شىنجاڭ مىللى سودا ئۇيۇشمىسنىڭ كەلگۈسدىكى خىزمەت پىلانى
2012-6-12-كۈنى شىنجاڭ كۈئىلۇن مىھمانخانسىدا شىنجاڭ مىللى سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.
2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان خىزمەت پىلانى
1.ئۇيۇشمىنى شىنجاڭدىكى مىللى كارخانلارنىڭ ياخشى ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئۇيۇشما قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.ئۇيۇشمىنىڭ ئەزالارنى كۆپەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇيۇشمنىڭ بۇ يىلقى مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى...5يىلدا تۈرۈلۈك ئەزالار 1000دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلدۇ.
2.بەلگە خاراكتىرلىق ئۆزگىچە خاراكتىرغا ئىگە مىللى سودا ساريى سېلىش،بۇيىل ئۇيۇشما مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ ساراينىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ.سارايغا مىللى سودا ئالاھىدىلىككە ئىگە سودا ئىقتىدارى،يىمەك-ئىچمەك،ئىشخانا،ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى،سەنئەت ئىقتىدارى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىشخانا قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرلىدۇ،ساراي 4يۈلتۇزلۇقتىن يۇقۇرى قىلىپ لاھىيلىندۇ.
2012-يىلى قۇرلۇش باشلاپ2014-يىلنىڭ ئاخىرغىچە پۈتكۈزلىدۇ.كىچىككەندىمۇ 2015-يىلىغىچە ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلدۇ.
3.ئوتتۇرا-كچىك تىپتىكى كارخانلارنى يۈلەش فوندى قۇرلىدۇ. ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچك كارخانلارنى قوللاش ئۈچۈن،پايدا ئالمايدىغان ئىئانە توپلاپ،ئوتتۇرا-كىچىك كارخانلارنىڭ مەبلەغ يىتىشمەسلىك،يېڭى تۈرلەرنى ئېچىشقا ئىشلىتىدۇ....
4.ھۆكۈمەت پاي قوشقان مىللى ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى تەرەققىيات بانكىسى قۇرلىدۇ. بۇ ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانلارنىڭ تەرەققىياتنى قوللاش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل...
5.شىنجاڭ مىللىي سودا ئىنىستىتوتى قۇرلىدۇ. مىللىي سودا ئىنستوتى قۇرۇش شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانچىلارنىڭ ئىلغار،ئىلمىي بولغان تىجارەت قارشنى تىكلەشكە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،ئاساسلىقى مىللىي سودا كارخانچىلارنى تەربىلەشنى ئاساس قىلىدۇ.
6.شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى پۇتبول كۇلۇبى ۋە ئۇيۇشما پۇتبول كۇماندىسى قۇرىدۇ. 5-يىلىدىن10-يىلغىچە تەربىيلەش ئارقىلىق جوڭگودىكى ئا دەرجىلىك كۇمانىلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىشقا تىرشىدۇ.
7.شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسنىڭ ئىجتىمايى جامائەت تورىنى تىزدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.نۆۋەتتە تور خىزمىتى جىددى ئىشلەنمەكتە...
8.ئۇيۇشما نامىي بىلەن تېلۋېزىيە پىروگىراممىسىنى نام بىرىپ قوللايدۇ.ئۇيۇشمىنىڭ ئوبرازىنى كەڭ جەميەتكە تەشۋىق قىلىدۇ.
9.شىنجاڭ مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قەرەللىك ژورنىلى نەشىر قىلندۇ.قەرەللىك ژورنال ئارقىلىق جەميەتتكى ھەر ساھاگە ئۇيۇشمىنىڭ ئەھۋالىي يەتكۈزىلىدۇ.
10.مىللى سودا كارخانىللىرى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى قۇرلىدۇ.
11.غەيرى ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلاردا پارتىيە قۇرلۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
قوشۇمچە: بۇ ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇپ تەلەپلىرى شىنجاڭدىكى قانۇنىي ۋەكىلى ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان،ھەمدە كارخانا خىزمەتچىللىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان كارخانىلار مەزكۇر ئۇيۇشمىغا ئەزا بولسا بولىدۇ.
يۇقارقى خەۋەرنى رادىيو ئاڭلىتىشتىن كۆچۈرۈپ يېزىۋالغانلىقىم ئۈچۈن،بىرقىسىم يەرلىرى قىسقارتىپ ئېلىندى،تەپىسلى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى مەنبەدىن ئاڭلاڭ.
مەنبە: مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە قانىلى ئىقتىساد مۇنبىرى پىروگىراممىسى.2012-6-18كۈنى خەۋەرى. http://www.uycnr.com/wqhg/txcj/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-19 12:57 PM