مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1697|ئىنكاس: 15

تاتلىغىمنىڭ سەزگۈرەشتىسى(6) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9005
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-7 11:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]
ئالدىنقى قىسىمىنى بۇ ئادىرىسنى باسسىڭىزلا كۈرەلەيسىز:
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-5071.ohtml


ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ مانا 3 كۈن ۋاقىت قالغانىدى،ئەنقەرنىڭ تۇنجى قېتىم ھاياتىدا بۇنداق چوڭ
ئىمتىھانغا قاتنىشىشى بولغاچقا،ئۇنى سەل جىددىيلىك باسماقتا ئىدى.ئادەم تۇلۇق3-يىللىققا چىققاندا
ھەقىقەتەن كەيپىياتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يىتىدىكەن ،دېمىسىمۇ ئادەم كەيپىياتى ناچار ھالدا ،
قايسى ئىشنى ئۇڭۇشلۇق قىلالىسۇن !؟ئەنقەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ياخشى تەييارلىق قىلالمىغان بولسىمۇ،
ئەمما ھامان بۇ ئىمتىھاننى بېرىپ بېقىش كېرەك دەپ ئويلايتتى،چۈنكى ئۇنىڭغا قايسى بىر ۋاستىكبول
مۇسابىقىسى تەسۋېرلىنىدىغان بىر كىنودىكى  تېرنېرنىڭ:<سىلەر ناھايىتى جاپالىق مەشىق قىلىپ،ئاخىرى
بۈگۈن تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتىڭلار،مەيلى سىلەر ئۇتۇڭلارياكى ئۇتتۇرۇڭلار بۇ
مۇسابىقىنى چۇقۇم تاماملىشىڭلار كېرەك .بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى سىلەر ھاياتىڭلاردا
ھېس قىلىپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىسىلەر ! بۇنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭلارغا ياكى مۇسابىقىڭلەرگە
بولسۇن ئىنتايىن زور پايدىسى بار ! مەيلى سىلەر ئۇتتۇرۇڭلار ياكى ئۇتۇڭلار سىلەر ھامان غەلبە قىلغۇچى!>
دېگەن بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن يۇمران قەلبىگە ئورناپ كەتكەنىدى ،ئۇلار ئاقسۇدا
ئىمتىھان بەرگەچكە ،ئۆزى تۇرىۋاتقان ناھىيىدىن يولغا چىقتى ، يولدا ئۇ ئۆزىنىڭ خىيال كەپتەرلىرى بىلەن
سىردېشاتتى ،<قانداقلا بولمىسۇن ،بەك ياخشى تەييارلىق قىلالمىغان بولساممۇ ، ئەمما بۇ ئىمتىھاننى چۇقۇم
بېرىشىم كېرەك ،يېرىم يولدا ئارقامغا قايىتسام بولمايدۇ ،بۇ بىر قىتىملىق جەڭ يا مەغلۇپ بولىمەن ياكى غەلبە
قىلىمەن ،بۇنىڭ نەتىجىسىنى جەڭگە كىرمەي تۇرۇپ ئۇققىلى بولمايدۇ ،بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا
ئالدىراپ بېر نەرسە دەۋەتكىلى بولمايدۇ ! جىددىيلەشمەي ،كەيپىياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق
ئىشلاردىن ئۆزۈمنى ئامال بار قاچۇراي .....>مانا مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ ،ئۆزىنىڭ بىردەمدىلا ئاقسۇ
مېھمانخانىسىغا كېلىپ قالغىنىنى تۇيمىغانىدى!شۇ كۈنى كەچتە ئۇ دېيىشكىنى بويىچە ئەقىدە بىلەن كۈرۈشتى
ئەقىدە:-ئەنقەر ئەتە ئىمتىھان بېرىسىز ،ھەرگىز جىددىيلەشمەڭ بۇلامدۇ !؟
ئەنقەر:_بۇلىدۇ ئەقىدە،مەن چۇقۇم ئىمتىھاننى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى بېرىشكە تىرىشىمەن!
ئەقىدە:-بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى ،ئەمدى ئارام ئېلىڭ ئەنقەر!
ئەنقەر:-بىردەم كىتاب كۆرەيچۇ ؟!
ئەقىدە:-ياق،ئەنقەر،ئەمدى ئارام ئېلىڭ !
ئەنقەر:-ماقۇل!
ئەقىدە:-ھە! ياخشى بالا دېگەن گەپ ئاڭلايدىغان مۇنداق!ھى...ھى.
ئۇنىڭ كۈلكىسى ئىنتايىن يېقىملىق ئىدى،ئۇلار بىردەم تېلىفۇندا چاقچاق قىلىشقاندىن كېيىن خوشلاشتى!
مانا ئىمتىھانمۇ ئاخىرلاشقىلى 1ھەپتە بۇلۇپ قالدى ،ئەنقەرنىڭ كۆڭلى يېرىم ،چۈنكى ئۇ ئىمتىھاننى تازا
ياخشى بېرەلمىگەنىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كونا كېسەل ،ئەقىدەنىڭ ئۇنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلمىغانلىقىنى
ئويلىسىلا تېخىمۇ كۆڭلى يېرىم بولاتتى،ئۇ مۇشۇلارنى ئويلايىتتى ،تەپەككۇر قىلاتتى ،كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى
تا ھازىرغىچە ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرگىنىگىگە ھەيران ،يا ئەقىدە ئەنقەرنى ياخشى كۆرمىسە ،ئۇ
مۇشۇلارنى خىيال قىلۋاتاتتى تۇيۇقسىز تىلىفۇننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزدى،شۇڭلاشقىمۇ
تىلىفۇننى ناھايىتى ئەدەپ بىلەن <ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!>دەپ ئالىدىغان ئادەم بۈگۈن ئىنتايىن زەردە
بىلەن ئالدى :
_كىمۇ؟
_ئاداش مەن غەيرەت،نېمە بولدۇڭ!ئاغىينە بالىلاردىن سورىسام،سېنى بىر نەچچە كۈن بولدى ،ئۆيدىن تالاغا
چىقماي ھازا ئېچىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىشىم،شۇڭا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالىڭنى ئۇقۇپ باقاي دېگەنتىم،بالىلار
دېگەندەك تازا كەيپىياتىڭ ياخشى ئەمەسمۇ نېمە سېنىڭ ؟!
_كۆتە ئۇنداق چاقچىقىڭنى ،بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم ،يا بىرسى مېنى ئاتمايدۇ! شۇ نېمىشقىكىن كۆڭلۈم
بىر قىسىما،ئۆزۈممۇ تازا ئېنىق بىلمەيمەن ئاداش !
غەيرەت:_ھە بىلدىم ئاداش ! سەنزە يەنە شۇ ئەقىدەنى ئويلاۋېتىپسەندە!
ئەنقەر:_بەلكىم سېنىڭ دېگىنىڭ توغرىدۇ ئاداش !ئويلاپ باق مەن يا مۇھەببەتتە،يا ئۆزەمنىڭ ھازىرقى
كەسپىم بولغان ئۇقۇشتا نەتىجە قازىنالمىسام ،مەن زادى نېمىگە ھېساب ئاداش ! مۇشۇلارنى ئويلىساملا
ئىچىمنى ئاچچىق بىر ئەلەم ھۇشقىيتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ئاداش !
غەيرەت:_ئاداش كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن! تېخى نەتىجە چىقمايلا ئۆزۈڭنى ئۆتەلمىگەنلەر قاتارىغا
چىقىرۋەتسەڭ قاملاشمايدۇ ،سەن دەرسلەردە ياخشى تۇرساڭ سەن بۇنداق دەۋاتساڭ بىزنىڭ ئىشىمىز
چاتاق ئوخشايدۇ جۇمۇ ؟ ئاداش ئىمتىھان نۇمۇرى چىقىدىغانغا يەنە 2ھەپتە ۋاقىت بار ، بۇ 2ھەپتىنى
غەنىيمەت بىلىپ ئوينىۋالمايمىزمۇ ؟ھازىر ھەممە بالا مۇشۇنداق قىلۋاتىدۇ ،ئىمتىھان نۇمۇرى چىققاندېراق
ھازا ئاچساڭمۇ ئۈلگۈرىمىزغۇ ؟ئېسىڭدە بولسۇن بىز دېگەن ئۇغۇل بالا يامىنى كەلسە بىرەر كەسپىي
مەكتەپتە ئۇقۇپ ،ئىگىلىك تىكلەيمىز ! نېمىدىن قورقىسەن !
ئەنقەر:ئاداش ! بۇ قورقۇش-قورقماسلىق مەسىلىسى ئەمەس! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىمتىھاننى ئۇنداق
ناچارمۇ بەرمىدىم شۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مەخسۇس كۇرۇس(داجۇەن)نى ئۆتەلمىگەن
قاتاردا كۈرىدۇ ،ئاپام ئېنژىنىر ،دادام تۇلۇق كۇرس (بېنكې)بولغاچقىمۇ شۇنداقمىكىن ،مۇشۇ بۇرۇنقى
ئۆتمۈشنىڭ ئادەملىرىمىچۇ ،مۇشۇنداق كاج!مەن ئەگەر سەن دېگەندەك كەسپىي مەكتەپتە ئۇقۇپ قالسام
ئىش بار ماڭا تېخى! ئەتىدىن كەچكىچە ياخشىراق خىزمەت ئورنىغا چىقىۋالساڭ دەپلا يۈرگەن !
تېخى زېشۆ(ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈپ ئىمتىھان بېرىش ئېنىستوتلىرى)مەكتەپلەرنىڭ گېپى چىقىپ بولغىچە
تاس قالىدۇ ،،،،،ئىشقىلىپ تۇنۇش توغرا ئەمەس ! ئەمما ئاشۇ زېشۆ مەكتەپلىرىدە ئۇقۇغان بالىلارنى
نېمىشقا خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز بەك ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ ،چۈنكى ئۇ مەكتەپلەردە ئۇنداق ئويناپ يۈرۈپ
دېپلوم ئالغىلى ،باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالماق ئىنتايىن مۇشكۇل ،ئىزدېنىش روھى ،ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈش
روھى بولمىسا مۇمكىن ئەمەس ! ھۆكۈمەتمۇ ھازىر كۆرۈپ تۇرۋاتىسەن ،پەقەت مەمۇرىلىق ئىمتىھاندىن
ئۆتەلەيدىغان بىلىمىڭ بولسا،ئۆتۈپ كېتىسەن ،بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى مەكتەپنى
پۇتتۇرۇپ كەلگەنلەرنى ئىشتىك ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرىدېغان ئىش قالمىدى ،ھازىر بىلىمىڭ بولسا ،ئەمەلىي
ئىقتىدارىڭ بولسا ساڭا يەنىلا خىزمەت بار !
غەيرەت: ئۇغۇ راسىت ئاداش ! لېكىن ھەقىقىي ئۆتۈپ بارغان بېنكى مەكتەپلىرى بىلەن زېشۆ مەكتەپلەرنىڭ
پەرقى بەزى ۋاقىتلاردا ئاسمان -زىمىن پەرق قىلىدىكەن ! دېپلومىدا پەرق بار ئاداش !ھۆكۈمەتمۇ ھەرگىزمۇ
5يىل ئۇقۇپ بېنكېنى ئالغان بالىلار بىلەن 3 يىل ئۇقۇپلا بېنكېنى ئالغان بالىلارنى ھەرگىزمۇ تەڭ ئۇرۇنغا
قۇيۇپ قويمايدۇ ! ئەگەر تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ قۇيسا سېنىڭچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر
ئالغان بالىلار بىلەن تۆۋەن نۇمۇر ئالغان بالىلارنىڭ نېمە پەرقى ! سېنىڭمۇ بەزى گەپلىرىڭ ئاساسى بار
ئاداش ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ بەزىلىرى شۇ 60 نۇمۇرنى ئېلىپلا ،تۇلۇقلىما ئىمتھان
(بۇكاۋ) قالمىساملا بولدى دەپ ،ئاتا-ئانىسى جاپادا ئەۋەتىپ بەرگەن پۇللارنى بۇزۇپ چېچىپ كېچىلىرى
دېسكۇخانىدا ،قاۋاقخانىلاردا كىرگەننى ئاز دەپ ، قىزلىرىمىز قىزلىقىدىن ،ئۇغۇللىرىمىز يىگىتلىكىدىن،
ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ ! شۇنىڭ بىلەن دېپلومغا چۇشلۇق بىلىم يوق مەمۇرىلىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي ،
بېنكې دېگەننىڭ نامىنى سېسىتىپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ بالىلرىمىز ئۇقۇسا يەنە ئىش يوق دەيدىغان
خاتا ئاڭ شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ ، ھازىر شۇ ئالىي مەكتەپكە بېرىپ قالساممۇ ،مەنمۇ ئۆزگىرىپ كېتىپ
قالارمەنمۇ دەپ خۇدۇكسىرەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ! ھەي ! بۇرۇن توۋا دەپلا قۇيىدىغان ئىشلارغا ھازىر
ياقىمىزنى چىشلەپ يېتىۋېتىدېغانغىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق ! ھە راسىت ئاداش تېلىفۇن
پۇلۇڭمۇ بەك جىق كېپ كەتتى ھەقاچان ! مانداق بولسۇن بىز ئەتە كونا جايدا كۈرىشەيلى بۇلامدۇ !
ئەنقەر :_بۇلىدۇ ئاداش ! رەھمەت ساڭا !
مانا ئەمدىلا 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ئىككى ياش مانا مۇشۇنداق پىكىر يۈرگۈزەتتى ،تەپەككۇر
قىلاتتى ،دەرھەقىقەت مۇشۇنداق ناشايىن ئىشلاردىن ،شەرمى ھايادىن چەتنىگەن .ئىشلاردىن خۇلاسە
چىقىرىپ ،شۇ ئىش ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزەلىگەن ئادەم كېيىنكى ھايات يولىدا ئۇنداق ئاسان ئېزىپ
كەتمەيدۇ ! بۇ ئىككى ياشنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق ....! ،،داۋامى بار

                                    مەنبە:ئۆزەم
ئەسكەرتىش :كەچۈرگەيسىلەر ! بەزى ئىشلار سەۋەپلىك ۋاقتىدا يوللاپ بولالمىدىم ! يەنە بۇرۇنقىدەك
ھەر 2 كۈندە بىر كىچىك بۆلەك يوللىنىدۇ !  باشقۇرغۇچىلارنىڭ بولسا خەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇپ قۇيىشىنى
ئۈمىد قىلىمەن ! بەك چىچىلىپ كېتىپتۇ ،نېمىشقا ھەر قېتىم مۇشۇنداق بۇلىدۇ ! بولسا مەسلىھەت بەرگەن
بولساڭلار .


مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 12:06:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا بەك تەشنا قىلۋەتمەڭ ھە [s:38]

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

يىراقنى كۆرگۈم ب

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21840
تۆھپە نۇمۇرى: 582
توردا: 3617 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 01:34:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تما يازغاندا بولۇپمۇ يوللىغاندا سىناريە شەكىلدە يوللىماڭ، خەت ئارلىقىدا قۇر تاشلىماڭ، مۇۋاپىق بولسۇن، كەچۈرۈڭ.

داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنابىز.

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 02:02:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىززىق ئوقىۋاتسەم توك كەتتى،،،داۋامىنى ئوقيالمايدىغان بولدۇم.توردىن چىكىندىم،،،كىيىن چۇقۇم پۇرسەت چىقىپلا قالسا كىرىپ ئوقۇيمەن،دوستۇم،

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

دوسقا زار، دۈشمە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4797
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8812
تۆھپە نۇمۇرى: 519
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 02:21:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3(كارۋان)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

توك كەتكەن بولسا ئېنكاسنى قانداقمۇ يازغانسىز. [s:34]

ئەخلاق~ئادەم زىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3589
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11452
تۆھپە نۇمۇرى: 96
توردا: 2114 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 11:26:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام ھەي داۋامىنى ئادەمنى تەقەززا قىلماي يوللاڭ ھە

تەۋبىكار

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 2745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23186
تۆھپە نۇمۇرى: 951
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 01:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ ئارىسىغا ئېلان قىستۇرغان بولساڭلار كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرىدەك چىقاتتىكەن
داۋامىغا قاراپ ئولتادۇق ئەمسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9005
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 03:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇقۇم ئەتە سىلەر بىلەن داۋامى يۈز كۈرىشىدۇ ! [s:36]

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4641
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8331
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2010-7-24
ئاخىرقى: 2010-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 04:03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىق جۇمۇ بالىلار سىلەر. ھەر قېتىم تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى ئۇقىساممۇ بىر يۇمۇر ئوقىغاندەك بولىمەن.

ھېرىپ قالغان يا ئوقى شايىنىمۇ تىشەلمەيدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9005
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-8 06:39:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8(Erpanim)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

سىز خاپا بولماي تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپنى قىلمىسىڭىز !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش