«ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن شائىر نۇرمۇھەممەد تۇردىئەخمەتنىڭ پىلانلىشى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىلەن قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرىغا قاراشلىق «چېمەنزار ئارامگاھى» دا «ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە خوتەن ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىن بولۇپ 45 كە يېقىن شائىر-يازغۇچى ۋە بىر قىسىم مېھمانلار قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ تېمىسى «ئەدىبلەر ئاۋازى» بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئەدىبلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئۆزى تەييارلىغان ئەسەرلىرىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەتكە مەرھۇم روزى سايىتنىڭ قىزى ئۇيغۇرنىسا روزى سايىت ۋە قاراقاش رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ دېكتورى ئابلەھەت مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان مۇھىم سۆز قىلدى، نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى توغرىلىق چۈشەندۈرۈش سۆزى قىلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى خۇلاسە سۆزى قىلدى. ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغۇن مەمەتتوختى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى ۋە ئۈمىد، تېلەكلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە بۇ پائالىيەتكە 3000 يۈەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ھەسەنجان سەمەت ۋە بىر قىسىم ئەدىبلەر بۇ قېتىملىق پائالىيەت توغرىلىق قىسقىچە ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى بايان قىلدى.
پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئەدىبلەرنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن ئوقۇغان ئەسەرلىرىنى نەق مەيداندا سۈرەت ۋە ئاۋازغا ئېلىپ خاتىرە قىلىپ ساقلاشتىن ئىبارەت.
پىلانغا ئاساسەن بۇ قېتىملىق «ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەتنىڭ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆز ئۆيىدە قاراقاش ناھىيەسى ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم ئەدىبلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مەرھۇم ئالىم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ شەرىپىى ئۈچۈن بەرگەن «قەلەمكەشلەر چېيى» پائالىيەت خاتىرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى قىسىملىق خاتىرە فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ، تورغا ۋە جەمئىيەتكە تارقىتىلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ پائالىيەتكە دائىر ئالاقىدار خىزمەتلەر داۋاملىق ئىشلەنمەكتە.
تۆۋەندە پائالىيەتكە ئالاقىدار بىر قىسىم سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى.
تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ:
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=16638
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mod=viewthread&tid=16638
مەنبە: يېڭى يازما
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن.
2012-يىلى 21 ئىيۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-21 11:23 PM