شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(North Atlantic Treaty Organization)،قسقارتىلىپ NATOدېيىلدۇ.بۇ بىر كوللېكتىپ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات بولۇپ 1949-يىلى3-ئاينىڭ18-كۈنى ئامېرىكا ۋە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرپىدىن قۇرۇلغان ،شۇ يىلى 4-ئاپرېل ۋاشىڭتوندا ‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھىدىنامىسى›ئىمزالانغاندىن كېيىن رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. ناتو سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى باش قىلغان شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلەر گۇرۇھى ئەزالىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇبادا ھۇجۇمغا ئۇچىرىسا،باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرسا بولدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.بىراق ناتونىڭ بۇ ماددىسى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئىشلتىلىپ باقمىغان.سوۋېت ئىتتپاقى پارچىلنىپ،ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى تارقىتىلغاندىن كېيىن ناتو رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلانغان.ناتونىڭ ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى بولسا ناتو كېڭەش مەجلىسىدۇر.كېڭەش مەجلىسى بولسا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى،ھۆكۈمەت يۇقىرى قاتلىمى،دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.باش شىتابى بېلگىيەنىڭ برۇسسېلغا تەسسىس قىلىنغان.ئىگىللىنىشچە ناتونىڭ ھەربىي خىراجىتى دۇنيا مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ %70نى ئىگەللەيدىكەن.
تارىخى
قۇرۇلۇشى
1949يىل4ئاپرېل،ئامېرىكا،كانادا،بېلگىيە،فرانسىيە،لۇكسېمبۇرگ،نېدېرلاندىيە،ئەنگلىيە،دانىيە،نورۋېگىيە،ئىسلاندىيە،پورتۇگالىيە،ئىتالىيەلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسىنى ئىمزالاپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇشنى قارار قىلدى.شۇ يىلى 24-ئاۋغۇست تەستىقلاش رەسمىيتىنى تاماملاپ مەزكۇر تەشكىلات رەسمىي قۇرۇلدى.گرىسسىيە بىلەن تۈركىيە 1952-يىل 18-فېۋرال، فېدراتىپ گېرمانىيە1955-يىل 6-ماي،ئىسپانىيە 1982-يىل رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەن.
كېڭىيىشى
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تارقىتىلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ،ياۋروپانىڭ سىياسىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى،ناتونىڭ فۇنكىسيىسى سىياسىي ھەربىي تەشكىلاتقا ئۆزگەردى،دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئىلگرىكى ھەربىي تەھدىتتىن يەرشارى تېرررورزىمى،ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى،يەرشارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى،كېسەللەر،تور ھۇجۇمى،كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش-يارىلاندۇرۇش خاراكتېرلىق قوراللارنىڭ يامىرىشى قاتارلىق كۆپ ئامىللىق مەسىللەرگە دۇچ كەلدى.1991-يىل دېكابىردا ناتو ئالدى بىلەن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر،ئىلگىرىكى ۋارشاۋا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر،مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتتىن تەركىب تاپقان شىمالىي ئاتلانتىك ھەمكارلىق قۇرۇمى(كوممېتېتى)نى قۇرۇپ چىقتى.1994-يىل يانىۋار برۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرا ياۋروپا ،شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە رۇسسىيەلەر بىلەن تىنىچلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش قارالمىسىنى بىردەك ماقۇللىدى.1997-يىل مايدا ناتو بىلەن ھەمراھ دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي-ھەربىي ھەمكارلىقنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ھەم ياۋوروپا بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمراھ دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياۋورپا-ئاتلانتىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇمى قۇرۇشنى بىردەك قارار قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىدى بولسا ئەھىدنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر كوللېكتىپ مۇداپىئە يۈرگۈزۈش،ھەرقانداق بىر ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەت بىلەن باشقا دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش يۈز بەرگەندە باشقا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ھەربىي ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ياردەم بېرىشى كېرەك.ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى تارقالغاندىن كېيىن ناتو ئۆزىنىڭ بۇرچىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدى،مەسلەن تىنىچلىق ساقلاش ۋە سۆزلىشىش ئارقىلىق رايون بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.
2002-يىل21-نويابىر ناتونىڭ پراگادا ئېچىلغان باشلىقلار يىغىنىدا ناتونىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە كېڭىيىشنى قارار قىلدى.2004-يىلى ئېستونىيە،لاتۋىيە،لىتۋانىيە،رۇمىنىيە،بۇلغارىيە،سلوۋاكىيە،سلوۋېنىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنى رەسمىي قوبۇل قىلدى.
بالقان توقۇنۇشى
1993-يىل ئىيۇندىن 1999-يىل ئاپرېلغىچە يوگۇسلاۋىيەدىكى توقۇنۇشقا ئارىلىشىشىى ناتونىڭ سوغۇق مۇناۋسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەربىي ھەركىتى ھېسابلىندۇ.
11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى
2001-يىل 4-ئۆكتەبىر ،ناتو تۇنجى قېتىم ناتو نىزامنامىسىنىڭ 5-ماددىسىنى دەلىل كەلتۈرۈپ 11-سېنتەبىر ھۇجۇمى ‹ئەھدىناما تۈزگۈچى بارلىق دۆلەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم›دەپ قارالدى.2003-يىلى ئاۋغۇستتا ناتو ئافغانىستانغا كىرىپ ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھەركىتىنى باشلىدى.ناتو يەنە ئىراقنىڭ ھەربىي-ساقچىلىرىنى تەربىيلەشكە قاتناشتى.
شەرقىي ياۋروپا باشقۇرۇلدىغان بومبىنى توسۇش سىستېمىسى
بىر قانچە يىللاردىن بۇيان،ناتو پولشا بىلەن چېخىيەدە باشقۇرۇلدىغان بومبىنى توسۇش سىستېمىسنى قۇرۇشنى پىلانلىدى،رۇسىىسيە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېدى.2009-يىل 17-سېنتەبىر ئامېرىكا پرېزدېنتى ئوباما پولشا بىلەن چېخىيەدە يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلدىغان بومبا توسۇش سىستېمىسنى قۇرۇشنى قايتا ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ،قىسقا مۇساپىلىك ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلدىغان بومبىنى تۇسۇشقا ئىشلىتىلدىغان زېئۇس قالقىنى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتتى.ناتونىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىلەنگەن باشكاتىپى ناتو بىلەن رۇسسيىنىڭ باشقۇرۇلدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسنى ھەمكارلىشىشىقا مۇراجەت قىلدى.
لىبىيە ئىچكى ئۇرۇشى
2011-يىل27-مارت ناتو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرگەن لىبىيەگە قارىتىلغان بارلىق ھەربىي ھەركەتلەرنى ئۆتكۈزۋېلىشنى قارار قىلدى.