مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1419|ئىنكاس: 8

باي ناھىيىسىنىڭ ئازاد قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بايدىكى ئەھۋاللار(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2012310102416230.jpg

ئۈستىدىكى سوپاخۇن سۈۋۈروفنىڭ ئاقسۇ قورغاننى ئالغان ۋاقىتتا چۈشكەن سۈرىتى.
20110303044059356.jpg

ئۈستىدىكى پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن يېزىپ پۈتتۈرگەن تارىخى ئەسلىمىسى.

باينى ئازاد قىلىپ مائارىپچىلار،زىيالىيلار، كادىرلار ۋە دېھقانلاردىن 100 گە يېقىن پىدائىي ئەسكەر قۇبۇل قىلدۇق.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەت غازى(كىيىن قەشقەر شۆبە ھەربىي رايۇننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولدى)،مامۇت نىياز(خوتەننىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولدى)،ھامۇت يولداشوف(كىيىن سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولدى)قاتارلىقلار بار ئىدى.باشقىلار ھەر ساھەدە ھازىرغىچە يازغۇچى،شائىر،كادىر،ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.باينى ئىشغال قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن باينىڭ چوڭ مەيدانىدا غەلبە تويى بولدى.ئارقىدىن چوڭ سايلام قىلىنىپ،ناھىيە ھاكىملىقىغا ئوسمان داموللام،مۇئاۋىن ھاكىملىققا ئىسمائىل قازى،يەنە بىر قىرغىز يولداش سايلاندى.نىمشېھىت(ئارمىيە داموللا)ھەربىي ئىشلار ھەيئىتى بولۇپ،مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.ناھىيلىك تىنىچلىق ساقلاش ئىدارىسىگە ياسىناخۇن باشلىق بولدى.ئېلى ئېزىز(ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەنئەت ئۆمىكىدە)باي ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا،ھەسەن تۇردى(ھازىر قەشقەر تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ دىرېكتورى)مالىيە بۆلۈم باشلىقلىقىغا،يۈسۈپ ئايۇپ باي ياقا ئېرىق شۆبە ساقچىخانىنىڭ باشلىقلىقىغا،كەنجى ئىبراھىم سايرام شۆبە ساقچىخانىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.باي ناھيلىك ساقچى ئىدارىسىگە 30 دەك قوراللىق ساقچى،شۆبە ئىدارىلەرگە ھەر-بىرىگە 10 دىن قوراللىق ساقچى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.ۋە ناھيىنىڭ باشقا مەمۇرىي ئىدارىلىرىگە زىيالىيلاردىن باشلىق بەلگىلەپ چىقىلدى.بۇنىڭ بىلەن باي ناھىيىسى جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئازاد قىلىنغان ۋە يېڭى ھۆكىمەت قۇرۇلغان ناھىيە بولۇپ قالدى.
ھۆكىمەت ۋەكىللرىمىز يەرلىك ۋەتەنپەرۋەر زاتلار،ئاخۇن-ئۆلىمالار،سودا ۋەكىللىرىدىن بولۇپ بەش-ئالتە كىشىنى ئىلىغا بېرىپ كۆرۈپ كىلىشكە ئەۋەتتى.گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقى بىچارە خەلىقىمىزنىڭ يۈرىكىدە قاتتىق داغ قالدۇرغان ئىدى.پارتىزانلىرىمىز بارغانلا جايدا خەلىقنىڭ بىر تال نەرسىسىگىمۇ چېقىلمىدى،ئارىيەتمۇ ئالمىدى.بۇ خەلىققە بەكمۇ تەسىر قىلدى.شۇڭا ئۇلار:<<ھەقىقىي بىزنىڭ باللىرىمىز ئىكەن،ھەقىقىي مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىرى ئىكەن>>دىيىشتى.بىز نەگىلا بارمايلى،خەلىق بىزگە ياردەم قىلدى ۋە بىزنى قارشى ئالدى.
بىز بايدىن ئايرىلىپ ئاقسۇغا قاراپ يول ئالدۇق.يول ئۈستىدە دېھقانلار بىزنى ياخشى كۈتىۋالدى.ئىسىل ئات ۋە باللىرىنى بىزگە سوۋغا ئورنىدا قۇشۇپ قويدى ھەم ئوت-سامان،يەم خەشەكلەرنى بەردى.بىز ياقا ئېرىققا يىتىپ بارغاندا دۈشمەنلەر ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ماڭغان چەكمەن،سەرگەز ۋە ئاشلىقلارنى تاشلاپ قاچقان ئىكەن.ئۇلارنىمۇ ئىشەك كارۋانلىرى بىلەن ئىلىغا يولغا سالدۇق.ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئېلىپ ماڭغان بىر ماشىنا تاماكا ۋە بىر ماشىنا قەنىتنى غەنىمىيەت ئالدۇق.ياقا ئېرىقتا 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر كۈن دەم ئالدۇق.بىزنىڭ غەلبىمىزدىن ئۈركۈپ كەتكەن باي ناھىيىسىدىكى دۈشمەنلەر بىزنى <<400 دىن ئارتۇق ئوغرى ئىكەن>>دەپ مۆلچەرلەپ،بايدىن قېىچپ كەتكەنىكەن.باينىڭ قولدىن كىتىپ،جەنۇبىي-شىمالى شىنجاڭ يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئۈرمچىدىكى گومىنداڭ قوماندانىنى قاتتىق ئەنسىزچىلىككە سالغان.ئۇلار بىرمۇ دۈشمەننى شەھەرگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ئاقسۇ ۋە كۇچاغا بۇيرۇق بەرگەن.لېكىن،ئاقسۇ ۋە كۇچا ئىككى شەھەردىكى ئاتلىق دۈشمەنلەر<<بايغا چۈشكەن ئوغرىلار ئارمىيىسى قايسى تەرەپكە يۈرۈش قىلىدۇ>> دەپ تۇرغاندا بىز ئاقسۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلدۇق.

                                                  تۈگدى

مەزكۇر ئەسەر پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋروفنىڭ <<مەن كەچكەن كىچىكلەر>>ناملىق تارىخى ئەسلىمىسىدىن ئېلىندى.كومپىيوتىر ئالدىدا كارۋان.

مىللىي ئارمىيىنىڭ باينى ئازاد قىلىشىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى ئۇقۇشقا قىزىقسىڭىز بۇ يەرگە مەرھەمەت!
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=81358&page=1#pid1173198


مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 10:53:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كەچكەن كېچىكلەر دىگەن كىتاپنى مەن ھازىر ئوقۇۋاتىمەن ،رەھمەت سىزگە

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76946
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 12:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ!!!!!!!!!  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80901
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2012-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 03:43:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى ماتىرىيال كەن مەن ساخلىۋالدىم

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 06:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز رەخمەت...سىز باي ناھيەسدىن ئوخشايسىز ھە!

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11949
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 07:04:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزپسەن بولسا داۋاملق يېزېپ تۇرە

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 08:13:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-6-25 06:01 PM
جاپا چىكىپسىز رەخمەت...سىز باي ناھيەسدىن ئوخشايسىز ھە!

سىزچە باي ناھىيىسىدىندەك  تۇرامدىم؟

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81619
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3165
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2012-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 08:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىست ...............................ئەشۇ تارىخ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 10:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باينىڭ سېپىلىنى ئالالماي نۇرغۇن جەڭچى  يارىلانغان-شەھىد بولغان ئىكەن، كىچىكىمدە تونۇيدىغان مىرغىياس، دەيدىغان  ئىككى پۇتى يوق، مەيدىسىگە لىق كەلگەن مېداللىرىنى  پارقىرىتىپ يۈرىدىغان، گىلەپە شىمىنىڭ پۇچقاقلىرىنى  تۈرۈۋالغان، ھەربىي فورمىسىنى قاتۇرۇپ  كىيىدىغان بىر كىشى بولىدىغان، باينىڭ كوچىلىرىدا سۆزلەپ يۈرەتتى، ئۇ دەل  نەچچە ئاتقا شاخ سۆرىتىپ سېپىل پوتىيىگە باستۇرۇپ  بارغان جەڭچى ئىكەندۇق، شۇ مىرغىياس دېگەن كىشىنىڭ تۆھپىسى بىلەن باي  سېپىلى  ئېلىنغان  ئىكەن...

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش