يۈرىكىڭنى بېرەي قايتۇرۇپ
ساڭا بەرگەن بايراملىقىم دەپ ،
يۈرىكىڭنى سۇندۇڭ قوش قوللاپ .
مەنمۇ ئالدىم ئىككىلەنمەيلا ،
پەقەت ئاددى سوۋغا دەپ ئويلاپ .
يۈرىكىڭنى ئالغان شۇ چاغدا ،
سەنمۇ مەندىن سورىدىڭ يۈرەك .
دىدىڭ : <لازىم ئەمەس باشقىسى ،
پەقەت سىنىڭ يۈرىكىڭ كېرەك >.
شۇ چاغدىلا كەلدىم ئېسىمگە ،
پۇشايماندا قالدىم تېڭىرقاپ .
ئويلانمايلا ئالغان بۇ يۈرەك ،
ئېلىپ كەپتۇ ئۆزەمگە ئازاپ .
ماڭا مەنسۇپ ئەمەس يۈرەكنى ،
ئېلىپ كەتكىن بىرەي قايتۇرۇپ .
يىتەلمىگەچ قەدىرىگە ئۇنىڭ ،
قالاي بىر كۈن يىغلاپ ئاھ ئۇرۇپ .
مەنبە : ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tabassum@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-20 05:31 PM