|
|
|
|
قەشقەر تىلىۋىزىيە ئىستانسغا ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەزىزانە قەشقەردىكى 3000000دىن ئارتۇقراق خەلىقنىڭ مەنۋى تۇرمۇشىنى بىيتىپ كىلۋاتقان تاغىلار ،ھەدىلەر ، ياخشىمۇسىلەر !!!
دەۋىر رىقابىتگە ئەگشىپ ئائىللەرگە تىلۋۇزۇر، تور قاتارلىق ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىلرى شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىردى ، باي -كەمبەغەل ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە شۇنداق جاھاننامە ئەينىكى بار ، پىقىرنىڭ ئۆيىدىمۇ شۇنداق جاھاننامە ئەينىكىدىنمۇ بىرسى بار ، بىراق ئاتا-ئانام ۋە باشقا ئاكا-ئۇكا ،ئاچا -سىڭىللەر بارچاغدا پەقەتلا كۆرگىلى بولمايدۇ. نىمىشقا ؟ ھىلىقى ماز ئىلاننىڭ كۆپلىكىدىن بولمامدۇ ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى نىڭ ئەرلەر-ئاياللار بۆلىمىنىڭ مازئىلانلىرىدىن بولمامدۇ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى نىڭ ئىلانلىرىنى بەرمىسەڭلار سىلەرگە پارتىيە مائاش بەرمەمدۇ؟ بولمامدۇ؟خۇاكاڭ دوختۇرخانىسى ، چاڭجياڭ دوختۇرخانسى ، يىخى ئامبۇلاتۇرسىيى تاقىلىپ قالسا سىلەر شاگاڭ بولۇپ كىتەرسلەرمۇ ؟كىسەللك ئىلانى ئوقۇيدىغان تاغىلار ، ھەدىلار ، سىلەر كەچتە بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆرۇپ ئۆزۇڭلار ئوقىغان جسنسى كىسەللىك ، مەزى بىزى ، بالياتقۇ ياللۇغى ،ئىھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قىلىش، 3مىنۇتتلا سزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ ،دىگەندەك ھاياسىز ئىلانلارنى ئاڭلاشتىن خىجىل بولمامسز ؟ئەگەر بالىڭىز : دادا ، ،ئىھتىياتسىزلىقتىن بويىدا قىلىش دىگەن نىمە ؟مەنمۇ ئىھتىياتسىزلىتىن ئانامنىڭ بويدا قالغانمۇ دەپ سوراپ قالسا ، سىلەر نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسلەر ؟ توغرا، سىلەرنڭ پەرزەنتىڭلەر مەدەنيەت نۇر چىچى پ تۇرغان شەھەردە تەربييە ئالغان ، ئۇ ئىشلارنى زاكىسدىلا بىلىدۇ ؟شۇنداقمۇ ؟ئازراق بولسمۇ نومۇس قىلىڭلار تاغىلار ، ھەدىلار ، !!!
ئەگەر شۇنداق ئىلانلارنىڭ بەرمىسەڭلار ، شۇنداق كىسەل بولغانلار باردىغان دوختۇرخانا تاپالماي تىلۋىزيە ئىستانسىغا قايسى دوختۇرخانىغا بىرىش توغرىسدا مەسلىھەت سوراپ بارار بولغىيمىتى؟
مەنبە .http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=10085
|
|
|
|
|
|