مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1238|ئىنكاس: 12

ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت بۇلارغا مۇھتاج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3687
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 12:00:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام ۋە ئىنسانىيەت ـــ مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىككە مۇھتاج

ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجى ھەرخىل ھەر تۈرلۈك  بولىدۇ، مەنىۋىيلىكتىن  ماددىلىيلىققىچە، ئىقتىسادتىن مەدەنىيەتكىچە، كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولۇشتىن تەرەققىي قىلىشقىچە...... قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەپپەككۈرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياج قاتلىمىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق تەھلىللەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاز بولمىغان توغرا، ئېنىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان، بەزىلىرى ھەتتا ئەقىل-پاراسەتنىڭ نۇرلىرىنى چاقناتقان، ئىدراكنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى ئۇرغۇتقان. ئەمما، دەۋر، رايون، مۇھىت، مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان...... جۈملىدىن، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئىدراكىي تونۇشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبى بىلەن، ئىنسانىيەت ئېھتىياجىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك، مۇكەممەل، مۇۋاپىق تەھلىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالغان. دائىملا ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇپ قېلىپ، بىر چەكلىمىلىكتىن يەنە بىر چەكلىمىلىككە قاراپ ماڭغان. بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «يەر يۈزى جانلاندى، ھەممە مەنپەئەت ئۈچۈن؛ يەر يۈزى قالايمىقانلاشتى، ھەممە مەنپەئەت ئۈچۈن.» «پايدا، مەنپەئەت، ئىقتىساد» كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر ئېھتىياجى ۋە ئىزدىنىشى بولۇپ قالغان. بەزىلەر بولسا مۇنداق دەپ قارىغان: «ئېسىلزادىلەر ھەققانىيەتنى سۆزلەيدۇ، پەسلەر مەنپەئەتنى سۆزلەيدۇ.» ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت تىركەشكەندە، مەنپەئەتنى قوغلاشقان، مەنپەئەتنى تىلغا ئالغان ئادەم پەس  بولغان. بەزىلەر ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىيىتىنى قىلچە كۆزدە تۇتماستىن، ئىنسانىيەتنىڭ ماددى ئېھتىياجىغا سەل قاراپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجى چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىك دەپ قارىغان. شۇ سەۋەبلىك چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىكلەرنىڭ ئاساسى تولۇق بولماسلىقى بىلەن پەقەت شەكىلۋازلىق ۋە شۇئارلاردىلا قېلىپ قالغان.

ئىنسانىيەت ئۆزلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە تولۇق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلار شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي خۇسۇسىيىتى ۋە ماھىيىتىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى زادى نېمە؟ ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجى زادى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىسلام ئىنتايىن خاس بولغان جاۋابنى بەردى.

ئىسلام دىنىدىكى مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىك كۆز قارىشى

ئىسلام دىنى، ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى مەنپەئەت، ئەڭ يۇقىرى ئىزدىنىشى چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىك بولۇپ، بۇ تۆتى ئوخشاش بولغان سېستىمىدا بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

بىرىنچىدىن، «مەنپەئەت» توغرىسىدا. ئىسلام دىنى، ئادەم تەڭرى ياراتقان نۇرغۇنلىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى ئېتىقادقا ئىگە ھايۋان، يەنى ئالىي دەرىجىلىك ھايۋان بولۇپ، «پەرىشتە، ئىلاھ»لارغا ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا «ئاڭسىز، خاسلىقى بىلەن يۈرۈيدىغان» تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىنسانلار پەرىشتىلەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭكىدەك ھۇشيارلىق، چېچەنلىككە، ھەمدە ھايۋانلارنىڭكىدەك نەپسانىيەتچىلىككە ئىگە. ئەمما، ئىنسان ئالدى بىلەن ئۇ بىر ھايۋان، ئۇلار گەرچە توختىماستىن ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياج سېستىمىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر خىل ھەر تۈردىكى كونكېرت مەزمۇنلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسىي ۋە ئوق مەركىزى قىسمى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە تەرەققىياتىنى قامداشتىكى ئېھتىياجلاردۇر. ئىسلام ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئىنسانلارنىڭ ماددى ئېھتىياجىدىن چەتكە ئالمايدۇ، «مەنپەئەت»نى تىلغا ئېلىشنى نومۇس دەپ بىلمەيدۇ، ئەكسىچە كىشىلەرنى (سوبېكتىپ) تەبىئەتنى كۆزىتىشكە (ئوبېكت)، تەبىئەتنى تەتقىق قىلىشقا، تەبىئەتنى ئېچىشقا، تەبىئەتتىن پايدىلىنىشقا، تەبىئەتنى ياخشىلاشقا، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشقا، كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا، كىشىلەرنى تەڭرىنىڭ ھەرخىل ھىممەتلىرىدىن بەھىرلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. «قۇرئان»نىڭ 15-سۈرىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «يەر يۈزىنى كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۇردۇق (19)  يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز. (20) قانداق نەرسى بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز. (21)» بۇنىڭدا يەنى شۇنداق دېمەكچىكى، ئىنسانىيەت تۇرمۇشى بىلەن تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىنى، تەبىئىي شارائىت ھەمدە ھەرخىل تەبىئىي بايلىقلارنى تەڭرى مەقسەتلىك ياراتقان، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىشى ئەۋلادلار ئارا ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ماددى ئاساسى قىلىپ يارىتىلغان. «قۇرئان»دا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن. «چارۋا-ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار(نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسىنىسىلەر، ئۇلار(نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى)دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار(نىڭ گۆشلىرى)نى يەيسىلەر (16-سۈرە 5-ئايەت)»، « ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن دەلىللەر بار.» «قۇرئان»دا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرى (يەنى بېلىقلىرى)نى يېسۇن، ياقايدىغان زىنەنت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە-مارجانلار)نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسەن.» (16-سۈرە 13-،14-،15-ئايەت). تەڭرى ئىنسانلارنى كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي، يول، قاتارلىقلاغا ئىشلىرىدىغان بارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئىنسانلار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي ئەمگىكى ئارقىلىق، بۇ بايلىقلاردىن مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېچىپ، ئۇلارغا ئېرىشىشى، ئۇلاردىن بەھىرلىنىشى كېرەك. باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ پائالىيىتى ئىزچىل ھالدا ئەمگەك بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ رېئال بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيتى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەڭ ياخشى بولغان سۆزلەر ئارقىلىق ئەمگەك ۋە رېئاللىقنىڭ قىممىتىنى مەدھىيلەيدۇ.

ئىسلام دىنى يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئەمگەكنىڭ ئۆزىمۇ جىھاد قىلىش ھەمدە ئىبادەت قىلىشنىڭ بىر تۈرى. ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىنسانىيەت ھايات كەچۈرۈشىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېھتىياجى بولغاچقا، ئۇنى جىھاد قىلىش بىلەن تەڭ دەرىجىدە كۆرمەك كېرەك. «قۇرئان»دا: «بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ.» ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئەمگىكى ئارقىلىق، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش، مەنپەئەتكە ئىگە بولۇش، يېمەك-ئىچمەكتە مۇستەقىل بولۇش، ئۆيىدىكىلىرىنى بېقىش، تۇغقانلىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈش، يېتىم-يېسىرلارغا ئېھسان قىلىش، ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرەپلىك ۋە شۆھرەتلىك ئىشلاردۇر. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت جۈملىسىدىندۇر. يېزا-ئىگىلىك، سانائەت، چارۋىچىلىق، سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام تەرغىپ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھايات تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر.

مەنپەئەت، ئۈنۈم، پايدا بولارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ دەۋرىيلىك رەزمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى رېئال پائالىيەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى كام بولسا بولمايدىغان ئىچكى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، مەنپەئەت كىشىلەرنىڭ ئاساسى ماددى ئېھتىياجى ھېسابلىنىدۇ.


ئىككىنچىدىن، «چىنلىق» ھەققىدە. گەرچە «مەنپەئەت» كىشىلەرنىڭ ئاساسى ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر دۇنيانى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۆزلىسە، ئەلۋەتتە كىشىلەرنى رازى قىلىدىغان بىر دۇنيا يارىتىشى كېرەك. يەنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىكى ئارزۇسى ۋە ئالدىن بەلگىلىگەن نىشانىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. سوبېكىتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئوبېكىت ۋە سوبېكىتقا نىسبەتەن توغرا چۈشەنچە بولۇشى كېرەك. بۇ توغرا چۈشەنچە دەل «چىنلىق»تۇر. كىشىلەر رېئال پائالىيەت جەريانىدا ئەكىس ئەتكەن ئوبېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتى ۋە ئىچكى قانۇنىيەتنىڭ چىنلىق مىزانىنى چوقۇم چۈشىنىشى، ئىگەللىشى ھەمدە ئىشلىتىشى كېرەك. پەقەت چىنلىقنىڭ مىزانى بويىچە بولغاندىلا، رېئال پائالىيەتنىڭ ۋە ئاڭلىقلىقىغا، ئىلمىيلىكىگە، مۇۋاپىقلىقىغا ۋە ئۈنۈملۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلەر رېئال پائالىيەت چوقۇم بىر خىل ئىزدىنىش ۋە قۇرۇپ چىقىشنى مەلۇم دەرىجىدە ئىلمىي، توغرا بولغان ئاساستىكى ئاڭلىق پائالىيەت  بولۇشى ھەمدە ئۆز بېشىمچىلىق ۋە قارىغۇچىلىقتىن ساقلىنىشى ۋە مۇداپىئەلىنىشى كېرەك. مەلۇم دەرىجىدىكى ئىلمىيلىك بولمىغان ھەقىقەت تونۇشى ئاساسىدىكى رېئال پائالىيەت، دائىملا ئوبېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ مەغلۇب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ رېئال پائالىيىتى ئوبېكتىپ شەئىيلەردە بار بولغان خۇسۇسىيەت ۋە قانۇنىيەتنى ئاساس قىلىشى، ئوبېكتىپ شەيئىلەرگە بولغان توغرا تونۇشنىڭ چىنلىق نىزامى ئاساسىي ئوبېكتىپ شەيئىلەرنى ئۆزگەرتىشى، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان شەكىلدە ئۇلارغا ئېرىشىشى كېرەك.

ئىنسانلار پۈتكۈل تەبىئەتكە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە، بارلىق ئوبېكتىپ شەيئىيلەرگە نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇشقا، كاپالەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن بۇ ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا چۈشەنچىسى ۋە تونۇشى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلار نەدىن كەلدى، نەگە بارىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارار يېرى زادى قەيەر؟ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ پەرقى زادى نېمە؟ مانا شۇ سەۋەنلىك ئىنسانىيەت كۆز قارىشى، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆزىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق  بولغان يوشۇرۇن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئىسلام كىشىلەرنى چوقۇم، توغرا بولغان تونۇشقا ئىگە بولۇپ، چوقۇم ئېتىقادلىق يول باشلىغۇچى بولۇشقا يېتەكلەيدۇ، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ بىلىمى چەكلىك بولۇپ، يالغۇز كىشىلىك ئادەمنىڭ ئەقلى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. تەڭرىنىڭ ئەقىل-ئىدراكى بولسا ئەكسىچە چەكسىز بولىدۇ. تەڭرى ياراتقان كەڭ زېمىن ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە تەۋە بولغان بارلىق ھەققەنىيەتلەرمۇ چەكسىز  بولغان بولىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ چەكلىك بولغان بىلىمى ئارقىلىق چەكسىز بولغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ۋە جەمئىيەت قانۇنلىرىنى چۈشىنىشمۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا چەكلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسان مۇبادا چىنلىقنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىگىلىمەكچى  بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم تەڭرىنىڭ بىشارىتىگە، تەڭرىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە تايىنىشى، توغرا بولغان ئېتىقاد يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا، ئۆزىنىڭ ئەقلىنى، ئىدراكىنى ئىشلىتىپ، تەبىئەتنى كۆزىتىشى كېرەك. جەمئىيەتنى كۆزىتىش، ئېتىقاد بىلەن تەبىئەت بىلىملىرى، جەمئىيەت بىلىملىرى، پەلسەپە بىلىملىرى بىر گەۋدە بولۇپ، تولۇق چۈشەنچىگە ئايلىنىشى، شۇندىلا بۇنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىپ، ئەقلى خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك. «قۇرئان»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى چىراغ قويىدىغان) تەڭچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراغ باردۇر،  چىراغ شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گيا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراغ مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس،» (24-سۈرە، 35-ئايەت) مانا بۇ ئىنسانلارنى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپلىمىلىك ياكى ئۆز خاھىشى بويىچە تونۇش ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان، ھەمدە كىشىلەرنى ئەلمىساقتىن تارتىپ بىر ماكاندا، ئوخشاش قۇياش نۇرىدىن بەھىرلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىشقا چاقىرغان.

«قۇرئان» دۇنيانى ۋە ئۆزىنى تونۇشتىكى بىر بىباھا قورال دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. «قۇرئان»دا «قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى» (17-سۈرە 105-ئايەت) دەپ كۆرسىتىلىپ، كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەرنى تونۇتقان ھەمدە كىشىلەرنى ئەقىل ۋە بىشارەت بىلەن تەمىنلىگەن. «قۇرئان»دا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەقتىسەن» (27-سۈرە 79-ئايەت)، «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى» (29-سۈرە 44-ئايەت)، «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كىچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ» (39-سۈرە 5-ئايەت) بۇ دېگەنلىك، جاھاندىكى بارچە مەخلۇقاتلار ۋە شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشى، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئۆز-ئۆزىدىن پەيدا  بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاقىتچانلىقى، مەلۇم دەرىجىدىكى قانۇنىيىتى ۋە تەرتىپى بولۇپ، ھەممىگە قادىر تەڭرىنىڭ بۇ شەيئىلەرنى يارىتىشىنىڭ ئېنىكى ئۆزىگە خاس چىنلىقى بار، دېگەنلىكتۇر. تەڭرى ياراتقان كائىنات ھەمدە كائىناتتىكى بارچە شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشىنىڭ ھەممىسىدە ئىچكى ۋە تەبىئىي قانۇنىيەتلىرى بار. كىشىلەر تەڭرىنىڭ ياراتقان تەبىئىي قانۇنىيەتلىرىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلدى، ئىزچىل بايقاپ كەلدى، ئىزچىل خۇلاسىلەپ كەلدى، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بەزىبىر قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى بايقاپ، توغرا بولغان تونۇشقا كېلىپ، پەن-تېخنىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بارلىق ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەت قانۇنىيىتى ۋە ئوبېكتىپ قانۇنىيەتلەتگە بولغان چوڭقۇرلاشقان تونۇشلارنىڭ نەتىجىسى، ئەلۋەتتە.

ئۈچىنچىدىن، «ئاقكۆڭۈلۈك» ھەققىدە. «مەنپەئەت» كىشىلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، «چىنلىق» كىشىلەرنىڭ تونۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىنسان پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيەتكە ۋە ئوبېكتىپچانلىققا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمما، ئىنساننىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئېھتىياجلار ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت. شەخسنىڭ ئېھتىياجى بىلەن يەنە بىر شەخسنىڭ ئېھتىياجى ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت. شەخسلەر بىلەن كوللېكتىپنىڭ (دۆلەت ۋە جەمئىيەت) مەنپەئەتى ئارىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت، مىللەتلەر بىلەن مىللەتلەر ئارسىدا ئېھتىياج زىددىيىتى مەۋجۇت. بۇ زىددىيەتلەر چوقۇم ھەل قىلىنىشقا ئېرىشىشى كېرەك. ئېھتىياجلار ئارىسىدىكى بۇ خىل زىددىيەتنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئەلۋەتتە مەلۇم قانۇنىيىتى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئەخلاق پىرىنسىپى، يەنى «ئاقكۆڭۈللۈك» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئېھتىياجى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان ۋە شەخسىي ئېھتىياج بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىردىنبىر مىزانى. ئىسلامنىڭ «ساۋاب ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن ساقلىنىش» ئىدىيىسى دەل مانا مۇشۇنىڭ ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پۈتكۈل جەمئىيەت سېستىمىسىدا، ھەربىر شەخىس ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىنى قوغلىشىدۇ، شەخسىي ئارۇزىسىنى قاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئەمما شەخسى مەنپەئەتنى قوغلىشىش، شەخسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش داۋامىدا، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تەسىر كۆرسەتسە بولمايدۇ. ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ مەنپەئەت بولۇش ئىدىيىسى، ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ غەلبە قازغۇزۇش  ئىدىيىسى، جەمئىيەتنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلۈشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەتنى نورمال يۈرگۈزۈش، ئىناق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە شەخسىي مەنپەئەتنى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرغۇزۇش، قىسمەن مەنپەئەتنى پۈتكۈل مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى يىراق كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئىنسان، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئادىمى، بەلگىلىك ئىنىمائىي جەمئىيەت مۇناسىۋىتىدە ياشاۋاتقان ئادەم. ئۇ كىشى بىپايان چەكسىز كەتكەن كائىناتتا ياشاپلا قالماستىن، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان، ھېسسىياتلىق جەمئىيەت دۇنياسىدا ياشايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق بىر پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە بارلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، پەقەت مۇشۇ جەمئىيەتتىلا يۈز بېرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان ئۆز-ئارا ھەمكارلىقلاردا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. جەمئىيەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى كام بولسا بولمايدىغان ئىچكى ئېھتىياج. مەيلى، كىيىم-كېچەك، مەيلى يېمەل-ئىچمەك جەھەتلەردىكى ئېھتىياجلار بولسۇن، ۋە مەيلى روھىي ھېسسىيات، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەنىۋىي ئېھتىياج بولسۇن، پەقەت شۇ باشقىلار بىلەن مۇئامىلىدە بولغان جەمئىيەت پائالىيىتىدىلا ئاندىن قاندۇرۇلۇشقا ئېرىشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بارلىق قىلمىشلىرى، بارلىق ئوي-خىياللىرىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت مەزمۇنىغا چېتىلىدۇ. ئائىلىدىن تارتىپ، قەبىلىلەرگىچە، مىللەتلەرگىچە، دۆلەت ھەتتا دۇنيالارغىچە تۇتىشىدۇ. يېقىن دوست-بۇرادەرلەردىن تارتىپ خىزمەتداشلارغىچە، ساۋاقداش، كەسىپداش، كوللېكتىپ، قاتلام، سىياسىي پارتىيىلەرگىچە تۇتىشىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىدىن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىگىچە، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، سىياسىي مۇناسىۋەت، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت، خىزمەتداشلىق مۇناسىۋەت، يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋەت، قاتلاملار ئارا مۇناسىۋەتلەرگىچە تۇتىشىدۇ..... ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىن، ئائىلە تۇرمۇشىدىن سىياسىي تۇرمۇشلارغىچە تۇتىشىدۇ. ئەخلاق، پەلسەپە، ئىلىم-پەن قاتارلىق ئىدىيە تۇرمۇشلىرىغىچە تۇتىشىدۇ..... يۇقىرىدىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى كام بولسا بولمايدىغان دەرىجىدىكى جەمئىيەت خاسلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ھەتتا «ساپ» دەپ ئېيتىلغان قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتىمۇ، بىۋاستە كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە كىرىدۇ.

ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتكە تەۋە تۇرۇقلۇق، ياكى ئۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە جەمئىيەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان تۇرۇقلۇق، ئۇنداقتا ئىنساننىڭ پائالىيىتى، ئىنساننىڭ جەمئىيەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرى قانداق بىر قانۇنىيەتكە، دەۋرىيلىككە بويسۇنۇشى كېرەك؟ بۇنىڭدا قانداق مىزان بولۇشى مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە ئەخلاق مىزانى، ئاقكۆڭۈللۈك ئۆلچىمى بولۇشى كېرەك. بولمىسا، پۈتكۈل جەمئىيەت قانداق تەرەققىي قىلىدۇ،  بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەلۋەتتە ئىنتايىن تەس. ئۇ چاغدا ھەركىمنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ، شەخسىي بەخىتتىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۈشكۈل. شۇ سەۋەبلىك، «ئاقكۆڭۈللۈك» ئىسلام دىنىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە.

ئۇنداقتا ئىسلام دىنى تەرغىپ قىلىدىغان «ئاقكۆڭۈللۈك» ئۇ زادى قانداق بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن، بىر ياراتقۇچىسىغا، پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسىگە چىن پۈتۈپ، ئۇنى چىن دىلدىن سۆيۈش كېرەك. مانا بۇ «ئاقكۆڭۈللۈك»نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى. بىر ئائىلىدە ئائىلە باشلىقى، كەنتلەردە كەنت باشلىقى، دۆلەت دۆلەت ئەلبېشى بولغانغا ئوخشاش، بىپايان، چەكسىز كەڭ كائىناتنىڭمۇ ھەقىقىي ياراتقۇچىسى، تەربىيىچىسى، يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ كۈن بىلەن ئاينىڭ نورمال مېڭىشىنى، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشىنى، تۆت پەسىلنىڭ دەۋرىيلىشىپ تۇرۇشىنى، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلانىڭ ئۆسۈپ-يېتلىشىنى....... باشقۇرۇپ تۇرىدۇ. بارلىق مەخلۇقاتلار ـــ ئىنسانلار تەبىئەتتىكى بۇ خىل قائىدە-قانۇنىيەتلەردىن، ئۆز بەدىنىدىكى مۆجىزىلەردىن بۇ تەڭرىنى تونۇپ يېتىشى، بۇ تەڭرىگە بويسۇنۇپ، ئىلتىجا قىلىشى، بۇ تەڭرىنى ھەر ئېغىزدا مەدھىيلىشى، بۇ تەڭرىگە كۆپلەپ شۈكرى قىلىشى، بۇ تەڭرىنى سۆيۈشى كېرەك. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، ئەڭ «ئاقكۆڭۈل» بولىدۇ. تەڭرىنى تاشلاپ، ئىلاھسىز شەيئى ۋە ئادەملەرگە ـــــ مەبۇدە، مال-دۇنيا، ھوقۇق، نوپۇز، داڭلىق شەخىسلەر، نازىنىنلار، چولپانلارغا..... چوقۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن «قەبىھلىك»  بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغان «ئاقكۆڭۈللۈك» كىشىلەرگە ئاقكۆڭۈل مۇئامىلە قىلىش، كىشىلەرگە ياخشى گەپ قىلىپ، رەزىللىكتىن غالىب كېلىشتۇر. مۇبادا تەڭرىگىلا ئىشىنىش، تەڭرىگىلا ئېتىقاد قىلىش بەندە  بىلەن تەڭرى ئارىسىدىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى تەڭشىدى دېسەك، ئۇ چاغدا ئىسلام دىنى سىياسەتكە، ئىقتىسادقا، ھەربىي ئىشلارغا، دېپلوماتقا، نىكاھقا، ئائىلە قاتارلىق بارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەخلاق نىزاملىرىنى بېكىتكەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇش، نامراتلارغا ياردەم قىلىش، يىتىم-يېسىرلارنى يۆلەش، ئاتا-ئانىغا كۆيۈنۈش، كىشىلەرگە كەڭ قورساق  بولۇش، غەيۋەت قىلماسلىق، باشقىلارنى بوزەك قىلماسلىق، جىھاد قىلىش قاتارلىقلار. قىساس ئېلىشقا قارشى تۇرۇش، ئادىل بولۇش، پاك بولۇش، سەدىقە قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ئەپۇچان بولۇش، قارا چاپلىماسلىق، تۆھمەت قىلماسلىق، گۇمان قىلماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىق، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق، ھورۇنلۇق قىلماسلىق، ئالدامچىلىق قىلماسلىق، قاتىللىق قىلماسلىق، ئوغۇرلۇق قىلماسلىق، ھەققانىيەتنى ئاقلاش، ئادالەتلىك بولۇش، مەرد بولۇش، كىشىلەرگە ياردەم قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولۇش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېنچ، ئىتتىپاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا پايدىلىق. بۇ تۆت نۇقتىغا چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىك، مەنپەئەتلەرگە (شەخسىي مەنپەئەت ۋە كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتى بىرلەشكەن ئورتاق مەنپەئەت) ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلمىش ۋە شەيئىلەر؛ باشقىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىردەك بولغان شەخسىي مەنپەئەت؛ ياكى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان شەخسىي مەنپەئەت؛ ياكى باشقىلارغا زىيان يەتمەيدىغان، جەمئىيەتنىڭ مەنپەتى بىلەن بىردەك بولغان ھەرىكەت ۋە شەيئىلەر؛ بارلىقى باشقىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ۋە جەمئىيەت مەنپەئەتى بىلەن بىردەك بولۇشىنى مەقسەت قىلغان، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە، ھەتتا ئۆز ھاياتىنى تېگىشىش بەدىلىگە ئىنسانىيەت ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئەخلاقلىق ۋە ئاقكۆۈڭۈللۈككە ياتىدۇ.

تۆتىنچىدىن، «گۈزەللىك» توغرىسىدا. رېئال ۋە بىجىرىم بولغان ئىنساندا مول ۋە كۆپ خىل بولغان ئېھتىياج ۋە بولۇشقا تېگىشلىك قابىلىيەتلەر بولىدۇ. «مەنپەئەت» ئىنساننىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ «چىنلىق» ئىنساننىڭ تونۇشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ «ئاقكۆڭۈللۈك» كىشىلەرنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ «گۈزەللىك» بولسا كىشىلەرنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ھوزۇر ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئوبېكتىپ دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنسان ھېسسىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، كىشىنى خۇشھال قىلىدۇ، خۇشھال بولۇشنىڭ ئۆزى بىر «گۈزەللىك»تۇر. ئىنسانىيەت كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەرسىلەرنى ياساپ چىقسا، بۇ سەنئەت بۇيۇمى بولىدۇ. ھەرخىل ئوخشىمىغان تۈردىكى خۇشاللىقلارغا نىسبەتەن، بۇنىڭدىمۇ باھالاش مەسىلىسى مەۋجۇت بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى، تەڭرىنىڭ ئۆزى چەكسىز گۈزەل بولغاچقا، ئۇ گۈزەللىكنى ياراتقان، گۈزەللىكنى ياقتۇرغان، گۈزەللىك تەڭرىنىڭ شۇنچە كۆپ سۈپەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى، خالاس. ئىنساننىڭ گۈزەللىكنى قوغلىشىشى، ئىنساننىڭ مەنپەئەتنى، ئاقكۆڭۈللۈكنى ۋە چىنلىقنى قوغلاشقىنىغا ئوخشاش ئەقىلگە ئىنتايىن مۇۋاپىق ئىش.

ئىسلام دىنى، تەڭرى گۈزەللىكنى ياراتتى، ئۇ گۈزەللىكنى ئۆزى ياراتقان بارلىق شەيئىلەرگە سىڭدۈردى، دەپ قارايدۇ. تەبىئەت دۇنيادىسىكى قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، شەپەق، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، تاغ-دەريالارنىڭ ھەممىسى بىر سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرىنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. «ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق» (18-سۈرە 7-ئايەت) «ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرىنى يېسۇن، ياقايدىغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقارسۇن دەپ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى» (16-سۈرە 14-ئايەت) «ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، سىلەرگە پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى» (40-سۈرە 64-ئايەت) يىغىپ ئېيتقاندا، ئىنسان ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە تەڭرى تەرىپىدىن يارىتىلغان. شۇڭلاشقا، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان بۇ قەلب ھەممىلا ئىنساندا مەۋجۇتتۇر. ئىنسانلار فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش، ئېرسىيەت، ھېسسىيات پىسخىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە گۈزەللىك بار. ئىنساننىڭ تەقلىد قىلىش قابىلىيىتى، رېتىم تۇيغۇسى، مۇۋازىنەت تۇيغۇسى، سېمىتىرىيلىك تۇيغۇسى، ئاھاڭ سېزىمى، رەڭ تۇيغۇسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ئۇنى ياراتقاندىلا سىڭدۈرگەن بولىدۇ. ئىنسانلار گۈزەللىك يارىتىدۇ، گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، گۈزەللىكتىن بەھىرلىنىدۇ. ئىنسانلار ياسىغان تاش پالتا، ياغاچ تاۋاق، ھەتتاكى قازان-قۇمۇش، مىس چۆگۈن، كۈمۈش چۆمۈچ، ئالتۇن تاۋاق، كىيىم-كېچەك، قۇرۇلۇش، سۈنئىي ھەمراھ، شەھەر-قىشلاق، يېزا-كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەممىسىدە گۈزەللىك سىڭمىگەن نەرسە يوق. ھەتتا خەتتاتچىلىك، رەسساملىقتىن، ئۇسسۇل-ناخشىلارغىچە، كىنو-تىياتىرلارغىچە گۈزەللىك ئۇرغۇمايدىغان سەنئەت يوق.

يىغىپ ئېيتقاندا، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، پايدىلىق، مەدەنىيەتلىك، ساغلام، ئىناق، ئادىل، ئىنسانپەرۋەر، ئەركىن، مۇكەممەل بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كىشىنى خۇشال قىلىپ، ھاياتلىق كۈچىگە تولغان بولىدۇ. كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرىدىغان... لارنىڭ ھەممىسى گۈزەل بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھوزۇرلىنالايدۇ، شۇ سەۋەبلىك گۈزەل ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ.

گۈزەللىكنىڭ رولى دەل ئىنساننىڭ ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرۇشىغا بەرگەن ياردىمىدە. ئىنساننىڭ گۈزەللىككە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسان ئەقلىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەخلاقلاشقان كۈچ ئۇرغۇتىدۇ. ئىنساننىڭ يۈكسەك غايىسى ۋە ئېتىقادىنى نامايەن قىلىدۇ. يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىرادىگە ئىگە قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلەر جەريانىدىكى ھېسسىي بېسىم، مەنىسىزلىك، زېرىكىشلىك، ئۆچمەنلىكلەردىن خالاس قىلىپ، كىشىنى خوشال، روھلۇق، تېتىك قىلىپ قويىدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق كىشىگە تۇرمۇشنىڭ مەنىسى ۋە گۈزەللكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئەخلاق تەبىئىتىنى داۋالاپ، كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىدۇ، كىشىگە مۇلايىملىق، ئازادىلىك، ۋە خۇشپېئىللىق ھېس قىلدۇرۇپ، ئاممىۋىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ، جەمئىيەت ۋە ئىنساننىڭ مەدەنىي ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنىڭ بىردەكلىكى

مۇقەددەس ئىسلام دىنىدا گەرچە مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنىڭ ئۆز ئارا بولغان باغلىنىشىنى ئۇنچە تەپسىلىي سۆزلىمىگەن  بولسىمۇ، ئەمما بىز يۇقىرىدىكى تەرىپلەردىن بۇ تۆت ئامىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىردەكلىك مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلالايمىز.

يۇقىرىدىكى بايانلاردىن، بىزنىڭ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئىزدىنىشى گەرچە ھەرخىل ھەرتىپ بولسىمۇ، ئەمما مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىك ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي شەكلى ۋە ئورتاق تېمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس، بۇ تۆت نۇقتا ئىنسانىيەت تۇرمۇشى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق بولغان ئىزناسىنى ھاسىل قىلغان. بەختلىك ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان، جەمئىيەت، مىللەت يۇقىرىدىكى تۆت نۇقتىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ. مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىكلەر ئارىسىدا ھەم ئورتاقلىق ھەم خاسلىق ۋە زىددىيەت بار. ئۇلارنىڭ بىردەكلىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، مەيلى مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە مەيلى گۈزەللىك بولسۇن، ھەممىسىدە ئۆز ئارا تولۇقلاش ۋە ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار؛ ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا زىددىيەتلىكىنى ئالساق، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقى ۋە ئايرىمچانلىقى بار. بۇ تۆتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئىنسانلارنىڭ بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ئەمما  بۇ مۇناسىۋەتنى ھەل قىلالمايلا قالىدىكەنمىز، ئۇلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنى نابۇت قىلىشىپ،  ئاپەت، ساختىلىق، رەزىللىك، ۋە قەبىھلىككە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت بەختىنى گۇمران قىلىشى مۇمكىن.

مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكلەر ئۆز ئارا پەرقلىق، شۇنداقلا يەنە ئۆز ئارا باغلىنىشلىق، بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشلۇق. ئۇلار دائىملا سەندە مەن بار، مەندە سەن بار دېگەن شەكىلدە مەۋجۇت  بولۇپ تۇرىدۇ، ئۆز ئارا بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى بىر-بىرىدىن پەرق قىلىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ تۆت نۇقتا ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدا كام بولسا بولمايدىغان ئېلمېنتلاردۇر. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، ئوبېكتىپ بىلەن سوبېكتىپ ئارىسىدىكى بىردەكلىككە ئىگە مەزمۇنلارنى شۇنداقلا مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن، ئەمما ئوخشىمىغان شەكىللەر بىلەن يېتىپ بارغان مەدەنىيەت دەرىجىسىنى كۆرسەتتى؛ ئۇلارنىڭ بىردەكلىكى ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل رېئال پائالىيىتى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي تۈسىنى قۇردى. ئۇلارنىڭ بىردەكلىكى ئېھتىياج بىلەن مۇۋاپىقلىقنىڭ، ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ، تونۇش بىلەن ئۆزگەرتىشنىڭ، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنىڭ، بار بولغان بىلەن بولۇشقا تېگىشلىكنىڭ، قانداق قىلىش بىلەن قانداق بولۇشى كېرەكلىكنىڭ، زۆرۈرلۈك بىلەن ئەركىنلىكنىڭ، بەندە بىلەن تەڭرىنىڭ، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ، ئىنسان بىلەن جەمئىيەتنىڭ، تەن بىلەن روھنىڭ بىردەكلىكىنى نامايەن قىلدى.

ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى بىلەن ئىستىكى مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىكنىڭ بىردەكلىكىدۇر. ئىنسانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى ھەمدە مەھسۇلاتلىرى، ئالدى بىلەن ئوبېكتىبنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مەلۇم ئەمەلىي ئەجىرگە ئىگە نىشانغا ئىگە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئىنسانلار رېئال پائالىيەت جەريانىدا، پەقەت تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەجىر-مەنپەئەت ئېھتىياجىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدۇ، مانا بۇنىڭ ئۈچۈن چىنلىق كېرەك؛ ئوبېكتىپ قانۇنىيەتنى بويلاپ، ئىنسانلار مەنپەئەتىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش جەريانى، مەلۇم دەرىجىدىكى جەمئىيەت مۇناسىۋىتى ۋە كىشىلەر بىلەن كىشىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇ سەۋەبلىك مەلۇم دەرىجىدىكى جەمئىيەت ئەخلاقى مىزانى ئارقىلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىلمۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مانا بۇ ئاقكۆڭۈللۈكنى ئۆلچەم قىلىدۇ؛

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن مەنپەئەت، چىنلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىكلەر ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرى، شۇنداقلا ئەڭ يۈكسەك ئىزدىنىشلىرى، ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ تەشەببۇسى چاقىرىقىدۇر.

يۇسران تەرجىمىسى

مەنبە:ئوكيان تورى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 110 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14206
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2067 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 11:36:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 01:32:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68774
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 04:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 08:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەھمەت. ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن. ئامىيييييييييييين

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 08:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 08:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.unsin.cn/mtv/2809.aspx   بۇنى  كۇرۇپ بېقىڭلا . پايدىلىق!

شاھزادە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6791
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2014-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 09:40:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى خىل ئادەمدىن قۇرقۇش كىرەك ،بىرسى ئاللادىن قۇرقۇدىغان ئادەمدىن قۇرقۇش كىرەك .چۇنكى ئۇلار ساپ دىل ئاقكۇڭۇل ئۇلارنى رەنجىتىشنى  ئاللا راۋا كۆرمەيدۇ.يەنە بىرسى ئاللادىن قۇرۇقمايدىغان ئادەملەردۇر ،بۇنداق ئادەملەردە نە ۋىجدان نە غۇرۇر يۇق بۇلۇپ ئۇلار قۇرقۇنۇچلۇق ئالۋاستىغا ئۇخشايدۇ.قۇلىدىن ھەر ئەسكىلىك كىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79886
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3687
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 09:44:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alabag يوللىغان ۋاقتى  2012-6-22 09:40 PM
ئىككى خىل ئادەمدىن قۇرقۇش كىرەك ،بىرسى ئاللادىن قۇرقۇ ...


ئانا تىلىم ئەگەر سەن ئەتە يوقالماقچى بولساڭ،مەن بۈگۈن ئۆلۈشكە رازى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44755
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4829
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 4035 سائەت
تىزىم: 2011-6-18
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 01:59:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alabag يوللىغان ۋاقتى  2012-6-22 09:40 PM
ئىككى خىل ئادەمدىن قۇرقۇش كىرەك ،بىرسى ئاللادىن قۇرقۇ ...

خاتا گەپ قىلدىڭىز   ئاللاھتىن قورقمىغان كىشىدىن بىز نىىشقا قورقىدىكەنمىز...سىزگە دەپ قوياي شۇ قولىدىن ھەر ئەسكىلىك قىلىدىغانلارمۇ شۇ ئاللاھنىڭ ئىجازىتى بىلەن بىرسىگە ئەسكىلىك قىلىدۇ ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىلىكىدە ئاللاھسىز قىل تەۋرىمەيدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش