بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى چوقۇم 37 گىرادۇس ئەتراپىدا ساقلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەن چوقۇم ئۇدا ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىشى زۆرۈر. تىنچ ھالەتتە، بەدەن ئىسسىقلىقى يېڭى ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدىن كېلىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋاقىتتا، بەدەن ئىسسىقلىقى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىن كېلىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى دائىرىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مەركىزىي ئورۇن بار ، ئۇ ھەر ۋاقىت بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نازارەت قىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ھاۋا سوغۇق ئەھۋالدا، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىشى يېتەرلىك بولماي، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نورماللىقىنى قامدىيالمىسا، كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ ئاستىنقى قىسمى مۇسكۇللارنى ئىختىيارسىز ھەرىكەت قىلىپ، ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇيدۇ، مانا بۇ تىترەشنىڭ سەۋەبىدۇر.
بەدەن ئىشلەپچىقارغان ئىسسىقلىق تېرە ئارقىلىق تارقىلىپ تۇرىدۇ. ئىسسىقلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق رايوندىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق رايونغا قاراپ ئۇزىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزىتىلىش شەكلى رادىياتسىيە، كونۋېكسىيە ۋە كوندۇكسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلدە بولىدۇ. مۇھىت تېمپېراتۇرىسى تېرە تېمپېراتۇرىسىدىن تۆۋەن ئەھۋالدا، ئىسسىقلىق ئۇزىتىلىش شەكلى ئارقىلىق بەدەن ئىسسىقلىقىنىڭ پارلىنىشى تېز بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئىسسىقلىق رادىياتسىيەسى ئارقىلىق پارلىنىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئىسسىقلىق كونۋېكسىيەسى ئارقىلىق پارلىنىدۇ، يەنە بىر قىسمى ھاۋا بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان كوندۇكسىيە ئارقىلىق پارلىنىدۇ، ئەگەر بەدەن ئىسسىقلىقى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلسا ياكى مۇھىت تېمېپېراتۇرىسى تېرە تېمپېراتۇرىسىغا يېقىن بولغاندا، بەدەن ئىسسىقلىقىنى تېزراق پارلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مەركىزىي ئورۇن تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە بۇيرۇق بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىدىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، تېرىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىش مىقدارى ئېشىپ بارىدۇ، قان سۇيۇقلۇقى بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئىسسىقلىق ئۇزىتىشقىلا تايىنىپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىش يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مەركىزىي ئورۇن تەرنىڭ تېرە ئارقىلىق چىقىپ كېتىشىگە بۇيرۇق بېرىدۇ، تەر سۇيۇقلۇقىنىڭ پارلىنىشى ئارقىلىقمۇ ئىسسىقلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئىسسىقلىق ئۇزىتىشقا تايىنىپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشقا بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا پارلاندۇرۇش ئەڭ ياخشى ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۇسۇلىدۇر.
تەر چىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ئىسسىقلىق تارقىتىش بولۇپ، ھەر بىر گىرام سۇنى پارلاندۇرۇش ئارقىلىق 2.43 كىلوجوئۇل ئىسسىقلىقنى تارقىتىشقا بولىدۇ، لېكىن تەر چىقسىلا ئۇنىڭ شۇ ھامان پارلىنىشى ناتايىن، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان پارلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈمسىز بولۇشىنى ئەتراپتىكى ھاۋانىڭ نەملىكى بەلگىلەيدۇ. نىسپىي نەملىك %75 تىن يۇقىرى بولغاندا، پارلىنىش ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ۋاقىتتا شۇ ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ قالسا، بەدەن ئىسسىقلىقىنىڭ تارقىلىشى ئۈنۈملۈك بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى ئىسسىقلىق تارقىتىش مېخانىزملىرى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ، ئىسسىقلىقنى تارقىتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، نەپەسلىنىش، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق تەر چىقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئىسسىقلىق زەئىپلىشىشنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مەركىزىي ئورۇندا كاشىلا كۆرۈلۈپ، قايتا تەر چىقمايدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، بۇ بەدەن ئىسسىقلىقىنىڭ بەدەن ئىچىگە يىغىلىشىنى تېزلىتىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئادەم بەدىنى ئېغىرلىقىنىڭ ھەر كىلوگىرامىغا 3.493 كىلوجوئۇلدىن ئىسسىقلىق يىغىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر ئادەم 100 گىرام تەر سۇيۇقلۇقىنى ئاز پارلاندۇرسا، بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى بىر گىرادۇس ئۆرلەتكەنگە باراۋەر بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 41 گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھوشسىزلىنىدۇ، بۇ تېبابەتتە ئىسسىقلىق كېسىلى، دەپ ئاتىلىدۇ، ئەگەر ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ئىچكى ئەزالار ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىسسىقلىق زەئىپلىشىش، ئىسسىقلىق كېسىلى ھەم ئىسسىقلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا كېسەللەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قىزىتمىلىق كېسەللەر(كېزىك)، دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەتتە «ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش» دېيىلىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش كۆرۈلگەندە سالقىن جايغا بېرىپ، بىردەم ئارام ئېلىۋالسا ھەم ئىسپىرت تەركىبى بولمىغان سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە، تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. دورا ئىچمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىسسىقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ئاغرىقنى ۋاقتىدا سالقىن جايغا يۆتكەپ، دەرھال بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر.
يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش، ھەرىكەت ئازراق، يەڭگىلرەك بولۇش، نېپىزرەك كىيىنىش، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرتۈۋېلىش كېرەك. ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپراتۇرىسى بىلەن يېقىن بولغان ئەھۋالدا، شامالدۇرغۇچ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھاۋا تەڭشىگۈچتىن پايدىلىنىش. ئەگەر «شامال تېگىپ قالىدۇ» دەپ، زىيادە ئىسسىق ھاۋارايىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچمىغاندا، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش خەۋپى كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە كىچىك بالىلارغا قارىتا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش خەۋپى تېخىمۇ ئېغىرراق بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-21 07:47 PM