<ئۆز تۈرك ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى>نى
تارقىتىش مۇراسىمى
مائارىپ بىر رايون ۋە خەلقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يىراق كەلگۈسىدە مىۋە بىرىدىغان ئالى خىزمەت، قىز-ئاياللار مائارىپى بولسا شۇ خەلقنىڭ كەلگۇسى ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ ساپالىق ۋە تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇشى ئۇچۇن سىلىنغان پۇختا ئاساستۇر. ئىجتاھاتلىق ئاسپىرانىت قىزلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئىلھام بېرىش، تىرىشىش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ئۆز تۈرۈك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى "ئۆز تۈرك ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى" نى تەسسس قىلغان ئىدى. 16-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 بىلەن شىنجاڭ خەلىقئارا چوڭ بازار سەنئەت يۇرتى زالىدا "ئۆز تۈرۈك ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى"نى تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى!
مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ھاجىم، باش دېرىكتورى ئابلەت ئەپەندى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ۋە تەكلىپلىك مېھمانلاردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رەھىمە خانىم، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پىراففىسور، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەھمىدى، شىنجاڭ ئونۋىرىستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروففىسورى ئارسلان ئابدۇللا تەھور،تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىقلار شۇنداقلا ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئاسپىرانىت ئوقوغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، چەتئەللىك مېھمانلار ھەمدە شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىىسى،شنجاڭ گېزىتى،ئۈرۈمچى تېلېۋزىيە ئستانسىسى،ئېقتساد گېزىتى ، مىسىرانىم تورى ،ئەلكۈيى تورى، ئانا تۇپراق تورى، ئىزدىنىش تورى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن بولۇپ جەمئىي 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، داڭلىق ئوپىراتور ۋە رېژىسور تاھىر ھامۇت رىژېسورلىقىنى قىلدى.
ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئاساسچىسى، جوڭگۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى تاھىر ئىمىن
ئوڭدىن 1- كىشى ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئابلەت ئەپەندىم،كۈرەش مەھمۇت رەئىسى ،ئۆزتۈرك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ھاجىم
ئىگەللىنىشىچە مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتى ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئاساسچىسى، جوڭگۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى تاھىر ئىمىن(شۇنداقلا ‹‹ئاچچىق ھايات›› قاتارلىق 4 پارچە تۈركىيە تېلېۋىزيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمە قىلغۇچىسى) ئەپەندىنىڭ پىلانلاپ بىۋاستە ئورۇنلاشتۇرىشى، ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ھاجىمنىڭ مەبلەغ ئاجىرىتىپ پۈتكۈل چىقىملارنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى شنجاڭ ئاياللار بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەمۇرى جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن روياپقا چىققان بۇلۇپ، دىيارىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ ئالىي مائارىپ بىلەن تەربىيلىنىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۇرۇش، جەمئىيەتنڭ خانىم-قىزلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئالىي مەقسەت قىلغان. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ھەر يىلى 100000 يۈەندىن 10 يىلدا جەمئىي 1 مىلىيۇن يۈەن پۇل ئوقۇش نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغان ئاسپىرانىت قىزلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى سۈپىتىدە تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ.
مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتونىڭ پىراففىسورى كۆرەش مەھمۇت رەئىسى ۋە شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسسىنىڭ تالانىتلىق رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى، بۇ ئىقتىدارلىق رىياسەتچىلەر ئۆز تالانتى ۋە خاس ئوبرازى بىلەن مۇراسىم سورۇنىنى تولىمۇ جاللاندۇردى.
مۇراسىم 9 نەپەر ئاسپىرانىت قىزنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تىللاردىن 9 خىل تىلدا سۆزلىگەن" ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ھازىر باشلاندى!" دىگەن جاراڭلىق سۆزى بىلەن باشلاندى.
ئارقىدىنلا ئەزىز مېھمانلار تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەندىن كىيىن ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ھاجىم، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەھمىدى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى، ئاسپرانتلار يېتەكچىسى راھىلە داۋۇت، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان؛ شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى، ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن، ئامېرىكا كانزاس ئۇنۋېرسىتېتى تىلشۇناسلىق ماگىستىر ئاسپرانتى ،مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى، رولى، جەمئىيەتتىكى تەسىرى، ئورنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى قاتارلىق تەرەپلەردىن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ئالدۇلئەزىز ھاجىم "كارخانا، مائارىپ، ،مەسئۇلىيەت" تېمىسىدا سۆز قىلماقتا.
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق مۇدىرى، جامائەت ئەربابى ئىمىن ئەھمىدى ئاكا "پىداكارلىق ۋە مىھرى-مۇھەببەت " تېمىسىدا سۆز قىلماقتا.
ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئاساسچىسى، ئۆز تۈرك خانىم-قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى تاھىرجان ئىمىن "مائارىپىمىز گۈللەنسۇن، خانىم-قىزلىرىمىز يۈكسەلسۇن" دىگەن تېمىدا سۆز قىلماقتا.
ئاسپرانتلار يېتەكچىسى راھىلە داۋۇت "ئاياللار مائارىپىنىڭ ئەھمىيتى " تېمىسدا سۆز قىلماقتا.
شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ھەنىپە خانىم سۆز قىلماقتا.
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان " ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن مائارىپنى قوللاش" تېمىسىدا سۆز قىلماقتا.
مۇراسىمغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار.
ئىگەللىنىشىچە، "ئۆز تۈرك خانىم-قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى" ئىككى تۇرگە ئايرىلغان بولۇپ، "شەرەپ مۇكاپاتى" ۋە "ئۆز تۈرك لوڭقىسى" مۇكاپاتىدىن تەشكىل تاپقان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا "شەرەپ مۇكاپاتى" ساھىبلىرى 15نەپەر، " ئۆز تۈرك لوڭقىسى" مۇكاپات ساھىبلىرى 20 نەپەر. بۇ مۇكاپات ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى، ھەتتا چەتئەللەردىكى 100 دىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئارىسىدىن تاللانغان 35 نەپەر ئاسپىرانىت قىزغا بېرىلگەن بۇلۇپ، بۇلار ئىستىلى، ئوقۇش نەتىجىسى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن خىلمۇ-خىل قاتتق تەلەپلەر ۋە سېلىشتۇرۇپ بېكىتىش ئارقىلىق باھالاپ چىقىلغان.
ئاۋال " ئۆز تۈرك شەرەپ مۇكاپاتى" ساھىبلىرى سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرىنەرلىك بۇلۇپ، "ئۆز تۈرك لوڭقىسى" مۇكاپاتىغا شەرتى توشىدۇ، ئۇلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش، ئىلھام بىرىش ۋە ئۇلار ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئالقىشلاش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەتتە، شۇڭلاشقا ئۆز تۈرك شىركىتى بۇلارنى يىپەك مەھسۇلاتلار ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىدى.
مۇكاپات ساھىبلىرى سەھنىدە....
ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكۇچى قىزلار
13 نەپەر ئاسپرانت قىز –ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.ئۇلارنىڭ كۆپ قسمى ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ ،ئۇلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە،بىر قىسم ئوقۇغۇچىلارغا بولسا بەكرەك ئىلھام بىرىش زۆرۈر.بۇلارغا ئۆز تۈرك شركىتى تەمىنلىگەن خانىم-قىزلار ئشلىتىدىغان ماددى بويۇملار ۋە شەرەپ مۇكاپاتى تەمىنلەندى،بۇلاردىن كىلەلمىگەن 4 نەپەر قىزغا مۇكاپات بويۇملىرى ۋاستىلىق يەتكۇزۇپ بىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
**************
1-ماھىنۇر مەتتوختى:خارۋارد تېببى ئۇنېۋرسىتىتى پاتىلوگىيە كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاشتىسى.
2.پاتىمە نىزامىدىن: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى خېمىيە كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى
3.گۈلجامال مەمەتئىلى:شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى كومپىيۇتىر كەسپىنىڭ دوكتۇرئاسپىرانتى
4.ئايتۇرسۇن شەمشى: جۇڭگو گىئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
5.بۈمەريەم مەمەت: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى جۇغراپىيە كەسپنىڭ ماگىستىرئاسپىرانتى
6.مەلىكە مەمەتسىدىق: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى فىزىكا كەسپنىڭ ماگىستىرئاسپىرانتى
7.رىزۋانگۈل ئەزىز: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى بىئولوگىيە كەسپنىڭ ماگىستىرئاسپىرانتى
8.مېرىبان نىياز: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى فولىكلور كەسپنىڭ ماگىستىرئاسپىرانتى
9.خانئايشەم ئىسمايىل: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى جۇغراپىيە كەسپنىڭماگىستىر ئاسپىرانتى
10.پاشاگۈل ئابلەت: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى جۇغراپىيە كەسپنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى
11.گۈلنار خالىبەك: شىنجاڭ ئۇنېۋرسىتىتى جۇغراپىيە كەسپنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى
12.جاڭ لىڭ لىڭ: شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنېۋرسىتىتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى
13.ماشاۋلەن: شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنېۋرسىتىتى سۇ قۇرۇلۇشى كەسپىنىڭ ماگىستىرئاسپىرانتى
ئۇندىن كىيىن "ئۆز تۈرك لوڭقىسى"غا ئېرىشكەن 20 نەپەر قىز سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى، بۇ قىزلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 10 نەپەر ئاسپىرانىت قىز 2000 يۈەن، 10 نەپەر ئاسپىرانىت قىز 4000 يۈەن نەق پۇل ۋە ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ يىپەك مەھسۇلاتلىرى، شەرەپ گۇۋاھنامىسى، ئۆز تۈرك مۇكاپات لوڭقىسى قاتارلىق ماددى بۇيۇملار بىلەن تەغدىرلەندى.
بۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :
بۇلارنىڭ تەپسىلى ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.
.
ئۆز تۈرك لوڭقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۇچى ئاسپرانت قىزلار تېزىملىكى
1-ماتىماتىكا كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
زوراگۈل مۇسا، شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى (4000 يۇۋەن)
2-خېمىيە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
رۇقىيە مەتسىدىق شنجاڭ ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(4000 يۇۋەن)
3-فېزىكا كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
مەۋلۈدە ئىمام ئىتالىيە كامرينو ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(4000 يۇۋەن)
4-بىئولوگىيە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
زىبىرنىسا قادىر شنجاڭ ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
5-دورىگەرلىك ئانالىزى كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
سۈن يىڭ پىڭ شنجاڭ تىببى ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(4000 يۇۋەن)
6-بىئو-خىمىيە ۋە مولىكۇلا بىئولوگىيە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
تۇرسۇنپاشا ئوبۇلقاسىم شنجاڭ تىببى ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
7-جۇغراپىيە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
زۇلپىيە مەمەت شنجاڭ ئۇنېۋرستېتى دوكتۇرئاسپىرانتى(4000 يۇۋەن)
8-ماشىنىسازلىق ئىلمى كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
ئاسىيەم شەۋكەت شنجاڭ ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(4000 يۇۋەن)
9- تىبابەت كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
شەرۋانەم ئابباس شنجاڭ تىببى ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
10-ئىقتىساد كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
مىھرىبان ئىبراھىم شنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
11- پۇل-مۇئامىلە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
ۋاڭ شەن شەن شنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
12-يىمەكلىك ئىلمى كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
ۋاڭ يۈن شنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
13-ئىكولوگىيە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
پاتىگۈل مەمەت شنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
14- ئىكولوگىيە كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
ئايگۈل تۆمۈر شنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
15- تىلشۇناسلىق كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:
ئامىنە ئوسمان ،شنجاڭ ئۇنېۋېرستىتى ماگستىر ئاسپرانتى(4000 يۇۋەن)
16- كومپىيۇتىر تىلشۇناسلىقى كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز:ئاسىيە تۇرسۇن ،شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(2000 يۇۋەن)
17-فولكلور كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز
ئاينۇرگۈل قادىر، شنجاڭ ئۇنېۋېرستىتى ماگستىر ئاسپرانتى(4000 يۇۋەن)
18-سەنئەت كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز
ئامانگۇل ياسىن، شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋرستېتى ماگسترئاسپىرانتى(4000 يۇۋەن)
19-مىللەتشۇناسلىق كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز
ھەلىمىگۈل ئابلىز ،بيجىڭ مىللەتلەر ئۇنېۋېرستىتى ماگستىر ئاسپرانتى(2000 يۇۋەن)
20-جەميەتشۇناسلىق كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاسپرانت قىز
خانقىز تۇراق،ئوتتۇرا جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنېۋېرستىتى ماگستىر ئاسپرانتى(4000 يۇۋەن)
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى جەريانىدا يەنە "خارۋاردتىكى ئۇيغۇر مەلىكىسى" ماھىنۇر توختىنىڭ كىشىنى پەخىرلەندۇرگۈدەك ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئىلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بارلىق قىزلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلدى.
كىشىنى يەنىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغىنى ،مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا بالىلىرىنى ئاسپىرانىت، دوكتۇر قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىسىمۇ بالىلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ بارلىقىنى ئاتا قىلغان جاپاكەش ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن 6 نەپەر ئاتا-ئانا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بۇلۇپ، ئۇلار سەھنىگە چىقىپ ئاددى ئەمما سەمىمى يۈرەك سۆزلىرىنى ئېتقاندا تاماشىبىنلار ئىختىيارسىز ھاياجان ياشلىرىنى تۆكتى.
جاپاكەش ئاتا-ئانىلار سەھنىدە...... باش دېرىكتور ئابلەت ئەپەندى ئۇلارغا ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ يىپەك مەھسۇلاتلىرىنى سوۋغا قىلماقتا.
ئاخىرىدا شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا ئۆمىكىدىن تالانىتلىق غىجەك ماھىرى شىرئەلى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىتىتوتى ئوقوغۇچىسى گۈلبەكرەم، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى مۇزىكا ئورۇنداش كەسپى ئوقوغوچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇزىكا ئەتىرىتى ۋە ‹‹بىرلىك››مۇزىكا ئەترىتىدىن مۇھەممەدجان قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋى چالغۇلار بىلەن ئورۇندىشدا‹‹ئەركىنلىك ›مۇزىكىسى كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرىدى.
مۇراسىمنىڭ بىۋاستە تەشكىللىگۈچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇراسىم بۇندىن كىيىن ئەڭ ئاز دىگەندە 10 يىلغىچە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ شۇئارى "ئۆز تۈرك ئاسپىرانىت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى قىيىنچىلىقى بارلارغا ئەمەس بەلكى قىيىنچىلىقىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن يەڭگەنلەرگە بېرىلىدۇ!" دىگەندىن ئىبارەت ئىكەن، ئۇ ئاسپىرانىت قىزلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ كىلەر يىلى بۇ مۇكاپات ساھىبى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداش ئىكەن.
خاتىرە رەسىملەر
شۇنداق، "ئۆز تۈرۈك ئاسپىرانىت خانىم-قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى" قىز-ئاياللارنىڭ بەخت سائادىتى ۋە قەدرى-قىممىتى نۇرغۇن كىرزسلەرگە دۇچ كىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيىتلەردە بارلىققا كەلدى. بۇ مۇكاپاتنىڭ بارلىققا كېلىشى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىدىيىسى ئويغاق كىشىلەرنىڭ خانىم-قىزلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي چارىسى ئۇستىدە ئىزدىنشكە باشلىغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭمۇ مائارىپقا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن مەرىپەت يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنىڭ، ئۇيغۇرلاردىمۇ ئىلىم يولىدا ئىجتاھات قىلىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلار ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇكاپات تۈرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر!
بىز تور بېتىمىز نامىدىن بۇ شىركەتنىڭ سودىسىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا، كۈندىن-كۈنگە گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!
2012- يىلى 6 -ئاينىڭ 20 - كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-20 04:25 PM