مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 26951|ئىنكاس: 79

گۈلەن: پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۈچ غەلەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12516
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 26170
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 11:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت

- نەسىھەت، تەھدىت ۋە سۈر

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

  ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ بالىلار تەرەققىيات مەركىزى قۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە مەندىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ كەلگەنلەر بىلەن ئىنچىكە سۆھبەتلەردە بولدۇم. نەتىجىدە شۇنى بايقىدىمكى، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ كۈتكىنىنىڭ تەتۈرىسىچە نەتىجىگە ئېرىشىۋېتىپتۇ. بۇلار ئۈنۈمسىز نەسىھەت، يالغان تەھدىت ۋە ئارتۇقچە سۈردىن ئىبارەت ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلىنىدىكەن. مەن بۇنى پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۈچ غەلەت دەپ ئاتىدىم.

پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق نەسىھەت قىلىۋاتقىنىغا نەزەر سالغىنىمىزدا نەسىھەتلەردە مۇنداق بىر قانچە غەلىتىلىك بار ئىكەن.

1. چوڭلارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ سىقىنچىلىق كەچۈرمىشىنى ئەندىزە قىلىش. مەن بۇنداق نەسىھەت ئۇسۇلىنى بالىلار تەرەققىيات مەركىزىمىزگە كەلگەن ئاتا-ئانىلاردىن كۆپ ئاڭلايمەن. مەسىلەن "بالام نېمىشقا خەنزۇچە ئۆگەتسە دىققەت قىلمايسەن؟ خەنزۇچە بىلمىسەڭ چوڭ بولغاندا خىزمەت تاپالمايسەن، ئىستىقبالىڭ بولمايدۇ. ھازىر نەگە بارساڭ خەنزۇچە بىلمىسەڭ سېنى ئىشقائالمايدۇ..." بىزنىڭ مەركىزىمىزدە بالىلارنىڭ كىچىكى تۆت ياش، چوڭى ئەمدى بەش ياش. بۇ بالىلار خەنزۇچە دېگەننىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. خىزمەت تېپىش نېمە، ئىستىقبال نېمە بىلمەيدۇ. چوڭلارنىڭ بېشىدىن نېمىلەرنىڭ ئۆتىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. چوڭلارنىڭ بۇنداق ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىشى بالىلاردا ھەيرانلىقتىن باشقا ھىچ بىر تەسىر قوزغىشى ناتايىن.

2. مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنى ئىجابىي ئۈلگە، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەرنى سەلبىي ئۈلگە قىلىش. مەسىلەن، بىر كۈنى دىققەت قىلسام بىر خانىم بالىسىغا ئەخلەت يىغىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرسىتىپ "قارا تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ،ياخشى ئوقۇمىساڭ ئاشۇ مەينەت كىشىدەك ئەخلەت تېرىسەن..." دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. بۇنداق گەپلەرنىڭ دېيىلىدىغان ئورنى خېلى كەڭرى. قەشقەردە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىغا كۆپ چىقىدىغان بۇنداق سەلبىي ئۈلگە ئوبىكىتىلىرى ئادەتتە دېھقان، تازىلىقچى ۋە قاراۋۇللاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئىجابىي ئۈلگىلەر ئەمەلدار، ساقچى، خوجايىن، پۇلدارلار ئىكەن، ئەلۋەتتە. بىر كۈنى مەركىزىمىزدىكى بالىدىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىۋېدىم، ساقچى بولىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دەپ بەردى. قىزىقسىنىپ سەۋەبىنى سورىسام "ساقچى دېگەن ھېچكىمدىن قورقمايدۇ، ھەممە ئادەمنى باشقۇرىدۇ..." دەيدۇ. دېمەك قەشقەردە كوچىدىكى ھەممە ئادەمنى خالىغانچە تەكشۈرەلەيدىغان ساقچى بالىلارنىڭ قەلبىگە  مۇۋەپپەقىيەت ئۈلگىسى بولۇپ ئورۇنلۇشۇپتۇ. بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچۇم دوختۇر بولغۇسى بارلىقىنى سۆزلەپ قالدى. سەۋەبى دوختۇر بولسا دوختۇرخانا ئاچارمىش، دوختۇرخانا ئاچسا داچىسى بولارمىش. يۇقارقىدەك سەلبى ۋە ئىجابىي ئۈلگىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھېتى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىڭدۈرىشى ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ كىم بولۇشلىرى ھەققىدە دەسلەپكى لايىھەنى تۇرغۇزۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ لايىھەنى شەكىللەندۈرگەن ئۈلگىلەر بالىلارنىڭ قەلبىدە ئىنساننىڭ نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىينەزەر ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكى يىلتىزلىتالمايدۇ. بالىلاردا ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ئورنى جەھەتتە مۇتلەق باراۋەرلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىز تەربىيە جەريانىدا بالىلارغا نەسىھەتنى ھېكايە ئارقىلىق سىڭدۈرسە ئاسان بولىدىغانلىقنى بايقىدۇق. ئەمەلىيەتتە بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەسەللەر، چۆچەكلەر، داستانلار ۋە قىسسەلەر نەسىھەتنىڭ ھىكايەلەشتۈرىلىشى ئىكەن. قارىغاندا بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار بۇ ھىكايىلەردىكى ۋەقەلىككىلا دىققەت قىلىپ ئاشۇ ۋەقەلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان نەسىھەت ۋە ھېكمەتلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. مەدداھلىق، داستانچىلىق ئەنئەنىسى يوقالغانلىقتىن بىزدە چۆچەك بىلەن نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت مىراس ئەنئەنە سۇسلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنداق ھېكايىلىك ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلغاندا ھېكايە مەزمۇنى ئاددى، ھايۋاناتلار پىرسۇناج قىلىنغان، بالىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلاشتۇرۇلغان، قىزىقارلىق، قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق نەسىھەت قىلغاندا نەسىھەتنىڭ مەزمۇنىنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

ساختا تەھدىت بالىلارنى قىلىقسىز قىلىپ قويىدىغان يەنە بىر خاتا تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. كۆزىتىش ۋە سۆھبەت جەريانىدا بالىلارغا گەپ ئاڭلىتالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تەھدىت سېلىشلىرى دائىم قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدۇ. تەھدىتلەر ئادەتتە "يەنە گەپ ئاڭلىمىساڭ ئۆيگە كەلمە"، "بۇ ئەخلەتنى يەنە يىسەڭ بۈگۈن كەچ ئاچ قېلىپ ئۆلىسەن"، "يەنە گەپكە كىرمىسەڭ خەنسۇغا بېرىۋېتىمەن"، "بۇندىن كېيىن يەنە ئۆيگە كېچىكىپ كەلسەڭ پاچىقىڭنى چاقىمەن" شەكلىدە دېيىلىدىكەن. مېنى ھەيران قىلغىنى ئاتا-ئانىلار ئادەتتە تەھدىت سالغان بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلالمايدۇ. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم نېمىشقا ئۇلار ئەمەلگە ئاشماس تەھدىتلەر بىلەن بالىلارنى قورقىتىشقا خۇشتار؟

مەنچە بالىلارنى بۇنداق ۋجۇدقا چىقماس ساختا تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇش ھىچ ئۈنۈم بەرمەيدىغان تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. بالىلار بۇ تەھدىتلەردىن دەسلەپتە قورقىشى مۇمكىن، لېكىن داۋاملىق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى كۆرۈلگەندە بۇ قورقۇش قېلىنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ شۇ پېتى داۋاملىشىدىغان بولسا بالىلارغا يالغان قورقۇتۇشلار تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ. مەنچە پەرزەنتلەرنى بۇنداق يالغاندىن قورقۇتۇشنىڭ ئورنىغا كونكىرىت بىر جازا ئارقىلىق يارىماس قىلىقلارنى تىزگىنلەش ئەۋزەلدۇر. مەسىلەن، "ئەخلەت يىمەكلىك يەيدىغان بولساڭ بۈگۈن كەچتەئۆيگە كەلمە!" دېگەننىڭ ئورنىغا "ئەخلەت يىمەكلىك يەيدىغان بولساڭ،بۈگۈن كەچلىك تاماقنى يىمە، ئەرتە ناشتا قىلما!" دەپ شۇ گەپ بويىچە جازالىسىلا بالا خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى ئۆتەپ ئىككىنچى قېتىم شۇ ئىشنى قىلغۇسى  كەلگەندە ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. بالا ئۆزىنىڭ بىر دەملىك نەپسىگە ئەگىشىپ خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇچرايدىغان جازانىڭ بىر كېچىلىك قىينىلىش ياكى بەك چوڭ مەھرۇملۇق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆز ئالىدىغا كەلتۈرگەندە خاتالىقتىن تەبىئىي ئۆزىنى تارتىدۇ.

پەرزەنت تەربىيىسىدە كۆزۈمگە چېلىققان ئاخىرقى بىر نامۇۋاپىق ئۇسۇل بالىلارغا ئارتۇقچە سۈرلۈك بولۇۋېلىش ۋە ئۇلارنى تەپ تارتقۇزۇش ئارقىلىلىق تەربىيەلەش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇشتۇر. ماڭا دەرت ئېيتىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلارئادەتتە بالىلىرىدىن قاقشاپ " بۇ ئوغلۇم يا دادىسىدىن تەپ تارتمايدۇ، يا مەندىن تەپ تارتمايدۇ، ئۇرۇپمۇ باقتۇق، لېكىن پەقەت گەپ ئاڭلىتالمىدۇق"دەيدۇ. يەنە بەزىلەر " ئوغۇل بالىغا دادا دېگەن سەل سۈرلۈك بولمىسا بولمايدۇ، بالا دېگەن ئۆيدە دادىسىدىن تەپ تارتىپ قورقۇپراق چوڭ بولغىنى ياخشى"دېيىشىدۇ. مەن ئويلۇنۇپ قالىمەن. بالىلارنى گەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن چوقۇم دادىلارنىڭ سۈرىدىن تەپ تارتقۇزۇش زۆرۈرمۇ؟ باللىلار چوقۇم دادىسىنىڭ سۈردىن قورقۇپ چوڭبولمىسا تەربىيەلىك بولالمامدۇ؟ مەنچە بالىلارنى ھەرقانداق باھانە بىلەن، ھەرقانداق شەكىلدە قورقۇتۇپ چوڭ قىلىش يېڭىلىشقانلىقتۇر. دادىسىدىن قورقۇپ چوڭ بولغان ئوغۇل بالا ياۋاش، قۇلىقى يۇمشاق ئۆسكەن بىلەن ئانىسىغا زىيادە يۆلىنىۋېلىپ، خاراكتىرى ئاجىز، مىشچان، ھىسسىياتچان، تەۋەككۈلسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق ئوغۇللار دادىدىن ئۆگىنىشى كېرەك بولغان قەتئىيلىك، قورقۇمسىزلىق ۋە ئەقلىيلىك قاتارلىق روھىي سۈپەتلەردىن ۋە نۇرغۇن تەجرىبە ۋە بىلىملەردىن زىيادە قورۇققانلىق سەۋەبىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. دادىسىنىڭ كۆيۈمىدىن تەسىرلىنىپ ئەمەس، سۈرىدىن قورقۇپ ياخشى ئادەم بولۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوغۇل بالىلاردا زورلۇقسىز تاپقا چۈشمەيدىغان، زورلۇقسىز تەرتىپنىڭ مەۋجۇد بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغان، زوراۋاندىن زىيادە قورقۇپ ئاجىزغا ئارتۇقچە، پىرىنسىپسىز ھېسىداشلىق قىلىدىغان بىنورمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ.

بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا "دادا ئوغلىغا، ئانا قىزىغا سۈرلۈك بولۇشى كېرەك. قىز بالا ئانىدىن، ئوغۇل بالا ئاتىدىن تەپ تارتىپ چوڭ بولساياخشى" دەپ قارايدۇ. مەنچە دادىمۇ، ئانىمۇ قىز ئوغۇللىرىغا پەرقلەندۈرمەستىن سۈر كۆرسەتمەي مېھرىبانلىق بېرىشى كېرەك. ئانا بولغۇچى قىزىغا مۇڭداش، قىز بالا ئانىسى بىلەن دوست بولالىشى كېرەك. قورقۇنچ، تەپ تارتىش ئىچىدە دوستلۇق شەكىللەنمەيدۇ. ئوننەچچە يىللىق ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبەمدىن قارىغاندائانىسى بىلەن سىرداش بولۇپ ئۆسمىگەن قىزلارنىڭ ھىسسىياتى زىيادە تۇراقسىز بولۇپ دائىم بىراۋنىڭ كۆيۈمىگە، ياردىمىگە تەلپۈنۈپ ياشايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. مەنچە بۇنداق قىزلارغا ئۆيدە دادىسى مېھرىبان ئانىسى قاتتىق قول بولغاچقا ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش شۇنداق بىر مېھرىۋان ئەرنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنى تاما قىلىپ يۈرۈپ ئورۇنسىز قۇربانلارنى بېرىدىكەن.

يۇرتىمىزدا مائارىپ يامان ئەمەس ئومۇملاشقان بىلەن پەن ئومۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن تۈزۈم ۋە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان رايۇنلىرىدا ئاللىقاچان ئومۇملاشقان پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ساۋاتلار بىزدىن خېلى يىراق تۇرماقتا. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن بىلەن پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بىر ئائىلىدە پەرزەنتى قىزىپ قالسا دەرھال دوختۇرغا چاپىدىغان ئاتا-ئانىلار بار، ئەمما بالىنىڭ باشلىرى ساڭگىلاپ، ھەپتىلەپ جىمغور بولۇپ قالسا پىسخىك دوختۇرغا كۆرسۈتىدىغان ئاتا ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا. ئەمەلىيەتتە گىرىك مۇتەپپەكۇرى ھېراكلىت ئېيتقاندەك بىزنىڭ خاراكتىرىمىز بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بالىلاردا ياخشى خاراكتىر يېتىلدۈرۈش، پەرزەنتلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر. دېمەك، بالىلارنى ئۈنۈمسىز نەسىھەت بىلەن زېرىكتۈرۈپ، ساختا تەھدىت بىلەن قورقۇتۇپ، سۈر-ھەيۋە بىلەن غۇرۇرىنى زەيىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار بالىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېنى كەمتۈك بالا كىشىنى قايىل قىلىدىغان قەلب مۇكەممەللىكى بىلەن غەلىبە قوچىشى مۇمكىن، ئەمما روھى مىيىپ ھەر قانداق پەرزەنت ھەممە ئەزاسى سەللىمازا بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ھايات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقالمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 01:45 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
biparwa0997 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
aybarqn + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
gulbar5 + 99 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 354   باھا خاتىرىسى

مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغۇچى، سىزچۇ؟

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:55:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ، مەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ باللىرىغا تازلىق ئىشچىسىغا ئوخشاپ قالىسەن ، تىرشىپ ئۈگەن ، ئاۋۇنى كۆردۈڭمۇ سەن شۇلاردەك بولۇپ قالىسەن دىگەندەك گەپلەرنىمۇ كۆپ ئاڭلىغان ،
جەمىيەتتىكى نۇرغۇن قىلىقسىزلىق ، بىئەدەپلىك ، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ، بۇزۇقچىلىق قىلىش دىگەندەك ئىشلارنى دەل ئاشۇ باللار ئىگەللەپ كىتىپ بارىدۇ ، ئاتا ئانىسى بالىسىغا ، خاتا تەربىيە قىلىپ ، كىيىنكى دەۋىردە باللىرنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپكار بولىۋاتىدۇ ، ئەمىلىيەتتە باللارغا ئاشۇلارنىڭ خالىسانە تۆھپىسىنى سۆزلەپ ، باللارنىڭ ئۇقۇمىغا سىلىش كىرەك .    گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئىسىل تىمىلىرى ئۈزۈلمىگەي ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aptap104 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 12:55 PM  


ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13668
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7803 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنىت ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ ، ئۇنىڭغا نىمە يازسا شۇنى ئوقۇيدىغان گەپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77176
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ناھايتى ئەھمىيەتلىك ھەم ۋاقتىدا يوللانغان تىمىكەن، بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن كەمچىلىكلەر مەۋجۇت، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن ھەرۋاقىت مۇڭدىشىپ، سىردىشىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك سادالىرىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇشى بەكمۇ زۈرۈر...

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2581
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21743
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 10008 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:02:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلەلىشى ۋە كەلگۈسىدە جەمىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇن ئىگىلەپ تۇرالىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانا تەربىيىسى ھەقىقەتەن مۇھىم. تېمىدا ئېيتىلغان خاتا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئەكس تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

كونىلار كىچىكىمىزدە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىبرەتلىك ھېكايە، چۆچەكلەرنى ئېيتىپ شۇ چۆچەكلەردىكى ۋاپادارلىق، قېرىنداشلىق، چىن دوستلۇقنى قەدىرلەش ئىدىيىلىرىنى قەلبىمىزگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ كەلگەن. يېزا- قىشلاق، تاغ - دالىلارغا ئاپىرىپ ئوۋ ئوۋلاش، سەيلە قىلىش ئارقىلىق پەرزەتلەرگە تەبىئەتنى تونۇش، باتۇرلۇق، قورقۇمسىزلىقنى ئۈگەتكەن.

ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بالىلىرىمىزنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسېرى تارلىشىپ بارماقتا. تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھارغىچە چېپىپ، ھالسىرىغان ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن سەمىمىي موڭدىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋاقتى تولىمۇ ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. بالىلىرىمىز ئوينايدىغان كەڭرى سەينالارنى، قىقاس-چوقان كۆتۈرۈپ. دوست تارتىشىپ ئوينىشىپ بېرىدىغان بالىلارنى ئۇچرىتىش تولىمۇ تەس.(بولۇپمۇ شەھەر مۇھىتىدىكى بىنالاشقان قورولاردا بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇچرىتىش بەسىي مۈشكۈل.) مۇشۇنداق بولغان ئىكەن بالىلاردا بېكىنمىچىلىك، چۈشكۈنلۈك تولىمۇ ئېغىر.

بالا تەربىيىسىنى نوقۇل ھالدا ئائىلە تەربىيىسىگە باغلاپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى تاشقى مۇھىتنىڭ بالىلارغا بولغان سەلبى تەسىرىنى قانداق قىلغاندا بالىلارغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، بالىلارنى ئازغۇنلۇقتىن، چۈشكۈنلۈكتىن ساقلاش مەسىلىسى. بۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.
يېقىندا توردا تارقالغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بىر قىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن شۇ مەكتەپتىكى ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى سەلبىي مۇھىتنىڭ تەسىرىدە چۈشكۈنلىشىپ ئۆز ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش، ۋە زەھەر چېكىشتەك يامان ئىشلارنى قىلغان. مېنى تولىمۇ ئەجەپلەندۈرگىنى تورداشلارنىڭ شۇ مۇھىت، جەمىيەتتىكى ناچار ھادىسىلەر ھەققىدە قىلچە پىكىر يۈرگۈزمەي ھېلىقى ئاتا-ئانىنى ئەيىپلىشى، ھاقارەتلىشى بولدى.
ئەجەبا بۇ ئىشقىمۇ شۇ ئاتا-ئانا گۇناھكارمۇ؟ ھەركۈنى 2000 كىلومىتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ ئاشۇ قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھەر ئىشىغا كۆز قۇلاق بولۇشى كېرەكمىدى. بەلكىم شۇ ھاقارەتلەرنى ئاڭلىغان ئانا- ئانىنىڭ ئازابلانغان ھالىتىنى ھېچقايسىسىمىز كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.

بالىلارنى تەربىيلەشتە ئاتا- ئانىدىن باشقا جەمىيەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ، ھەر ساھە ئىش بېجىرگۈچى ئورگانلارنىڭمۇ ئېغىر مەسئۇليىتى بار.   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 01:30 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
biparwa0997 + 50 ئورۇنلۇق پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79854
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3295
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat  sizga     intayin   ilmiy   bulgan   togra   kuz  karax   ikan   .....mining   balam      bulganda     man   qukum    dikkat   kiliman  muxu      ixlarga   

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5954
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:06:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئىسىل تېمىلىرىڭز ئۈزۈلمىسۇن!

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1763
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنىت تەربىيىسى توغۇرلۇق مەرھۇم يارمۇھەممەت تاھىر ئەپەندىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرلاردا پەرزەنىت تەربىيىسى ›› ناملىق كىتابى خىلى ئۇتۇقلۇق چىققان كىتاب .

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1366
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51402
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9968 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:12:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتە بالىلارنى كىچىك ۋاقىتتىن تارتىپلا،ئىلىم ئۆگىنىشكە ۋە ئەدەپ-ئەخلاقتىن ئىبارەت مۇھىم ئىككى ئۆتكەلنى مۇھىم تۇتۇپ كەلگەن،بالىلارنى كىچىگىدىن تارتىپ،ئەتراپىدىكى يۈز بېرىۋاتقان مەسىللەرنى ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدا تۇنۇپ يېتىپ،بارا-بارا چوڭقۇر چۈشىنىش ئېلىپ بېرىش،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئادىمىيلىك مىزانلارنى ئۆگىتىشنى باش ۋاستە قىلىپ تاللىغان،ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنىڭ چوقۇم ھايالىق،ئىشچان،ئۇچۇق-يۇرۇق،كەمتەر قىلىپ تەربىيلەشكە تىرىشىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىدۇ.لېكىن،جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتى،بەزى تۇرمۇشتىكى ئىختىلاپلار،ئاتا-ئانا ئوتتۇرسىدىكى سوغۇقچىلار بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى پىخسىكىسىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن.بۇ غەيرىيلىك بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دەپ قارالغان بىر قاتار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇ-غايىلىرى بىلەن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ،بارغانسىرى دۇنيانى تۇنۇپ،مۇھىتنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك،جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا خىزمەت قىشىغا ئورۇنلاشتۇرۇرىشى ۋە بۇ مۇقەررەرلىك سەۋەبىدىن،ھەربىر كىشى جەمىيەتتىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىپ،جەمىيەتنىڭ مۇقىم تەرەقىي قىلىشىغا ئاساس يارىتىشى مۇمكىن.
پەرزەنت تەربىيلەش ھەققىدە ئەجدادلاردىن قالغان گۈزەل ئەنئەنىنى بۈگۈن ئۈچۈن تەرەقىي قىلدۇرۇش،زامانىۋى مۇھىتتا بەك رەڭدار كۆزەينەك تاقىۋالماسلىق كېرەك،كونىلادا‹‹بالىلارنى ئۇرساڭ گۆشى قاتىدۇ،تىللىساڭ يۈزى قاتىدۇ››دېگەن گەپ قالغان،بۇ ئەقىل-پارسەت جەۋھىرىنى بۈگۈن ئۈچۈن تەرەقىي قىلدۇرۇش،ئەۋلادلارنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاتا -ئانىلار سەۋرچان بولۇشىنى،بالىلارغا مەسئۇلىياتچان بولۇشى كېرەك.پەرزەنلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي بايلىقىنى تۇلۇقلاپ تۇرغاندىلا،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە كەلگۈسىدىكى ئىز-باسارلار بولۇشقا مۇناسىپ كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5288
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 01:26:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇرۇس ئادە م  بولۇشنى تەكىتلەش   ھەممىدىن موھىىم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش