مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1639|ئىنكاس: 19

گۇناھلار گۇناھلار...قانداق قىلىمىز؟؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7899
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 07:53:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
post-36649-0-55147600-1333727699.png

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


مەن سىز گۇناھ قىلىمىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان خاتا ئىشلارنى قىلىمىز ، چۇنكى ھەممىمىز ئىنسان ئادەم باللىردىن ،  
:سەھى ھەدىستە ئادەم باللىرنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچى خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى بولسا تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر دەپ رەۋايەت قىلىنغان :

مەن سىز گۇناھتىن ساقلانغان ھالەتتە ياشىيالمايمىز ، سەھىھ ھەدىستە رەۋايەت قىلىندى :  
ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلماس بولساڭلار ئىدى ئاللاھ سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر گۇناھ قىلدىغان مىللەتنى كەلتۇرۇپ ئۇلار گۇناھ قىلىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلسا  ئاللاھ ئۇلارنى كەچۇرۇم قىلغان بۇلاتتى .

ئاتىمىز ئادەممۇ  خاتالاشقان ئاندىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى ، بىز ئەنە ئاشۇ ئادەم باللىردۇر .

مەن سىز ئاجىز بەندىلەردىن ئالەملەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزدىن خەۋەر بىرىپ مۇنداق دەيدۇ ، "
ئەي بەندىلېرىم سىلەر كىچە كۈندۇز ئارلېردا  خاتالىشىسلەر  مەن ھەممىڭلارنىڭ گۇناھلېرنى كەچۇرۇم قىلىمەن ، مەندىنلا كەچۇرۇم تەلەپ قىلىڭلار .

مانا مەن سىز ھەممىمىز شەيتاننىڭ قۇترىتىش ۋە ئازدۇرۇشلېردىن ھەرگىزمۇ خالى بۇلالمايمىز  ، ئەمدى بىز بۇنىڭغا  قانداق تاقابىل تۇرشىمىز كېرەك ؟ ، بىز بۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىلېردىن زادى قانداق قۇتۇلالايمىز ؟....

post-36649-0-55147600-1333727699.png

1. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەتلا نائۇمىت بولماڭ ، ئاللاھنىڭ بۇ سۇزىدىن خوش خەۋەر قۇبۇل قىلىڭ ،
( ئەي گۇناھلارنى تۇلا قىلىپ ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ سالغان بەندىلېرىم سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۇمىت بولماڭلار ئاللاھ ھەممە گۇناھلارنى كەچۇرۇم قىلغۇچىدۇر ، شەكسىز ئۇ ئاللاھ گۇناھلارنى كەچۇرۇم قىلغۇچى ۋە مىھېرباندۇر ))  سۇرە زۇمەر 52 ئايەت .

2. قۇلىڭىزنى ھەدىدىن زىيادە كەچۇرۇم قىلغۇچى بولغان ئاللاھقا كۇتۇرۇپ دۇئا قىلىڭ ، (ھەقىقەتەر رەببىڭىزنىڭ مەغپىتى تۇلىمۇ كەڭرىدۇر )  سۇرە نەجم 32 ئايەت .

3. گۇناھقا سەۋەپ بولدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن پۇتۇنلەي قول ئۈزۇڭ ، ئۇ گۇناھ سىزدىن قايتا تەكرارلىنىپ قالمىسۇن .

4. قىلىپ سالغان گۇناھىڭىز ئۈچۇن غەم قىلىڭ ، ھەتتا ئۇ ئاللاھ سىزدىن سىزنىڭ راستچىل پۇشايمان يېشىڭىزنى كۆرگەنگە قەدەر ، بىلىڭكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بەك كەڭرىدۇر .

5. گۇناھنى كىچىك سانىماڭ بەلكىم سىز كىچىك ئۆيلىغان گۇناھ ئاللاھنىڭ نەزىردە كاتتا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .

6. گۇناھىڭىزنى بىشىڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرۋاتقان تاققا ئۆخشاش بىلىڭ ، ئۇنى ھەرگىزمۇ بۇرنىڭىزغا چۇشكەن چىۋىن دەپ ئۆيلاپ قالماڭ .

7. سىزنىڭ گۇناھىڭىز ھەرقانچە تاققا ئۆخشاش چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ  ،سىز رەببىڭىزنىڭ مەغپىرتى ۋە رەھمىتىنىڭ
ئاسمان زىمىندىنمۇ كاتتا ئىكەنلىكىنى ئۈنتۇپ قالماڭ .

ئىسلام تور بىكەتلېردىن تەرجىمە قىلىندى .

مەنبە http://akhawat.islamway.net/forum/index.php?showtopic=289941&ref=home


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 09:01 PM  


نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 09:21:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا بەندىسىنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 09:34:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا مەيلى كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن تەۋبە قىلغانلار بولسۇن، مەيلى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ
«مەن، تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ توغرا يولدىن ئايرىلمىغانلارنى چوقۇم ئەپۇ قىلىمەن»- (تاھا سۈرىسى 82 – ئايەت).
بۇ ئايەت كاپىرلىقتىن ۋە مۇشرىكلىقتىن يېنىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر بولسا، گۇناھكار مۇئمىنلار تەۋبە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ گۇناھلارنىڭ ياخشىلىقلارغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 31 – ئايەت).
«ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- (تەھرىم سۈرىسى 8 ئايەت).
«مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار مۇستەسنا؛ ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (فۇرقان سۈرىسى 68 – 70).
بۇ يەردە شۇنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم: تەۋبىنىڭ، شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىنىشى كېرەك. ئەكسى تەقدىردە تەۋبە قىلغۇچى يۇقىرىدىكى ياخشىلىقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. تەۋبىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
تەۋبە (توۋا) نىڭ مەنىسى، قىلىمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنى قايتا قىلماسلىق ئۈچۈن ئاللاھقا ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بىرقانچە شەرت بار:
1 – سەكراتقا چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ‹ئەمدى تەۋبە قىلدىم› دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز مانا مۇشۇنداقلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق»- (نىسا سۈرىسى 18 – ئايەت).
2 – ئىخلاس، يەنى تەۋبىنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئاللاھقا قىلىش كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، دوختۇر چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بىر يامان ئىشنى قىلمىغان كىشى تەۋبە قىلغان بولمايدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 146 – ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
3 – گۇناھدىن تامامەن قول ئۈزۈش، چۈنكى تەۋبىنىڭ مەنىسى گۇناھ قىلىشتىن يېنىشتۇر. گۇناھ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى گۇناھ قىلىشتىن يانمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا تەۋبە قىلمىغان بولىدۇ.
4 – ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، چۈنكى تەۋبە گۇناھ ئۈچۈن قىلىنىدۇ. بۇ، تەۋبە قىلغۇچىنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى بىلىشىنى يەنى ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
5 – قىلغان گۇناھقا پۇشايمان قىلماق، چۈنكى پۇشايمانسىز تەۋبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ بىر ئەركانىدۇر.
6 – ئەگەر ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا يەنى قىلىنغان گۇناھ، ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ بولسا، ماددىي ھەقلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، مەنىۋى ھەقلەر ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىش ياكى زىياننى تۆلەش ۋە رازىلىشىش كېرەك.
7 – قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش، چۈنكى بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن گۇناھنى يەنە ئۆتكۈزۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنغان تەۋبە، تەۋبە ھېسابلانمايدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73829
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 31 – ئايەت).
«ئى مۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- (تەھرىم سۈرىسى 8 ئايەت).

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5921
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارتقان ئىگەم ئۆزەڭ بار. قازادىن يىراق قىلغايسەن

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10007
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3570 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:11:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى رەببىم ئاللاھ... دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىلىپ بىلمەي سادىر قىلغان گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن! سەندىن بۆلەك ھېچكىمىمىز يوق سېغىنغۇدەك! ئامىن!

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 11:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە نىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن ،يولى كەڭرى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 11:41:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن بەك مەغرۇر بولۇپ كەتسەك بولمايتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 12:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل تېمىكەن رەھمەت سىزگە.

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 03:13:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا دۇئا قىلايلى ، كۆپ ئىبادەت قىلايلى !

Made in Answer
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش