مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3085|ئىنكاس: 42

سۇ ئىچىش ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقى بايقالدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21732
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 02:32:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىملار سۇ ئىچىش ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى



[ئامېرىكا قىزىقارلىق پەن-تېخنىكا تور بېكىتىنىڭ ماقالىسى]   يەر شارىنىڭ %70 ى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ %70 ى سۇدىن تەركىب تاپقان. بۇ ئوخشاشلىق سۇنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما تۇرمۇشتا بىرەر ۋاخ تاماق يېيىش ئۈچۈن خېلى باش قاتۇرۇشىڭىز مۇمكىن، ئەمما بىرەر ئىستاكان سۇ ئىچىش ئۈچۈن، ئۇنچە باش قاتۇرۇپ كەتمەيسىز. كۆپ ساندىكى كىشىلەر سۇ ئىچىش ئادەتتىكى ئىشقۇ، بىرەر ئىستاكان سۇنى غورتۇلدىتىپ ئىچىۋەتسىلا بولمىدىمۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سۇ ئىچىشتىمۇ ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سۇ ئىچىش ۋاقتى، سۇنىڭ مىقدارى قاتارلىقلار سالامەتلىككە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا «Mayo» ئامبۇلاتورىيەسى تورىدا مەخسۇس ماقالا ئېلان قىلىنىپ، سۇ ئىچىشنىڭ كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان 11 سىرى ئاشكارىلاندى.
   1.  زۇكام بولۇپ قالغاندا سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.

«نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىنقى سانىغا بېسىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: زۇكام بولۇپ قالغاندا سۇ ياكى مېۋە شەربىتىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، سالامەتلىكنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. چۈنكى، سۇ ۋە مېۋە شەربىتى نەپەسلىنىش يولىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلارنى تازىلاپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىپ قالغاندا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزلۈكىدىن تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئادەم بەدىنىدە ئۆزىنى ئۆزى قوغداش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم تەرلەپ، نەپىسى تېزلىشىپ، تېرە ئارقىلىق پارغا ئايلىنىپ كەتكەن سۇ مىقدارى كۆپىيىش قاتارلىق ماددا ئالمىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا سۇ تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچكەندە تەرلەش ۋە سۈيدۈك چىقىرىش تېزلىشىپلا قالماي، بەلكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق بولۇپ، بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنىڭ سىرتقا چىقىرىۋېتىلىشى تېزلىشىدۇ.
   2. قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش كېرەك.

ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچىدىن، بەدەندە چوڭ تەرەت تۇرۇپ قېلىش سۇ يېتىشمەسلىكتىن بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالارنىڭ چىقىرىش كۈچى قالمىغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا، سۇنى كۆپ، تېز ئىچىپ بەرسە سۇ ئۈچەيگە تېز يېتىپ بېرىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تەرەتنى ھەيدەيدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تېبابىتىدە قەۋزىيەت بەدەندە خىلىتنىڭ كەملىكىدىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.  سۇنى ئىچكەندە خىلىت تېزدىن تولۇقلىنىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار سۇ تولۇقلاش بىلەن بىللە، تالالىق يېمەكلىكلەرنىمۇ قوشۇپ يېگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كۈندە بىر ئىستاكان يۇقىرى تالالىق كۆكتات شەربىتى ئىچىپ بېرىش كېرەك.
   3. سەمرىپ كەتكەنلەر تاماقتىن ئىلگىرى ۋە تاماقتىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك.
ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن خېمىيەلىك رېئاكسىيەلەر سۇنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېتەرلىك سۇ بولغاندىلا، ماددا ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. سەمرىپ كەتكەنلەر تاماقتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، قورسىقى تويغاندەك ھېس قىلىدۇ؛ تاماقتىن يېرىم سائەت كېيىن يەنە بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
    4. قۇسقاندىن كېيىن سۇغا ئازراق تۇز سېلىپ ئىچىۋېتىش كېرەك.

قۇسۇش ئادەم مەينەت نەرسە يەپ قالغاندىن كېيىن،  بەدەننىڭ ئۆزىنى ئۆزى قوغداش ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپ قۇسقان ياكى ئىچى سۈرگەندىن كېيىن سۇسىزلىنىش ئالامىتى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سۇغا ئازراق تۇز سېلىپ ئىچىش ئارقىلىق، بەدەن قۇۋۋىتىنى تولۇقلاشقا بولىدۇ.
   5. زەھەرنى ھەيدەش ئۈچۈن كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئادەم بەدىنى بىر كېچە ماددا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن بەدەندىكى ئەخلەتلەرنى تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە سىرتقا چىقىرىدۇ. شۇڭا، سۇ ئەڭ ياخشى «يۇيۇش خۇرۇچى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا ھۈجەيرىلەر قۇرۇق بۇلۇتقا ئوخشاپ قالغاچقا، سۇنى دەرھال سۈمۈرىدۇ ھەم 40 مىنۇت ئەتراپىدا سىرتقا چىقىرىدۇ. بۇ زەھەر ھەيدەشنىڭ مۇھىم جەريانى ھېسابلىنىدۇ. ئازراق تۇز، ھەسەل سېلىنغان سۇ ۋە قۇرۇق قايناقسۇ ئەتىگەندە ئىچىشكە ناھايىتى مۇۋاپىق. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر: ئەتىگەندە بەك سوغۇق ياكى بەك قىزىق سۇ ئىچمەسلىك، ئەتىگەندە ئىچىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، دېدى.
    6. تىت-تىت بولغاندا سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك:

ئادەم مېڭىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېندورفىن «شادلىق ھورمۇنى»، ئادرېنالىن «ئازاب ھورمۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم قاتتىق ئازابلىنىپ، تىت-تىت بولغاندا ئادرېنالىن ئۆرلەپ كېتىدۇ، لېكىن، ئۇنىمۇ باشقا زەھەرلىك ماددىلارغا ئوخشاشلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەل سۇنى كۆپ ئىچىش. ئەگەر قوشۇمچە جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ بەرگەندە، ئادرېنالىن تەر بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ ياكى ئادەم يىغلىغاندا ياش بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ.
    7. بېسىمنى يېنىكلەتمەكچى بولغاندا، قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىش كېرەك:

ئەنگلىيە شەرقىي لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئېشىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بېسىم زور بولغاندا ياكى بىرەر ئىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى بىرەر ئىستاكان سۇ ئىچىۋالسا، مېڭىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرىدىكەن.
   8. ئۇسسىمىسىمۇ سۇ ئىچىپ تۇرۇش كېرەك.

شياڭگاڭ سەھىيە مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ %33 ىنىڭ كۈندە ئىچىدىغان سۈيى ئالتە ئىستاكانغا يەتمەيدىكەن. خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، دائىم يېرىم كۈنگىچە بىرەر ئىستاكان سۇ ئىچىشكە ۋاقتى يەتمەيدىكەن. ئامېرىكا «سۇ ۋە ساغلاملىق» تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ: كىشىلەر ئۇسسىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ئەڭ ئاز بولغاندا بەدەندىن %1 سۇ  چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، دېيىلدى. خىزمەت قىلىدىغانلار سۇ ئىچىش ۋە كىچىك تەرەت قىلىشتا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ،ھەر بىر سائەتتە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىشى، ھەر 2-3 سائەتتە بىر قېتىم كىچىك تەرەت قىلىشى كېرەك.
   9. ياشانغانلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىككى يۇتۇم سۇ ئىچىۋېلىشى كېرەك.

ئادەم ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى سۇ خوراپ، قاندىكى سۇنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئۆرلەپ كېتىدۇ. ياشانغانلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق سۇ ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، مېڭە قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈز بىلەن قىشنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، مۇۋاپىق سۇ ئىچىپ بەرگەندە نەپەس يولىنى نەمدەپ، ئادەمنىڭ تېخىمۇ قېنىپ ئۇخلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇنى بەك كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. ياشانغانلارنىڭ يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدىغان ئادىتى بار، ئە‎گەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇ ئىچىش سەۋەبىدىن ياخشى ئۇخلىيالمىسا، ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ.
    10. ياشانغانلار يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، سۇنى ئاستا-ئاستا ئىچىش كېرەك:

نۇرغۇن كىشى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇسساپ كەتكەچكە، بىر ئىستاكان سۇنى غورتۇلدىتىپلا ئىچىۋېتىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ياشانغانلارنىڭ تېنى ئاجىز بولۇپ، يۈرىكىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ياشلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. بولۇپمۇ قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن، قىزىق سۇنىڭ تەسىرى بىلەن قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، قان ئېقىم مىقدارى ئېشىپ، يۈرىكى ئادەتتىكىدىن تېز سوقىدۇ. شۇڭا، سۇ ئىچكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى ئەڭ ياخشىسى سۇنى ئاز-ئازدىن، ئاستا-ئاستا ئىچىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، يۈرەكنىڭ يۈكى ئاسانلا ئېشىپ كېتىدۇ.
    11. ياشانغانلار ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن سۇنى يۈرەكنىڭ سوقۇشىغا ماسلاشتۇرۇپ
ئىچىش كېرەك:
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر: ياشانغانلار ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بىر قېتىمدىلا كۆپ سۇ ئىچسە بولمايدۇ. بۇ چاغدا ئاشقازان بىلەن ئۈچەي قان تومۇرلىرى قورۇلغان ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ھەرىكەت قىلىپ بولۇپلا، سۇنى كۆپ ئىچسە سۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە يىغىلىۋېلىپ، قورساقنى ئېسىپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ھەرىكەت قىلىپ بولۇپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، يۈرەكنىڭ سوقۇشى سەل ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن ئاستا-ئاستا، ئازراق ئىلمان قايناقسۇ ئىچسە بولىدۇ. سۇ ئىچكەندە سۈرئەت ئاستا بولۇشى، سۇ ئىچىش رىتىمى ئەڭ ياخشىسى يۈرەك رىتىمى بىلەن ئوخشاش بولۇشى، سۇنى بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىشى كېرەك.

مەنبە :نۇر تورى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-24 02:43 AM  


قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1061 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 02:39:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم مانى رەھمەت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   malman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-24 02:40 AM  


ھەممە يەرنى ....قاپلاپ كېتىپتىمۇ نېمە؟http://bbs.meripetyoli.com
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 02:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 1796
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11840
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2558 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 03:45:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ سۇ دىگەننى قەرەلسىز ئىچىۋېرىمەن ، چۈنكى ئىچمىگەندىن ياخشىدە .

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68774
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 529
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 04:02:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3668
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1266 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 05:09:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇنى كۆپ ئىچىپ سەمرىپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلغانتىم ، بۇ تىمدا ئۇرۇقلتىدۇ دەيدىغۇ ئەمدى .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66472
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3405
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 05:14:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ سۇ دىگەننى قەرەلسىز ئىچىۋېرىمەن .....

Love is Suicide

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3590
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22345
تۆھپە نۇمۇرى: 976
توردا: 3819 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 05:46:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادەتتە باشقا ئىچىملىكلەرنى ئانچە ئىچىپ كەتمەيمەن ،ئىچكىردە تۇرۇبا سۈيىگە ئىشەنگىلى بولمىغاچ ئۆيدە كۈندە نوڭفۇ تاغ بۇلىقى(农夫山泉)ماركىلىق سۇ ئىچىمەن. ئەمما سۇنى بەك كۆپ ئىچىپ سەمرىپ كېتىۋاتقاندەكمۇ ھىس قىلىمەن بەزىدە

كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغان كىشى،سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ...
-------------------------
ئۇيغۇر ئۇلىنىشى سىزنى قارشى ئالىدۇ! www.UYGHUR.cc
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 08:25:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 08:44:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gittarqi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-24 08:25 AM
بۇ يەردە تىلغا .ئىلىنغىنى ساپ مىنرال سۇ

مىنىڭچە  قۇدۇق  سۈيى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش