مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 27954|ئىنكاس: 210

دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئايال لۆكچەك........   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62978
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16672
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1149 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 01:40:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          ھەي ،،،،نىمىسىنى دەي،ئاران بىر دەم ئالغاندا بىر قانچە قۇر يازلىق كىيىم سېتىۋېلىش مەقسىتىدە بازارغا چىقتىم.يىڭى ئۇزۇنكەن دەپ يۈگىرەپ بارسام ،دۈمبىسى ئوچۇق....دۈمبىسى يۆگەلگەننىڭ مەيدىسى ئوچۇق،،،كۇسارلار ئوشۇقتا،،،،ئىشتانلار تىزدا.................كىيىم ساتقۇچىدا چاتاق بارمىكىن دېسەم،باشقا خانىم-قىزلار ھەدەپ ئېلىۋاتىدۇ،،،،چاتاق ئۆزەمدە ئوخشايدۇ،،،بۇ يىڭى كىيىملەرنى ئالغاندىن يەنىلا ئۆيدىكى كونا كىيىملىرىمنى كىيەي،،،بۇنداق كىيىملەرنى كىيگەندىن ،،مەقسەت ئېنىق ئېچىپ قويۇش بولغاندىكىن كېيمەيلا ماڭاي.........
              مانا مۇشۇ خىياللار بىلەن چوڭ بازار سودا-سارىيدىن چىقىپ ماروژنا يىيىشكە ئولتۇردۇم،،،ئاران بىر بازارغا چىققاندا سودىلىقىمنى قىلالمىغىنمغا ئىچىم سىقىلدى،،ئۆز-ئۈزەمگە غۇدۇراپ تۇيۇقسىز يېقىنلايەردىكى تۆگىنىڭ ھەيكىلىگە كۆزۈم چۈشتى،،،،نىمىنى خىيال قىلدىم دىمەيسىز،،،تۆگىنى كۆرۈپ مۇنبەردىكى باش سۆرىتىم كۆز ئالدىمغا كەلدى...........................
            بېشىمدا تۇماق،،،ئۈستىمدە تون،،يېنىمدا قېلىچ،،،تۆگىگە مىنىپ مېڭىپ كەتسەم:
  -ھەي،،ھەي،،ئۆرۈپ ئادىتىمىزدە بۇنداق يۈرۈش چەكلەنگەن،،كېلىڭلار.....ماۋۇ خۇدادىن قورقمىغان ،بەندىدىن ھايا قىلمىغان ئەخلاقسىز خوتۇنلارنى ئاپىرىپ زىندانغا تاشلاڭلار،-دەپ قامچامنى شىلتىپ تۇرۇپ بۇيرۇقلارنى قىپ كەتسەم.........
               ****                       ******                         ******                                 ****
    -تارت قولۇڭنى،-دەپ ۋارقىرغان ئاۋازدىن كۈپكۈندۈزدە ئۇخلىماي تۇرۇپ كۆرىۋاتقان چۈشۈمدىن ئويغىنىپ كەتتىم،،تەمبەل،،قارامتۇل،،چىرايىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان 34~35ياشلار چامىسىدىكى چوكان چوڭ بازار ئامانلىق ساقلاش خادىمىنى ئىتتىرۋاتاتتى،،، ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئوتتۇرا بوي،،تولىمۇ زىلۋا،،بېشىدىكى شەپكىسىمۇ چوڭ كىلىپ قۇلىقىغا چۈشۇپ كۆزىنى توسىۋالغان بالا بولۇپ ، قارىماققا تولىمۇ ئاجىز كۆرىنەتتى،،،،شۇنداقلىقىغا باقماي مائاشى بەك يۇقىرىمۇ ياكى خىزمىتىنى بەك سۆيەمدۇ بىلمىدىم ، يانماي ئۇرۇشىۋاتاتتى.........
          -بولدى،بولدى قىلىشسىلا،،مەن ساتماي،،سېۋەتنىمۇ ئالماي،،جېنىم ئۇكام ،جىدەل قىلمايلى،-دەپ 55ياشلار چامىسىدىكى بۇ بوۋاي ئايالنى تارتماقتا ئىدى......
              -ھە ،مانا ماۋۇ ئىش بولدى،،قايتىڭلار،،قايتىڭلار،-ئۇرۇشتا ئۇتقان ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەتراپتىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ گېنرالدەك قىياپەتتە سېۋەتنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا تەمشەلدى...بۇ چاغدا مەن ئاللىبۇرۇن ئولىشىۋالغانلار توپىنىڭ ئەڭ ئالدىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغانىدىم.......
                  -ئاكا،،ئۆيىڭىز نەدە،،قارىسام بۇ يەرلىك ئەمەستەك قىلىسىز؟-سورىدى ئايال بوۋايدىن.
          -مەن بۇ يەرگە موماينىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن كەلگەن،،ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا،،كېسلى ئېغىر ،،،بىز پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەچكە قېرىغاندا جاپادا قالدۇق،،ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزمۇ كۆپ ياردەم قىلدى لېكىن دوختۇرخانىنىڭ چىقىمى يامانكەن،،موماينىڭ كىسىلى ياخشىلىنىپ بولغىچە تۇرمۇش راسخوتىنى بولسىمۇ تاپاي دەپ بوش ۋاقىتلىرىمدا بۇ ئەتراپتا دەسلەپ غورا ھازىر ئۆرۈك سېتېپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان،،قالغان ئىشلار بايا سىز كۆرگەندەك  ئۇكام،،بۇ خەلقئارالىق چوڭ بازارمىش،،دوقمۇش-دوقمۇشتا تىلەمچىلەر ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلسا كارى يوق،،،مەن سېۋەتتە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆرۈك ساتسام بازار تەرتىپى قالايمىقان بولارمىش،،،نەچچە كۈندىن بېرى قوغلاپ ئارام بەرمىگەن،بۈگۈن مانا ھەممە نەرسەمنى تارتىۋالدى،-ساقاللىرى تىترەپ سۆزلەۋاتقان بوۋاي گىپى تۈگىمەيلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ..................
                    80كىلودىن كەم چىقمايدىغان چوكان غەزەپ بىلەن يۈگۈرۈپ بىردەمدىلا ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ ئالدىنى توستى:
              -ئۇكام بۈگۈن بۇ سېۋەتنى سەندىن قايتۇرۋالغىنىم قايتۇرۋالغان،،ھەممىمىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن بۇنداق قىلما،،سىۋەتنى قايتۇرۇپ بەر....................
             -ئوھوي،،تازىلىق ئىشچىسىمۇ مىللەتتىن چۈشىۋاتىدۇ دىسە،،سەت تەرەققىي قىپتۇق جۇمۇ،، بۇ قېرىغا بەك ئىچىڭ ئاغرىغان بولسا ئۈزەڭمۇ تۇل خوتۇن بولغاندىكىن تىگىپلا باقمامسەن بولمىسا،-ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ بۇ گېپى تېىخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ گۇم قىلىپ تەگكەن مۇشتىن يەرگە يىقىلدى،،،سېۋەتمۇ يەرگە چۈشۈپ ئۆرۈك چېچىلدى.ئايال بولدى قىلمىدى،،ئۇنى تۇرغۇزۇپ كاچىتىغا ،،،كاسىسىغا تازا قويدى،،،،شاپىلاق ،پەشۋا دىگەندەكلەر بىلەن ئائىلىدە ،،مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولالمىغان ئەدەپ-ئەخلاقنى ئىسىگە سېلىپ قويدى،،قاتتىق سىلكىپ بوينىدىن تۇتۇپ بوۋايغا قاراتتى:
            -قارا،،بۇ سىنىڭ ئاتاڭ،،مەن سىنىڭ ئاچاڭ،،،بۇ چوڭ بازار بىز ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىرىكچىلىك قىلىپ كىلىۋاتقان جاي،،،دەرۋازىغا قاراش ئەسلى ئىتنىڭ ۋەزىپسى،،ئىتنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ ئۆيدە پەپىلىنىپ بېقىلىۋاتقاچقا ئىشىككە قاراش سەندەكلەرگە قالدى،،شۇڭابەك ھەددىڭدىن ئاشماي ئۈەڭنى بىلىپ يۈر ۋۇ ئىككى پۇتلۇق ئىت،-دىگىنىچە ئۇنى ئىتتىرۋەتتى.توپنىڭ تېشدا باياتىن بېرى جېدەلگە ئارلىشىشقا پېتىنالماي قاراپ تۇرغان ئىككى نەپەر خىزمەتدېشى ئۇنى يۆلەپ كىتىپ قالدى.......
                ئەتراپتىن گۈلدۈرقاراس بارىكاللا ساداسى ياڭرىدى،،مەنمۇ بۇ ھەدىمىزگە قول قويماي تۇرالمىدىم،،تېخى باياتىن ھېلىقى نا ئەھلى ئامانلىق ساقلىغۇچىنى يۆلەپ ماڭغاندا  كەينىدىن تۈكۈرۈپمۇ ئۈلگۈردۈم،،،قىز بالا بولساقمۇ يوق دىگەندە ئىككى كىلو غورور بادە بىزدىمۇ..................
                   ھەممەيلەن ئالدىراش ئۈرۈك تېرىشكە باشلىدۇق.......................
             - يەنە مۇشۇ خوتۇنكەنغۇ ،،ئۆتكەن ھەپتە بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىمىزنى نارسىدە قىزنىڭ پۇتىنى سىلىدى دەپ ئۇرۇپ قولىنى سۇندۇرۋەتكىنىمۇ مۇشۇ خوتۇن،،،نۇرغۇن ئادەم تەرىپىنى ئېلىپ تۇرۋېلىپ ساقچىخانىمۇ قويىۋەتتى...بۈگۈن بۇ ئىش بوپتۇ،،ئوغۇل بالا بولغاندىكىن سەنمۇ ئۇرساڭ بولمامتى لەقۋا،،،،بۇندىن كىيىن بۇ خوتۇن بىلەن ھەپىلەشمەڭلار،،،،تازىمۇ بىر بالا بولدىغۇ بۇ،، دۆڭكۆۋرۈكتە ئايال لۆكچەك پەيدا بولۇپ،-باياتىنقى يالاقچىلار چېقىشتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن باشلىقى كەلگىنىگە پۇشايمان قىلغاندەك بۇ گەپلەرنى دەپلا كىتىپ قالدى...........
             رەخمەت،،بارىكاللا ئېيتىۋاتقانلارنى بېسىقتۇرۇپ،  سورلىۋاتقان سوئاللارغا كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ ،يوغان سۈپۈرگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ئايالنىڭ كەينىدىن بەزىلىرىمىز توۋۋا دىسەك،،بەزىلىرىمىز قالتىس ئايالكەن دىگىنىمىزچە قاراپ قېلىشتۇق...........................
                      *****                                 ******                                     *****
           دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئايال لۆكچەك........پاھ،،كىيىم سېتىۋالالمىغان بىلەن مىسرانىمغا تېما خۇرۇچى سېتىۋالدىم مانا،،،، ئۆرۈكلەرنى تېرىۋاتقان،، تەرەپ-تەرەپتىن چاندۇرماسقا سېلىپ بوۋاينىڭ يانچۇقىغا كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپ پۇللارنى تىقىپ قويىۋاتقان قوللارغا،،ئۇيغۇرنىڭ غورورى ھەم مىھرى-مۇھەببىتى بىلەن تولغان دۆڭكۆۋرۈككە  قاراپ كۆزلىرىمگە ياش ئالغىنمچە ئۆيگە،،كومپىيوتىرىم ئالدىغا قاراپ يۈگۈردۈم.............

                                                        ئاينۇر مۇھەممەدتۇرسۇن چىن قەلىمىدىن.....!            



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aybarqn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 01:52 AM  


ھازىرغىچە 20 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
muslina216 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
XERHAN + 10 بىر تەرەپلىمە قاراش
sanjar + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
sirlik+ot + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
hasretim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
شەرەپ + 68 ماختاشقا تېگىشلىك
sirlikmalika + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
kulpat + 99 ماختاشقا تېگىشلىك
tohtihan1 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
kuk1 + 126
ABDUS + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
تىلسىم + 100 سۆيۈندۈم.
bendora + 300 ئا ئايالغا كۆڭلۈم
YuzarSif + 200 ئىسل تىما........... قەلەم .
QALIB + 184 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
pinhan5 + 126 پاھ...ئەجەپ غورۇرلۇق ئ.
katran + 101 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
aptap104 + 100 ئۆزىڭىزمۇ، يا
jassurman + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2863   باھا خاتىرىسى

سىنىڭ بىر قىسمىڭ ماڭا بولسۇن..مىنىڭ بارلىقىم ساڭا يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78555
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:42:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتگەندە  بۇ  تىمىنى  ئۇقۇپ  ھەجەپ  ھوزۇرلاندىم .
رەخمەت  تىما  ئىگىسىگە.
راس  بولغان  ئىشما؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Durriya + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

malman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:43:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10144
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 7861 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:44:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ئاخىرقى ئابزاستىن بەكمۇ تەسىرلەندىم،ئەتراپىمىزدا غورۇرلۇق ،قەلبى مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلىرىمىز يەنىلا كۆپكەن!

نېمىلەرنى ئويلا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11212
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:44:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن،بۇ راست ئىشما،ئەگەر شۇنداق بولسا ماڭا بۇ يەردىكى بىر جۇملە گەپ بەك يارىدى«بازارمىش،،دوقمۇش-دوقمۇشتا تىلەمچىلەر ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلسا كارى يوق،،،مەن سېۋەتتە كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆرۈك ساتسام بازار تەرتىپى قالايمىقان بولارمىش،،،»

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:48:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ تۇيدۇرماستىن ئۇ بوۋاينىڭ يانچۇقىغا پۇل سېلىپ قويغان يېرىنى ئوقۇپ ئەجەپ يىغا باستى. ئاقكۆڭۈل كىشلىرىمىز راسلا كۆپ ئەتراپىمىزدا.
ئاشۇنداق ۋىجدانىنى ئىككى تۆت تال پۇلغا سېتىۋەتكەن بايقۇشلارنى مۇشۇنداق ياخشى ئەدەپلەپ قويۇش كېرەك زادى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72252
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3229
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:49:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇۋېتىپ كۆزۇمگەياش كېلىۋاتىدۇدىسە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10160
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:51:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ قاملاشمىغان قائىدە-نىزام...ھىچ يەرگە ماس كەلمەيدىغان،نەۋاخ تارىخ بىتىدىن يۇيۇلغان رەسمىيەتلەر...مۇشۇ يەردە بار....

           بىز تەجرىبە نىشانى بولۇپ قىلىۋاتىمىز.....    ‹مارۇدا› دەپ ئاتالمىغانلا يىرىمىز ...قالدى......
  بولدىلا قاينىماي.... پايدىسى يوق....

           مۇشۇنداق بىرلىشىش روھى بولسا ھەممىدىن ئەۋزىلى شۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TaRKiN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 10:51 AM  


ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28541
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4926
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:51:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قالتىس يىزىپسزغۇ....گەپ دىگەن شۇندا كەپتۇ.

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا !!!!

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9966
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3550 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:53:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېماندا پەيزى ما تېما!!!!!! بەكمۇ تەسىرلەندىم جۇمۇ... ئاشۇ ئايالدەك بولۇشقا تىرىشىڭلار جېنىم قىزلار! يىگىتلەر ئۇندىن ئېشىپ چۈشۈڭلار!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
شەرەپ + 68 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش