مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1255|ئىنكاس: 3

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ۋە «تەزكىرەئى ئەزىزان» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81755
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-6-18
ئاخىرقى: 2014-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 06:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ۋە «تەزكىرەئى ئەزىزان»

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ھىجىرىيە 1138-يىلى ( مىلادى 1725-يىلى ) قەشقەر شەھرىدە موللا شاھئەلەم ئاخۇنۇم ئىسىملىك بىر دىنىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىپتىدائىي مەلۇماتلارنى دادىسى موللا شاھئەلەم ئاخۇنۇمدىن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئەينى زاماندا قەشقەر مائارىپىدا شۆھرەت قازانغان مەشھۇر مەدرىسلەرنىڭ بىرى- قەشقەر دۆلەتباغ يېزىسىدىكى «مەدرىسە ھامىدىيە»دە ئەرەب، پارس تىللىرى بويىچە تىل، ھېساب، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە دىنىي بىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلىگەن ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلمىي مۇھاكىمە، تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشكەن.

  مۇھەممەد سادىق قەشقەرى: «تەزكىرەئى ئەزىزان» (خۇجىلار تەزكىرىسى)، «زۇبدەتۇلمەسائىل» (تاللانغان مەسىلىلەر)، «تەزكىرەئى ئەسھەبۇلكەھىف» ( ئەسھەبۇلكەپ تەزكىرىسى)، «تارىخى ئىسكەندەر ۋە تاجنامەئى شاھى» (ئىسكەندەر تارىخى ۋە شاھلىق تاجىسى)، «ئادا بۇسسالىھىن» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى)، «قىياپەتۆلبەشەر» (ئىنساننىڭ قىياپەت-تۇرقى)، «رىسالەئى كەسىپدار» (ھۈنەرۋەن- كاسىپلار رىسالىسى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان ۋە «تەرجىمەئى تارىخى تەبەرى»، « تەرجىمەئى تارىخى رەشىدى» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئەينى زاماننىڭ يېتىلگەن تىلشۇناسى بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخ-ئەدەبىيات ئىلمىگە زور تۆھپە قوشقان مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھىجىرىيە 1266-يىلى ( مىلادى 1849-يىلى ) 128 يېشىدا قەشقەردىكى بىر سىياسىي توپىلاڭدا پاجىئەلىك ھالدا قازا تاپقان. ئۇنىڭ جەسىدى ئاق مازار ( مەشھۇر ئالىم، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىب مازارى ئالدىدىكى زاراتگاھلىق) غا دەپنە قىلىنغان.

ئالىمنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق بۇ ئەسىرى ئەينى زاماندىكى قەشقەر ھۆكۈمرانلىرىدىن مىرزا ئوسمان بەگنىڭ ئانىسى رەھىمە ئاغچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان. ئەسەردە مىلادى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە خوجىلارنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى؛ خوجا ھىدايەتۇللا (ئاپئاق خوجا) نىڭ جۇڭغار خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ يۈرگۈزگەن زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى، ئاپئاق خوجا ئەۋلادلىرى بىلەن خوجا ئىسھاق ۋەلى ئەۋلادلىرى ۋە جۇڭغار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جەڭگە-جېدەل، پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقلار، قىسقىسى بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەر ئېنىق، تەپسلىي بايان قىلىىنغان. ۋەقەلىكلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى خېلى كەسكىن تەنقىد قىلىنىپ، ئاپتۇر تەرىپىدىن تەقرىزلەر بېرىلگەن. تەسەۋۋۇپقا مايىل بولغان بۇ ئەسەردە شىنجاڭنىڭ 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا كېرەكلىك قىممەتلىك ماتېرياللار بار. بۇ ئەسەرنىڭ تەقلىد كۆچۈرۈلگەن نۇسخسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئازسانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا ساقلانماقتا.

مەنبە: «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق كىتاب

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-19 07:04 PM  


ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 07:19:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ مازىرى ھازىر يوقكەنغۇ ئەمسە ؟ !   دۆلەتباغدىكى قايسى مەدىرىس بولغۇيتى ؟

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5915
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:50:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېمىلرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن رەھمەت سىزگە

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 03:59:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش