|
|
|
|
قارلۇقتىن يېڭى سوۋغا
يېقىندا شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى iPhone ، iPad لارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە ھەمبەھىرلىنىش (تەڭ بەھىرلىنىش) نى روياپقا چىقارغان ئەمەلىي يۇمشاق دېتالى - « خاتىرەم » ( Xatirem )، تېكىست مەزمۇنغا ماس ئوبرازلىق سۈرەتلەر بىلەن سەبىيلىرىمىزنىڭ شۇ چۈچۈك ھەم تاتلىق ئاۋازلىرى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى - « ئېلىپبە » ( Elipbe )، تېز سۈرئەتتە كۆرۈشكە ئەپلىك بولغان ئۇيغۇرچە خەۋەر تور بېكىتى - « ئوكيان خەۋەرلىرى » ( Okyan News) ھەمدە ئۇيغۇرچە مېكرو بىلوگ - « گۈدۈك » ( Guduk ) قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشتى. يىغىندا يەنە قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى پەخىردىن شېرىپ، مەھسۇلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى ئابدۇكېرەم ئابدۇۋايىت، ئېنتىرنېت مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مەسئۇلى نۇرمۇھەممەت تاشمۇھەممەت، ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مەسئۇلى ئەكبەر ئىبراھىم قاتارلىقلار بۇ يېڭى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەم ئۈلگە كۆرسەتتى.
يۇمشاق دېتاللار
1. 1. « خاتىرەم »
2.
« خاتىرەم » ___ iPhone ، iPad لاردا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى بىۋاستە قوللايدىغان ھەمدە ھەمبەھىرلىنىش ئىقتىدارى بولغان، بىر خىل ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال. « خاتېرەم » نى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىز ئۇيغۇر تىل - يېزىقدىكى تېكىستلەرنى خالىغانچە تەھرىرلىيەلەيمىز. ھەمدە يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۇنى شىركىتىمىز ئېلان قىلغان ئۇيغۇرچە مېكروبىلوگ - گۈدۈك، خەنزۇ تىل - يېزىقىدىكى نۇپۇزلۇق مېكرو بىلوگ - يېڭى دولقۇن (شىن لاڭ) ۋە ئېلكتىرونلۇق خەت ساندۇقلىرىغا بىۋاستە يوللىيالايمىز ھەم قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتەلەيمىز. « خاتىرەم » دە قوللانغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ كومپىيوتېرغا خەت كىرگۈزۈش كۆرۈلمە يۈزى نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۆلچەملىك بولغان كىرگۈزۈش كۆرۈلمە يۈزى بولۇپ، كومپىيوتېرنىڭ خەت كىرگۈزۈش كۆرۈنمە يۈزى بىلەن تامامەن بىردەك، ئىشلىتىشكە تولىمۇ قولايلىق. مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ يەنە ئېكران يورۇقلۇقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش ۋە بىرلا كونۇپكا ئارقىلىق ئۆچۈرۈش ئىقتىدارلىرىمۇ بار.
1. 2. « تاتلىق ئېلىپبە » ( Elipbe )
2.
«تاتلىق ئېلىپبە» بولسا پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئەنئەنىۋى دەرسخانىدا سۆزلەپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قىزىقارلىق ئۇيۇنلار بىلەن ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرگەن شەكىلنى قوللىنىش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەركىن - ئازادە بولغان ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئېنگىلىز، فىرانسۇز، تۈرك، ئەرەب، ياپون ۋە نېمىس تىللرىنى بىردەك قوللايدىغان بولغاچقا، ئىشلەتكۈچى ئۆز خاھىشى بويىچە خالىغان بىر تىلغا ئالماشتۇرالايدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال يەنە سەزگۈر ئېكران قول مەشىقىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئۇيۇنلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەر ئۆگىنىش داۋامىدا ھېچقانداق زېرىكىشلىك ھېس قىلمايدۇ.
1. 3. « ئوكيان » (Okyan)
2.
« ئوكيان » ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدىكى ئېقىم تور بېكىتى. مەزكۇر تور بېكەت كۈندىلىك ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ سۈپەتلىك خەۋەرلەرنى ھەم چوڭقۇر پىكىرلىك ئىنكاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تېخىمۇ كۆپ بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئابونتلىرىنى يانفون قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە خەۋەر كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز يەنە « ئوكيان » تور بېكىتىنىڭ يانفون ئابونتلىرى ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالىنى بازارغا سالدى. بۇ كەڭ ئابونتلارنى ئەڭ ئاز تور ئېقىم مىقدارى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك خەۋەرلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. كەڭ ئاز سانلىق مىللەت ئابونتلىرىنى تولىمۇ قولايلىق بولغان ئاخبارات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
1. 4. «گۈدۈك» (Guduk)
2.
شىركىتىمىز ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىقارغان ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى مىكروبىلوگ - « گۈدۈك »، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئىچىۋېتىلدى. ئاز سانلىق مىللەت ئابونتلىرىنىڭ تېخىمۇ تېز ۋە قولايلىق ھالدا مىكروبىلوگ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، شىركىتىمىز يەنە «گۈدۈك» مىكروبىلوگىنىڭ كۆچمە سۇپىلاردىكى پروگراممىسىمۇ تەڭ بازارغا سىلىندى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ئىشلىتىش سۇپىسىغا ئىگە، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش قولايلىق، ئىقتىدارلىرى تولۇق بولۇپ، ئالما iOS سۇپىسدىن باشقا يەنە، 3G، Wap ھەمدە Android قاتارلىق كۆپ خىل سۇپىلارنىمۇ قوللايدۇ.
بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرى، گېزىتخانىلار، رادىيو ئىستانسىلىرى ھەمدە تور بېكەتلەردىن ئەزىز مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىندىن كېيىن، مېھمانلار قارلۇق شىركىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم «رايونىمىزدا ئامېرىكىنىڭ ئالما شىركىتى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە مۇشۇنداق بىر يەرلىك پۇراققا ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنى ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش تېخنىكىسى جەھەتتە چوڭ بىر بۆسۈشنى ھاسىل قىلغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە ھاياجانلاندۇرىدىغان ياخشى بىر ئىش. بىز شىنجاڭ قارلۇق شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ ئالدىغا ئىلگىرلەپ، قوشۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورۇيۇپ، تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنى ۋە رايونىمىزغا، خەلقىمىزگە چوڭ شەرەپلەرنى ئەكىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-20 05:31 PM
|
|
|
|
|
|