كۈندىلىك خاتىرەمدىن پارچىلار
1. يالغۇزلۇق
يامغۇرلۇق تۈندىكى ئازاپلىق تەشۋىش ،
كىلىدۇ ئىسىمگە تۈمەنلەپ كەچمىش ،
تىنەيمەن ئالدىمدا تۇمانلىق يوللار ،
ئېزىقىپ سورايمەن بۇ زادى نىمىش .
كارۋانلار ئىزلىرى تېپىلماس بۇندا ،
مەن ئۆزۈم بۇ يەردە بىرىنجى كارۋان ،
يول ئاچتىم كىيىنكى يولۇچى ئۈچۈن ،
جاپالار تۈگىگەن شۇنچىلىك راۋان .
كىرسە كىم بۇ يەرگە ياد ئەتسۇن مىنى ،
چۈنكى مەن يۈرىمەن بىر ئۆزۈم تەنھا ،
كۈلسىمۇ ئۆزگىلەر جاناننى بىلەن ،
مەن يالغۇز پىراقتا ئىزلەيمەن ھەمراھ .
2.سەنمۇ مەندەك ياشاپ باققىن چىدىساڭ
ساراڭ دىدىڭ قاراپ تۇرۇپ كۆزۈمگە ،
ئۆتۈپ كەتتى بۇ گەپلىرىڭ جېنىمدىن ،
نەپرىتىمنى بىراق زادى بىلمىدىڭ ،
غەزەپ ئۇچقۇن چاچرىسىمۇ كۆزۈمدىن .
سەنمۇ مەندەك ياشاپ باققىن چىدىساڭ ،
ئاشىقلىقتا ئۆز-ئۆزۈڭنى ئازاپلاپ ،
سۈكۈت ئىچرە بۇلۇپ ئۆزۈڭ پىكىرداش ،
يۈرەكلىرىڭ كۆيسە ئەگەر چاراسلاپ .
چىدالمايسەن مەن چىدىغان ئازاپقا ،
چۈنكى بۇ يول شۇنچە مۈشكۈل جاپالىق ،
بىراق ساڭا ھەمدەم بۇلار ئارزۇيۇڭ ،
خىيالدىكى گۈزەل جانان خۇمالىق .
تىلىڭ تۇرۇپ ئېيتالمايسەن سىرىڭنى ،
چۈشەنمىگەچ ھېچكىم سىنىڭ گېپىڭنى ،
يالغۇزلۇقتا ئۆتۈپ كىتەر كۈنلىرىڭ ،
كىشى بىلمەس ئۆزۈڭ تارتقان ئازاپنى .
سەنمۇ مەندەك ياشاپ باققىن چېدىساڭ ،
كۆرەلەيسەن شۇندا مىنىڭ دىلىمنى ،
لېكىن بۇ يول شۇنچە مۈشكۈل جاپالىق ،
كۈتەلەمسەن ئازاپ ئىچرە گۈلۈڭنى .
3.ئالدامچى
قايرىلپ كۈلدۈڭ يۈرەكنى ئالدىڭ .
سىنى سۆيگەندە يىراققا كەتتىڭ.
رومال ئىچىدە قۇياشنى كۆردۈم ،
قۇياش تەپتىدە ئوت بۇلۇپ ياندىم .
ئىللىق تەبەسسۇم ئالدىدى مىنى ،
يۈرەك قېتىغا ئورنۇتۇپ سىنى .
يىرتىلغان رومال يۇقالماس ئىشەنچ ،
سۆزلىمەس كۆزلەر بولدىغۇ كىكەچ .
تەدبىرىم چولتا مېڭىشىم خاتا ،
بولغا چقا جانان ئالداندىم ساڭا .
ساختا ئىكەنغۇ ئىللىق تەبەسسۇم ،
قالمىدى ئەمدى ساڭا ھېچ زوقۇم.
سۈيۈملۈك ئىكەن ئەسكى ئالدامچى ،
مىنىڭ يادىمدا قالدى سۈرىتى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-23 12:04 PM