مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2474|ئىنكاس: 18

« گۈلچاي» توزۇتقان خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋىجدانلىق غۇرۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50923
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 846
توردا: 1772 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 01:38:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

.

« گۈلچاي» توزۇتقان خىياللار

.



       كىلىياڭ مەشىرىپنىڭ يىقىنىقى زامانلاردا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ سەنئەت كىچىلىكلىرىدە قويۇلىشى بىلەن شىنجاڭ تەۋەسىدە كىلىياڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتنىڭمۇ بارلىقى باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىشقا باشلىدى. قانداقلا بولمسىۇن گۇما ناھىيسنىڭ 70كىلومىتىر نىرىسىگە جايلاشقان بۇ يۇرتنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، تۇپرىقى مۇنبەت يۇرتلارنىڭ بىرسى ئىدى.گەرچە پارلاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ ، جايلىشش ئورنىنىڭ ناھىيە مەركىزىگە يىراقلىقى، شۇنداقلا بۇ ناھىينىڭمۇ شىنىجاڭدىكى جايلىشىشى چەت يىراق جايدا بولغانلىقى تۇپەيلىدىن، ئىقىتىسادى جەھەتتە ئەتراپىدىكى باشقا ناھىيلەردىن خىلى بەك ئارقىدا ئىدى.
يىل بويى چىقىدىغان بۇراننىڭ كۆپلىكى، سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ يۇرتتا نورمال تىرىكىچىلىك قىلىش بىر كىرىزىس سۈپىتىدە گۇما خەلقىنىڭ ئالدىغا قويولغان بىر سۇئال ئىدى. قانداقلا بولمسۇن بۇ ناھىينىڭ بەزى يىزىلىرىدا ئىككى قىتىم مول ھوسول ئىلىش تۈگۈل، بەزى يىزىلىرىدا ئاران بىر قىتىم مۇل ھۆسول ئالماق تىخىمۇ تەس بولىۋاتاتتى. ھەتتا بەزى مىۋە چىۋىلەر پىشماي تۇرۇپلا ھاۋا سوۋوپ قىش كىرىپ ئاپئاق قارلار زىمىننى باساتتى. ناھايەت كىيلىياڭ يىزىسى تەبىئى شارائىتنىڭ ناچارلىقى، ھاۋا كىلماتىنىڭ سوغۇقلىقى، سۇ مەنبەسىنىڭ يىتەرسىز بولىشى سەۋەپلىك بۇ يۇرت ھايات ھەقىقەتلىرى توغرىسدا ئاچچىق كۈلىۋاتاتتى. پۇقرالىرى نامراتلىق ئازابىدا تولغۇنۇۋاتاتتى.
يىغىسى بولغان بۇ ھاياتنىڭ كۈلكىسىمۇ بولغىنىدەك 2011-يىل كىلىياڭلىقلارنى تازا خۇشال قىلغان بىر يىل بولدى . چۈنكى بۇ يۇرتتا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسىنى كەلتۈرمەيدىغان بىر نەرسە مەيدانغا كەلگەن بولوپ، بۇ نەرسىنى كىشىلەر يەرلىك تىلدا «گۈل چاي » دەپ ئاتىدى. بۇ تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل گۈل تۈرىگە تەۋە ئۇسۇملۇك بولوپ،بۇ چاينى دەملەپ ئىچكەندىن كىيىن، قان بىسىمىنى چۈشۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. شۇنداقلا قاندىكى ماينى چىقىرىپ تاشلاش جەھەتتە ياخشى رولى بار ئىدى. بۇ چاينى دەملىگەندىن كىيىن رەڭگىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىقلىقى،ئات قىنىدەك قىزىللىقى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇراتتى. گەرچە بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇزۇندىن بىرى ئىزچىل قارشى ئىلىنىپ كىلىۋاتقان مەھسۇلات بولسىمۇ، بۇ يۇرتنىڭ تەبىئى جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ناچارلىقى، پۇقرالىرىنىڭ بىكىنمچىلىك ئىڭىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن «گۈل چاي»مۇ بىكىنمە ھالاتتە تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىدى. بىر قىسىم ئويغاق كىشىلەر ۋە ياكى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى چاي سودىگەرلىرىنىڭ بۇ يۇرتقا دىققەت ئىتىۋارىنى بىرىشى بىلەن «گۈل چاي»نىڭ  تارىخى خاراكتىرلىك بۇ سىرى كەڭ جامەئەتچىلىككە ئاشكارلاندى.
سودىدا يۇرىكى پىشقان، پايدا بىلەن زىيان ئوتتورىسىدا كەسكىن ھىساپ قىلالايدىغانلار بىر نەچچە كىچىنىڭ ئىچىدىدىلا مىلىيۇنىرلارغا ئايلاندى. ئۇلارلا ئەمەس ئۆمۈر تارىخىدا ئون مىڭ يۇەننى كۆرۈپ بىقىپ تۇتۇپ باقىمىغانلار بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا مىلىۇنىرلارغا ئايلانغانىدى. بۇ بىر ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. بۇ جەھەتتە بىز ئىشنەيلى ۋاياكى ئىشەنمەيلى، كلىياڭلىقلارنىڭ يانچىقى ھەقىقەتەن پۇلغا تولدى.سانتانا دىيشىنى بىلمەيدىغان بەزى دىھقانلار «ساتىنا»ماشىنا ئالىمىز دىيىشكىنىچە ماشىنا بازىرىغا قاراپ ئاقتى. كىلىياڭلىقلار ھاياتىدا تولىمۇ ئاز ئولتۇرالايدىغان بەزى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى ھەيدەشنى بىلمىسمۇ، ئويىنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويوپ شوپورلۇق مەكتەپتە ئوقوپ پىراۋا ئالماقچى بولوشتى.
گۇما ناھىيە ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى تاللا بازىرى يىزا بازارلارغا ناھىتى ئاز ئىلىكىتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلىپ بىرىپ ساتاتتى. ئاز ئىلىپ بىرىشىتىكى سەۋەپ، كىرىم چىقىمنى قامدىيالمايتى.  لىكىن بۇ قىتىم كىلىياڭ يىزىسىغا ئىلىپ بىرىلغان ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇنداق بولمىدى. ئەكىسچە بۇ تاللا بازىرى ئۇزۇندىن بىرى ئىسكىلاتلىرىدا بىسىلىپ قالغان ماللىرىنى ئاپىرىپ ساتقان بولسىمۇ پاك پاكىز تۈگەپ، دىھقانلارنىڭ ئالدىن پۇل تاپشۇرۇپ مال زاكاس قىلىشىتىن ئىبارەت كىلىياڭ يىزىسدا تارىختىن بىرى كۆرۈلۈپ باقىمىغان ئەھۋال كۈرۈلدى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر بازار كۈنى(كىلياڭدا دۇشەنبە كۈنلىكى بازار بولىدۇ) 100دىن ئارتۇق توڭلاتقۇ سىتىلغانمىش. بۇنى بىز بۇ يۇرتلارغا رىكورت دەپ ئاتايمىز.
ئىچكىرىدىكى چاي سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ بۇ يۇرتقا كىرىشى كىلىياڭلىقلارنى ھەقىقەتەن باي قىلىۋاتتى.مۇنداقچە ئىتقاندا كىلىياڭلىقلارنىڭ بىشىغا ئامەت قۇشى قوندى. ياراتقان ئىگەم بۇ يۇرتلارنى بەكمۇ تەڭشەپ ياراتقان ئىدى. ئارانلا  بۇغداي قوناقتىن مول ھوسول ئالالايدىغان بۇ يۇرتنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا شۇنداق ماس كىلىدىغان گۈل چاينى يار يۆلەك قىلغان ئىدى. گۈل چاي ئىچىلغاندىن كىيىن  بۇ نەرسىنىڭ مو بىشى ساپ پايدىسى 100مىڭ يۇەندىن ئىشىپ كەتتى
. باشقا يۇرتلاردا تىرىپ سىناپ باققانمۇ بولدى.  لىكىن سۈپىتى ھەقىقەتەن كىلىياڭنىڭكىگە يەتمىدى. كىلىياڭ گۈل چىينىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتتى. مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانلىرىنىڭ قىززىق نوقتا زىيارەت مەنبەسىگە  ئايلاندى. تاغدا ئۆسىدىغان بىزنىڭ زاغرا تىلىمىز بويىچە ئىتقاندا بۇ ئۆت چۈپ ھەقىقەت ئۆزىنىڭ سىھرى كارامىتى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ بىر يىلدا گۈل چاي تىرىمىغانلار ھەقىقەتەن ئارماندا قالدى. يۇرەكلىرى ئىچىشىىپ كەتتى. پىقىرمۇ بۇ جەھەتتە ئارماندا قالغانلارنىڭ بىرسى مەن. گۈل چاي تىرىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا گۇمان بىلەن قاراپ ئەرزان سىتىۋاتقانلار «مەن رازى»دىگەننى توختىماي دەپ نىرۋىسىدىن ئادىشىپ قالدى ۋە ياكى ئادىشىپ قالايلى دەپ قالغانلارمۇ كۆپ بولوشتى. خوش 2011-يىلى بەزەنلەرنى كۈلدۇرسە بەزەنلەرنى ئارمان بىلەن، يەنە بەزەنلەرنى ئازاپ بىلەن يولغا سىلىۋاتاتتى. ماشىنا ھەيدەش تىخنىسكىنىڭ توۋەن بولىشى سەۋەپلىك پوچىلىق قىلىپ ماشىنا سىتىۋىلىپ ئۇچقاندەك ھەيدەيدىغانلار قاتناش ۋەقەسىگ ئۈچراپ پۇلىنىمۇ خەجلەشكە ئۈلگۈرمەي خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. بەزەنلەر بۇ ئاماتلەرنىڭ ئۆزىگە بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويوپ خوتون ئۈستىگە خوتون ئىلىپ، سىرىق چاچلىق ، قىشقا يوپكا كىيكەن گۈزەل نازىنىلارنى بۇ يۇرتقا ئەكىلىشكە باشلىدى.كىلىياڭلىق ئاياللار جەينامازدىن چۈشمەي بەختىلىك ئائىلىسىنى بۇزغان گۈل چاينى قارغىماقتا ئىدى. ھاراق تاماكا تاپماق ئىنتايىن تەس بۇ يۇرتتا ئەيشى ئىشرەت كەيپى ساپا كۆپىىيپ قىلىشقا باشلاۋاتاتتى.
بۇ ئامەتنىڭ يىنىدا يەنە بىر ئاپەتمۇ تۇراتتى. بىز ئەنە شۇنداق سىناق ئالدىدا تۇرۇپ 2011-يىلىنى ئۈزۈتۇپ باھارنى كۈتىۋالدۇق. قىززىق ئىشلار تىخىمۇ يۈز بىرىشكە باشلىدى.2011-يىلنى گۈل چاي تىرىماي خاتالىق بىلەن ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر بۇ 2012-يىلىنى بۇنداق ئۆتكۈزىۋەتكۈسى كەلمىدى. ئۇلارمۇ تىرىپ مىلىيۇنىر بولغۇسى كەلدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىر قىسمى مەككار، ھارامتاماق ، ساختىپەزلەر باي بولوشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغان ئىدى. گۈل چاي تىرىش ئۈچۈن گۈل چاي ئۇرۇقى لازىم بولاتتى.  گۈل چاي ئادەتتە 7-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ ئىچىلىشقا باشلايدۇ. ھەر ئۈچ كۈندە(ھاۋاسى ئىسسىق بەزى جايلاردا ئىككى كۈندە)بىر قىتىم گۈل چاي يىغىۋىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق يىغىۋىلىنىدۇ .بىر مو يەرنىڭ گۈل چىينى يىغىۋىلىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 5-8گىچە ئەمگەك كۈچى كىتىدۇ. بۇ تاكى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە گۈل چايدىن مول ھوسول ئىلىنىدۇ. 9-ئايدىن كىين ئۇرۇققا تاشلىۋىتىلىدۇ. 10-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدا ۋەياكى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇرۇق يىغىۋىلىنىدۇ. بۇ بىر تىخنىكىلىق تەلەپ. لىكىىن بەزەنلەر تاكى 10-ئاينىڭ ئوتتورلىرىغىچە گۈل چاي يىغىش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. بۇنداق كىىين قالغان گۈل چايلارنىڭ ئۇرۇققا سالغاندا بىر بولسا سوغۇقتا ئۇششۈپ كىتىش ۋەياكى ئۇرۇق تولوق پىشماسلىق ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. گۈل چاي بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار ئۈنچىلىك كۆپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۈششۈپ كەتكەن ئۇرۇقمۇ ۋەياكى خام ئۇرۇقمۇ بىلىش دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا ئىش. 2012-يىلى يىڭى يىل كىرىشى بىلەن گۈل چاي ئۇرۇق بازىرى قىززىپ كەتتى. ھەر كىلوسى 1500يۇەندىن 4000يۇەنگىچە سىتىلدى. گۈل چاي ئۇرۇقى بىلەن ئىچكىرىدە ئۈستۈرۈلىدىغان بىر مەنزىرە گۈلى(白雪菊)نىڭ ئۇرۇقى بەكمۇ ئوخشاش چىقىپ قالدى. بىرقىسىم ساختىپەر، ئالدامچىلار ئىچكىرىدىن بۇ خىل مەنزىرە گۈلىنىڭ ھەر كىلوسىنى 20يۇەندىن ئىلىپ گۇمىغا ئەكىلىپلا ھەقىقى گۈل چاينىڭ شادىسىغا ئارلاشتۇرۇپ ھەقىقى كىلىياڭ گۈل چاي ئۇرۇقى دەپ ساتتى. شۇ ۋاقىتتا گۈل چاي شادىسىمۇ قاتتىق پۇل بولوپ كەتتى. بىر كىچىك بىر يۇرتتىن شۇنچىلىك كۆپ گۈل چاي ئۇرۇقى سىتلدى.بۇ قانداقمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغسۇن.
4-ئايداباشلىرىدا، ئوتتورلىرىدا، ئاخىرلىرىدا تىرىلىدىغان بۇ گۈل چاي ھىكايسىى داۋام ئەتمەكتە ئىدى. گۈل چاينىڭ نامىنى چىقارغان،10نەچچە يىللاردىن بىرى گۈل چاي سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلۋاتقان ئۈستاز كىلىياڭ توققوز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ ئوقوتقۇچىسى نۆرەخمەت ئالىم مۇنداق دەيدۇ:«گۇما ناھىيسىدە مىنىڭ پەرىزىمچە 10توننىغا يىقىن گۈل چاي ئۇرۇقى چىقىش ئىھتىماللىقى بار ئىدى. لىكىن ھازىر 100تونندىن ئارتۇق گۈل چاي ئۇرۇقى سىتىلىپ بولغان بولىشى مومكىن».بۇ گۈل چاي مۇتەخەسسىسى ئىنىقلا قىلىپ ٪90 گۈل چايدىن مول ھوسول ئالغىلى بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇرىۋاتاتتى.  ئويوننىڭ قىزىقى 5-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىدى.قىممەت باھادا سىتىۋالغان بۇ بايلىق ئىلاھى ئۈنمىدى. يۇقىرى باھادا سىتىۋالغان يەرلەردە ئوت-چوپتىن باشقا ھىچنىمە كۈرۈنمىدى. بەزەنلەرنىڭ مىلىيۇنىرغا ئايلىنىش چۈشى بىردەمدىلا بەربات بولوپ، بىر مۇنچە زىياننى يۈكلىۋالدى. زىيانغا چىدىمىغانلار ئۇرۇق ساتقۇچىلارنى ئىزدەپ تازا بىر دىيشمەكچى بولوپ ئۆيىگە بارغاندا، بۇ مەككار، ساختىپەزلەريوغان قۇلپىنى ئىشىككە سىلىپ قويوپ بىر مۇنچەپۇلنى ئىلىپ ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىدى. بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە ھەل بولمدى. قانداق قىلىش كىرەك؟بەزەنلەر گۈل چايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىدىن ئۆمىدىنى ئۈزۈپ يەرلەرنى ئاغدۇرۇپ قۇناق تىرىپ بولغان ئىدى. يەنە بەزەنلەر بولسا تەن بەرمەي، مايسا كۆچۈرۈش ئىشى بىلەن مەشخۇل بولىۋاتاتاتتى.ئەپسۇس ، كۆچۈرگەن مايسىمىزنىڭ راستىلىقىغا كىم بىر نەرسە دىيەلەيدۇ؟ 7-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدا بۇ گۈل چاي توغرىسىدا يىڭى يىڭى ھىكايىلەر يىزىلمايدۇ دەپ ھىچكىم ئىيتالمايدۇ.گۈل چايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر خۇدادىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ.

گۈل چاي بىزلەرگە ئامەت ئىلىپ كىلەمدۇ ۋەياكى ئاپەت ئىلىپ كىلەمدۇ بۇنىڭغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. بۇندىن كىين گۈل چاينىڭ تەقدىر ئىستقبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ گۈل چاي مەسىلىسىدە سوغوققانلىق بىلەن ئىش تۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
مەنبە:
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=9459&fpage=0&page=1

‹‹ ئەركەك ئۈچۈن يىغلىماق نۇمۇستۇر ››

چىن سۆز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35878
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:08:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bu yil gul chay tirighankar bek kop, bunche kop gul chayni kim yaki qaysi shirket alidu?

راست سۆزلىيةلةمسىز؟! قېنى ......

ئەينەككەقارسام ئۆزۈمنى كۆرىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5550
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4787
تۆھپە نۇمۇرى: 806
توردا: 4922 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە يەردە گۈلچاينىڭ گېپى ... بەزىلەر گۈلچاي تېرىغان يەرلىرىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ قۇناق تېرىپتۇدەك ...
.ئۇلۇغ ئاللاھ جاپا كەش خەلقىمىزنى بالا-قازادىن يىراق قىلسۇن !!!  

ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۋالغان تىلەمچى

دۇنيا مۇھەببەت ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1591
يازما سانى: 735
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10473
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:45:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بۇساختىپەر قۇيمىچىلارنى قانداق قىلىش كىرەك . مىنىڭمۇ يىزىدىكى تۇققانلىېرىم تىرىغان ئىدى . ھازىرغىچە ئۇنمىدى ئەسلىدە ئىش مۇنداقكەندە . خۇدايىم شۇ قۇيمىچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي .

ھايات شام ئۆچىدۇ تۇرمايـدۇ ينىق ، دۇنياغا كەلدىڭمۇ كەتىمىكىڭ ئىنىق . شۇ كىلىپ كەتمەكنىڭ ئۆزى بىر سۇئال، جاۋاپقـا تەييار بـول يۇتكىچە تىنىق .

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇشۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز مۇشۇ شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىلا گۈلچايدىن پايدىلىنىپ بىرەر زاۋۇت قۇرغان بولسا ، نەدىكى ئىچكىرىدە تەقلىدى مىۋە ئىچىملىكلىرىنى ياساپ بىزنى ئالداۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز گۈلچايدىن پايدىلىنىپ ئىچىملىك ياكى يىمەكلىك ياسىغان بولسا ياخشى بۇلاتتى . بۇنىڭغا ئارمان گوروھىدەك چوڭ گوروھ ئىگىلىرى قانداق ئويلاۋاتىدىكىن ؟ تەتقىقاتچىلىرىمىزمۇ مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ باققان بولسا !

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4452
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 05:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faeza يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 04:23 PM
مۇشۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز مۇشۇ شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىل ...

ناھايىتى توغرا دەيسىز ، سۇنى باشتىن توسقاندا ئاراشلىرىدىن سىرغىندا سۇلار ئېقىشى مۇمكىن بۇ سىرغىندى سۇلار قانداقمۇ تۆۋەن تەرەپتىكى يەرلەرنى سۇغۇرشقا يەتسۇن، دېمەكچىمەنكەنكى، مىللى كارخانىچىلىرىمىزنىڭمۇ تىل قىسىنچىلىقى بۇلۇشى مۇمكىن، مەبلەغ يېتەرلىك بولسىمۇ ئىجازەت بىرىلمەسلىكى...... گۈلچايغا كەلسەك، بىزنىڭ كورلا تەرەپتىمۇ تېرىغانلار خېلى باركەن، لىكىن بىزنىڭ بۇ يەرلەردە باھاسى قانچە بۇلىۋاتىدۇ بىلمىدىم . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا لوپنۇر تەرەپتە گۈلچاي تېرىغان خەن دېھقانلىرىنىڭ ھەربىر مو يىرىنى 50000مىڭ يۈەندىن ئېلىۋېتىپتىدەكمىش دەپ.
ئىشقىلىپ كونىلاردا‹‹بەك قاينىغان چۇگۇن بوينىغا تاشىدۇ ››دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ.......دېققەت قىلغانغا يەتمەس!

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80426
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5132
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 185 سائەت
تىزىم: 2012-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 06:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يېزىمدىمۇ بار بۇنداقلا ....يەيدىغان ئاش نان تېرىغان يەرنى بۇھۇۋېتىپ گۈل چاي تېرىۋاتقانلار ،،،،،،،،،،،،،!!!!!!!!!!!نىمە يەبيدىغاندۇ بۇلار  گۈل چاي ئىچىپ ئلتۇرامدىغاندۇ دەيمەن !!!!!!!!!!ئاللاھ شۇلارنىڭ رىسىقىنى بارگەي !!!!!!

ئاللاھ خالىسا شۇنداق كۈنلىرىم كىلىدۇ :دوسلىرىم پەخىرلىنىپ كۈلگىدەك ، دۈشمەنلىرىم ھەسەت قىلىپ ئۆلگۈدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41220
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3873
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1193 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 06:32:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېرىمىدىم،

ئىگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،
مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى.
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق،
سەتلىشىدىكەن غادايغانسىرى.

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8708
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 07:09:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش