شىنجاڭ مېۋىلىرىنى ياۋروپادا سېتىش
−كەررېفور گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ باش دىرېكتورى تاڭ جيانيەننى زىيارەت
شىنجاڭ كەررېفور گۇرۇھىنىڭ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ بىۋاسىتە سېتىۋېلىش بازىسى بولغاچقا، خىزمەتكە تەيىنلەنگىنىگە ئىككى ئاي بولغان كەررېفور گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ دىرېكتورى تاڭ جيانيەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ بازار تەكشۈردى. مۇخبىرىمىز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەررېفوردا سېتىلىشى ۋە كەررېفورنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇنى زىيارەت قىلدى.
تاڭ جيانيەن مۇنداق دېدى: ھازىر كەررېفور جۇڭگودىكى 66 شەھەردە 206 دۇكان ئاچتى، شىنجاڭدا 31 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن توختاملاشتى، بۇ توختام 68 مىڭ 800 دېھقانغا چېتىلىدۇ، سېتىۋېلىش سوممىسى 130 مىليون يۈەنگە يەتتى، شىنجاڭ كەررېفور گۇرۇھىنىڭ جۇڭگودىكى 2 - چوڭ بىۋاسىتە سېتىۋېلىش بازىسىغا ئايلاندى. 2012-يىلى كەررېفور سېتىۋېلىش مىقدارى ۋە سېتىۋېلىش سوممىسىنى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %20- %30كىچە ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى.
تاڭ جيانيەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، بولۇپمۇ ھۆل مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازاردىكى ئىنكاسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
تاڭ جيانيەن مۇنداق دېدى: 8 - ئاينىڭ ئاخىرى، 9 - ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە سېتىۋېلىنغان قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىق ھۆل مېۋىلەر فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە بازارلىرىغا كىرىدۇ، كەررېفورنىڭ فىرانسىيەدە 0004، ئىسپانىيەدە 052 دۇكىنى بار، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپادا سېتىلىشى شىنجاڭنىڭ ھۆل مېۋە ئېكسپورتىنى كەڭ بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1959-يىلى قۇرۇلغان كەررېفور گۇرۇھى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش مەركىزى، دۇنيادىكى 2 - چوڭ خەلقئارالىق پارچە سېتىش زەنجىرسىمان گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ.
كەررىفور 1 - قەدەمدە شىنجاڭنىڭ يېڭى ھۆل مېۋىلىرىنى سېتىۋېلىپ ياۋروپا بازىرىغا كىرگۈزدى، 2 - قەدەمدە قۇرۇق ئۈزۈم، قاق، ياڭاق قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرنى ياۋروپادىن باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلدى.
تاڭ جيانيەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قىسقا مەزگىللىك نىشانىمىز بىر يىلدا قوغۇن، ئۈزۈم، نەشپۈت قاتارلىق ھۆل مېۋىلەردىن 500 توننا سېتىۋېلىش. ھۆل مېۋە سېتىۋېلىش بىلەن شىنجاڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھەمكارلىقى دەسلەپكى ھەمكارلاشقان ئالتە تاللا بازىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بىز كەررېفور تاللا بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ياردەملىشىپ، ئېكسپورت ئىجازىتىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز.
2004-يىلى، كەررېفور شىنجاڭغا ماكانلاشقاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازاردا، يېكەن كۆلدە ۋە بېيجىڭ يولىدا ئۈچ تاللا بازىرى ئېچىپ، 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىر بۇ ئۈچ دۇكاننىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى، تىجارەت سوممىسى يىلىغا %10تىن ئاشماقتا.
تاڭ جيانيەن مۇنداق دېدى: ھازىر كەررېفور مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا كېڭەيتمەكچى، كەسىپنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كەررېفور شىنجاڭدىكى ياشلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ۋە سودا كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كەررېفور شىنجاڭ بازىرىغا كىرىش بىلەن بىللە، ئىختىساسلىقلارنىڭ يەرلىكلىشىشى كۈچەيدى. كەررېفور ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن يىلدا ئىچكى جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە سىرتتىن تەكلىپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىدۇ، شىنجاڭ كەررېفورنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى، كەررېفور شىنجاڭغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ دۇكانلارنى ئاچىدۇ، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قىسقىچە تەرجىمىھال:
تاڭ جيانيەن 45 ياش، فىرانسىيە ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن، 1991 - يىلى فىرانسىيە سانائەت مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان، 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر مەسلىھەتچىسى بولغان. 2008-يىلى كەررېفور گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋە خەلقئارا تىجارەت ئىشلىرى باش دىرېكتورلۇقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، كەررېفور گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، ئوتتۇرا ياۋروپا، ھىندىستاندىكى تىجارەتلىرىگە مەسئۇل بولغان. 2012-يىلى 4 - ئايدا، كەررېفور گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ باش دىرېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن.
مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/xwzx/lwxj/201206/t20120622_348043.html