مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1384|ئىنكاس: 19

ئىلى خەلقىنىڭ سالامچاي ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67017
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4369
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 11:20:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                ئىلى خەلقىنىڭ سالامچاي ئادىتى


    ئىلى خەلقى مېھماندۇستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، ئىلى خەلقىنىڭ نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلىرىدە مېھماندۇستلۇق، ئاقكۆڭۈللۈك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىلى خەلقىنىڭ سالامچاي ئادىتىدۇر.
سالامچاي ئادىتى ئىلى خەلقى ئارىسىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئۇ قۇدىلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش، كېلىنىگە ياخشى تەربىيە بېرىش، ئەدەب – قائىدە ئۆگىتىش سورۇنى ھېسابلىنىدۇ.
سالامچاي ئادەتتە توي مۇراسىمىدىن كىيىن باشلىنىپ خىلى ئۇزۇن ھەتتا كىنلەر بالىلىق بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. توي مۇراسىمىدىن كىيىنكى بىر  – ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قىز – يىگىتنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى يېڭى كىلىننى سالامچايغا چاقىرىدۇ.سالامچايغا كېلىننىڭ ئانىسى، قېيىنئانىسى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە خولۇم – خوشنىلىرى چاقىرىلىپ قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بىرىلىدۇ. ( سالامچايغا ئادەتتە ئاياللار قاتنىشىدۇ ) سالامچايدا كېلىن بىلەن يىگىتنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى تونۇشۇپ، بىر – بىرىنى ئۆيلىرىگە مىھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىشىپ تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
سالامچايدا ساھىپخان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قارىتا داستىخان راسلايدۇ. سورۇندا كېلىن بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئەدەپ – قائىدە ۋە گەپ سۆزلەرگە ناھايتى دىققەت قىلىدۇ. بىر – بىرىنى ھۆرمەت ۋە ئىززەت قىلىدۇ. كېلىن سورۇنغا چىرايلىق ياسىنىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ كېلىنلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. تائاملار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن قۇدىلار ئىلىپ كەلگەن سوۋغىلىرىنى داستىخانغا قويىدۇ، ساھىپخان كېلىنگە چىنە – قاچا، كورا دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ. ئەگەر سالامچايدا كېلىن پەرزەنتلىك بولۇپ بولغان بولسا بالىغا بىر قۇر كىيىم، ھىچ بولمىغاندا بىرەر لۆڭگە چاغلىق نەرسە سوۋغا قىلىنىدۇ.
ناۋادا سالامچاي تىخى ئۆتكۈزۈلمەي تۇرۇپ تۇغقانلار ئارىسىدا توي – تۆكۈن بولۇپ قالسا تويغا كەلگەن كېلىننى قۇرۇق قول قايتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارىلىپ ئۇنىڭغا ئايرىم داستىخان تەييارلىنىپ كېلىنگە قاچا – قۇچا دېگەندەك نەرسىلەر سوۋغا قىلىنىدۇ.
يىغىپ ئىيتقاندا، سالامچاي ئادىتى قۇدىلار ۋە ئىككى تەرەپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىش ھاسىل قىلىش سورۇنى بولۇپ، ئۇ ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا ئۇيۇشقاقلىقنى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كېلىنگە قائىدە – يۇسۇن ۋە ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان سورۇندۇر.


مەنبە:  تۇرمۇش

d1c1f2c1f5ae61d1b1cdce6634e8241a.jpg

ئەگەر دۇنياغا قا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7236
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8563
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5207 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:20:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى دەرياسىغا قارسام كۆڭلۇم بەك يىرىم بولدۇ ،،،،9 ئاركا لىق ئاقىدغان سۇ ھازىر ئىككىگە بۆلۇنۇپ دەريانىڭ ئوتتۇرسى خۇددى پۇتبۇل مەيدانىغا ئوخشاپ قاپتۇ ،،،،،قۇرۇپ كىتەي دىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79529
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:21:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئادەتكەن....بىز تەرەپتە توينى قىلىپ بولدىما، بولدى ،  ھېيىت ئايام كەلمىگۇچە قۇدىلار باردى كەلدى قىلىدىغان ئىش يوق...    ئېلى خەلقى بەك مىھمان دوسكەن.

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5505
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 10:40:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ ئىشلار بار دەڭلار

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6733
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6498 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 11:14:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار ئادەت..سالام چاي ئارقىلىق  ئىككى جەمەت كىشىلىرى تونۇشۇپ،ئۇرۇق تۇققانچىلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ..كېلىنگە ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى،كېلىنلىك مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق ئەدەپ قائىدىلىرىنى ئۈگىتىىدۇ..

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2886
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9656
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 874 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 01:43:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار ئارا ئادەمگەرچىلىك مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش چېيى دىسىمۇ بولغىدەك، ھازىرقى ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل خوشنا تۇرۇپمۇ ئىشىك تاقاپ ئولتۇرىدىغان، بىرەر ئىش بولمىسا ئىزلەشمەيدىغان ئەھۋاللارغا نىسبەتەن بۇ خىل چاي مېھرى ئىسسىق بىلىنىدىكەن.

ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4008
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 02:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلى خەلقىنىڭ سالامچېيى  بولغاندىكىن ئەلۋەتتە  ئەتكەنچايمۇ كەم بولمايدۇ بۇ چايدا .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4570
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2881 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 03:16:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ كۆۋرۇكتىن سۇغا سەكرەپ ئوينىغان مەن  بىر چاغلاردا.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پەقەت غولجدىلا بارما ؟ باشقا يۇرتتا كىلىنى ئەپ كەتكەندىن كېيىن بۇنداق قائدىلرىنى قىلمامدۇ ؟

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1350 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 09:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-6-24 09:07 PM
بۇ پەقەت غولجدىلا بارما ؟ باشقا يۇرتتا كىلىنى ئەپ كەتك ...

قىلىدۇ خوشنا مەلىڭىزدە بىز تەرەپتىمۇ شۇنداق

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش