ياۋروپا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ بېسىمى ۋە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ئامباردا ساقلانغان خام نېفىتنىڭ تاسادىپىي ئېشىپ كېتىشى بىلەن، خەلقئارا ماي باھاسى
ياۋروپا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ بېسىمى ۋە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ ئامباردا ساقلانغان خام نېفىتنىڭ تاسادىپىي ئېشىپ كېتىشى بىلەن، خەلقئارا ماي باھاسى 22- ئىيۇن چوڭ كۆلەمدە چۈشتى.
ئامباردا ساقلانغان خام نېفىت مىقدارىنىڭ زور كۆلەمدە ئېشىپ كېتىشى ۋە نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئازلىشى خام نېفىت بازىرىغا كۈچلۈك تەھدىت ئېلىپ كېلىپ، ماي باھاسىنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
22-ئىيۇن نىفىتنىڭ ھەر تۇڭى 77.56 دوللارغا چۈشۈپ 2011-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشكەن .
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نىفىت باھاسى ئىزچىل 100 دوللارنىڭ ئۈستىدە ماڭغان بولۇپ ماي ئىيى كىرىش بىلەن نىفىت باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشكە باشلىغان .
ئىككى ئاي ئىلگىرى تەھلىلچىلەر --غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىراندىن نىفىت سىتىۋىلىشنى توختىتىش سەۋەپلىك خەلقئارادا نىفىت باھاسى ئىشىپ كىتىدۇ . دەپ قارىغان .
ئەمما ھازىرقى خەلقئارا بازار ئۇلارنىڭ تەھلىلىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى .
راسىت ، تەھلىل دىگەن ھامان تەھلىل . كۆز -قاراش دىگەن پەقەتلا شۇ شەخىسنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ خالاس .
بازار خىيىم -خەتەر بىلەن تولغان ، ھەم چەكسىز پۇرسەت بىلەنمۇ تولغان . مانا بۇ بازار قانۇنىيتى .
نىفىتنىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتەلىدىمۇ --يوق ؟؟؟
ئالتۇن باھاسى ھازىر قانداق بولىۋاتىدۇ ؟؟؟
ئالتۇن باھاسىغا دائىر ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> سىزگە بۇ ھەقتىكى ئەڭ يىڭى ئىقتىسادى ئۇچۇرلارنى تەقدىم قىلىدۇ .
مەنبە؛
www.1miskal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-23 10:01 PM