‹‹ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى›› گە نىمە بولدى؟
( دىلنازئاي)
كىچىك چېغىمدا << تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى>> ئىشلىگەن كىنولاردىن<< ئۈچ ياش>>، << تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل>>،<< مۇھەممەد ھەققىدە پاراڭ>>،<<ئارتىس بولالمايدىغان قىز>>،<< رەنانىڭ تويى>>،<< شۇڭقار دېسكوسى>>، << يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى>> ،<<غېرىپ-سەنەم>>، <<خانىش-ئاماننىساخان>>، << پۇل دىگەن نەرسە>>، << بويتاقلار ئائلىسى>>،<< باغ>> << موللا زەيدىن>>،<< تۇمانلىق سەھەر>> قاتارلىق نادىر فىلىملەر، ئۇيغۇر تىلۋىزىيىسى ئىشلىگەن << تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن>>،
<< تىمتاس گۇگۇم>> قاتارلىق كىنو، تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈپ چەكسىز ھاياجان ۋە ئارزۇ ئىستەكلەرگە چۆمۈلگەن ئىدىم ھەمدە تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى، ئۇيغۇر تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بىزگە يەنىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلغان ئىدىم، بىراق دەل ئارزۇيۇمنىڭ ئەكسىچە بۇنداق كىنولار بارغانچە ئازلاپ كەتمەكتە، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
1. سىلەر بەك ئالدىراش بوپ كەتتىڭلارمۇ؟
2. سىلەر كىنو قىلىپ ئىشلىگۈدەك سىنارىيە يوقمۇ؟ ياكى سىنارىيە يازغۇچىلار يوقمۇ؟
3. تالانتلىق رېژىسور، ئوپىراتور ۋە باشقا خادىملار يوقمۇ؟
4. رول ئالىدىغان ئارتىس يوقمۇ؟
5. كىنو ئىشلەيدىغانغا خىراجەت يوقمۇ؟
تەۋسىيە:
بىزدە << ئىز>>، << ئويغانغان زىمىن>>، << باھادىرنامە>> دەك تارىخي كىتابلار شۇنداقلا نۇرغۇن نادىر رومان، پوۋىستلار بارغۇ، نىمىشقا شۇلارنى كىنو ياكى تىلۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىمەيسىلەر؟
يېقىندا قويۇلغان<< ھەكىمە چاڭجىن>>، << كاڭشى خاندانلىق>>، << ئاقار يۇلتۇزنى بىللە كۆرەيلى>>، << يەنە بىر كۆرسەم>> دىگەندەك كىنو، تېلىۋىزىيە - تىياتىرلىرىنى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرۇم ياقتۇرۇپ كۆردى، سىلەر پەقەت ئاۋاز بېرىپلا تۇرىۋەرمەي، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كىنو، تېلىۋىزىيە - تىياتىرلىرىنى ئورۇنداپ خەلقىمىزنى مول بولغان مەنىۋى ئۇزۇق ۋە مەدەنىيەت بىلەن تەربىلەپلا قالماي، مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق، ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ۋەتىنىمىزگە، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە نامايان قىلىش ، دۆلىتىمىزنىڭ << دۆلەتنى ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش>> چاقىرىقىغا يەنىمۇ ئاكتىپ ئاۋاز قوشساڭلار بولاتتى...
يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، شەھەر، ناھىيلىرىدىكى تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرى، مۇشۇ زىمىندا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىداشلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، نۇمۇس-ھايا بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان دوختۇرخانا ئېلانلىرى ۋە باشقا ئېلانلارنىڭ قويۇش توغرىسىدا سىلەرمۇ ۋەزىپەڭلارنىى ئادا قىلىدىغان، لېكىن كەڭ مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىگىمۇ ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تارقىتىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ باققان بولساڭلار!
ئاخىرىدا مېنى بىلەرمەنلىك قىلدى دەپ ئەيىپلىمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاپتور: دىلنازئاي ( مەنبە:ئۆز قەلىمىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnaz-ay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-24 12:17 AM