىپ بارىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66783
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1345
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاپلىن ئېيتىدۇرلەركى : « » ! داۋامى كەچتە .

دۇنيا مۇھەببەت ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1591
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7472
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ھىكايىكەن  ، مۇشۇ ئۇيغۇر ئانىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاللاھ بەركەت بەرگەي .

ھايات شام ئۆچىدۇ تۇرمايـدۇ ينىق ، دۇنياغا كەلدىڭمۇ كەتىمىكىڭ ئىنىق . شۇ كىلىپ كەتمەكنىڭ ئۆزى بىر سۇئال، جاۋاپقـا تەييار بـول يۇتكىچە تىنىق .

قۇرۇق شوئار توۋل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4604
تۆھپە نۇمۇرى: 845
توردا: 2909 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساز چېلىپ پۇل تېپىۋاتقان شۇ كىشىلەرنى بىزنىڭ تىلەمچىلەرگە سېلىشتۇردۇم، سەبىرە خانىمنى ئۆزىمىزگە سېلىشتۇردۇم... ئىدىيە جەھەتتىن ھەقىقەتەن زور پەرق بار!

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80140
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:45:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپادىلەش قابىليىتىڭىزگە ئاپىرىن.ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈنچىلىك گۈزەل ،ئىپادىلەش كۈچىنىڭ بۈنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ بىردە ئازاپلانسام بىردە ھاياجانلىناتتىم.مانا مۇشۇ كۈنلەردە سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇچاغدىكى ھىسسىياتىمنى قايتىدىن تىپىۋالدىم.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4696
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:43:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ قالتىسكەن!



http://kuznak.com

Http://Www.Kuznak.Com   === ئەڭ يىڭى تىمىلار كۆزنەك بىلوگىدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1298 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەنمۇ بارغانچە گۈلەننىڭ تىمىلىرىنى ئوقۇشقا خۇشتار بۇلۇپ قالدىم -دىسە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1298 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:53:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىمەن دەپ مىللەتنى كەلسە-كەلمەس تەنىقتلەيدىغان تىمىلاردىن  كۆرە ئادەمنىڭ روھىغا تەسەللىي بۇلىدىغان، كۈچ-غەيرەت ئاتا قىلدىغان مانا مۇشۇنداق تىمىلار كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3463
تۆھپە نۇمۇرى: 850
توردا: 1298 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:53:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىمەن دەپ مىللەتنى كەلسە-كەلمەس تەنىقتلەيدىغان تىمىلاردىن  كۆرە ئادەمنىڭ روھىغا تەسەللىي بۇلىدىغان، كۈچ-غەيرەت ئاتا قىلدىغان مانا مۇشۇنداق تىمىلار كېرەك!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش