تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان_ تۇيۇق (دىلنازئاي)
پىچان ناھىيسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا گىياھ ئۈنمەس تاغ باغرىغا جايلاشقان بىر كەنىت بار، بۇ كەنىتنىڭ ئىسمى_ تۇيۇق. مېنىڭچە بۇ كەنىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئەڭ قەدىمىيلىكنى ساقلاپ قالغان كەنىتلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. رەسىمگە قاراڭ:
مېھرى ئىللىق، خەلقى مېھماندوست بۇ يۇرتقا ئاجايىپ مېھرىم بار، شۇڭىمۇ تۇيۇق خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر يۈرىكىمنى ئېزىدۇ... . بۇ يەردە ھازىرغا قەدەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى ھەل بولمىغان دىيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا بارغۇدەك بولسىڭىز كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت، قول ھارۋىسى، ماشىنا قاتارلىقلارغا چوڭ-كىچىك سۇ تۇڭلىرىنى سېلىپ، ئەتراپتىكى قۇدۇقلارغا ياكى خوشنا كەنىتلەرگە سۇ ئالغىلى ماڭغىنىنى كۆرەلەيسىز...
2. بۇ يەردىكى كىشىلەر تەكتىكى ئۈزۈمگە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق ،شۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمگە تاينىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ، بىراق بۇ يەردىكى ئاھالىلارنىڭ تەكلىرى يۇلۇپ تاشلانغىلى 5 يىلدىن ئاشتى _ سەۋەبى ، كەنىت رەھبەرلىرى ئاممىغا <<تەكنى كېسىۋېتىپ ئامىرىكا كۆچىتى تىكىپ بېرىمىز، تەكلەر مىۋىگە كىرگۈچە پەرۋىشىگە ئادەم ئورۇنلاشتۇرىمىز، تەك مىۋىگە كىرگەنگە قەدەر ھەر بىر جانغا ھېسابلاپ تۇرمۇش پۇلى بېرىلىدۇ>> دىگەندەك چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ كىشىلەرنىڭ قولىنى باستۇرۇپ ، تەكلىرىنى يۇلىۋەتتى، بىراق قىلغان گەپ سۆزلەر شۇ پېتى قالدى... شۇڭا بىر قىسىم كىشىلەر مەركەزگەچە ئەرىزگە باردى، بىراق ئەرىزگە ماڭغانلار ھەر قېتىم دىگۈدەك كەنىت، يېزا، ناھىيە خادىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن قايتۇرۇپ كېلىندى...شۇنىڭ بىلەن كەنىتتىكى ئەمگەك ئېقتىدارى بارلار بالىلىرىنى بوۋا ، مومىلىرىغا قارىتىپ قويۇپ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئىشلەمچىلىككە كەتتى... بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ كەنىتتىكى مائارىپ ئىشلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. (1) بۇ كەنىت مەكتىۋىدە3- يىللىقتىن9-يىللىققچە بولغان ئوقۇغۇچىلاردە ئېغىر تۇراقسىزلىنىش، ئۆگىنىشتىن قېچىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. مەكتەپتە كۈنىگە 100~50نەچچە ئوقۇغۇچى كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەندە بۇ ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەچە ئوكىلىرىغا قارايدىغان، پارنىكلارغا بېرىپ كۈنلۈك ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى مەلۇم بولغان. (2) بۇ كەنىتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ، بىراق قوشنا كەنىتتىكىلەرگە قارىغاندا يوقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن...
3. بۇ كەنىتكە كېلىپ قارىغۇدەك بولسىڭىز نىفىت بۇرغۇلاش قۇدۇقلىرىنىڭ كۆپلىكىتىن ئۆزىڭىزنى قارامايغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، بۇ كەنىتنىڭ نىفىت بايلىقى شۇنچە مول بولىشى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ياخشىلىنىش ئېلىپ كىلەلمىدى...
4. كەنىت ئاھلىلىرىدە كەنىت خىزمىتىدىن نارازى بولسىلا، بالىلىرىنى مەكتەپتىن تۇتۇپ قالىدىغان ئەھۋال ئېغىر، شۇڭلاشقا بۇ كەنىت مەكتىۋىدە مەكتەپ مۇدىرى بولۇش، ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىنتايىن تەس ھەم جاپالىق... 5. كەنىت شۇجىسى يېڭىلا ئالماشتى، سەۋەبى ئالدىنقى كەنىت شۇجىسى ئاممىنىڭ ئېغىر نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن كىشىلەر مەركەزگىچە ئەرىز قىلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى شۇجى ناھىيلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا ئۆستۈرۈلۈپ ، ئورنىغا باشقا بىرى تەيىنلەندى... 6. بۇ كەنىتتە قارغولارچە دىنغا ئىشىنىش، خۇراپاتلىق قىلمىشلىرىمۇ ئېغىر...
ئاخىرىدا كەڭ مۇنبەرداشلىرىمنىڭ، رەھبەرلەرنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بۇ كەنىتنى تېزرەك قۇتقۇزۋېلىشىقا يېقىندىن ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي...
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
|