ئامىركا خارۋادئۇنۋىرسىتىتى تىببىي ئىنىستوتىنىڭ پىرۇفېسسۇرى ۋايتىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشچە،قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ %60~%80بەل ئاغىرش ئالامىتى بۇلىدىكەن. بەل ئاغرىش بەزىدەمەلۇم كىسەللىكلەر، مەسىلەن: بۆرەك كىسەللىكى، ئۆت خالتىسى كىسەللىكى، كەم قانلىق،ئاياللار كىسەللىكى، بەل، ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرى، مۇسكۇل كىسەللىكلىرىنىڭئىنكاسىدىن ئىبارەت بولىدۇ، بۇلۇپمۇ تۆۋەن قان بىسىم، ئاشقازان تۆۋەنلەش ۋەسۇغۇقتىن قورقۇش كىسەللىگىگە گىرىپتار بولغانلاردا تېخىمۇ كۆپ كۆرىلىدۇ ھالبۇكىبەل ئاغرىش كۆپىنچە زىيادە چارچاش، بەدەن ھالىتى توغرا بولماسلىق، روھىي جىددىيلىكۋە يوتقان-كۆرپەنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ئىچ كىيىملەرنىڭ تار بۇلىشى، كۇتۇلمىگەنھادىسىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بۇلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندابەل ئاغرىش بىر ئادەمنىڭ تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىدىغان –قىمايدىغانلىقى بىلەنمۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ، شۇڭا بەل، دۇمبىسى ئاغرىيدىغانلار تۆۋەندىكىلەرنى سىناپباقسا بۇلىدۇ. ▲سەھەردەئورنىدىن تورغاندىن كىيىن ئالدى بىلەن بېلىنى تولغاپ ھەر قېتىمدا 2~3مىنۇتئەتىراپىدا ھەرىكەت قىلىش ياكى ئالدى-كەينىگە ياكى ئارقىچىلاپ مېڭىپ بىرىش كىرەك،بىر كىچە قېنىپ ئۇخلىغاندىن كىيىن بەل تەخسىسى سۇ قۇبۇل قېلىپ كۆپىپ قالىدۇ،ئۇنىدىن تۇرغاندىن كىيىن بەلنى ھەركەتلەندۇرۇپ بەرسە ئۇمۇرتقا سۆڭىكى بېسىلىپ، بەلئارلىق تەخسىس بىلەن سۇركىلىپ ئارتۇقچە سۇ چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نىرۋالارنىڭبېسىلىشنى يىنىكلەتكىلى بۇلىدۇ. ▲بەل،دۇمبە ئاغرىشقا نىسبەتەن ئەڭ ئەمەلىي ھەم ئۇنۇملۇك بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ئاسپىرىنئېچىپ، يېتىپ ئارام ئېلىش، يېتىپ ئارام ئالغاندا ، يېنىچە يېتىپ، ئىككى تىزىنىمەيدىسىگە قارىتىپ تۇگۇپ يېتىش كىرەك، ئاغىرىق ئېغىر كىشىلەر ھەر ئۇچ سائەتتە بىرقېتىم بىر تالدىن ئاسپىرىن ئېچىپ بىرىشى، ئۇنى بىر~ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا،دوختۇرخانىغا بېرىپ بەل ئارلىق تەخسىسىنىڭ پولتىيىپ چېقىپ قالغان-قالمىغانلىقىنىتەكشۇرتىشى لازىم، ئەمەلىيەتتە ئىسسىق ئۆتكۇزۇش، ئۇۋۇلاش، سۇ ئۇزۇش، يىڭنە سانجىپداۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار بەل ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش رولىنى ئوينايدىغان بۇلۇپ، بۇداۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۇنۇمى %70~%75پىرسەنگە يىتىدۇ. ▲ياپۇنىيەئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغانداك ھەر قانداق بەل ئاغرىقى(سىرتقىزەخمىلىنىش، بۆرەك ئۆسمىسى قاتارلىقلاردىن باشقا)غا نىسبەتەن ‹‹ئارقىچىلاپ مېڭىشئۇسۇلى››نى قوللانغاندىمۇ داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن ئىكەن. ئارقىچىلاپ مېڭىشئۇسۇلىدا ماڭغاندا لىپەكنى ئەگمەسلىك كىرەك، قەدىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزئەھۋالىغا ئاساسەن بىكىتسە بۇلىدۇ، بۇنىڭدا باش بارماقنى ئېچىگە ئېلىپ مۇش تۆگۇپ ،قولىنى ئالدى-كەينىگە سېلىپ مېڭىش، ھەر 100قەدەم ماڭغاندا يەنە ئارقىسىغا قاراپ100قەدەم مېڭىش، كەينىچە مېڭىش بىلەن بىرگە ئوڭ-سول قول بىلەن بەلنى رېتىملىقئۇرۇپ بەرسە بۇلىدۇ. ئارقىچىلاپ مېڭىشنىئەڭ ياخشىسى ئەتتىگىنى ھاۋا ساپ چاغدا ئېلىپ بىرىش ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتداۋاملاشتۇرۇش لازىم. بىلىم-كۇچ ژورنىلى2000-يىللىق5-سانىدىنhttp://www.airkan.biz/ ئېلىندى
|