مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2362|ئىنكاس: 18

گۈلچاي توغرىسىدا ئەندىشىلىك خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10645
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8109
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2067 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:57:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

               گۈلچاي توغرىسىدا ئەندىشىلىك خىياللار



                   ھۆرمەتلىك تورداش، سىز يىقىنىدىن بىرى گۇما ناھىيسگە كىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ ھەيران قالىسىز،پايدىلىنىشقا بولىغانلىكى يەرگە گۈل چاي تىرىدۇق، پەقەتلا ئاق قويمىدۇق. بايمۇ تىرىدى، نامراتمۇ تىرىدى. دىھقانمۇ تىرىدى، كادىرمۇ تىرىدى. باشلىقمۇ تىرىدى، پۇقرامۇ تىرىدۇ. ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغانلارمۇ تىرىدى، ئەيشى ئىشرەت سورۇنىدىىكىلەرمۇ تىرىدى. تىرىمىغانلار ھەقىقەتەن ئاز بولدى. يىرى بارلار يىرىگە تىرىدى، يىرى يوقلار يۇقىرى باھادا يەر ئىلىپ تىرىدى. دىھقانمۇ دىھقان بولدى، كادىرمۇ دىھقان بولدى، مۇئەللىممۇ دىھقان بولدى، تىجارەتچىمۇ دىھقان بولدى، ئاشپازمۇ دىھقان بولدى، ناۋايمۇ دىھقان بولدى.بۇنى ھىچكىممۇ زورلىمىدى. بۇيىل گۇما ناھىيسدە دىھقان بولغانلار بەكمۇ كۆپ بولدى.نەچچە يىللاردىن ئالۋاڭغا قالغان پارنىكلار بۇ يىلدا تولىمۇ ئەتىۋار نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. گۇما ناھىيسىدە «گۈل چاي تىرىمىغانلار گۇمىلىق ئەمەس»دەيدىغان كۆز قاراش شەكىللىنىپ قالدى. گۇما ناھىيسى ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈل چايلىق بولىۋاتىدۇ. مەن سىلەرنى 7-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدا گۇما ناھىيسىگە كىلىپ گۇما ناھىيسنىڭ كۆركەم گۈل چايلىق مەنزىرىلىرىدىن ھوزور ئىلىپ كىتىشكە تەكلىپ قىلىمەن. قاياققا قارىسىڭىز گۈلچايلىق كۆرۈنىدۇ. ياق ياق، سىز بىزنى موھىت ئاسراش ئىڭى كۈچىيىپ كىتىپتۇ دەپ قالماڭ.بىزنىڭ بايلىق قوغلۇشۇش ئىڭىمىز بەك كۈچىيپ كەتتى. ئاچكوزلىكىمىز چىكىگە يەتتى. «ياخشى تۇردۇڭمۇ» دەيدىغاننىڭ ئورنىغا گۈلچايلىرىڭ قانداق دەپ سوراش ئادەتكە ئايلاندى.

              گۈلچاي، ھەي گۈلچاي، سەن ھىچكىمنى ئارامىدا قويمىدۇڭ. سىنىڭ سەۋەبىڭدىن كۈندۈزلىرى تىخى خاتىرجەم يۈرەلمىسەم، كىچىلىرى تىخى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىسام، تاققا چىقساممۇ شۇنىڭ گىپى، باغقا كىرسەممۇ شۇنىڭ گىپى، ئۆيگە كىرسەممۇ شۇنىڭ گىپى، تالاغا چىقساممۇ شۇنىڭ گىپى. كوچىدا ماڭساممۇ شۇ گۈلچاينىڭ گىپى. بۇلاردىن زىرىكىپ بىردەم تورغا چىقاي دىسەممۇ، يەنە شۇ توردا گۈلچاينىڭ گىپى.

ناھەيەت، گۈلچايدىن ئىبارەت بۇ بايلىق ئىلاھى ھەممەيلەننى باي قىلالمىدى. باي بولوش ئارزوسىدا نەچچە يۇز مۇلاپ يەرگە تىرىغۇچىلار گۈلچاينىڭ زىينىدىن بىلىنى ئۆرە قىلالماي بىزمۇ ۋە ياكى ياراتقان ئىگەممۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ئۆلۈم يولىنى تاللىۋىلىشىتى. بۇنداق تىراگىدىيەلەر بەلىكىم گۇما ناھىيسىدىلا ئەمەس، شىنجاڭنىڭ باشقا يۇرتلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن بولىشى مومكىن.

            خوش، ئۇنداقتا بۇ يەردە ئوتتورىغا قويولماقچى بولغان پىكىرىمىزنىڭ مەركىزى نوقتىسىغا كىلەيلى.

بىز كۆپ مەبلەغ سىلىپ دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ گۈلچاي تىرىپ ئىقىتسادى كىرىمىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى ئىدۇق. دىھقانچىلىق كەسپى يۇقىرى ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان ھەم شۇنداقلا ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان جىسمانى ئەمگەك بولوپ، بۇ ئۇنۋىرسىتىتا نەچچە يىل ئوقوغانلارنىمۇ خىلى زور دەرىجىدە جەلىپ قىلدى. گەرچە پۇل تىپىشتىن ئىبارەت بىر نىيەت مەقسەتنى چىقىش قىلىپ گۈلچايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنى ئۆزىمىنىڭ بالىسى باققاندەك پەرۋىش قىلىپ باققان بولساقمۇ،تىرىغان كۆلەم سانىنىڭ كۆپلىكى بازارباھاسىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋالغۇپ تۈرىشىنى پەيدا قىلىپ، بىزنى گۈلچاينىڭ گەلگۈسى ئىستقبالىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىشقا باشلىدى. باھا ئۈزلۈكسىز چۈشىۋاتاتتى، نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ باشقىلار باھانىڭ تۆۋەن بولىشىنى گۈل چاي كۆپ تىرىلغانلىقىتن شۇنداق بولدى دە پ قاراۋاتىدۇ. لىكىن مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. گۈلچاي ئوزىمىزنىڭ ئۆيىدىن چىقىدىغان نەرسە تۇرۇقلۇق نىمىشقا ساتقۇچى تەرەپ گۈلچاينىڭ باھاسىنى بىكىتەلمەيدۇ؟ نىمىشقا سىتىۋالغۇچىلارنىڭ  دىگەن باھاسى ئاساس بولىدۇ، ساتقۇچى تەرەپنىڭ باھاسى نەزەرگە ئىلىنمايدۇ؟ بۇ دەل بىزنىڭ سودا ئىڭىمىزدىكى ئاجىز بىر  بوشلۇق. باشقىلار بۇنى ناھىتى چىرايلىق تىللار بىلەن بازار قانۇنىيتى دەپ ئاتىۋالدى. ئەجىبا بۇ ساتقۇچىدىن ئالغۇچى پاسسپ ئوروندا تۇرىدىغان قانۇنىيەتمۇ؟ بىر يىل كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپا تارتىپ گۈل چاي تىرىغانلىرىمىز زىيان بىلەن ئاخىرلامدۇ؟ئەجىبا باشقىلارمۇ زىيان تارتىۋاتقانمىدۇ؟ سىز جۇڭگۇدىكى 1-ئوروندا تۇرىدىغان ئىلىكتىرۇنلۇق سودا تور بىكىتىگە كىرىپ(昆仑雪菊) دەپ كىرگۈزۈپ بىقىڭ؟ سىز شۇندىلا باشقىلارنىڭ پايدىنى ئون نەچچە ھەسىلەپ ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پايدا ئىلىۋاتقانلقىنى بىلىۋالالايسىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن سىز ھازىر گۈلچاي بازىرىنىڭ مۇنۇپۇللىقى باسقۇچىدا تۈرىۋاتىسىز. يەنە ئىسىڭىزدە بولسۇن، ئىقتىساد ئىلمىدە باھا بىكىتىش ھوقوقى دەيدىغان بىر ئوقۇم بار، باھانى ئالغۇچى تەرەپ بىكىتەمدۇ ۋەياكى ساتقۇچى تەرەپ بىكىتەمدۇ؟ بۇ ھەربىرەيلەننىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق.

گۇما ناھىيسى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ گۈل چاي بازىرى بولوپ قىلىش ئىھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇنداق بولىشى گۈلچاينىڭ نامى گۇمىدىن تارقالغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولدى. يىقىندىن بىرى مىنىڭ پەرىزىمگە ئاساسلانغاندا گۇما ناھىيسگە باشقا ۋىلايەت، باشقا ناھىيلەردىن زور مىقداردا ساتىدىغان گۈل چاي ئىلىپ كىلىندى.بۇنداق بولىشى كىلىياڭ گۈل چيىنىڭ باھاسىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتدۇ. ئەگەر باشقا يۇرتلاردىن گۇمىغا ئىلىپ كىلىنمىگەن بولسا، كىلىياڭ گۈل چيىىنىڭ باھاسى ئۈنچە تۆۋەن بولوپ كەتمەسلىكى مومكىن ئىدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا يۇرت گۈل چايلىرىنىڭمۇ كىلىياڭ گۈل چىيىغا سىلىشتۇرغاندا سەللا تۆۋەن بولغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ھازىرقىدەك تۆۋەن بولوپ كىتىشى مومكىن ئەمەس ئىدى.  بۇ بىرقىسىم پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغۇچىلارنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى ئىدى. ھالا بۇ باسقۇچقا بارغاندا يىنىۋىلىش كىرەكمۇ؟ ياق، يىنىۋىلىشقا بولمايدۇ.ئۆتكەن يىلدىكى بازار باھاسىدا سەۋدا بولوپ كەتكەنلەر ئىچىكىرىگە ئىلىپ كىرىپ ئۆزى بىۋاستە ساتماقچى بولوشقانلار يەنىلا ئۈمىتىسىزلىك ئىچىدە قايتىپ چىقماقتا ئىدى. بازار باھاسى قانداق بولار؟ بۇ كۆپچىلىك ئادەملەر قىزىقىدىغان قىززىق تىما مەسىللىرىنىڭ بىرى بولوپ قالدى.

           «ماركا» ئىقتىساد ئىلمىدە ئالاھىدە موھىم ئوروندا تۇرىدىغان ئوقۇم. قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى سودا جەمىئىتىدە ماركىنىڭ كۈچىگە ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ماركا ئۇقۇمىنىڭ بىر شىركەت ۋە كارخانائۇچۈن ۋە ياكى بىرەر مەھسۇلات ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئەمەلىيەت.«كىلىياڭ»گۈل چاي ئۈچۈن ماركا بولدى. كىلىياڭ گۈل چىيى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى جەھەتتىن گۈل چايلارنىڭ داڭلىق تاۋار  ماركىسىغا ئايلاندى.مىنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىمغا، قىياسىمىغا ئاساسلانغاندا «كىلىياڭ» گۈل چيىنىڭ بازارغا كىرىشى گۇلچاي بازىرىغا نىسبەتەن ئاز تولا تەسىر كۆرسىتدۇ. لىكىن ئۇنداق ئاسمان زىمىن تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن. كىلىياڭ گۈل چىيىنىڭ بازارغا كىرىشى گۈلچاي سودىسىنىڭ ئەڭ قىززىغان پەسلىگە توغرا كىلىدۇ. ئەگەر شۇ ۋاقىتلاردا گۈل چاي سودىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولالمسىا بۇندىن كىينمۇ گۈل چاي سودىسىنىڭ تەقدىر ئىستىقبالىغا گۇمان بىلەن قاراش كىرەك. بۇ خىل قاتمال ۋازىيەتتىن قانداق قىلغاندا ئاكتىپ ئورونغا ئۆتۈشكە بولىدۇ؟ بۇ ھەربىر گۈل چاي سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار جىددى ئويلىنىشقا تىگشىلىك مەسىلە؟

         گەرچە ھازىر گۈلچاي «كوئىنلۇن گۈلچىيى»نامى بىلەن داڭلىق بولوپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، مەن يەرلىك ھۆكۈمەتكە «كىلىياڭ گۈل چيىى» ماركىسىنى يارىتىش توغرىسدا تەكلىپ بىرىمەن. بۇنداق بولىشى كۈلچاي بازىرىغا نىسبەتەن يەنە بىر ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچ بولوپ قىلىشى مومكىن.چۈنكى  كىلىياڭ گۈل چيىى ئارقىلىق  ياخشى ئوبراز تىكلەش مومكىنچىلىكىمىز بەكمۇ يۇقىرى.

بۇ جەھەتتە سەمىمى تەكلىپ پىكىر بىرىشنى خالايمەن

(ئالاھىدە ئەسكەرتىش : سەمىمى نىيتىمىنى خاتا چۈشەنمەڭ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 06:36 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16607
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 4456 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازانى بۇزۇۋاتقان يەنىلا ئۇزىمىز، تۈنۈگەن ئۈرۈمچى خەلقارا چوڭ بازاردا مەخسۇس گۈل چاي كۆرۈپ دۇكان ئارىلىدىم، خۇيزۇ ۋە خەن يولداشلارنىڭ دۇكانلىرىدا بازاغا ساپتۇ، 500 كويدىن 3000 كويغىچە باھا قويدى ، ئازراقمۇ چۈشۈدىغاندەك ئەمەس، ئۇلار گۈلچاينىڭ مىغىنىنى چاققۇچىلاركەن،

بىلىغىممۇ بىلىغىم، پىلتىڭلايدۇ بىلىغىم، قېرىغاندا قېرى تاتۇق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىغىم.

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:10:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقتە ياخشى چۈشەنچىنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ...دىمىسىمۇ ھەممە گۈل چاي تىرىدى ...لىكىن سىتىشتا سەندىن مە
قالارمەنمۇ دىگەندەك بىرسى بىرسىدىن ئەرزان سىتىۋاتىدۇ...توغىرا مالغا مالنىڭ ئىگىسى باھاقويىدۇ  ئالغۇچى خالىسا ئالىدۇ ...ساتقۇچىمۇ خالىسا ساتىدۇ..بۇ بىر قانۇنيەت يىقىندىن بۇيان ھەرخىل مىش-مىش پاراڭلار كۆپيىپ كەتتى شۇ سەۋەپتىن كىشىلەر ئەرزان بولسىمۇ زىينىمىزنى ئازايتايلى دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك ئەرزان سىتىۋاتىدۇ ...بولسا ھەممىمىز بۇھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ كىشىلەرنىڭ زىينىنى ئازاتساق ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 03:18 PM  


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6055 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق نەرسە كۆپ بوپ كەتسە قىممىتىنى يوقىتىدۇ،  ئالتۇن تاشتەك كۆپ ، تاش ئالتۇندەك ئاز بولغان بولسا ئىككىسىنىڭ ئىختىزادى قىممىتى ئالمىشىپ كەتكەن بولار ئىدى، ئۇ چاغدا ئاياللار ئالتۇن زىبۇ - زىننەت تاقىماي تاشتىن زىبۇ - زىننەت قىلىپ تاقىغان بولىشى ، دۇنيا پۇلىلىق ئورنىغا ئالتۇن چىقماي تاش چىقىشى مۇمكىن ئىدى،
گۇل چاي دىمىسىمۇ ھەددىدىن زىيادە كۆپ تىرىلدى، بىزنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىمۇ نەگىلا قارىسا شۇ نەرسە ، ھىلىمۇ ياخشى بەزى دىھقانلىرىمىز كەلگۇسىنى ئويلاپ 10 مو يىرىنىڭ 2 مورىغا گۇل چاي تىرىغان بولسا قالغان 8 مورىغا بۇغداي ، كىۋەز دىگەندەك زىرائەتلەرنى تىرىدى، خۇدا غا يۇزمىڭ شۇكرى،

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16607
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 4456 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلچاينى بۇلتۇر پۇلچاي قىلغان ئىچكىرنىڭ بازىرىتى، چۈنكى بۇ نەرسىنى بىز ئۆزىمىز ئىستىمال قىلمايمىز، بۇ يىل تۇيۇقسىزلا كۈلچاي بولۇپ كىتىشىدە سەۋەپ ئۆزىمىزدىمۇ بار، سىتىۋالغۇچى ھايانكەشلەر بەك ھىلىگەر بولىدىكەن ، ھازىرقى گۈلچاينىڭ تۆكمە ۋاقتىدا قەستەن مال ئالماي تۇرۇۋىلىپ بۆھران ،ئەنسىزلىك ۋە قورقۇنۇچ پەيدا قىلىۋاتىدۇ.  پۇلغا قاراشلىق پۇلنىلا تونۇيدىغان ھەم بۇ يىلقى قىزىقچىلىقتا پاتاڭغىچە قەرزى بولۇپ كەتكەن گۈلچاي تىرىغۇچىلارغا بۇنداق قوقاق سىلىپ قورقۇتۇش ھەقىقەتەنمۇ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىۋۋاتىدۇ. مەن ئىچكىر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇقۇشتۇم ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ 300 گىرامنى 900 كوي سىتىۋىتىپتۇ باللا، ھەي بىزنىڭ بىچارە دىخانلار. قورقۇپ ئىچكىرگىچە ئالدىغا ئاپارساڭ نەچچە كۈن ئالماي تۇرۇۋالسا ئىشتىنىڭغا سىيىۋەتكىدەك قورقۇپ بىكانىڭ نەرقىدە بىرىۋىتىپ كىلىسەن بۇنىڭ بىلەن جازانىخورلا ھايانكەشلەر سىنىڭ خۇيۇڭنى بىلىۋىلىپ تومۇرۇڭنى تۇتۇۋىلىپ بازا بىراقلا بۇزۇلىدۇ. بۇ گۈل چاي تىرىغۇچىلارغا يا گۈلچىيىڭنى ساقلاپ قوي ئالدىرپ ساتما دىگىلى بولمىسا،كوللىكتىپ ئڭ بىزدە ئازراقمۇ يوقكەن ، پاتنىت ماتكا ئىڭى بازا قوغداش ئىڭى دىگەنلەر ئازراقمۇ يوق. شۇنداق بولغاندكىن مۇشۇنداق بولماي قانداق بولماقچىتى   

بىلىغىممۇ بىلىغىم، پىلتىڭلايدۇ بىلىغىم، قېرىغاندا قېرى تاتۇق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىغىم.

ئۈمۈد ئادەمنى غەلبىگە باشلايدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50684
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4866
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 3052 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ شۇ قېرىنداشلىرىمىز زىيان تارتىپ كەتسە بولمايتتى، مېنىڭچە بىر مەخسەتكە كېلىپ، بۇ يىل گۈلچاينى ھېچكىم ھېچكىمگە ساتماي ياخشى ساقلاپ قويۇش، كېلەر يىلى سېتىش ۋە بۇ يلمۇ ھېچكىم گۈلچاي تېرىماسلىق كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىر تەرەپتىن، زىياننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكىرىدىن كەلگەن سودا ‹‹ماڭقۇرت›› لىرىنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

گەپلىرىم تازا قولاشمىدىمۇ نېمە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umud28 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 03:16 PM  


ئۈمۈد28

سەمىمى بولۇڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:22:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
umud28 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 03:15 PM
بىزنىڭ شۇ قېرىنداشلىرىمىز زىيان تارتىپ كەتسە بولمايتت ...

توغىرا ھەممىمىز بىرلىكتە چىقىش يولى تاپساق بۇ قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر چىقىش يولى...

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8058
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:31:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنگن سائەت 10نىڭ ئەڭ يېڭى نەق مەيدان خەۋرى .: دۆڭكۆركنىڭ ئارقا ئىكى تەرەپتىكى گۇلچاي بازىرىدا ئەڭ ئالدىنى (ئىسىللىرىنى )130كوي خەلىق پۇلىغا  ئېلۋاتدۇ !  بولمىسا 100كوي ئەتراپىدا .پېقىر ساق 1سائەت ئەتراپىدا نەق مەيداندىكى سودىلارنى كۆزتىپ كەلدىم

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41408
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3583
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 1898 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئشقىلىپ باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەڭلار، باشقىلار مۇشۇنداق قىلىپ بىزنى ئالدايدۇ، بىكارغا تۇيۇقسىز  ھەرخىل سەپسەتىلەر تارقىلىپ باھا بىراقلا چۈشۈپ كەتمەيدۇ، باشقىلار باھانى چۈشۈرۈپ ئەرزان باھادا سېتىۋىلىپ يۇقىرى باھادا سېتىپ ئۆزلىرى پايدا ئالماقچى بولىۋاتىدۇ. بەزى كىشىلىرىمىز زىيادە ئاقكۆڭۈللۈكىدىن باشقىلارنىڭ چالغان ياڭگىرىغا دەسسەپ كىتىۋاتىدۇ.  بىرلىك كۈچ.

ھەر ۋاقىت ھۇشيار

باش رەسىمى نىقابلانغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24343
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8704
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2010-12-29
ئاخىرقى: 2012-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 04:02:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
يولۋاس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش