مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3207|ئىنكاس: 38

گۈلەن: كىم، نېمىشقا، نېمە دېدى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 13629
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىم، نېمىشقا، نېمە دېدى؟

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ھاياتىمىزنىڭ ئۇچۇرلارنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقى ئاقىللارغا سىر ئەمەس. ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك ئۇچۇرلار بىزنىڭ قەلبىمىزنى بىزمۇ تۇيمىغان بىر رەۋىشتە ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى شەكىلگە كىرگۈزىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىغا قارايدىغان بولساق بىز ئۇچۇرغا ئەڭ مايىل مىللەت، ئەمما بۈگۈنكى ئۇچۇرنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئەركىمىزدىن مەھرۇملىقىمىزنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ تارىخى ئەۋزەللىكنىڭ پايدا زىيىنى بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. . ئېنىق مەقسەدتە، پىلانلىق يۈرگۈزىلىۋاتقان ئۇچۇر ئىستىلاسى بىزدەك ئەزەلدىن سىرىتقى ئۇچۇرغا مايىل، يېڭىلىقپەرۋەر خەلقنىڭ قەلبىنى ئاسانلا مۇنقەرىز قىلىۋالىدۇ. مەنچە ئويغاق زىيالىلارنىڭ بۇرچى، ئۇچۇلار توپانىغا دۇچ كەلگەن مىڭىلەرگە ساختا، مەسئۇلىيەتىسز، زۆررۈرىيەتىسز ئۇچۇرلارنى قاچىلاشتىن ھەزەر ئەيلەشتۇر. پىلانلىق مىڭە يۈيۇشنىڭ زەھرىگە بارلىق ئۇچۇرنى رادىيو ۋە تېلۋىزورلاردىن قوبۇل قىلىۋاتقان ئاۋامنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئۇچراۋاتقىنى رۇشەن. بۇ ھەقتە قەلەم تۇتقان ۋە بۇ ئىشنى بىجىرىۋاتقان كىشىلەرگە ياخشى تىلەك ۋە دۇئالاردا بولۇشتىن باشق ئامالىمىز يوق. ئەمما توردا مىننەتىسز تەر تۆكۈۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا ئويلىغانلىرىمىنى سۇنماي تۇرالمايمىز.

1. ئۇيغۇرنى ماختىسىلا ھىساپمۇ؟

2010-يىلىغۇ دەيمەن. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر مۇنبىرىگە "يۇلتۇز ئوسمانوۋا ئۇيغۇرلارنى 300 مىيون دېدى" دېگەن مەزمۇندىكى بىر خەۋەر يوللاندى. بۇ خەۋەردىن ھاياجانلانغانلارمۇ، ئۇ ناخشىچىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلانغالارمۇ بولدى. مەن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەي دەپ شۇ ناخشىچىنىڭ گېپىگە ئۇلانما قىلىنغان تۈركچە توربەتنى زىيارەت قىلدىم. راستىنلا ئۇ ئايال شۇنداق دەپتۇ. ئەمما قېرىنداشلار نەزەردىن ساقىت قىلغان نوقتا نېمىكەن دېسىڭىز، ئۇ خانىم ناخشىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، ھەتتا چىن (جۇڭگۇ) دېمۇ بازارلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەپتۇ. دېمەكچى، مېنىڭ پىلاستىنكامنى چىقارساڭ زىيان تارتمايسەن. جوڭگۇدەك غايەت زور نوپۇسلۇق دۆلەتتىمۇ مېنىڭ ئاڭلارمەنلىرىم بار دېگەننى ئىسپاتلايمەن دەپ دەپتۇ... بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.

2000-يىللىرىغۇ دەيمەن. بىر ئوقۇتقۇچۇم لىگوشىياڭ ئىسىملىك بىر پروفېسسورنى ماختاپ كەتتى. سەۋەبىنى سورۇسام "ئۇكام، ئۇ دېگەن ھەقىقى ئالىم، ناۋايىنى ئۇيغۇر دېگەن جۇمۇ!" دەيدۇ. ھەيران قالدىم. بىر پروفېسسورنىڭ مەن ئوقۇغان مەكتەپتىكى قەدىمكى ئەدەبىيات پروفېسسورنىڭ ئېڭىدىكى ئۇلۇغلىقى پەقەت نەۋايىنى ئۇيغۇر دېگىنى ئىكەن.

ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆرۈش ئەۋج ئالغان بىر زامانلاردا بىر مەزگىل چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرنى تىللىغانلا بولسا ھەممە يەردىن تېرىپ تۆرشەپ تەھلىل قىلىپ باش لىڭشىتتۇق. ئەمدى بىرسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجابىي بىر ئېغىز گەپ قىلسا ماختاپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنى دەپ بەرگەن چولپان، بۇنى دەپ قويغان ئالىم دەپ ھاياجانلىنىمىزمۇ؟

مەن مۇشۇنداق گەپلەرگە دوستلارنىڭ تەمكىن تەپەككۇردا مۇئامىلە قىلىپ باقسىكەن دەيمەن. مەسىلەن، بىرسى ئۇيغۇرنى ماختىدىمۇ دەيلى، كىم ماختىدى؟ ئۇ كىشىنى ئۇيغۇرنى ماختىغان بولسا ئۆزى قانداق مىللىي كىملىكتىكى، قانداق ئىلمىي كىملىكتىكى ۋە قانداق پەزىلەتتىكى ئادەم؟ ئۇ كىشى ئۇيغۇرنى نېمىشقا ماختايدۇ؟ ماختاپ زادى نېمە دەپتۇ؟ مەسىلەن، يۇقارقى مىسالدا يۇلتۇز خانىم "ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسى ئۈچ يۈز مىليۇن" دېگەن بولسا، بۇنى ئاڭلاپ، تارقىتىپمۇ ئولتۇرماي، "ھەزىلكەش چوكانكەن ھە!" دەپلا قوپۇپ كەتسەك بولىدۇ.

2. ئىسلامنى ماختىسىلا ھېساپمۇ؟

بىر قېتىم قايسىدۇر بىر مۇنبەردە بىر تېما بەك قاينىغان ئېدى. خاتالاشمىسام "لىياڭ مۇسۇلمان بولۇپتۇ" دېگەن ماۋزۇلۇق تېمىغۇ دەيمەن. ئوقۇپ باقسام تېخى مۇسۇلمان بولمىغانىكەن، پەقەت شۇ ھىسسىياتقا يېقىنراق گەپلەرنى قىلغانىكەن. جوڭگۇدا مەنچە شىنجاڭدىن چىققان خەنسۇلار ئىچىدە بىرى جوتاۋ يەنە بىرى مۇشۇ لىياڭ بىر قەدەر داڭلىق. ھەم بۇلارنىڭ ئاغىزىدىن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان گەپلەر جىق چىقىدۇ. مەن جوتاۋنىڭ 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن دېگەن "ئۇيغۇرلاردا ئاتنىڭ خاراكتىرى بار، خەنسۇلاردا كالىنىڭ مىجەزى بار" دېگەن گەپلىرىگە ۋە بۇنىڭ راۋاجىدىكى زەھەردەك پاراڭلارغا قاراپلا بۇ كىشىنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشتتىن باشقا بەك جىق ھۈنىرى يوق ئىكەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمەلىيەتتە مىللەتتە ھايۋاننىڭ خۇيى بار، دېگەننىڭ ئۆزىلا كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەكىلىماكاننى قەبىرىستانلىققا ئايلاندۇرايلى، دېگەنلىرى بولۇپمۇ شۇنچە چوڭ ئاخباراتتا مەنتىقىسىز، پاكىتسىز بايانلىرى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماختاپ دېگەن گەپلىرىگىمۇ "قىزىققارلىقمۇ نېمە!" دەپ قويىدىغان بولغانىدىم. لىياڭنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى گېپىمۇ پەقەت كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇش ۋە بىزدەك يۇرتداشلىرىنى ھاياجانلاندۇرۇشتىن باشقىسى ئەمەس.

ئىسلامنى قوغۇدىغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان گەپلەرگە سوغۇققان بولۇشىمىز كېرەك. خەقلەرنىڭ ئارىسىدا ۋە ئارىمىزدا شۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقانلارنىڭ كىملىكى، نېمىشقا دېگەنلىكى ۋە زادى نېمە دېگەنلىكى بىزنىڭ مۇنازىدە تېمىمىز بولغىنى ياخشى. مەسىلەن، مۇشۇ چاغقىچە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى "ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان، كاپىر، كۇپرانە سۆزلەرنى يازغان" دېگۈچىلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى توشقان موللىلار ئەمەس، ياكى مۇكەممەل دىنىي تەربىيە كۆرگەنلەرمۇ ئەمەس، ئەقەللىسى شۇ گەپنى قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا يازغان ئەسەرلىرىدە ھاياتنى ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە، تەپەككۇرىدا كۆزىتىپ ئەسەر يازغانلار تېخىمۇ ئەمەس. پەقەت ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگەچكە بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى بازارلىق بولۇپ كەتتى. ئەجەبا شۇ دىنىمزغا زىت ئىبارە، مەنزىدە ۋە تەسۋىرلەرنى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلىمالىرى، موللىلىرى بايقىمىغانمىدۇ؟ شۇلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈت قىلغانمىدۇ؟ نېمىشقا زىيالىنى كاپىر دەيدىغانلار موللىلاردىن چىقماي، زىيالىلارنىڭ ئۆزىدىن چىقىدۇ؟ بۇ تەھلىل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە. دېمەك دىققتىمىز كىمنىڭ نېمە مەقسەدتە دەۋاتقانلىقىغا ئەمەس، نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىغا مەركەزلىشىپ قالسا،  ھاياجانلىق چاقىرىقلار ئەقلىمىزنى خىرەلەشتۈرۈپ نەزىرىمزىنى جان ئالغۇچى زىددىيەتتىن، دوست دۈشمەنلىك زىددىيىتىدىن

ئىككىلەمچى، زىددىيەتكە، قېرىنداشلار ھەققىدىكى ئارازچىلىققا يۆتكىۋېتىشى مۇمكىن.

3. ئۇيغۇرچە كىيسىلا ھېساپمۇ؟

مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە كېيىنىش تەرەپتارى. مەن ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ مېغىزى بولغان ئىتىقادىمىز سەۋەبلىك بۇ نوقتىدا مۇرەسسەلەشمەيمەن. كىيىنىشىمدىكى جاھانسازلىق نۇقسانىم ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمدىن يۈرەكتىن ئەپۇ سورايمەن. مەن ئۇيغۇرچە كىيىمنىڭ مۇراسىم كىيىمى ۋە مۇلازىمەت كىيىمى بولۇپ ئومۇملىشىۋاتقىنىغا ئامالسىز قاراپ قالغىنىمغا ئېچىنىمەن. ئۇيغۇرچە كىيىم ھازىر ئۆلۈم، توي ۋە تۈرلۈك سەھنە كۆرەكلەردە مۇراسىم كىيىمى سۈپىتىدە؛ ھەرقايسى رىستۇران ، سەھنە ۋە كۇلۇپلاردا مۇلازىمەت كىيىمى سۈپىتىدە كېيىلىۋاتىدۇ. بۇ كىشىلىرىمىزنى كۈندە كېيىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىمىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. مەن خەققە ئوخىشۋالمىساق، قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك پەرقلەنسەك، قانچىلىك ئۆزگىچە كۆرۈنەلىسەك شۇنىڭغا تىرىشساق، قانچىلىك گەۋدىلەندۈرەلىسەك شۇنچىلىك گەۋدىلەندۈرسەك... شۇنى قوللايمەن ۋە مەن مۇشۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەش تەرەپتارى. بۇ بىر ھىساپتا بۈگۈنكى ئىھتىياج، دەۋردىكى زۆرۈرىيەت، بۇلار بىزنىڭ كىم ئەمەسلىكىمىزنى بەلگىلەيدىغان تۇغ. تۇغسىز قالساق بولمايدۇ، بەلگىسىز يولسىز قالساق قەتئىي بولمايدۇ.

كىم، نېمە ئۈچۈن، نېمە دەۋاتىدۇ؛ نېمە ئىشتا، نېمە نەقسەدتە، نېمە كىيىپ نېمە يەۋاتىدۇ بۇ بىز ئويلىشىغان مەسىلە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-23 08:51 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Dreamcatcher + 100 بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-6-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە،باشقا مىللەت زىيالىيلىرىدىن ئۇيغۇرلارنى ماختاۋاتقانلار،مەلۇم پايدىنى كۆزلەپ،ياكى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن بولسا كىرەك،،،


گۈلەن ئەپەندىم،سىزنىڭ بۇرۇن يوللىغان تىمىللىرىڭىز خېلى چۈشۈنۈشلۈك ئاممىباپ تىل بىلەن يېزىلغان ئىدى،لىكىن بۇنى تازا چۈشۈنەلمىدىمغۇ؟ئەدەبىي ئەسەرمۇ ياكى،ماقالىمۇ؟بىلەلمىدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anatil8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-23 08:58 PM  


ئىسلامىيەتنىڭ م

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47181
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3884
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 274 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
گۈلەن ئەپەندى. سىز يېزىۋېرىڭ. گەرچە سىزنىڭ كىينىشىڭىز ماڭا ياقمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا ماڭا ياقمايدىغان ئىشىڭىز يوق. ھەق گەپ ئاچچىق بۇلىدۇ. ئەمما ئۇنى سۆزلەش كىرەك.
ھازىر بىز سىزدەك زىيالىيلارغا مۇھتاج. باشقىلار نىمە دىسە دىسۇن سىز يېزىۋېرىڭ. ئەمما ھەقتىن چەتنەپ كەتمەڭ.

[url=ئىسلامىي ئۇزۇقلار دەل مۇشۇ يەردە]http://www.uzuk.net/[/url]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4501
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1165 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن،ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلىنغان بىرەر ئېغىز گەپ بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلۇپ كەتسە كىرەك،شۇڭا مۇشۇنداق ھاياجانلىنىپ كىتىدىكەنمىز.ئۇنىڭ نىمە مۇددىئاسى بار يوقلۇقى بىلەن كارىمىز يوق. گۈلەن ئەپەندىم دىگەنلىرىڭىزنى چۈشەندىم.تېلىمىز كىكەچ بولغاچ بىز ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ئادەمنى يەنىلا چوڭ بىلىمىز.
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ يېڭى يازمىسىغا رەھمەت. ئەمدى مىسرانىمنىڭ سىز بىلەن ئـۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى كۆرەي.
  

نائەھلىلەر قىسماي قۇلاققا، تاشلاپ كەتسە مىنى تۇپراققا. غورورۇمنى ساقلاپ قالماقتا، ئايلىنارمەن تىكەن_ يانتاققا.

قۇرۇق شوئار توۋل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4562
تۆھپە نۇمۇرى: 845
توردا: 2886 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندىنىڭ تەپەككۇرى يەنىلا ئۆزگىچىكەن جۇمۇ،،، ھەربىر تېمىڭىزنى ئوقۇش بىز ئۈچۈن يېڭى بىر دەرس... مەيلى تىل - ئەدەبىيات، پىسخىكا ۋە پەلسەپە بولسۇن   ھەممىلا تەرەپتىن بىزگە يېڭى بىلىملەرنى ئاتا قىلىۋاتىسىز ،،، قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4033
تۆھپە نۇمۇرى: 1058
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-6-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرسىنى ماختىسا ماختاپ، تىلىسا تىللاش، شۇ كىشىنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى بىلەن باغلىقمىكىن، تارىخنى، ئۆزىنى، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى، ۋە يېقىنقى تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېنىق كۈزۈتۈپ بىلەلىگەن كىشىلا قارا-قويۇق ئەگەشمەي ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپ ھەقنى سۆزلىيەلەيدۇ.
كىيىم-كېچەك تەرەققىياتىغا كەلسەك مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئېھتىياجى، ھەر خىل خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەپلىك شۇنىڭغا مۇناسىپ كىيىنىش ئومۇملىشىپ كەتتى، بۇ توردىكىلەرلا شۇنداق ئەن-ئەنىۋى مىللىچە كىيىملىرىمىزنى كىيەرمىكىن، ئۇلار توردىلا يۈرگەچكە كۆرمىدۇقمۇ، ئىشقىلىپ، خىزمەت ئورگانلىرىدا مىللىچە كىيىنگەنلەرنى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق. لېكىن ھىچكىممۇ ئۆزىنىڭ مىللىچە كىيىم كىيمىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. گەپ كەيگەن دوپپىدا ئەمەس، بەلكى كاللىدا.
لېكىن بىر ئۇيغۇرنى ئۇنىڭ بىر دوپپىسى، مىللىچە كىيىمى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۇتۇق قازانغان نەتىجىسىلا ئەلگە تونۇتۇدۇ، ئۇيغۇرلار مۇنداق-مۇنداق ئىشلاردا ئۇتۇق قازاندى دەپ ئەلگە تونۇتۇدۇ. دوپپىسى تونۇتمايدۇ. كاللىسى تونۇتۇدۇ.
شۇڭا ئۆزىمىزنى كىيىم بىلەن پەدەزلەپ، تېشى پال-پال ئىچى غال-غال بولماي، ئىچىمىزنى بىلىمگە توشقۇزۇپ، ياخشى -ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتساق، ئەل يەنىلا سىزنى ياراملىق ئۇيغۇرلار دەيدۇ، ھەرگىزمۇ دوپپا كىيىۋالغىنىڭىز ئۈچۈنلا سىزنى ياراملىق ئۇيغۇر دىمەيدۇ. دوپپىنىمۇ كىيىڭ، مىللىچە كىيىمنىمۇ كىيىڭ، لېكىن مۇھىمى كاللىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ئەقلى-قابىلىيىتىڭىزگە تايىنىپ بىرەر ئىش قىلىش، ۋە ئۇنى باشقا ئەپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.
مانا مۇشۇنداق ئەقىل-قابىلىيىتىنى ئىشلىتىپ ، قىممەت يارىتىپ ھەقىقى ئىنساندەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ، ئىلھاملانساق بولىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەممائۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4587
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىنىڭ كوچىسىنى بىر كۈن ئايلانساق ئۇچىراتقان مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا دوپپا كەيگىنى پەقەت بىر نەچچە ، مەسچىتكە كىرسەك تۇڭگانلارنىڭ ئاق دوپپىسىنى كەيگەنلەرمۇ مىللىچە دوپپا كىيگەنلەردىن كۆپ ، ئەمما بىرەر ئامىۋى سورۇنلارغا كىرىپ قالسىڭىز ھەممە ئۇيغۇر مىللىچە دوپپا ، كانىۋاي كۆڭلەك دىگەننى قاتتۇرۇپ كىيۋالغان ، مېنىڭچە بۇ بەكلا ياسالمىلىق .
مىللىيچە كىيىم كېيەيلى ئۇنى ۋەزىپە ئۈچۈن ئامىۋى سورۇندا باشقىلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئەمەس ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ تۇرۇپ كېيەيلى.
مېنىڭچە گۈلەن ئاكىمىزنىڭ مىسرانىمنىڭ زىيارىتىگە چىقىدىكەنمەن دەپ ئاتايىتەن كىيىم ئالماشتۇرۇپ ياسالمىلىق قىلغىنىدىن ئادەتتە قانداق كەيسە شۇ پېتى چىققىنى ياخشى بولدى دەپ قارايمەن .
ئەينى ۋاقىتتا بارىنى نىمىشقا پۇتبول مەيدانىغا دوپپا كىيىپ چۈشمەيدۇ دەپ قاخشىغانلارمۇ ئۆزى مىللىيچە كىيىنىپ شۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتامدۇ ياكى ، بۇلۇڭ پۇچقاقتىكى بىرەر تورخانىدا ھاراق پۇراپ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ ، كۆڭلىكىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋېتىپ ئولتۇرۇپ يېزىۋاتامدۇ بۇنى بىر ئۆزى بىلەن ياراتقۇچى بىلىدۇ.

ئىسلامىيەتنىڭ م

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47181
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3884
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 274 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىرگەپ  بۇ تىمىنى   چۇشۇنۇزش  ئۇچۇن ئاۋۋال گۈلەن ئەپەندىنىڭ مىسرانىم بىلەن قىلىنغان سۆھبىتىنى تۇلۇق كۇرۇشكە توغرا كىلەىدۇ بولمىسا بۇ تىمىنى   چۇشۇنەممەيسىلەر.

[url=ئىسلامىي ئۇزۇقلار دەل مۇشۇ يەردە]http://www.uzuk.net/[/url]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81464
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 213
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق كۆڭۆل ساددا قەلبىمىز ،ئىسلامنى ماختىسا، شەكىلگە مۇسۇلمان بولۇپ، شەكىلگە مۇسۇلمانچە كىيىنىۋالسا شامدەك ئېرىپ كىتىمىزكەن؟

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1451
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10370
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7785 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-6-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەتلەس كۆينەك كىيىشىنى بەك ياخشى كۆرىمەن،  كىيىم ئىشكاۋىمدا خوتەندىن كەلتۇرۇلگەن
ئەتلەس كۆينەكلرىمۇ بار،بىر قىتىم ئەتلەس كۆينەكمىنى  كىيىم سىرتقا چىققان ئىدىم، بىر كۆتبەل ئىشتان ، مەيدىسى ئوچۇق كىينگەن قىزنىڭ ئالتە شەھەرلىك  دەپ مازاق قىلشغا ئۇچۇردۇم،شۇڭا  كۆپ كەيمەيمەن، ھەر يىلى بىر ئىككى قىتىم كىيىپ قويمەن،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش