يىگانە ئارال
كېمىلەر قاتنايدۇ دېڭىزدا تىنماي،
ئۈن تىنسىز ساھىپخان يىگانە ئارال،
ھەركىشى تەلپۈنەر شۇ تىنىچ مۇھىتقا ،
قانچىلار ئۇنىڭچۈن چېكىدۇ پىغان،
يىتەلمەي ئارالغا بولغاندا غەرىق،
مۇسىبەت قوينىدا بىچارە ئارال،
ئاھ،ئىنسانلار، كەلمەڭلار بۇيان ،
دەپ نىدا قىلىدۇ پۈتۈن دۇنياغا ،
يالغۇزلۇق قىلسىمۇ مەھبۇستەك قامال .
كىم دىدى ئارالنى تىنىچ ،جىمجىت دەپ؟
باغرىغا يىزىلغان تۈمەنمىڭ سۇئال،
دېڭىزنىڭ دولقۇنى ئۇرۇلار ھەريان،
دولقۇندا تەۋرىمەس يىگانە ئارال،
ئەمما بىلىدۇ چۆكىدۇ بىر كۈن ،
دېڭىزنىڭ ئاستىدىن تۇتۇپ بىر ماكان،
قوينىدا بار بولغان بارچە گۈزەللىك،
ھەتتاكى قايغۇ ھەم تاپىدۇ زاۋال.
ئۇنتۇلغان يول
ھەرقېتىم باققاندا مەنزىلىم تامان ،
قەلبتە يانىدۇ گويا بىر گۈلخان،
تىرشىتم بۈگۈنى ،ئۇنتۇلدى ئەتە،
ئۇنتۇلدى باسقان يول، قىينىدى سۇئال،
ئەي سەئىد يولۇڭ نە مەنزىلىڭ قايان؟
قۇشلاردەك بىر كېلىپ كېتىپ يۈرگىنىڭ،
جاۋابمۇ ۋە ياكى سۇندىمۇ ئارمان ؟
تۈنۈگۈن بىر موماي ھەممىنى بىلگەن،
بولۇپسەن بۈگۈنلا گويا بىر نادان.
سۆيگۈ ساندۇقى
سورىما مېنىڭدىن سۆيگۈڭ نەدە دەپ,
سۆيگۈمنى يوشۇرسام قەلبىم قېتىغا ,
ھەيران ھەم بولمىغىن پەرىمۇ يا جىن,
سۆيگۈسىز ياشىغان مەندەك ئىنسانغا
مۇسـتەسنا ئەمەسمەن سۆيگۈدىن ئەسلى
نەلەردە قالدىكىن قەلبىم ئاچقۇچى
بىخەتەر ئىشكاپقا سېلىنغان سۆيگۈ ,
چوقۇمكى ناتونۇش ئۇشبۇ زامانغا,
زاماننىڭ سۆيگۈسى توزىغان كۈنلەر,
كېلىدۇ سۆيگۈمنىڭ گۈل چېچەك پەسلى.
مەنبەسى: سەئىدىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-21 03:14 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-21 09:07 PM):
ما تىمىنى قانداق ئۆچىرىدۇ؟ ئەجەپ بىر ، يىگانە ئارالنى ئوقۇپ باقسامچۇ كاشكى