ئۈچ ھېكىمەت
(فېليەتۇن)
ئەلقىسسە، نەسىرىدىن ئەپەندىم ئوردىدا ھەرخىل قىزىقارلىق لەتىپە-يومۇرلارنى سۆزلەپ،خان–شاھزادە ۋە ۋەزىر-ۋۇزىرالارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە خان تۇيۇقسىز كېسەل تېگىپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئوردا ئىچى پىتنە-پاساتلار بىلەن كىرزىسكە پېتىپتۇ؛ ۋەزىر-ۋۇزىرالار ۋە شاھزادىلەر تەختكە ئولتۇرۇش كويىدا ھەريان چېپىپتۇ؛شەھەر خەلقى يېڭى خاننى بەلگىلىيەلمەي باشلىرى راسا قېتىپتۇ. ئاخىرى ھەممەيلەن تەختكە ئۆز رەقىبىنى ئولتۇرغۇزمايدىغان بىر ئەپچىل چارە تېپىپتۇ. نەسىرىدىن ئەپەندىم سالا-سۈلھى بىلەن تەختكە ئولتۇرغۇزۇلۇپ تۇ.
تەختكە ئولتۇرۇش بىلەن تەڭلا نەسىرىدىن ئەپەندىمنىڭ ئىلگىرىكى كۈلكە-چاخچاق،يۇمۇرلىرى نەگىدور كەلمەسكە كېتىپتۇ.ئۇ ئەتىگەندىن -كەچكىچە چىرايى تۇتۇلغان،كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر ئۇچقۇنلىرى چاچرىغان ھالدا ئالدىدىكى قول باغلاپ تۇرغان ئوردا ئەركانلىرىغا غەزەپلىك ھۆمۈيۈپ تەختتە ئولتۇردىكەن. ئەپەندىم خان ئالىيلىرىنىڭ ياق، خان ئالىيلىرى ئەپەندىمنىڭ تەختتە بۇنداق سۈرلۈك ئەلپازدا ئولتۇرشى بىرسى، قول ئاستىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىق بولسا يەنە بىرسى، مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان نارازىلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن كەيپى ئۇچقانلىقتىن ئىكەن. قانداق قىلىش كېرەك؟ خان ئالىيلىرى ئەپەندىم تەختتە خاتىرىجەم ئولتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇرۇپتۇ ۋە ئاخىرى مۇنداق بىر ئەقىل تېپىپ تۇ: خەلق ئارىسىدىكى ئۆزىگە بولغان نارازىلىق سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەم خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ھەم خەلق باش كۆتۈرمەي قىلىدىغان ئايىقى چىقمايدىغان بىرەر ئىش تېپىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خان ئالىيلىرى ئەپەندىم پۈتۈن مەملىكەت خەلقگە تۈگىمەس قەرت ئويناش ھەققىدە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ ھەم ھەر يىلى بۇ پائالىيەتتىكى بىرقانچە ئون نەپەر چىمپىيوننى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپتۇ. دەرۋەقە، بۇ چارە ئون نەچچە يىل ئوبدان ئۈنۈم بېرىپتۇ.
يىللارنىڭ ئۆتۈشىگەئەگىشىپ مەملىكەت ئىچىدە يەنە خان ئالىيلىرىنىڭ ئارقىسىدىن نارازى بولۇپ سۆزلەيدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيدا بولۇپتۇ. خان ئالىيلىرىنىڭ يەنە كاللىسى قېتىپتۇ. دېھقانلارنىغۇ ھاشا-پاشا، كەتمەن-گۈرجەك ئارقىلىق ئېتىز- ئېرىقلاردا مۇقۇم تۇتۇپ تۇرماق تەس ئەمەس. زىيالىيلارنى، ئەڭ موھىمى مەدىرىسلەردىكى مۇدەرىس ۋە تالىپ،تالىبەلەرنى قانداق ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىش كېرەك؟ كۈنلەپ-تۈنلەپ پىكىر يۈرگۈزۈش نەتىنجىسىدە نەسىرىدىن خان ئالىيلىرى ئەپەندىم بەك مۇ چارچاپ،خانلىق تەختتە ئولتۇرۇشتىنمۇ رايى قايتىپتۇ. ئۆزىنىڭ ئادەتتى كى پۇقىرا بولۇپ ياشىغان دەۋىرلىرىنى سېغىنىپ يادىغا ئېلىپتۇ. تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ھامال بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا سودىگەرنىڭ بىر ساندۇق چىنە- قاچىلىرىنى ئۈچ ئېغىز ھېكىمەتنى ئاڭلاش ئۈچۈن يۈدۈپ ماڭغانلىقى ۋە ئۇنى يەرگە تاشلاپ چىنە-قاچىلارنى چېقىۋەتكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ ، زېھنى«ۋال»لىدە يۇرۇپ كېيىپتۇ.« توغرا،خەلقنى بۇ ھېكىمەتلىك سۆزلەر نى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەسىرات يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شۇندىلا .....»
شۇنداق قىلىپ نەسىرىدىن خان ئالىيلىرى ئەپەندىم چىنە–قاچا سودىگىرىدىن ئاڭلىۋالغان« توق يۈرگەندىن ئاچ يۈرگەن ياخشى دېگەن سۆزگە ئىشەنمەسلىك،ماشنىدا يۈرگەندىن پىيادە يول يۈرگەن ياخشى دېگەن سۆزگە ئىشەنمەسلىك ۋە دۇنيادا سىزدىنمۇ ئەقىللىق ئادەم بار دېگەن سۆزگە ئىشەنمەسلىك» دېگەن ھېكىمەتلىك سۆزنى ئۆز ئېغىزى بىلەن قايتا تەكرارلاپتۇ.
ئەتىسى ئوردىدىكى پۈتۈن مىرزا -كاتىپلار،شائىر-يازغۇچىلار، خەتتات-پۈتۈكچىلەر نەسىرىدىن خان ئالىيلىرى ئەپەندىمنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزىنى تەتقىق قىلىش،تەپسىر يېزىش ۋە كىتاب قىلىپ كۆچۈرۈش بىلەن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ كىتابنىڭ سانى ئاستانىنىڭ ئۆزىدىلا نەچچە ئونمىڭ پارچىغا يېتىپتۇ. ھەرقايسى ئۆلكە،شەھەر،ناھيىلەردىكى چوڭ- كىچىك زىيالىيلارنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەپسىر-تەقرىز ۋە تەسىرات ماقالىلىرىنىڭ سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
كېيىنكى يىلى ئەتيازدىن باشلاپ خانلىق تەۋەسىدە خان ئالىيلىرى ئەپەندىمنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزىنى ئۆگىنىش يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ.
بۇ ھېكىمەتلىك سۆزلەر قازسا-قازسا سۈيى تۈگىمەيدىغان بىلىم بولى قى ئىكەن...
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يولداش نەسىرىدىن ئەپەندىم ئاخىرقى ئۆمۈرىگىچە خانلىق تەختىدە ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا ئولتۇرۇپ يۇرت سورىغان ئىمىش.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ b5 v; g N9 p- x/ r2006-يىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-22 06:16 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 n8 K0 [4 d _. P6 y2 B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 x$ z* O- ?8 k% p8 C: O! M; a