كەچۈرگىن يار، مېنى ئۇنتۇپ كەت،
سېنى ئەمدى يايرىم دېمەيمەن.
خۇشال بولساڭ تەڭ خۇشال بولۇپ،
ئەندىشەڭچۈن ۋايىم يېمەيمەن.
كەچۈرگىن يار، مېنى ئۇنتۇپ كەت،
چۈنكى سېنى خۇش قىلالمىدىم.
نېمە دېسەڭ شۇنىڭغا كۆنۈپ،
<سايىم نوچى> مەن بولالمىدىم.
كەچۈرگىن يار مېنى ئۇنتۇپ كەت،
مەن زېرىكتىم بۇنداق تۇرمۇشتىن.
مەزلۇم تۇرۇپ يا باش تارتمىساڭ،
چاچنى يۇڭداپ، ياقا يىرتىشتىن.
كەچۈرگىن يار، مېنى ئۇنتۇپ كەت،
ئەمدى سەنسىز يالغۇز ياشايمەن.
قۇلۇپ سالدىم قەلب ئىشىكىمگە،
ئەمدى ئۇنى ھەرگىز ئاچمايمەن.
ـــ نىجات ھايات (باتۇر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BaTuR338 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-20 01:17 AM