مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4193|ئىنكاس: 38

تاش ئالما كوماندىسى ئۆگەي بالىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12482
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:54:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاش ئالما كوماندىسى ئۆگەي بالىمۇ؟

2012- يىللىق جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك مۇسابىقىسى شىمالىي رايۇندا 13 كوماندا ئارىسىدا، 26 مەيدان ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر كوماندا مۇسابىقە ئاياقلاشقىچە  24 مەيدان توپ ئويناپ، 2 مەيدان دەم ئېلىپ قۇرۇق ئايلىنىدۇ. تاش ئالما 7- ئايلانمىدا دەم ئالدى ۋە 20- ئايلانمىدا دەم ئالىدۇ.

شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسى شىمالىي رايۇندا بولۇپ، مەن شىمالىي رايۇن مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋىنى كۆرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى،  قەستەن تاش ئالما كوماندىسىغا زىيانكەشلىك قىلىپ مەيدان  ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تاش ئالما كوماندىسىغا نىسبەتەن ئۇۋالچىلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى تاش ئالما كوماندىسى ئوينايدىغان 24 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 21 مەيدىنىنى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىر مەيدان دەم ئالغان، بەدەن كۈچى ئەسلىگە كەلگەن، يارىلانغانلار ساقايغان  كوماندا بىلەن ئوينايدىكەن. پەقەت 2 مەيدان يەنە 8-مەيدان ۋە 21- مەيداندىلا ئالدىنقى مەيداندا دەم ئالمىغان كوماندا بىلەن ئوينايدىكەن. كۈلكىلىك يېرى بۇ ئىككى مەيداندىمۇ ئالدىنقى قېتىمنىڭ ئالدىدا دەم ئالغان، بەدەن كۈچى بەك خوراپ كەتمىگەن ئوخشاش بىرلا كوماندا- بىيجىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن ئوينايدىكەن. (ئاستىدىكى جەدىۋەلگە قاراڭ)

پۈتۈن 26 ئايلانما مۇسابىقە تۈگىگىچە  قالغان 12 كوماندىدىن پەقەت 1 كوماندىلا  يەنى شەنشى لاۋچېڭگېن كوماندىسىلا 2  قېتىم بۇ خىل تەتۈر قىسمەتكە دۇچ كېلىدىكەن يەنى 7- ئايلانما ۋە 20- ئايلانمىدا تەلەيسىز تاش ئالما دەم ئالغاچقا، ئامالسىز شەنشى لاۋچېڭگېن كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا دەم ئالغان بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن ئوينايدىكەن. قالغان 11 كوماندا پۈتۈن مۇسابىقە ئاياقلاشقىچە بىر قېتىممۇ ئالدىنقى مەيداندا دەم ئالغان كوماندا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمايدىكەن. بۇ 11 كوماندا نېمە دېگەن تەلەيلىك ۋە بەختلىك-ھە؟!

تاش ئالما كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇنداق ئادالەتسىز مەيدان ئورۇنلۇشۇپ قېلىش بىر تاسادىبىيلىك ياكى مۇسابىقىنىڭ مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرەيلى دېسەك، ئوخشاشلا 13 كوماندا ئارا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەنۇبىي رايۇندا مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى ئوخشىمايدۇ. جەنۇبىي رايۇندا ئالدىنقى قېتىم دەم ئالغان كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناش پەقەت بىر- ئىككى كوماندىغا مەركەزلىشىپ قالغان ئىش يوق. بۇ رايۇندا باشتىن ئاخىر قوللانغان ئۇسۇل: ئالدىنقى ئايلانمىدا دەم ئالغان كوماندا بىلەن ئوينىغان كوماندا كىيىنكى ئايلانمىدا دەم ئالىدىغان قانۇنىيەت تەكرارلانغان. دەم ئالغان كوماندا بىلەن ئۇچرىشىش ۋە كوماندىنى دەم ئالدۇرۇش تەكشى چېچىلغان، باشقا بىنورمال ئەھۋال ئۇچرىمايدۇ.

مەن نېمىشقا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىمەن؟ بۇ مەسىلە شۇنداق مۇھىممۇ؟ مۇسابىقە جەريانىدا تەنھەركەتچىلەرنىڭ بەدەن كۈچى خورايدۇ، ئەزالار يارىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئاساسلىق ئەزالارنىڭ يارىلىنىپ يارىسى ئەسلىگە كەلمەي كىيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىگە چۈشەلمەسلىكى  كوماندا ئۈچۈن زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ،  بىر قېتىملىق ئايلانمىدا مۇسابىقە ئوينىماي قۇرۇق ئايلىنىپ دەم ئالسا بەدەن كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ، يارىلانلارلار ساقىيىدۇ. كوماندىنىڭ روھى ھالىتى، تەن ساپاسى، بەدەن قۈۋىتى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، جەڭگىۋار ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنداق ئالدىنقى  ئايلانمىدا دەم ئالغان (10-12 كۈنگىچە) يارىدارلىرى ساقايغان، بەدەن كۈچى تولۇق كوماندا كىيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە مۇسابىقە ئوينىسا دەم ئالمىغان كوماندىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. تاش ئالما كوماندىسى 24 مەيدان مۇسابىقىدە 21 قېتىم مۇشۇنداق دەم ئالغان، 2 قېتىم ئالدىنقى ئايلانمىنىڭ ئالدىدا دەم ئالغان كوماندا بىلەن توپ ئويناپتۇ ۋە ئوينايدىكەن.

مەسىلىنى تەتۈرىسىگە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:  6- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى مۇسابىقىدە تاش ئالمىنىڭ 4 ئەزاسى يارىلىنىش ۋە باشقا سەۋەپتىن مەيدانغا چۈشەلمىدى، بۇمۇ تاش ئالمىغا نىسبەتەن بېسىم بولدى، قارشى تەرەپ خېبىي جوڭجى ئۈچۈن ئامەت ئېلىپ كەلدى. خېنىي جوڭجى كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا دەم ئالغان كوماندا، كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يارىلانغانلار ساقايغان كوماندا.  ئەگەر 6- ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى  11- ئايلانمىدا تاش ئالما دەم ئېلىپ يارىدارلارنىڭ يارىسى، بەدەن قۈۋىتى ئەسلىگە كېلىپ ئوينىغان بولسا، خېبىي جوڭجى دەم ئالمىغان ئەزالىرى يارىلانغان كوماندا بولغان بولسا،  ئېھتىمال تاش ئالما ئۈتۈپمۇ قالاركەنتۇق.

بىتەلەي تاش ئالما 23 ئايلانما جەريانىدا دەم ئالغان،  يېرىم دەم ئالغان بەدەن كۈچى تولۇق، يارىدارلىرى يوق كوماندىلار بىلەن ئويناپتۇ ۋە ئوينايدىكەن. تاش ئالمىدىن باشقا ھېچبىر كوماندا مۇنداق ناھەقچىلىككە يولۇقماپتۇ.   شىمالىي رايۇندىكى بارلىق بېسىم ۋە ناھەقچىلىك تاش ئالمىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. ھەر قېتىمدا دەم ئالغان كوماندا بىلەن تۇتۇشۇپ، ھېلىمۇ بىزنىڭ ئەزىمەتلەر بەرداشلىق بېرىپتۇ.

نېمە ئۈچۈن تاش ئالما كوماندىسى بۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچايدۇ؟ شىمالىي ۋە جەنۇبى رايۇن مۇسابىقىلىرىنى جۇڭگۇ پۇتبول بىرلەشمىسى باشقۇرىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىككى رايۇندىكى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى ئوخشىمايدۇ؟ تاش ئالما نېمە ئۈچۈن ناھەقچىلىككە ئۇچرايدۇ؟ بۇ قەستەنلىكمۇ ياكى سەۋەنلىكمۇ؟ شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نېمە ئۈچۈن گەپ قىلمايدۇ؟ تېرىنىرلار نېمە ئۈچۈن گەپ قىلمايدۇ؟

تاش ئالما پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆگەي بالىسىمۇ؟

ئايلانما            دەم ئالغان كوماندا                   تاش ئالما بىلەن ئوينىغان كوماندا

1- ئايلانما         چىڭخەي ئەرلەر                      تاش ئالما vs شەنشى لاۋچېڭگېن

2- ئايلانما              شەنشى جيايى                                       تاش ئالماsv چىڭخەي ئەرلەر

3- ئايلانما              تيەنجىن پاراۋۇز                                     تاش ئالماsv شەنشى جيايى

4- ئايلانما             خېبىي ياشلار                                           تاش ئالماsv تيەنجىن پاراۋۇز

5- ئايلانما             بېيجىڭ سەنگاۋ                                        تاش ئالما sv خېبىي ياشلار

6- ئايلانما             بېيجىڭ ياشلار                                        تاش ئالماsv بېيجىڭ سەنگاۋ

7- ئايلانما        تاش ئالما                                تاش ئالما قۇرۇق ئايلىنىدۇ

8- ئايلانما             چىڭخەي سېنكې                                   تاش ئالما sv بېىجىڭ ياشلار

9- ئايلانما             بېيجىڭ يىتوڭ                                      تاش ئالما vs چىڭخەي سېنكې

10- ئايلانما         خېبىي جوڭجى                                        تاش ئالما vs بېيجىڭ يىتوڭ

11- ئايلانما         شەندوڭ ياشلار                                      تاش ئالما vs خېبىي جوڭجى

12- ئايلانما        شاڭخەي جوڭباڭ                                    تاش ئالما vs شەندوڭ ياشلا

13- ئايلانما        شەنشى لاۋگېنچېڭ                                   تاش ئالما vs شاڭخەي جوڭباڭ

14- ئايلانما        چىڭخەي ئەرلەر                                      تاش ئالما vs شەنشى لاۋگېنچېڭ

15- ئايلانما        شەنشى جيايى                                       تاش ئالما vs چىڭخەي ئەرلەر

16- ئايلانما        تيەنجىن پاراۋۇز                                    تاش ئالما vs   شەنشى جيايى

17- ئايلانما        خېبىي ياشلار                                         تاش ئالما vs تيەنجىن پاراۋۇز

18- ئايلانما     بېيجىڭ سەنگاۋ                       تاش ئالما vs خېبىي ياشلار

19- ئايلانما     بېيجىڭ ياشلار                        تاش ئالما vs بېيجىڭ سەنگاۋ

20- ئايلانما      تاش ئالما                             تاش ئالما قۇرۇق ئايلىنىدۇ

21- ئايلانما      چىڭخەي سېنكې                    تاش ئالما vs بېيجىڭ ياشلار

22- ئايلانما      بېيجىڭ يىتوڭ                       تاش ئالما vs چىڭخەي سېنكې

23- ئايلانما      خېبىي جوڭجى                       تاش ئالما vs بېيجىڭ يىتوڭ

24- ئايلانما       شەندوڭ ئەرلەر                    تاش ئالما vs خېبىي جوڭجى

25- ئايلانما       شاڭخەي جوڭباڭ                 تاش ئالما vs شەندوڭ ئەرلەر

26- ئايلانما       شەنشى لاۋچېڭگېن               تاش ئالما vs شاڭخەي جوڭباڭ  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DILKASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-25 01:02 AM  


بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16153
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 3921 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 10:26:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادالەت ،ئادالەت، ئادالەت، ئىستەيمىز .

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 10:41:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10530
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3458 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 10:49:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز ھىلىمۇ سۇكۇت ئىچىدە ئوخشايدۇ.
ئادالەت ياقلىغۇچىلار بارمۇ؟؟؟
بۇلارنىڭ تەلىيى كاژمۇ؟؟

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10896
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2411 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 10:57:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پولات مانا  مۇشۇنداق تاۋلىنىپ چىقىدۇ .................ھىي ھىي ھىي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80147
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3514
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:09:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ھەقىقەت كۆمۈلۈپ كېتىدۇ ، ئۇنى تاپىمەن دەپ يەر تاتلىغان قول
چانىلىدۇ . كۆڭۈل ئادالەتكە ئىنتىلىدۇ ، ئۇنى بايان قىلغان تىل كېسىلىدۇ .
                                                                           ـــ ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىدىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asoka520 + 100 قايىل قىلارلىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

يار دەردىدە خۇن بولدۇق ،
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق .
قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش ،
بىرلىشەلمەي قـۇم بولدۇق .

<<ئانا &am

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13165
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5636 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:17:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلقنىڭ قولىشى ئەزمەتلەرنىڭ جاسارىتى بۇلدىكەن چۇقۇم غەلبە قازنىمىز چۇنكى بىزنىڭ ئەزمەتلار گۆش يەپ چوڭ بولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13459
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2830 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:25:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنى بۇنچىىلىق قانۇنيەتنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ، ئۇ كالۋالار، ئەمدى ئۇلارنىڭ قەستەن ئەنە شۇنداق مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىپ قالدۇق،مۇشۇ ماقالىنى خەنزۇچە تور بەتلەرگە تەرجىمە قىلىپ سەل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا ئاڭلىتىپ باقساق قانداق بۇلار، يا بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كەلمەسمۇ، مەن خەنزۇچە بىلگەن بولسام داڭلىق خەنزۇلارنىڭ مۇنبەرلىرىگە بىر يوللاپ باقاتتى، ياكى تەستىقلايىتى ياكى ئۆچۈرەتتى، مۇشۇ يازمىنى باشقا خەنزۇچە توربەتلەرگە بىر يوللاپ باقساق قانداق بۇلار؟

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10136
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 7860 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:31:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىمەتلىرىمىز مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلار ئىچىدىمۇ باش ئەگمەي يەنىلا ئۆزىنىڭ جەسۇرلىقىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ،سىلەر مەيلى يىڭىڭلار ياكى ئۇتۇرۋىتىڭلار خەلقىمىز ھامان سىلەرنى قوللايدۇ،ئۈلۇغ ئاللاھ سىلەرگە مەدەت مەرگەي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20478
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:34:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەپەر ئۇزاق،يوللار ئەگرى توقاي ھەم خەتەرلىك،خۇددى تاڭسېڭنىڭ غەرپكە نوم ئالغىلى ماڭغان سەپىرىگە ئوخشايدۇ.ئوخشىمايدىغان يېرى تاڭسېڭ ھەر قېتىم بالاقازاغا يولۇققاندا،ئەۋلىيا-ئەنبىيا،مالائىكىلەر ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ.شىنجاڭ كوماندىسى جوڭگو پۇتبولچىلىغىدىكى ئالاھىدە بىر كوماندا،ئۆزگىچە ئېچىلغان بىر يۇلغۇن چېچىگى،يۇلغۇن چۆل-باياۋاندا ئۆسۈدۇ،مۇھىت-شارائىت ناچار،ھە دېگەندە قۇم-بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ،قاتتىق قۇرغاقچىلىققا يولۇقىدۇ،لېكىن يۇلغۇن قۇملۇقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا ئۆزگىچە ھاياتى كۈچى بىلەن چەكسىز باياۋانغا ھۆسۈن قوشۇپ قەيسەرلەرچە ياشايدۇ!ھىچكىم يۇلغۇننى ئەتىۋارلىق ئۆي گۈللىرىدەك ئاسرىمايدۇ،ئوغۇتلاپ سۇغارمايدۇ،ئۇ پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ رەھىمسىز مۇھىت بىلەن جەڭ قىلىشى كېرەك.تاشئالما كوماندىسى خۇددى يۇلغۇندەك جوڭگو پۇتبول ئوچىغىدا تاۋلىنىپ چىقىشى كېرەك!بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى يول قانچە مۇشەەقەتلىك بولسا ئوغۇللىرمىز شۇنچە قەيسەر بولامدىكى دەيمەن.ئاخىرىدا شىنجاڭ ھەرمىللەت ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن تاشئالما كوماندىسىغا مەدەت بولسۇن!

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
almasqi2 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
SANSIZ0903 + 10 نادىر قايىل قىلارلىق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش