مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3275|ئىنكاس: 22

مىللي ئارمىيىنىڭ باي ناھيىسىنى ئازاد قىلىشى ھەم بايدىكى ئەھۋاللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 03:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<...چوڭ ئىشلار خاتىرسى>>نىڭ 125-بىتىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
<<8-ئاينىڭ8-كۈنى سوپاخۇن سۈۋۈروف،ئابدۇكېرىم ئابباسوفلار ئاتلىق پارتىزانلار ئەترىتىنى باشلاپ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ باي ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى.تۆت سائەت كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق،ناھىيە بازىرىنى ئالدى.باي ناھىيلىك ئىنقىلابى ھۆكىمەتنى قۇرۇپ،ئوسمان سايىتنى ھاكىملىققا تەيىنلىدى>>.

                                          پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنىڭ ئېيتقانلىرى

مىسبۇلاقتىن ئەتىسى غولتېغى قاسساپتوقاي يېزىلىرى بىلەن بايغا قاراپ ماڭدۇق.كېچىدە بايغا بىر- ئىككى كىلومىتىر قالغاندا،قاسىم مەڭلىكوف ئىزۋوتى كۇچا يولىنى توسۇپ تۇرۇپ،سەھەردە بايغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىش؛ئابلەت داۋۇت ئىزۋوتى باينىڭ غەرىپ تەرىپىدىكى ياقا ئېرىققا ماڭىدىغان يول بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كىرىش؛ئۆمەرجاننىڭ ئىزۋوتى ۋە مەن باينىڭ شىمالى تەرىپىدىن بۆسۈپ ھۇجۇم قىلىش بەلگىلەندى.
1945-يىلى8-ئاينىڭ8-كۈنى سەھەر سائەت ئالتە يېرىمدا بايدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تاماق يىيىشىگە كاناي چېلىندى.بۇ بىزنىڭ ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىمىز ئىدى.ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر پاي ئوق ئېتىلىشى بىلەن ئۈچ تەرەپتىن تەڭلا<<ھۇررا>>دەپ باي ئىچىگە ئات چاپتۇرۇپ باستۇرۇپ كىردۇق.گومىنداڭدىن باي ناھيىسىى تارتىۋىۋالدۇق.باي ناھيىسىدە ئىسكەنجىدە قالغان قورچاق ساقچى ئەمەلدارلىرى ۋە ئەسكەرلەر بولۇپ جەمئى 30 دەك ئادەم بار ئىدى.
غۇلجا ئۇرۇشى پارتىلاپ چىققاندا،باي ناھيىسىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن گومىنداڭ بىر باتالىئون ئەسكىرى كۈچىنى يۆتكەپ كىلىپ باي ناھيىسىدىكى خەلىقنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىپتۇ.باي ناھيىلىك گومىنداڭ قورچاق پىرقىسى گومىنداڭ ئەزالىرى ھەم خەلىقنى يىغىپ ھەپتىدە بىر چوڭ يىغىن ئېچىپ،كوممىنىستىك پارتىيە،سوۋىت ئتتىپاقى ھەم ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.قورچاق ساقچى ئورگانلىرى جاسۇسلارنى كۆپەيتىپ خەلىقنىڭ ئۈستىدىن،خۇسۇسەن،زىيالىلار ۋە مائارىپچىلار ئۈستىدىن نازارەتنى كۈچەيتىپ،دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن.
مەسىلەن،1945-يىلى 3- ئايلاردا مائارىپچىلاردىن ئابلا داۋۇت(تاشكەنتتە ئوقۇغان)،ئەمەت يۈسۈپ(ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان)ۋە ئوسمان قاسىملارنى ئاقسۇغا يۆتكەپ نەزەربەنىد قىلغان.كىيىن،ئۇلارنى ل.مۇتەللىپلەر بىلەن بىللە ئۆلتۈرۋەتكەن،مىللىي ئارمىيە ئۈچ ۋىلايەتتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنى يوقاتقاندىن كىين،باي ناھيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى ناھيىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىش باھانىسى بىلەن خەلىق ئۈستىدىكى ئالۋان-ياساقنى كۆپەيتىپ،خەلىقنىڭ مال-مۈلىكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توپلىغان مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ چوڭ شەھەرلەرگە قاچماقى بولغان.ۋىلايەتتىكىلەر بۇ پارخور ئەمەلدارلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن4-ئايلاردا خىللانغان ئىككى ئىسكادىروننى ئاقسۇدىن يۆتكەپ مۇزداۋان،تەلەمەت داۋىنى ئېغىزلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن باي ناھىيىسىنى مۇداپىئە قىلغۇچى گومىنداڭ ئەسكىرى كۈچى بىر پولكقا يەتكەن.بۇ قۇشۇننىڭ يىمەك-ئىچمەك،ئاتلىرىنىڭ يەيدىغان بۇغۇز،ئوت-چۆپ،سامانلىرى ھەم ياسىلدىغان پوتەي،ئاكوپ،سېپىللارنىڭ ھەممىسى باي ناھيىسىدىكى خەلىقنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن.بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماستىن،پىيادە ئەسكەرلەرنى ئاتلىق قىلىش باھانىسى بىلەن خەلىقتىن پۇل يىققان.يەرلىك ئەمەلدارلاردىن بوجاڭ،شىياڭجاڭ،شىياڭيۇلارمۇ خەلىقنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن قۇرۇق قالمىغان.باي ناھيىسىدە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خەلىققە سالغان زۇلۇم-ئالۋانلىرى كۆپىيىپ،ئوغرى،لۈكچەك،قىمارۋازلار ھەددىدىن ئاشقان.خەلىقنىڭ مال-مۈلىكى ھەم ھاياتى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان،خەلىقنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشلىقى ئېشىپ،پەيمانى توشۇپ تۇرغان شارائىتتا بىزنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىمىز خەلىقنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.ئۇلار خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ بىزنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قارشى ئالدى.

بىزنىڭ تەڭرىتاغلىرىدىن ئۆتۈپ تەلەمەت داۋىنىنىڭ قېيىر ئېغىزىنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان گومىنداڭ قۇشۇنىى تارمار قىلغانلىقىمىز ھەققىدىكى خەۋەر باي ناھىيىسىگە يېتىپ كىلىشى بىلەن گومىنداڭ قوراللىق قىسىمى ئاقسۇغا يۆتكىلىپ كىتىپتۇ.مەمۇرىي ئەمەلدارلار ۋە ناھىيىلىك پىرقىنىڭ ئارخىپ ئەمەلدارلىرى ئارخىپ ماتېرياللارنى مەخپى يەرگە كۆمۈپ تاشلاپ،خەلىقتىن بۇلىۋالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئاتلىرىغا ئارتىپ بىز بايغا كىرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن قېچىپ كىتىپتۇ.بىز بايغا كىرگەندىن كىيىن خەلىق ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ،دەرد تۆكۈپ،شىكايەت قىلدى.يەرگە كۆمۈلگەن ئارخىپ ماتېرياللارنى باي ناھىيلىك گومىنداڭ پىرقىسىدە ئىككى يىلدەك ئىشلىگەن مۇسا رېھىم(ئۇچتۇرپانلىق)يەرگە كۆمۈپ قويغان يېرىدىن ئېلىپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى.ئۆزىمۇ بىزگە قۇشۇلۇپ شىنجاڭ ئازاد بولغىچە مىللىي ئارمىيىدە ئوفىستىر بولۇپ ئىشلەپ كەلدى.مەزكۇر ماتىرياللارنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف تاپشۇرۋېلىپ،ناھايىتى خۇرسەن بولدى.بىز باي ناھىيىسىنى ئازاد قىلغانلىقىمىزنى ئالاقىچى ئارقىلىق ھۆكىمەت ۋەكىللىرىگە يەتكۈزگەندىن كىيىن ئابدۇكېرىم ئابباسوف،قاسىمجان قەمبىرى ۋە باشقىلار يېتىپ كەلدى.بىز قاتار تىزىلىپ ناھىيىگە كىردۇق.
خەلىق ۋە زىيالىيلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوللىرىنى پۇللاڭلىتىپ يىغا-زار ئىچىدە قارشى ئالدى.ھۆكىمەت ۋەكىللىرى باي ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى،شەھەر ئىچىدە 30 دەك قوراللىق ئەسكەر قالغانىكەن.بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاش بىلەن تاماقلىرىنىمۇ يىمەي قېچىپ ئاشلىق ئامبىرىغا يۇشۇرنۇۋاپتۇ.
مەزكۇر ئاشلىق ساڭى باي ناھىيسىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك قورغان بولۇپ،چوڭ بولمىسىمۇ پوتەي،مىلتىق ئاتىدىغان تۆشۈكلىرى بار ئىكەن.بىز بىلەن سوقۇشقاندا ئابباس قارىي دىگەن بىر كىشى يارلاندى.ئابدۇراخمان دىگەن يېڭى كەلگەن قازاق چەڭچىمىز ئوق تىگىپ شېھىت بولدى.ئامبارغا گومىنداڭدىن ئەسىرگە چۈشكەن يەكەنلىك ئۇيغۇر بالىنى كىرگۈزۈپ قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇدۇق.بۇ ئارقا سەپتىكى ئىزۋوت بولۇپ،شىڭ شىسەيدىن قالغان ئەسكەرلەر ئىكەن.ئۈچ نەپەر خەنزۇ،قالغانلىرى خۇيزۇ،قازاق،ئۇيغۇر،مۇڭغۇل جەڭچىلەر ئىكەن.گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئاخىرى بېسىم ئارقىلىق قورالنى تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى.ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تەربىيە بىرىپ،ئۆز قىسىمىمىزغا قوشىۋالدۇق.بىر قىسىم جىنايىتى ھەدىدىن ئاشقان،جاھىللىق بىلەن قارىشلىق كۆرسەتكەنلىرىنى خەلىق ئالدىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدۇق.قۇربان بولغان چەڭچىمىز ئۈچۈن چوڭ نەزىر ئۆتكۈزدۇق.خەلىق ئۆزلىكىدىن قاتناشتى.قاچقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئەمەت ئاخۇنۇف دىگەن بار ئىكەن.ئۇ باي ناھىيلىك ھاكىم ئىدارىسىنىڭ تەرجىمانى ئىكەن.بۇرۇن قەشقەردىكى بىز تۇرغان 31-تۈەننىڭ پىيادە 6-يىڭىدا خىزمەت قىلغاندى.ئۇنى قايتۇرۇپ كىلىپ سىپىىزگە قۇشىۋالدۇق.بەزى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى مىلتىق ۋە كىيىم-كىچەكلىرىنى تاشلاپ باي ئەتراپىدىكى توقايلىق ھەم قوناقلىقلارغا يۇشۇرنىۋالغان ئىكەن.دېھقانلار ئۇلارنى تۇتۇپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى.بايدىكى سوقۇشتا 50 تىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك مىلتىق،تاپانچا،پىلىمۇت،نۇرغۇن ئوق-دورا ھەم 20 تۇياق ھەربىي ئات غەنىيمەت ئالدۇق.گومىنداڭ ئاقسۇ،كۇچالاردىن بايغا ئەكەلگەن نۇرغۇن ئاشلىق قولغا چۈشتى.ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇپتىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ماڭغان ھۆكىمەت ھىسابىدىكى 800 تايدەك گەزمال،ئۇزۇقلۇقلار غەنىيمەت ئېلىندى.يەرلىك مىلىچماللار شىركىتىنىڭ ماللىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.بىز بۇلارنى يىغىپ 1500 ئىشەك كارۋىنى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكىمىتىگە يەتكۈزۈپ بەردۇق.كىيىن ئۇلاردىن<<كۆپ رەخمەت>>دىگەن خەۋەر كەلدى.ئېشىپ قالغان ئاشلىقلار شەھەر خەلقىغە تەقسىم قىلىپ بىرىلدى.پۈتۈن خەلىق بۇ ئشتىن ئىنتايىن رازى بولدى.

مەزكۇر ئەسەر ئۆزەمنىڭ تارىخى تېمىلارغا بولغان قىزىقىشىم ھەم شۇنداقلا مۇنبەردىكى تارىخى تېمىلارنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن سوپاخۇن سۈۋۈروفنىڭ <<مەن كەچكەن كېچىكلەر>>ناملىق ئەسلىمە كىتابىدىن ئېلىندى.داۋامى اللا خالىسا چۈشتىن كىىن يوللىنىلدۇ.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44833
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7233 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 08:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەن كەچكەن كىچىكلەر»نى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقتىم ياخشى يېزىلغان تارىخى ئەسەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79425
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3772
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 08:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 08:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ روماننى مەن ئوقۇۋاتاتىم. سىز تورغا يوللاپ بەكلا ياخشى قىلىپسىز.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

مىنىڭ يۇرتۇم ماڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3649
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11949
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى تىزراق يوللا ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79982
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:41:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللاڭ چۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەن كەچكەن كېچىكلەر » نىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن قالدۇرۋەتكەن ياكى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئەسلى قول يازمىسىنىڭ كۆپىيىلىرىنى تاپقىلى بولارمۇ ؟  مەن راس گەپنى دېسەم  « مەن كەچكەن كېچىكلەر»نى ئوقۇپ بولۇپ،  خۇددى سۇ ئىچىپ تۇرۇپ  ئۈسۈسلىغىم قانمىغان كىشىدەك بولۇپ قالدىم . ئادەمنىڭ چاڭقىغان يەرلىرىگە بارمامدۇ قانداق بىلمىدىم ؟

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80497
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3157
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:45:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن باتۇر ئەزى مەتلەر ئۆتكەن ھە، بۇ تارىخلارنىغۇ ئوقىغان لىكىن تىمىڭزنى ئوقۇپ بۇ ئەزىمەتلەرگە يەنە بىر قېتىم قول قويماي تۇرا لمىدىم،

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2012-6-24 11:41 PM
«مەن كەچكەن كېچىكلەر » نىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپى ...

مەزكۇر ئەسەرنى تەھرىرلەشتە بىر قىسىم جايلىرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ھەم يوق قىلۋېتىلگەن.بەلكىم ئەسلى نۇسخىسى شۇ قول يازمىنىڭ تەھرىرى بولغان ئابدۇلئەزىز ئىسمائىل ئەپەندىدە بولىشى مۇمكىن.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ياشىسۇن ئۇيغۇر مىللىتى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5173
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9415
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 01:18:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئىنكاس شەكلىدە ساقلىۋالاي ،

ئادەممەن ئادەمدىن قاچمايمەن يىراق ئادەمنى ئادەمدىن ئادەمدىن ئايرىيمەن بىراق ئىزلەيمەن دۇسلارنى دۇسلار ئىچىدىن چىن يۇرەك قەلبىمدىن ياندۇرۇپ چىراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش